بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى ، خاڭجۇ يىشىل شەھەر كوماندىسىدا توپ تىپىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىك چولپىنى بارىنىڭ كوماندىدىن قوغلانغانلىق خەۋىرى ھەممىمىزنى قايغۇغا سالغانىدى . مەن شۇ چاغدىلا ئىشنىڭ بۇنچە ئاددىي ئەمەسلىكىنى پەملىگەن ئىدىم . دىگەندە بۇ يىل قىش پەسىللىك يۆتكىلىش بازىرى ئىچىلىشى بىلەنلا ، جياڭسۇ شۈنتىيەن كوماندىسى دەرھال بارىنى سىتىۋالغانلىقىنى جاكارلىدى .
ھەر قايسى ئاخبارەت ۋاستىلىرى بۇ ئىشىنى بەس - بەستە خەۋەر قىلىدى ، خاڭجۇ يشىل شەھەر كومانىدىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ ، ئۇ بىزگە خائىنلىق قىلدى دىدى . بىر كەسپىي پوتبولچىنىڭ كەسپىي ھاياتىنىڭ ئاخىرلىشىش خەۋىپىگە قارىماي ، توپ تىپىۋاتقان كوماندا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزىشىدە چوقۇم ئىككى خىل سەۋەپ بار . 1 . ئۇ چوقۇم باشقا بىر كوماندىنىڭ ئىنىق قوبۇل قىلىش ئوقتۇرىشىغا ئىرىشكەن ، 2 . ئۇنىڭ كوماندىدا توپ تىپىشكە سالاھىيىتى قالمىغان ، يەنى ئۇ داۋاملىق زاپاس ئەزا بولۇشقا رازى بولمىغان .
ئاخبارات ۋاستلىىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، بۇ يىل ياز پەسىللىك مۇسابىقە ئاخىرلاشماي تۇرۇپ ، جياڭسۇ شۈنتيەن كوماندىسى دىرىكتورلىرى بارىنىڭ ۋاسىتىچىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ ، ئەگەر بارى بۇ يىل خاڭجۇ يىشىل شەھەر كوماندىسى بىلەن بولغان توختامنى بىكار قىلىپ ، ئەركىن توپچى (ھىچقانداق كوماندا بىلەن توختام تۈزمىگەن) بولالىسىلا ، بىز يۇقىرى مائاش بىلەن بارىنى قوبول قىلىمىز دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن . بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا ، بارى بۇ يىللىق دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىدە نەتجىسى ئىنتايىن ناچار بولغان ، باشقۇرىلىشى قالايمىقان خاڭجۇ يىشىل شەھەر كوماندىسىدىن ئايرىلىشنى قارار قىلغان . بۇنىڭ بىلەن بارىنىڭ كوماندىدىن ھەيدىلىشىدىن ئىبارەت بۇ ئاتالمىش بارى ۋەقەسى كىلىپ چىققان .
ئاخبارات ۋاستىلىرى مۇنىلارنى كۆرسەتتى : بارى ۋەقەسى پەقەت ھەممەيلىدىغان بىلىدىغان بىر مەخپىيەتلىك خالاس ، بارىنىڭ كوماندىدىن ھەيدىلىشىنى ئۇنىڭ ناچار ئىپادىسى ئەمەس دەل شۈنتيەن كوماندىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ، ئەلۋەتتە بارى ئۆزىنى تۇنۇتقان يىشىل شەھەر كوماندىسىغا خائىنلىق قىلماسلىقى كىرەك ئىدى ، لىكىن كەسپىي پوتبولچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك كوماندىدا توپ تىپىش ئارزۇسىنىڭ بولىشى خاتا ئىش ئەمەس . بۇنداق ئىش مەيلى جوڭگودا ياكى ياۋروپادىكى بەش چوڭ بىرلەشمىدە بولسۇن ناھايىتى كۆپ ، پەقەت بۇ ئىشنى يىشىل شەھەر كوماندىسى قوبۇل قىلالمىدى دىدى .
مەيلى نىمە دەيلى ، مەيلى بۇ ئىشتا قانداق ئويۇنلار ئوينالغان بولسۇن ، بارى بۇ يىل ئاسىيا چىمپىيۇنلىقنى تالىشىش مۇسابقىسىگە قاتنىشىش سالاھىتىگە ئىرىشكەن ، ئالدىنقى يىللىق بىرلەشمە مۇسابىقىدە 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ ئىچىگە كىرگەن جىياڭسۇ شۈنتيەن كوماندىسى بىلەن توختام تۈزدى . شۇنىڭ بىلەن بىللە بارى بىلەن بىللە دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىدا توپ تەپكەن ۋۇ شىمۇ بۇ كوماندىغا قىتىلدى . ئۇلارنىڭ يىللىق ئىش ھەققىي قانچلىك بولىدۇ دىگەن مەسلىدە ، شۈنتىيەن كوماندىسى بۇ ئىككى ماھىرنىڭ يىللىق مائاشى بەلكىم 12مىليۇن يۈەن بولىشى مۇمكىن دىدى . (بۇ يەردە دىيىلگىنى ئىككەيلەن جەمىي مائاشى )
خەۋەر مەبنەسى :
http://www.yangtse.com/system/2013/01/10/015892835.shtml
ياڭزى كەچلىك خەۋەرلەر تورى
تەرجىمە قىلىپ ئۆزلەشتۈرۈپ يوللىغۇچى قەشقەردىن : يۈسۈپقارى