مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 545|ئىنكاس: 17

ۋەھىمىلىك كەچمىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

غەلبە تىرىشچانل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12690
يازما سانى: 365
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 11268
تۆھپە نۇمۇرى: 826
توردا: 979 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ۋەھىمىلىك كەچمىش

چىڭقى چۈش مەزگىلىدە مەھەللىدىكى بىر توپ بالىلار چۇرقۇرىشقىنىچە ناھايىتى خوشال ئويناۋاتاتتى، ئۇلار بىردەم مۈكۈشمەك ئوينىسا بىردەم ساقچى بىلەن ئوغرى ئويۇنى ئوينايتتى، يېقىن ئەتراپتىلا بىر قانچە ئادەملار تاراكتۇردا تۇپا تۇشۇۋاتاتتى، ئۇلار توپىنى مازارلىققا يېقىن ئەتراپتىن بۇ مەھەللىگە يۇتكەۋاتاتتى، بالىلار مەھەللىدە ئويناپ زىرىكتى بولغاي، توپا تۇشۇۋاتقان كىشىلەر بىلەن بىللە مازارلىققا بېرىپ بېقىشنى مەسلىھەت قىلىشتى، بۇ مەسلىھەتكە ئويناۋاتقان بەزى بالىلار قۇشۇلماي توپتىن ئايرىلىپ قالدى، يۈرەكلىكرەكلىرىدىن 5-6 بالىلار بېرىپ كۈرۈپ كىلىشمەكچى بولدى. ئۇلار باشتا توپا تۇشۇۋاتقانلارغا ئۆزلىرىنىمۇ بىللە ئېلىپ بېرىشنى دىگەن بولسىمۇ لىكىن ئۇلار قەتئى قۇشۇلمىدى.

بالىلارمۇ ئۇ يەرگە چىقىش نىيىتىدىن يانماي چوڭلار كۆرمەستە تاراكتۇرنىڭ كۇزۇبىغا چىقىپ يېتىۋېلىشتى. چوڭلارمۇ ئۇلارغا دىققەت قىلماي ئەكەلگەن توپىنى تۆكىۋىتىپ تاراكتۇرنى ھەيدىگەن پېتى مازارلىق تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى.

تاراكتۇر مازارغا يىتىپ كىلىپ چوڭلار ئىش باشلاپ بولغىچە ئۇلار يەنە پەم بىلەن تاراكتۇردىن چۈشۈۋېلىپ چوڭلارغا كۆرۈنمەيلا مازارلىق ئىچىگە كىرىپ كەتتى.

بالىلارنىڭ ئارىسىدا يېشى 13 ياش ئەتراپىدا ئىككى ئۇغۇل، ئەكبەر بىلەن ئەلقەم بار ئىدى، ئۇندىن باشقىلىرى ئەلقەمنىڭ سىڭلىسى دىلناز، ئەكبەرنىڭ سىڭلىسى پەزىلەت، يەنە مەھەللىدىكى بالىلاردىن ئەلى، تۇرسۇن، مەمەت، ئايشەم ھەم نۇرقىزلار ئىدى.

ئۇلار باشتا مازارلىققا كىرگەندە ئۇ يەردىكى جىمجىتلىق ھەم قاتار ياسالغان قەبرىلەرنى كۆرۈپ ئازراق قورقۇشقان ھەم بۇ يەرگە كەلگىنىگە پۇشايمان قىلىشقان بولسىمۇ لىكىن يەنە بىر خىل قىزىقىش تۈرتكىسىدە مازارلىق ئىچىگە ئىچكىرلەپ مېڭىۋاتاتتى.

ئۇلار ئۆزلىرىدىكى قورقۇنۇشنى يوق قىلىش ئۈچۈن بىر-بىرىنىڭ قوللىرىنى تۇتىۋالغان، ھەم ئۆزىنى زورلاپ قىززىق-قىززىق گەپلەرنى قىلىپ مېڭىشىۋاتقان ئىدى.

ئۇلار شۇنداق مېڭىپ مازارلىقنىڭ خىلىلا ئىچكىرىسىگە كىرىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ يەردە قەبرىلەر يوق دىيەرلىك ئىدى، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا خىلىلا ئىگىز قۇملۇقلار پەيدا بۇلۇشقا باشلىدى.ئۇلاربۇ يەرگە كەلگىنىگە پۇشايمان قىلدى، چۈنكى ئۇلار بىر تەرەپتىن قورقۇمسىراپ تۇرسا يەنە بىر تەرەپتىن ئىسسىقتا ئۇسساپ كىتىۋاتاتتى.

-قاراڭلار ئاۋۇ يەردە بىر ئۆي تۇرىدۇ.

پەزىلەتنىڭ بۇ گىپى بىلەن بالىلار تەڭلا ئۆزلىرىدىن 50 نەچچە قەدەم يىراقلىقتىكى بىر ئۆينى كۆردى.

بۇ ئادەمزات تۇرمايدىغان يەردىكى بۇ ئۆي ئۇلارنىڭ بىردىنلا قىزىقىشىنى قوزغىدى. ئۇلار بېرىپ كۆرۈپ باقماقچى بولۇشتى. ھەم شۇ تەرەپكە قاراپ ماڭدى.

-سىلەر بارغاچ تۇرۇڭلار، بىزنىڭ ئازراق ئىشىمىز بار، كەينىڭلاردىن بارايلى.

ئەكبەر بىلەن ئەلقەم شۇنداق دەپ ئۇ يەرگە بېرىشتىن يالتايدى.

باشقا بالىلار گەرچە باشتا ئۇ ئۆيگە قىزىققان بولسىمۇ لىكىن ئۇ ئۆيگە يېقىنلاشقانسىرى قورقۇپ قالدى.

-ئاكا، بۇ يەرگە كەلگىنە، بىز قورقۇپ قالدۇق.

دىلناز ئاكىسىغا قاراپ توۋلىدى.

-ھە، ئۆيگە كىرگەچ تۇرۇڭلار، كەينىڭلاردىن كىرىمىز.

-ئۇ يەرگە بېرىشتىن قورقۇپ تۇرساق، كىرگەچ تۇرۇڭلا دەيسەنغۇ ئاكا، تىز كەلگىنە.

دىلناز شۇنداق دەپ قۇيۇپ مېڭىۋەردى، ئۆيگە ئازلا قالغاندا دىلناز يەنە ئاكىسىنى چاقىرماقچى بولۇپ، ئاكىسىغا قاراپ قورققىنىدىن پۇت-قولىدا جانمۇ قالمىغان ئىدى.

ئاكىسى ھېلىقى ئۆيگە تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى، ئاكىسىنىڭ كۆزلىرىدىن ئوت چاقنايتتى، گەرچە ئارىلىق ئۇنچە يېقىن بولمىسىمۇ دىلناز ئۇنى ئىنىق كۆرگەن ئىدى. بۇنى كۆرۈپ دىلناز تىزلا ئۆي تەرەپكە قارىغان ئىدى، ئۆينىڭ ئىشىكى ئۆزلىكىدىن ئېچىلىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن تەڭلا دىلناز قورقىنىدىن ئولتۇرۇپلا قالدى. باشقا بالىلار يەنە ئۆيگە يېقىنلاپ مېڭىۋاتاتتى.

-ئۇ ئۆيگە كىرمەيلى، تىز كىتەيلى.

دىلناز تىزلىكتە ئورنىدىن تۇرۇپ باشقىلارنى ئۇ ئۆيگە كىرىشتىن توسىدى.

-نىمىشقا كىرمەيمىز. كىرىپ كۆرۈپ باقمامدۇق ئاداش.

-ئۇ ئۆينىڭ ئىشىكى نىمىشقا ئۆزلىكىدىن ئېچىلىپ كىتىدۇ، سىلەر ھەيران قالمىدىڭلىما؟

-قايسى ئىشىكنى دەيسەن، ئىشىك تاقاق تۇرمامدۇ؟

دىلناز تىزلا ئىشىك ئالدىغا بېرىپ قارىدى، ئىشىك راسلا تاقاق ئىدى.

-ئاكا تىز كەلگىن، دىلناز قورقۇپ كەتكەن ئوخشايدۇ، جۆيلىۋاتىدۇ.

پەزىلەت شۇنداق چاقچاق ئارىلاش ئاكىسىنى چاقىردى.

دىلناز تىزلا ئاكىسىغا قارىدى، ئاكىسى بىلەن ئەكبەر ئۇلار  تەرەپكە كىلىۋاتاتتى.

«ئەجىبا بايىقى خىيالىممىدۇ، قورقۇپ تۇرغاچقا ماڭا شۇنداق كۆرۈنگەن ئوخشايدۇ» دىلناز كۆڭلىدە شۇنداق ئويلىدى.

-نىمە دەپ جۆيلىدىڭ جىنتەك، نىمىدىن قورقىۋاتىسەن؟

-ھېچنىمىدىن، بايا كۆزۈمگە بۇ ئىشىك ئۆزلىكىدىن ئېچىلىپ كەتكەندەك كۆرۈنگەن ئىدى. لىكىن ئەمدى تاقاق تۇرىدۇ، قارىغاندا خىيالىم ئوخشايدۇ،

ئەلقەمنىڭ چىرايى تىزلا ئۆڭۈپ ئەسلىگە كەلدى، بۇنىڭغا باشقىلار دىققەت قىلمىغان ئىدى.

-بۇ يەرگە كىلەر-كەلمەيلا تۇلا قورقۇپ كۆزلىرىڭگە شۇنداق كۆرۈنگەن ئوخشايدۇ. قېنى ئۆيگە كىرەيلى.

-مەن كىرمەيمەن ئاكا، باشتا سەن كىرگىن. سەن باشتا كىرسەڭ بىز سىنىڭ كەينىڭدىن كىرەيلى جېنىم ئاكا.

-بولدى سىلەر باشتا كىرىڭلار، كەينىدىن مەن كىرەي.

ئۇلار خېلى تالاش-تارتىش قىلىشقاندىن كىيىن ئەلقەم باشتا كىرمەكچى بولدى، لىكىن ئەلقەمنىڭ پەقەتلا باشتا كىرگۈسى يوق ئىدى. ئەلقەم سىڭلىسىنىڭ ھەم باشقىلارنىڭ زورى بىلەن باشتا كىرمەكچى بولۇپ ئىشىكنى ئېچىشىغىلا بىرسىنىڭ چىرقىرىغان ئاۋازى بىلەن تەڭ ئوت يالقۇنى كۆتۈرۈلدى. ئۇ يەردىكى بالىلار تەرەپ-تەرەپكە قاچتى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەلقەم يوق ئىدى. بالىلار بىردەمدىن كىيىن ئەلقەمنىڭ يوقلىقىنى بىلىپ بىر-بىرىنىڭ قولىنى تۇتقان ھالدا ھېلىقى ئۆينىڭ ئالدىغا باردى. ئىشىك ئالدىدا ئەلقەم ھۇشسىز ھالدا ياتاتتى، پەزىلەت، دىلناز، ئەكبەرلەر ئەلقەمنى تەستە ھۇشىغا كەلتۈردى.

-ماڭا نىمە بولدى، بۇ يەردە ياتىمەنغۇ، بىز تېخى ھېلىلا مازارلىققا كىرگەنتۇققۇ، بۇ يەرگە قانداق كىلىپ قالدۇق؟

ئەلقەمنىڭ بۇ گىپى بىلەن تەڭلا ھەممىسىنى سۈر باستى.

-ياق ئاكا، بىز مازارلىققا كىرگىلى بەك ئۇزاق بولدىغۇ، سىنىڭ ئىسىڭدە يوقمۇ، ئادەمنى قورقۇتمىغىنە ئاكا.

ئەلقەم بىر ئىشنى ئويلىغاندەك بىردەم تۇرغاندىن كىيىن، چىرايى جىددى تۈس ئالدى، دە- بۇيەردىن تىز كىتەيلى. قالغان گەپلەرنى سىلەرگە كىيىن دەپ بىرەي.

ئەلقەمنىڭ گىپى بىلەن ئۇلار بۇ يەردىن كەتمەكچى بولۇپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى، لىكىن قاياققا مېڭىشنى بىلەلمىدى. بۇ يەرگە قايسى يول بىلەن كەلگەنلىكىنى پەقەتلا ئىسىگە ئالالمىغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەنزىلنى ئىنىق بىلمىسىمۇ بېشى قايغان تەرەپكە ماڭدى.

ئۇلار ئارىدا ئىگىز بىر قۇملۇققا دۇچ كەلدى، بۇ قۇملۇق خۇددى تىك قىيادەكلا ئىدى. بۇ چاغدا ئۇلار ئۇسسۇزلۇقتىنمۇ خېلىلا قىينالماقتا ئىدى، ئىسسىق ئۇلارنىڭ جېنىنى قاقشىتاتتى.

ئۇلار جانسىز پۇتلىرىنى تەستە يۆتكەپ مېڭىۋاتاتتى، ئالدى تەرەپتە ئۇلارغا ياپ يېشىل يايلاق كۆرۈندى، ئۇلار شۇ يايلاق تەرەپكە قاراپ ماڭماقتا ئىدى، لىكىن ئۇلار پۈتۈن كۈچىنى يىغىپ تىز مېڭىۋاتقان بولسىمۇ ئۇلار ئۇ يايلاققا پەقەتلا يېقىنلىشالمايۋاتاتتى.

-ئاكا بەك ئۇسساپ كەتتىم، ئەمدى ماڭغۇدەك ماغدۇرۇم يوق ئاكا. مەن ماڭمايمەن.

دىلناز ئاكىسىغا شۇنداق دەپ ھالسىز بەدىنىنى قۇملۇققا تاشلىدى.

-بىردەم چىدىغىن سىڭلىم، بۇ يەردە ئۇزاق تۇرساق بولمايدۇ. بۇ يەردىن چىكەتسەكلا بىخەتەر بولىمىز. مەن سىنى يۈدىۋالاي سىڭلىم.

ئەلقەم سىڭلىسىنى يۈدۈپ يولنى داۋاملاشتۇرۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئەكبەر، پەزىلەت، ئايشەم، كەينىدە ئەلى، نۇرقىزلار مېڭىۋاتاتتى. دىلناز يايلاققا قاچانراق بارارمىز دىگەن ئۈمۈدتە يەنە ئالدى تەرەپكە قارىغان ئىدى، يەنە قورقۇنىچتىن ئۆزىنى يۇقىتىپلا قويدى. چۈنكى ئالدى تەرەپكە قارىغان ۋاقىتتا ئەكبەر كەينىگە قارىغان بولۇپ ئۇنىڭ كۆزلىرىدىنمۇ بايا ئۆز ئاكىسىنىڭكىدە كۆرگەندەك ئوت چاقناپ تۇراتتى. دىلناز شۇنچىلىك قورقۇپ كەتتىكى كۆزلىرىنى دەرھال ئۇنىڭدىن قاچۇرۇپ بېشىنى ئاكىسىنىڭ مۇرىسىگە قۇيىۋالدى. بۇ بىردەمدىن كىيىن «بۇمۇ مىنىڭ خىيالىممىدۇ يا» دىگەن خىيال بىلەن كۆزلىرىنى ئاچقاندا ئۆزىنى ئاكىسى ھاپاش قىلغان ھالەتتە ئەمەس بەلكى ئۆزىنى چوڭقۇر بىر ئۆڭكۈردە كۆردى. ئۇ يەردە ئاكىسىمۇ، ئەكبەرمۇ دوستلىرىمۇ يوق ئىدى.

ئۇ ناھايىتى بەك قورقۇپ كىتىپ ئاكىسى ھەم باشقا ھەمراھلىرىنىڭ ھەممىسىنى چاقىردى، لىكىن ئۇلاردىن ھېچقانداق سادا يوق ئىدى.

ئۇ يىغلا-يىغلا ئاخىرى تەۋەككۈل قىلىپ بۇ ئۆڭكۈردىن چىكىتىش ئۈچۈن  قىلىپ ئالدىغا قاراپ ماڭدى. ئۇ مېڭىۋىتىپ غەلىتە بىر كۈلكە ئاۋازنى ئاڭلىدى، ئۇ ئاۋاز ئۇنىڭ كەينى تەرىپىدىن غۇۋا ئاڭلاندى.بۇ ئاۋاز يا ئادەمنىڭ ئاۋازىغا ياكى بىرەر ھايۋاننىڭ ئاۋازىغىمۇ ئوخشىمايتتى، بۇ كۈلكە ئاۋازى شۇنچىلىك ۋەھىمىلىك ھەم قورقۇنۇشلۇق ئىدى. ئۇ قورقۇش ئىچىدە كەينىگە قاراپلا قاتتىق بىر چىرقىرىدىدە پۈتۈن كۈچى بىلەن قاچتى. چۈنكى ئۇ كەينىدە ئۆزىگە قاراپ تۇرغان غەلىتىلا بىر مەخلۇقنى كۆرگەن ئىدى. دىلناز بار كۈچى بىلەن قېچىۋاتاتتى. ئۇ كۈلكە ئاۋازىمۇ ئۇنىڭغا بارغانچە يېقىنلىشىۋاتاتتى. دىلناز «قۇتقۇزۇڭلار» دەپ توۋلايتتى. دىلناز ئاخىرى ئۆڭكۈردىن ھېلىقى قۇملۇققا قېچىپ چىقىۋالدى. ئۇ كۆڭلىدە شۇ يەرگە چىقىۋالسام ئاكام ھەم باشقا ھەمراھلىرىم مىنى قۇتقۇزىۋالىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى، لىكىن تۇلىمۇ ئەپسۇس، ئىشلار ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمىدى.

قۇملۇقتا قاتتىق بۇران چىقىۋاتاتتى. ئەكبەر ئاغزىنى يۇغان ئاچقىنىچە قۇملۇقتىكى قۇملارغا قۇشۇپ ئەلقەم، ئەلى، ئايشەم، نۇرقىزلارنى قۇشۇپ سۈمۈرۋاتاتتى، لىكىن ئۇلار ئۆز-ئارا قول تۇتۇشۇپ بار كۈچى بىلەن ئۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسىتىۋاتتى. دىلناز بۇلارنى كۆرۈپ ئۆزىنى نەچچە ئۆلۈپ-تىرىلگەندەك ھىس قىلدى. كۈلكە ئاۋازىمۇ بارغانچە يېقىنلىشىۋاتاتتى. بۇ ئىشلاردىن قورقۇپ سەزگۈسىنى يۇقاتقان دىلناز بار كۈچى بىلەن توۋلاپ كەتتى.

-بالام،بالام كۆزۈڭنى ئاچ، نىمە بولدۇڭ؟

دىلناز چىلىق-چىلىق تەرگە چۈمۈلگەن ھالدا كۆزىنى تەستە ئاچتى، ئاندىن ئانىسى كۆرۈپ ئانىسىنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتى، ۋە ئانىسىغا چۈشىنى دەپ بەردى.

ئانىسى ئۇ چۈشىدە كۆرگەنلىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كىيىن دىلنازغا، ئەمىلىيەتتىمۇ چوڭلاردىن بىسۇراق ئىش قىلماسلىقنى، چوڭلارنىڭ گىپىنى ئاڭلاشنى، يىراق يەرلەرگە ئوينىغىلى بارماسلىقنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى ۋە دىلنازغا تەسەللى بەردى.

تۆگىدى

مەنبە: خىياللىرىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   IZZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-14 11:43 AM  


مۇھەببەت ياخشى كۆرگەنلەرگە ئەمەس، قەدىرلىگۈچىلەرگە مەنسۇپ!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86252
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 543
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 171 سائەت
تىزىم: 2012-10-19
ئاخىرقى: 2013-1-15
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يائاللا، نىمانچە قۇرقۇنۇچلۇق،راست بۇلغان ۋەقە ئوخشايدۇ دەپتمەن .

نېمىلەرنى ئويلا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33034
يازما سانى: 921
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6670
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 628 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2013-1-20
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ قورقۇپ كەتتىم جۇمۇ!!@

ھايات شۇنداق!!!!!!!!!!جىمى گۇناھ ئۈزەمدە!!!!!!!!!!!!

كۈتكەن پەيىتلەر چوقۇم كېلىدۇ .

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85909
يازما سانى: 681
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1218
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 523 سائەت
تىزىم: 2012-10-10
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەھىمىلىك چىقىپتۇ . . .

كۆكلەي دېسەڭ ئۇيغۇرۇم ، سۇ بولايمۇ يىلتىز مۇ  !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25591
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6310
تۆھپە نۇمۇرى: 393
توردا: 794 سائەت
تىزىم: 2011-1-9
ئاخىرقى: 2013-1-18
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىلى ياخشى چىقىپتۇ، قارىغاندا سىزمۇ ماڭا ئوخشاشلا فانتازىيلىك ھىكايىلەرگە ئامراقكەنسىزدە، ئوخشىمايدىغان يىرى سىز يىزىپمۇ قويدىكەنسىز، مەن پەقەتلا ئوقۇپ ھوزۇرلانغۇچى خالاس. ئىجادىيەتلرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.!

غەلبە تىرىشچانل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12690
يازما سانى: 365
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 11268
تۆھپە نۇمۇرى: 826
توردا: 979 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ruzi780 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-14 04:59 PM
خىلى ياخشى چىقىپتۇ، قارىغاندا سىزمۇ ماڭا ئوخشاشلا فان ...

ھەئە، مەنمۇ فانتازىيىلىك ھىكايىلەرنى ئۇقۇشقا بەك ئامراق، بۇ مىنىڭ بۇ توغۇرلۇق يازغان تۇنجى ھىكايەم.

مۇھەببەت ياخشى كۆرگەنلەرگە ئەمەس، قەدىرلىگۈچىلەرگە مەنسۇپ!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1679
يازما سانى: 546
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7973
تۆھپە نۇمۇرى: 355
توردا: 1754 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن پەقەتلا قورقمىدىم .

ئادەم بولماق تەس ئەمەس ، ئادەمدەك ياشىماق تەس .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77869
يازما سانى: 261
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2466
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 301 سائەت
تىزىم: 2012-3-24
ئاخىرقى: 2013-1-18
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئا يەدە مەنمۇ بامۇ نىمە، ئىسمىم تۇرىدا

ئاللاھ مىنى ئىنسان ~ مۇسۇلمان ~ ئۇيغۇر ~ قىز  قىلىپ ياراتتى، مانا بۇ بەخىت ئىچىدىكى بەخىت بولماي نىمە؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36057
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3370
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2013-1-18
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تىخى كېيىنكى مەزمۇنلارنى راس ئۇخشايدۇ دەپتىمەن ، ھەتتا ئۇ بالىلارنى قانداقمۇ قۇتۇلۇپ چېقار دەپ غەممۇ قىلغان ئېدىم ..................................
بەزى جايلاردىكى ئېملا خاتالىقىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ناھايتى ياخشى يېزىپسىز......................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25591
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6310
تۆھپە نۇمۇرى: 393
توردا: 794 سائەت
تىزىم: 2011-1-9
ئاخىرقى: 2013-1-18
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
IZZAT يوللىغان ۋاقتى  2013-1-14 05:05 PM
ھەئە، مەنمۇ فانتازىيىلىك ھىكايىلەرنى ئۇقۇشقا بەك ئام ...

مەن ھىكايىڭىزدىن فانتازىيەنىڭ پۇرىقىنى پۇرىدىم. يەنە داۋاملىق تىرشىسىڭىز چوقۇمكى كەلگۇسىدىكى فانتازىيلىك ئەسەلەرنىڭ مۇئەللىپى بولالالىغۇدەكسىز.مەن چوقۇم شۇچاغلاردا ئەسەرلىرىڭىزنىڭ قىزغىن ئوقۇرمىنى بولىمەن.(ئوغلۇممۇ بەك قىزقىدۇ).

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش