ئىككىمىز تۈگۈنسىز باغلانغان بىر يىپ
قاراخان
مەن ساڭا ،سەن ساڭا نازلىق قاراشتا ،
باققىلى بەك ئۇزاق، بولدى بەك ئۇزاق.
ئىلكىمدە، ئىلكىڭدە تۇردۇق باغاشتا ،
قۇرمىدۇق ساداقەت يولىغا توزاق.
مېھرىڭدىن مېھرىمگە ئۇيۇغان ۋاپا،
مەڭگۈ تاش ۋەزنىدىن بىلىنەر يۈكسەك.
ئاشىقمىز كار قىلماس مىڭ تۈرلۈك جاپا،
مەن ساڭا ،سەن ماڭا مەنسۇپ بوپ يۈرسەك.
ھەركىمگە ئامەتتۇر سۆيۈش-سۆيۈلۈش،
پەقەت چىن سۆيگۈدىن يورۇسۇن بېتىم.
كىمگە تەس يار ئۈچۈن قىزغىنىش ،ئۆلۈش،
قىزغانچۇق،باھادىر ئاتالسۇن ئېتىم .
بىر گۈلسەن ،ئۈزەككە تۇتقان ئۇلاقمەن،
خۇيۇڭغا خۇيۇمنى تۇرغان توغرىلاپ.
سەندىن بىخ سۈرمىسەم چۆلدە شىۋاقمەن،
ھىچ بىر قول كەتمىسۇن سېنى ئوغۇرلاپ.
ئوڭشىلار تىغ تاياق يارىسى ھامان،
ئوڭشالماس تۆھمەتنىڭ يارىسى ئەسلا.
تاقەتتىن كەچمىسەم يۇيۇلدى گۈمان،
تۆھمەتخور زۇۋانى يىدى بىر پەشۋا.
تاغلارنىڭ يېشىنى بەرسە گەر ئىگەم،
تىلىمدا ،دىلىمدا گۈلۈمنىڭ زىكرى.
مەن سادىق قويغىلى ئىسمىمنى نىكەم،
مەن بىلەن بىردەكمۇ گۈلۈمنىڭ پىكىرى؟
ۋەسلىڭگە چاپلاشتىم ،كەتمەي سېرىلىپ ،
ماڭلايدىن شور ئەمەس تاپاي سۆيگۈ بەس.
ئىككىمىز تۈگۈنسىز باغلانغان بىر يىپ،
نومۇس بىر،قەلب بىر،ئورتاق ھېس ھەۋەس!
2007-يىلى24-دېكابىر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-14 11:24 AM