مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 695|ئىنكاس: 5

يوقالغان مەدەنىيەتنى ئىزدەش-ئەڭ ئاخىرقى ھېكايە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 9727
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 598 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 12:07:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Dragging the canoes over the shallow northern part of Lop-nor.jpg

يوقالغان مەدەنىيەتنى ئىزدەش-ئەڭ ئاخىرقى ھېكايە

شېن لىخۇي

      20-ئەسىر تارىخقا ئايلاندى، لوپنۇر كۆلىدە ئاللىقاچان بىر تېمىممۇ سۇ قالمىدى. توختىماي داۋالغۇپ تۇرغان بۇ يۈزنەچچە يىل ئىچىدە ئۆز يۇرتىدىن تېزىپ كەتمەي ياشاپ كەلگەن لوپلۇقلار كۈنلىرىنى زادى قانداق ئۆتكۈزگەندۇ؟ئۇلار كېيىن قايسى تەرەپلەردە سەرسان بولۇپ يۈرگەندۇ؟لوپنۇر چۆللۈككىدىكى ئېكىسپىدىتسىيىگە قاتناشقان لوپلۇقلارنىڭ تەقدىرى قانداق بولغاندۇ؟

كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرغىنى،يېقىندىن بۇيان لوپلۇقلارنىڭ تەقدىرىگە دېققەت نەزىرىنى ئاغدۇردىغان ئالىملار بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا ھالغا چۈشۈپ قالدى. ئۇلار ھەر قايسى تارتقۇلارنى ۋە كەڭ جامائەتنى ئۆزىگە تارتالمايدىغان بولۇپ قالدى. شۇڭىلاشقا ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى نىسبەتەن چېچىلاڭغۇ ھالەتتە تۇرماقتا. تېخىمۇ يامان بولغىنى،لوپلۇقلارنىڭ ھايات تارىخچىلىرى بولغان،ئىلگىرى ئابدالدا ياشىغان پېشقەدەم لوپلۇقلارمۇ كەينى –كەينىدىن ئالەمدىن ئۆتتى.بۇ ھەقىقەتەن قايتا تولۇقلىغىلى بولمايدىغان زور زىياندۇر. بىز تېخىمۇ كۆپ غايىلىك ۋە ئىرادىلىك كىشىلەرنىڭ لوپلۇقلار،كېرىيەلىكلەر ۋە تارىم ئويمانلىقىدىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ مەۋجۈتلۈق ۋە تەرەققىياتغا؛ غەربىي رايۇننىڭ مول ۋە رەڭدار تارىخى، ئىجتىمائى مىراسلىرىغا؛جۇڭگۇنىڭ غەربىي قىسمىنىڭ ئېكىلوگىيىسى ۋە كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلار سېپىگە قوشۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئاتىقى بار لوپلۇق،سىۋىن ھىدىننىڭ ئىزچىسى ئۆردەكنىڭ دېرىكى ھازىرغىچە بىر سىر سۈپىتىدە تۇرماقتا. ياڭ نىيەن ئەپەندىنىڭ تەكشۈرىگە ئاساسلانغاندا، ئۆردەك ئابدالدا ياشىغان لوپلۇق بولۇپ، ئابدال چۆلدەرەپ قالغاندىن كېيىنمۇ ئۆردەك ئائىلىسىدىكىلەر يېڭى ئابدالغا كۆچمەستىن بەلكى، مىرەننىڭ شىمالىدىكى يېڭىكۆلگە كۆچكەن. 1934-يىلى 5-ئايدا سىۋىن ھىدىننىڭ ئېكىسپىدىتسىيە ئەتىرىتى لوپنۇر چۆللىكىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۆردەكمۇ ئۈن-تىنسىز غايىپ بولغان. يەنە سىۋىن ھىدىن كەتكەندىن كېيىن،ئۆردەك يەنىلا ئېكىسپىدىتسىيە ئەتىرىتىنىڭ نامىدا، "پۇلىنى ئېكىسپىدىتسىيە ئەتىرىتى تۆلەيدۇ"دەپ يېڭى كۆلنىڭ بېگىدىن نۇرغۇن ئاشلىق ۋە يەم خەشەك ئالغان.بۇ <ئالدامچىلىق> ناھايىتى تېزلا ئاشكارلىنىپ قالغان،شۇنىڭ بىلەن ئۆردەك جازاغا تارتىلغان" دېگەندەك گەپلەرمۇ ئېقىپ يۈرگەن. ياڭ نيەن ئەپەندىنىڭ قارىشچە، بۇ ئىش قاقتى-سوقتى قىلشقا ئوخشىمايدۇ، ئەمما ئۆردەك كاللىسىدىن ئادىشىپ قېلىپ بۇ ئىشنى قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇ بىر لوپلۇق ئۇنچىۋىلا كۆپ ئاشلىق ۋە يەم-خەشەكنى نېمە قىلىدۇ؟ئەجىبا، ئۇ يەنىلا سىۋىن ھىدىننىڭ ئېكىسپىدىتسىيە ئەتىرىتىگە قاتناشىۋاتقان چاغدىكى تۇيغۇسى بويىچە ياشاپ كېلىۋاتقانمىدۇ؟

ئېيتىشلارغا قارىغاندا غەزىپىنى باسالمىغان بەگ ئۆردەكنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىمەن،دەپ داۋاراڭ سالغان. جازالىنىشتىن قورققان ئۆردەك ئۆيىدىن ئايرىلىپ ئارغانغا يېقىن جايدىكى كونا يېڭىسۇغا كېلىپ يۇشۇرۇنغان.ئۆردەك 1940-يىللىرى ۋاپات بولغان ھەمدە كونا يېڭىسۇدىكى مازارلىققا دەپنە قىلىنغان.

ئۆردەكنىڭ سادىق ئىسىملىك بىرلا بالىسى بولغان. بۇ ئەينى يىللىرى كۈنچى دەرياسى بويىدا ئۆردەك بىلەن بىرلىكتە ئات چاپتۇرۇپ،سىۋىن ھىدىننىڭ قولۋىقىنى ھەيدىگەن ياشنىڭ دەل ئۆزى شۇ. ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ھازىر لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ تارىم يېزىسىدا ياشاپ كەلمەكتە.

لوپنۇر چۆللۈكىدىكى ئېكىسپىدىتسىيە جەريانىدا توختى ئاخۇن ئەسلىدە ناھايىتى ئاكتىپ رول ئوينىغان. ئەمما سىتەيىن كەتكەندىن كېيىن ئۇمۇ ئېكىسپىدىتسىيەچىلەرنىڭ خاتىرلىرىدىن يوقىلىشقا باشلىغان. بەگلىك ئەسلىدە ئاتىدىن بالىغا مىراس قالىدۇ، ئەمما كۈنچىققان بەگ ۋاپات بولغاندىن كېيىن توختى ئاخۇن ئاتىسىنىڭ بەگلىك ئورنىغا ئولتۇرمىغان. ئۇ 1908-يىلى سوپى بولۇپ، ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن. توختى ئاخۇن لوپلۇقلار تارىخىدا تۇنجى مازارلىقنى بارلىققا كەلتۈرگەن ھەم شۇ مازارلىقتا ياشىغان. بۇنداق قىلىش ئەسلى ماھىيەتتە بەگلىككە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەنلىك بىلەن باراۋەردۇر. توختى ئاخۇنغا ۋاكالىتەن كۈنچىققان بەگنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ نەۋرە ئىنىسى مۇھەممەدنىياز ئولتۇرغان. توختى ئاخۇن 20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى ۋاپات بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ مازارلىقىغا قارايدىغان ئادەم چىقمىغان. بۇ مازار مىرەندىن كونا ئابدالغان بارىدىغان يولنىڭ ياقىسىدا.كۈنچىققان بەگمۇ بەلكىم مۇشۇ مازارلىققا دەپنە قىلىنغان بولىشى مۇمكىن.

"تۆگە ئوۋلىغۇچى"ئابدۇرېھىمنىڭ كېيىنكى ئەھۋالى ئېنىق ئەمەس. بىز پەقەت ئۇنىڭ ئوغلى ئەخەتمالىكنىڭ ھازىر تۇرپاننىڭ دىغار دېگەن يېرىدە تۇرىدىغانلىقىنى ،يېشى يەتمىشتىن ئاشقانلىقىنى بىلىمىز.

لوپنۇر چۆللۈكىدە ئابدالدىكى بېلىقچىلار كەنتىگە ئەڭ يېقىن بولغىنى مىرەندۇر.ئابدال لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىرەمبېغى ھەمدە لوپلۇقلارنىڭ بېلىقچىلىق تارىخىنىڭ ئاخىرلاشقان جايىدۇر. ئابدالدىن چېكىنگەن بىر قىسىم لوپلۇقلارنىڭ قىيمىغان ھالدا مىرەندە تۇرۇپ قىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبمۇ، بۇ جاينىڭ ئابدال بىلەن بولغان تۈز سىزىقلىق ئارلىقىنىڭ ئاران 24 كىلومېتىلا بولغانلىقىدا. بۇ ئابداللىقلار ۋە ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ھازىر شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ 36-تۇەن 2-لىيەنىدە تۇرۋاتقان بولۇپ،ئۇلار تەخمىنەن ئون نەچچە كىشى. بۇ ئون نەچچە ئادەم ئىچىدە تۆت-بەشىنىڭ يېشى بۇ ئەسىز(20-ئەسر)بىلەن تەڭلەشكەنلەردۇر.

مىرەنگە بېرىپ بۇ يۈز ياشلىق مويسىپىتلار بىلەن ئۇچىراشقان ۋاقتىڭىزدا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قولۋاق ھەيدەپ كېمىدە يۈرگەن بالىلىق چاغلىرىنى؛قوي پادىلىرىنى ھەيدەپ توغراقلىق ئىچىدە يۈرگەن ياشلىق چاغلىرىنى؛ تېرىقچىلىق قىلىشنى ئۆگەنگەن ئوتتۇرا ياش چاغلىرىنى ئەسلەپ بېرىدۇ. ئۇلار بۇ ھايات مۇساپىسىدە ئىنسانىيەتنىڭ بېلىقچىلىقتىن چارۋىچىلىققا ئاندىن تېرىقچىلىققا ئۆتكەنلىكىدەك تەرەققىيات جەريانلىرىنى بېشىدىن كەچۈرگەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ تەشكىلىمۇ،لوپلۇقلارتۇرمۇش شەكلىنىڭ ئۆرگىرىش قانۇنىيىتى مىللەت،ئىقتىساد،جەمىيەت تەرەققىياتىنى تەتقىق قىلىشتىكى تىرىك قاتما،دەپ قارىغان.

لوپنۇر كۆلى ساھىلىدا تۇغۇلغان ئابداللىق قۇۋان ئىلگىرى مىرەن يېزىسىنىڭ يېزا باشلىقى بولغان. ئۇ نەچچە خانلىقلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن.ئۇنى شەك-شۈبىھسىز كۆرگەن-بىلگىنى ئىنتايىن مول كىشى دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، ئۇ "شىنجاڭدىكى مىرەن شەھىرى"گە ۋاكالىتەن ئەينى ۋاقىتتىكى ئىتالىيەنىڭ مىلان شەھرىدىكى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا ، كرورەن دۆلىتى ۋەيران بولۇپ 1600-1700 يىللار ئۈزۈلۈپ قالغان يىپەك يولىنى قايتا داۋام قىلدۇرشقا تۈرتكە بوالايدىغان؛كرورەن ئەۋلادلىرى بىلەن قەدىمكى رىم ئەۋلادلىرىنىڭ يېڭى دەۋىردىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىنى ئېلگىرى سۈرۈش مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا سالاھىيىتى توشىدىغان كىشى ئىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى،ئەينى ۋاقىتتا ھېچكىم بۇنداق قىلىشنى ئەھمىيىتى بارلىقىنى ھېس قىلىپ يىتەلمىدى. 1997-يىلى 7-ئايدا قۇۋان 111 يېشىدا كېسەل سەۋەبى بىلەن چاقىلىق ناھىيەسىدا ۋاپات بولدى.

ئەمەت بولسا توختى ئاخۇننىڭ نەۋرىسى زاماننىڭ ئۆزگىرىشى ئۇنى بەگلىككە ۋارىسلىق قىلىشتىن مەھرۇم قالدۇرۇپ، مىرەن دىھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئادەتتىكى بىر خادىمىغا ئايلاندۇردى. ئۇ 1994-يىلى 94 يېشىدا ئەلەمدىن ئۆتتى.

ئۆزىنىڭ 105 ياشقا كىرگەنلىكىنى ئېيتقان قۇربان ياش ۋاقىتلىرىدا چەتئەل ئېكىسپىدىتسىيە ئەتىرىتىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان، ئەمما ئۇ ئۇلارنى قاچان كۆرگەنلىكىنى ئەسكە ئالالمىغان. ئۇ پەقەت رۇسسىيەلىك چېيىنۇف ئىسىملىك بىر كىشىنى ئېسىگە ئالالىغان. ماتىرىيالارنى تەكشۈرگەندە ھەقىقەتەن مۇشۇنداق بىر ئادەمنىڭ بارلىقى چاروسىيە پادىشاھى نېكولاي Ⅱ نىڭ سىۋىن ھىدىنغا قوغدىغۇچى قىلىپ ئەۋەتكەن كىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. بۇنىڭدىن قارىغاندا قۇربان يېشىنى ھەرگىمۇ ئاشۇرۇپ ئېيتمىغان.

1998-يىلى كۈنچىققاننىڭ ئابدالى تاشلىنىپ قالغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، ئەنە شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ،بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ، ئاز بىر قىسىم لوپلۇقلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، سىرتتىن كەلگەن بىرەرمۇ ئادەم بۇ تاشلىۋىتىلگەن ئىرەمباغقا ئاياق بېسىپ باقمىغان. مۇشۇ يىل لوپلۇقلارنىڭ تەقدىرىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئالىم ياڭ نيەن مىرەندىكى 99 ياشلىق لوپلۇق مويسىپىت راخمانغا ئەگىشىپ، ئابدالدىكى بېلىقچىلار كەنتىگە بارغان.

بۇ قېتىمقى ئابدال سەپىرىدە ئۇلار يۈز نەچچە يىللىق كونا دەريانىڭ ئېقىش يۆلىنىشىگە قارشى يۆلىنىشنى بويلاپ ماڭغان. مىرەن بوستانلىقىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن،راخمان ياڭ نيەننى ئېلىپ، ئابدالغا بارىدىغان تاشلىنىپ قالغان كونا يولغا چۈشكەن. ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا زىچ قۇم بارغانلىرى ۋە قۇرۇپ كەتكەن يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر نامايەن بولغان. ئېنىقكى، پاكار قۇم دۆۋىلىرى،چەكسىز كەتكەن تۇزلۇق ساھىل بۇ بەلۋاغنىڭ قۇملىشىپ كەتكەن ۋاقتىنىڭ ئانچە ئۇزۇن ئەمەسلىكىنى بىلدۇرۇپ تۇراتتى. ئابدال دەرياسى _ئىلەك دەرياسىنىڭ كونا دەريا قېنىدا ماڭغاندا، كىشى ئىختىيارسىز ئەينى ۋاقىتتا پرژىۋالىسكىي بىلەن سىۋىن ھىدىننىڭمۇ مۇشۇ يولنى بويلاپ قارا قوشۇن كۆلى ۋە ئابدالدىكى بېلىقچىلار كەنتىگە بارغانلىقىنى ئەسكە ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ.

ھازىرمۇ دەريا ساھىلىدا چېچىلىپ ياتقان قۇلۇلە قاپلىرىنى دەسسەپ ماڭسىڭىز غارىسلىغان ئاۋاز چىقىدۇ. يول بويى ماشىنا قۇم بارغانلىرى بىلەن تۇزلۇق ساھىل ئارسىدا تەۋرىنىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇلار ئوت كەتكەن ئۆي- ھېلىقى كۆيدۈرۋىتىلگەن كەنتتىن ئۆتتى. ئۇلار ، دەريا بويىدىكى خۇددى بىر قەۋەت قارامتۇل كۈلرەڭ گېلەم يېيىتىپ قويۇلغاندەك بىر قاراشتا كۆز يەتمەيدىغان، كۆيۈپ كەتكەن قۇمۇش يىلتىزلىرىنى كۆردى. ئالدى تەرەپتىكى قۇم بارخانلىرى بارا-بارا قۇيۇقلىشىشقا باشلىدى، يەر يۈزىدە ساقلىنىپ قالغان قۇمۇشنىڭ قېلىنلىقى نەچچە ئون سانتىمىتىرغا يىتەتتى. يىراقتىن ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى ئورنىتىلغان قۇملۇق ماشىنىسى سېۋىن ھىدىن ئۆلچىگەن كونا ئابدالنىڭ ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىك ئۆلچىمى بويىچە كېتىۋاتاتتى،ئەمما ھېچقانداق سىموۋۇللۇق بەلگە بولمىغان چۆللۈكتە ئۇ جاينى تېپىش يەنىلا قىيىن ئىدى. ئەڭ ئاخىردا ئۇلار يەنىلا لوپنۇرلۇقلاردا تۇغۇلىشىدىنلا بار بولغان تەرەپنى پەرقلەندۈرۈش سەزگۈسىگە تايىنىپ كونا ئابدالنى تاپتى. كېتىۋاتقانلار نېمە قىلىشنى بىلمەي تۇرغان ۋاقىتتا، راخمان ئاقساقال بىر قاراپلا ، ئاۋۇ قۇيۇق بارخانلارنىڭ تۆۋەن تەرپىدىكى جاينىڭ لوپلۇقلارنىڭ ئۆيى بار جاي ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى. راخمان ئاقساقال دائىم ئۆزىنىڭ بالىلىقىنى ئەسلەيدۇ،ئۇنىڭ خاتىرىسىگە ئەڭ چوڭقۇر ئورناپ كەتكىنى كۆلگە شۇنداقلا چۈشسە، تۇتۇپ تۈگەتكىلى  ۋە يەپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان بېلىقلارنىڭ پۇتىغا ئۇرۇلىدىغانلىقى ئىدى. ئۇلار يېرىم ئادەم چوڭلىقىدىكى بېلىقلارنى قۇمغا كۆمۈپ سۈيىنى ساقىتىش ئۈچۈن ئاياللارنى باشلاپ قويۇپ، ئۆزلىرى قۇمۇشلۇقلار ئىچىدە ياۋا ئۆردەك تۇخۇملىرىنى ئىزدەيتتى، يىكەن سېرىقىنى ئۈزەتتى.....

سىۋىن ھىدىننىڭ خاتىرلىشىچە، كونا ئابدال لوپنۇر كۆلى قىرغىقىدىكى بىردىنبىر قۇرغاق ھەم ئىگىز جاي بولۇپ،  بۈگۈنكى كۈندە بۇ جاي ناھايىتى زور بىر قۇم تاغقا ئايلانغان، قۇم تاغ ئۈستىدىكى چوڭ –كىچىك بارخانلار بولسا، ئەسلىدە لوپلۇقلارنىڭ تورار جايى ئىكەن. لوپلۇقلارنىڭ چېكىنىشىگە ئەگىشىپ، قۇم بورانمۇ قىستاپ يىتپ كەلگەن ، شامال يۆنىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەر بىر ئۆي-جاي خارابىسى ئاقما قۇملارنى يىغىپ، ھەممە خاربىلەرنى تامامەن يۈتۈپ چوڭ قۇم بارخانلىرىغا ئايلاندۇرغان. بۇ بارخانلارنىڭ ئۈستىدىن چاكاندا، يۇلغۇن ۋە غالدىراڭ قۇمۇشلار ئۈنۈپ چىققان.

20-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە، كۆنچى دەرياسى بويىدا ئولتۇرۇشلۇق 78 ياشلىق قۇربان تالەي ئۆزىنىڭ بېلىق تورى ۋە ئوۋ مىلتىقىنى يېڭى ئۆيىنىڭ پىشايۋانىغا ئېسىپ قويدى. بېلىقچىلىق ۋە ئوۋچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ئەڭ ئاخىرقى لوپلۇق قۇرباننىڭ بۇ ھەرىكىتى ھەقىقەتەن دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. چۈنكى ، ئۇ بۇ قەدىمىي قەبىلىنىڭ 3000 يىللىق بېلىقچىلىق ئوۋچىلىق تارىخىنى ئاخىرلاشتۇردى.

ھازىر تەخمىنەن 13 مىڭ ئەتىراپىدا لوپلۇق بار. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى خوتەندىكى لوپقا؛ بىر قىسمى لوپنۇر ناھىيەسى ۋە بۈگۈر ناھىيەسى قاتارلىق جايلارغا كۆچۈپ كەتكەن.پەقەت ئاز بىر قىسمىلا  ئەسلىدىكى جايىغا يېقىن بولغان مىرەن قاتارلىق جايلاردا قېپ قالغان. ئۇلارغا نىسبەتەن ئىپتىدائىي بېلىقچىلىق دەۋرى ئاللىقاچان ئاخىرلاشتى. لوپنۇر كۆلى رايۇنىنىڭ ئېكىلوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ ئۆزلۈكسىز ناچارلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلار ياشاش جەريانىدا تايىنىپ كەلگەن كۆل ۋە ساسلىقلارمۇ بارا-بارا چۆللىشىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن لوپلۇقلار ئۆزلىرىنىڭ قەدىمكى ئەنئەنىلىرىگە خوش دېيىشكە مەجبۇر بولدى. بېلىق تورلىرى تاملارغا ئېسىپ قويۇلۇشقا، ئوۋ مىلتىقلىرى قازناقلارغا كىرىشكە، قولۋاقلار يەم- خەشەك ئوقۇرىغا ئايلىنىشقا باشلىدى.لوپلۇقلار توغراق ۋە ئوت-چۆپ بار جايلارغا كېلىپ ئورۇنلاشتى. قوللىرىغا قامچا ئېلىپ پادىچى بولۇشقا ياكى كەتمەن ئېلىپ دېھقان بولۇشقا  يېڭىچە تۇرمۇش ئۇسۇلىدا ياشاشقا باشلىدى.

ئەمما، ئۆزلىرىنىڭ ئەسلى تۇرمۇش ئۇسۇلىغا شۇنچىلىك دەرىجىدە مۇھەببەت باغلىغان لوپلۇقلار،راستىنلا ئۆزلىرىنىڭ ئۆتمۈشىگە خەير-خوش دېگەنمىدۇ؟كروران مەدەنىيىتى ۋە لوپلۇقلارنىڭ ياشاش ئۇسۇلى ناۋادا مۇۋاپىق مۇھىت شارائىتقا ئىگە بولالىسا قايتىدىن بارلىققا كېلىش ئىمكانىيىتى بارمۇ-يوق؟ ناۋادا، بىر كۈنلەردە تارىم ۋە كۆنچى دەريالىرى ئوخچۇپ ئېقىپ لوپنۇر كۆلىنى قايتىدىن سۇ بىلەن تولدۇرپ، لوپ چۆللۈكى قايتىدىن ھاياتلىق پۇرسىتىگە ئېرىشسە، لوپلۇقلار بۇنىڭدىن  تەسىرلىنەمدۇ-يوق؟ بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، لوپلۇقلار چېپىپ يۈرۈپ بىر-بىرىگە خەۋەر يەتكۈزىشىدۇ.بىر قىسىملىرى ئەسلى يۇرت ماكانلىرىغا قايتىدۇ. ئەمما، ئۇلار كۈنچىققان بەگنىڭ تۇرمۇش شەكلىگە پۈتۈنلەي قايتالمايدۇ. ئۇلار يېڭى ئەسىردىكى "ئابدال"غا يېڭىچە قىياپەت ئاتا قىلىدۇ، يېڭىچە ئۇل ئاساسىدا كروراننىڭ شان-شەرپىنى قايتىدىن نامايەن قىلىدۇ.


خەنزۇچە "ئورمان ۋە ئىنسانىيەت ژورنىلى"نىڭ 2004-يىللىق 9-سانىدىن تەرجىمە قىلغۇچى :لوپنۇرى


مەنبە:http://www.lopnuri.com/?p=2827

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   لوپنۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-14 12:08 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88897
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 697
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 306 سائەت
تىزىم: 2012-12-21
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 11:19:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر، ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلغان ماقالە ئىكەن.
لۇپلۇقلار ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى تۇرمۇشىغا قايتالماسلىقى مۇمكىن، لوپنۇر كۆلىنى قايسى سۇ بىلەن
تولدىرىدۇ، تولدى دىگەندىمۇ رايۇن ئىكىلوگىيىسى قانچىلىك ۋاقىتتا ئەسلىگە كىلىدۇ؟
رادىئاكتىپ ماددىلار قانچىلىك ۋاقىتتا تەسىرىنى يوقىتىدۇ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   salman888 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-14 11:19 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86474
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 650
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2012-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 12:10:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزدىمۇ تەتقىقات نەتىجىسگە ئېتبار بېرىلگەن بولسا،ئېكولوگىيمىز بۇنچىلا ناچارلاشمايتى،چەرچەن ،كېرىيە قاتارلىق جايلارنى تەتقىق قىلغلى بەك ئۇزۇن بولدى،نەتىجە پەقەت قەغەز يۈزىدە قالدى،بۇ جايلارنىڭ ئېكولوگىيسىمۇ ياخشىلانمىدى.دۆلەتمۇ تەتقىقات تۈرى نامىدا نۇرغۇن پۇل ئاجرىتىدۇ،ئەگەر شىنجاڭ ئېكولوگىيسى ياخشىلانمىسا     ،رايونىمىزدىكى تەتقىقاتچىلار بىلەن يەرلىكىتىكى ئەمەلدارلار نومۇس ھېس قىلشى كېرەك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88897
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 697
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 306 سائەت
تىزىم: 2012-12-21
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 03:38:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانداق تىمىلارغا ئىنكاسمۇ چۇشمەيدىكەن  دىسە!!!!!!!!!!!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36057
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3384
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2014-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 07:42:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى ياخشى تېما يۇلاپسىز ، قىلغان ئەجىرىڭىزگە ئۇلۇغ ئاللاھ ئىگەم چەكسىز ئەجىربەرگەي !!!
تۇلۇق ئۇقۇپ چېقاندىن  كېيىن لۇپنۇرغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم يېڭى ئۇچۇرلارغا ئىگە بۇلدۇم .

ئاللاغا تاپشۇردۇم!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6549
يازما سانى: 1347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12307
تۆھپە نۇمۇرى: 461
توردا: 2764 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 10:35:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  يازلىق تەتىلدە لوپنورغا بېرىپ ساياھەت قىلىپ كېلەيمىكىن .

ياخشىنى ئەسكى بوزەك قىلسىمۇ ئاللا بوزەك قىلمايدۇ .
  ئەسكىدىن ھەممە قورۇقسىمۇ ئاللا قورۇقمايدۇ !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش