مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 150|ئىنكاس: 3

ئەمەل تۇتساڭ ئەلگە يار بولغىن(ئامانگۈل تۇنىياز) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58888
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3249
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2011-10-3
ئاخىرقى: 2013-1-14
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەمەل تۇتساڭ ئەلگە يار بولغىن
ئامانگۈل تۇنىياز


ئەمەل تۇتساڭ ئەلگە يار بولغىن،
ئەللەر سېنى مەڭگۈ يۆلەيدۇ.
قەلب تۆرىدىن چىن ئورۇن بېرىپ،
ئالتۇن بۆشۈككە مەڭگۈ بۈلەيدۇ.

ئەمەل تۇتساڭ ئەلگە يار بولغىن،
شۇ ئەمەلنى ئەل ساڭا بەرگەن.
خەلقىڭ بولماي ئەمەلدار نەدە؟
شۇ ئەل ساڭا مەدەتلەر بەرگەن.

ئەمەل تۇتساڭ ئەلگە يار بولغىن،
خەلقىڭ سەندىن ئۈمىدلەر كۈتكەن.
ئەل-خەلقنىڭ پەخرى سەن، بىلسەڭ،
ئاقىل بولۇپ سەن بۇنى چۈشەن.

ئەمەل تۇتساڭ ئەلگە يار بولغىن،
ئەللەر سېنى زىنھار ئۇنتۇماس.
مېۋە بەرسەڭ ئەل-ۋەتەن ئارا،
نام-شەرىپىڭ مەڭگۈ قۇرۇماس.

ئەمەل تۇتساڭ ئەلگە يار بولغىن،
خەلقىڭ بۇلار ساڭا مەدەتكار.
باي-زەبۇن دەپ ئايرىمىساڭ گەر،
ئاتىلىسەن پاك بىر ئەمەلدار.

دىلخانەڭدە بولسۇن شۇ خەلقىڭ،
كۆڭلۈڭ بولسۇن كەڭرى ئالەمدەك.
پاك ئەمەلدار بولساڭ سەن ئەگەر،
راست-يالغاننى ئايرىغىن كۈندەك.

قۇرۇق ئاتاق، ساختا شۆھرەتكە،
بولما مەستان، قىلمىغىن تەمە.
ئەمەلدارلىق-بىر شەرەپلىك بۇرچ،
خەلقىڭ سېنى قوللايدۇ يەنە.

كۆرەر خەلقىڭ  قىلغان ئىشىڭنى،
تارازىغا سالىدۇ سېنى.
باشلىق بولۇپ قىلدىڭ نېمە ئىش؟
خەلقىم ھامان ئايرىيدۇ بۇنى.


ئەلپەرۋار بول ئەمەلدار بولساڭ،
ئەلنى سۆيگىن ۋاپادار بولساڭ.
قىلىپ تۇرغىن ئەلگە ياخشىلىق،
چىن دىلىڭدىن مەرد ئوغلان بولساڭ.

باي ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىن: ئامانگۈل تۇنىياز

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-14 10:32 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 553
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3184
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 126 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمەل تۇتساڭ ئەلگە يار بولغىن،
ئەل قەلبىدە ئىرىشكىن ئالقىش.
ئەل قەلبىنى رەنجىتسەڭ ئەگەر،
بىرەر ساڭا تۈمەنلەپ قارغىش.

ئەمەل تۇتساڭ ئەلگە يار بولغىن،
ئەل قەلبىدىن كۆكلىسۇن ھۆرمەت.
ئارمانلارغا ھەمدەمدە بولساڭ،
خەلقىڭ ساڭا قىلىدۇ خىزمەت.


دەۋىرگە بەك ماس كەپتۇ.تەشەككۈر.قاملاشمىسمۇ ئىتىپ باقتىم.

شەرىتسىز قەدەمنى ئالىمىز چوقۇم،
توسالماس بىزلەرنى مۇرەسسە سۈلھى.
غايىمىز نۇر چىچېپ چاقنىغان چاغدا،
نۇر بىلەن قوينىغا ئالىدۇ سۈبھى.
                                                 _(كۆك ھىلال)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36057
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3370
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2013-1-18
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز ، قەلىمىڭىزگە تېخىمۇ زۇر قۇۋۋەت تىلەيمەن ............

بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 3905
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20046
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 824 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-1-18
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇرتىمدىن مۇشۇنداق شائېرنىڭ چىققانلىقىدىن پەخىرلىنىمەن.

ئىتلار قاۋاۋېرىدۇ،كارۋان يولىغا مېڭىۋىرىدۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش