ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللاھى ۋەبەركاتىھۇ،قېرىنداشلار !بۇ مېنىڭ مىسرانىم مۇنبىرىگە  بىرىنجى قېتىم  خەت  يېزىشىم  ،  مۇنبەرگە بىر نەچچە قېتىم تىزىملاتتىم ،  لېكىن  ئۆگنىش ۋە باشقا ئىشلار بىلەن  ئالدىراش بولۇپ    كېتىپ مۇنبەرگە كۆپ كىرەلمىگەچكە كىرسەممۇ تېمىلاردىن ھوزۇرلىنىپ قويۇپلا ئىنكاس يېزىشقا ئۈلگۈرەلمەي چىقىپ كەتكەچكە تىزىملاتقان نۇمۇرلىرىم تازلىنىپ كەتتى ، ئەلھەمدۇلىللا ، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن مۇنبەرگە خەت يېزىش يازغاندىمۇ ئەسەر يوللاشتەك بۇ خۇشاللىق ئىشنىڭ ۋاقتى -سائىتى بۈگۈن كەپ قاپتۇ ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ ئىگەمگە شۈكرىلەر ئېيتىمەن .  مەن يېزىقچىلىققا قىزقىمەن ، ‹قاغا قاق ئىتەر ، ئۆز كۆڭلىنى خوش ئىتەر › دېگەندەك قاملاشتۇراممىساممۇ ئانچە مۇنچە  ئۇنى بۇنى يېزىپ ئۆز كۆڭلۈمنى خوش قىلىپ يۈرۈيمەن ۋە يازغانلىرىمنى دادامئەلھەمدۇلىللا ، ئاللاھنىڭ ئىرادسىغا ۋە يېقىن دوسىتلىرىمغا ئوقۇپ بېرىپ كۆڭلۈمنى ئاۋۇندۇرۇپ يۈرۈيمەن . دادام ۋە دوسىتلىرىم  يازغانلىرىمنى گېزىت -ژورناللارغا بىرىپ بېقىشمنى ، مۇنبەرلرگە يوللاپ بېقىشمنى تەۋسىيە قىلغان  بولسىمۇ  تا بۈگۈنگىچە بۇ ئىشقا ئۇرۇنمىغان ئىدىم . ئۇلۇغ رەببىم بۈگۈن بىر پارچە ئاددىي يازمامنى قېرىنداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش نىيتىنى دىلىمغا ساپتۇ ، قېرىنداشلارنىڭ مەندەك بىر ‹‹بالا ھەۋەسكار›› نىڭ كەمچىللىكرىنى كۆرسىتىپ بېرشىنى ، يول كۆرسىتىپ ياردەمدە بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
ئۇيغۇرتىلى 
   ئۇيغۇرتىلى 
ئۇيغۇردەك يېشىل 
يازنىڭ ئىسسىق -ئىسسىق كۈنىدە 
چاڭقاپ كەتكەن ئوتۇنچى ئىچكەن 
دوغدىنمۇ ئېسىل .
ئۇيغۇرتىلى 
چاقنايدۇ چولپان يۇلتۇزدەك 
نەچچە مىڭ يىللىق توغراقنىڭ قوۋزىقى بىلەن غولى ئارسىدا ،
تەكلىماكاننىڭ ئېچىلىپ ققالغان كونا يارسىدا ،
قۇم ئاستىدا كۆمۈلۈپ ياتقان باربىت تارىسىدا .
ئاق ئاتقا مىنگەن بىلگە خاقان 
ئۇيغۇرتىلىدا چۈشۈردى پەرمان 
خاقانىنىڭ ياڭراق ئاۋازى 
سەردارلارنىڭ تېنىگە دەرمان 
نەچچە ئەسىر ئۆتكەندە بۈگۈن 
ئۇيغۇرتىلى دىلىمغا دەرمان .
سان- ساناقسىز ئالىم ،ئەدىپلەر 
ئۇيغۇرتىلىدا يازغاچقا ئەسەر 
پەن كۆكىدە قۇچماقتا زەپەر .
ئۇيغۇرتىلى 
ئەجەپ يۇمشاق ، يېپىشقاق
مۇلايىم ھەم چىقىشقاق ...
بىراق بۈگۈن ئۇنىڭ تېرسىگە 
چىقتى قىچىشقاق .
ئۇيغۇرتىلى 
نەۋائىنى قىلدۇرغان نەۋا 
خارلىماڭلار ئۇيغۇرتىلىنى 
مەن ئىگەمگە قىلىمەن دەۋا .
ئۇيغۇرتىلى 
ئاينىڭ شولىسى 
ئاي نۇرىدا يورۇيدۇ دىلىم 
سۆيىمەن سېنى ، سۆيىمەن سېنى
سۆيىمەن سېنى ئەي ئانا تىلىم .
ئۇيغۇرتىلى كەتمەيدۇ يۈتۈپ 
نەچچە مىڭ يىل كەتسىمۇ ئۆتۈپ 
تۇنيۇقۇقتەك،مويۇنچۇردەك 
قويىمىز ئۇنى تاشلارغا پۈتۈپ 
ياشايمىز سۆيۈپ ، يۈرەككە پۈكۈپ .
بۈگۈندىن 
نەچچە مىڭ يىل بۇرۇنقى قەبرىستالىقتا 
ئاپئاق بىر تال باش ئىسكىلىتى 
پىچىرلايدۇ ئۇيغۇرتىلىدا .
بۈگۈندىن 
نەچچە مىڭ يىل كېيىن، يەسلىدە 
ئۈچ تۆت ياشلىق ئۇيغۇر باللىرى 
ۋىچىرلايدۇ ئۇيغۇرتىلىدا 
ئۇيغۇرتىلى مىڭ قۇياش بولۇپ 
نۇر چاچىدۇ سەبى دىلىدا .
ئۇيغۇرتىلى پارلايدۇ مەڭگۈ ،
ئۇيغۇرتىلى چانمايدۇ مەڭگۈ ...
                           ( گۇاڭدۇڭ دوڭگۈەن دە يېزىلدى ،شەندۇڭ جىنەندە يوللاندى)
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-14 10:31 AM  
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-1-17 11:02 PM):
ققالغان--قالغان ، قەبرىستانلىقتا--قەبرىستاندا