|
|
|
|
ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا تۈمەن دەرياسىدىكى تۈمەن ئاتالغۇسى ھەققىدە خەلىق ئارسىدا يەنە نۇرغۇن كۆز قاراشلار بار.
مانجۇلار ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە ، ياۋاغ كۆۋرۈكىدە مانجۇلارغا قارشى ئاتلانغان باتۇرلارنىڭ تۈمەن دەريا بويىغا ئەچىقىپ قەتلى قىلىنغانلىقىغا ئائىت مەلۇماتلار شۇنداقلا .1934-يىلدىكى «فىۋرال پاجىئەسى»دە تۈمەن مىڭ كىشلەرنىڭ ئىسسىق قىنى دەريا بولۇپ ئاققان (بەزى تارىخى مەلۇماتلاردا نەچچە مىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن دىيلىدۇ ، ياۋاغ كۆۋرۈكىدە قانچىلغان باتۇر ئەزىمەتلەرنىڭ كاللىسى نەيزىلەرگە سانجىلىپ ئادەم بىشىدىن مۇنار ياساپ سازايى قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى گەپلەرگە ئاساسەن شۇنداق دىيلىدۇ)شۇڭا بۇ دەريا شۇ شىھىتلارغا بىغىشلىنىپ تۈمەن دەرياسى دىيلىدۇ ، بەزىلەر ھەتتا ھون ئىمپىراتورلىقى دەۋرىدىكى «تۈمەن تەڭرىقۇت»نىڭ نامى بىلەن شۇنداق دەپ ئاتالغانمىكىن دەيدىغان گۇمانى قارشلارمۇ يوق ئەمەس .
ئەمما نىمە ئۈچۈن بۇ دەريانىڭ ئىسمى تۈمەن ئاتلىپ كەلگەنلىگى توغرىسدا ئادىل مۇھەممەت ئاكىمىز تۈزگەن «قەشقەر مەجمۇئەسى»دىكى مەزمۇندىن باشقا ئىشەنچىلىك مەزمۇن ئۇچراتمىدىم.
تۈمەن دەرياسى ئاتالغۇسىنىڭ كىلىپ چىقشى توغرىسىدا ھەر خىل كۆز قاراشلار مەۋجۈت.بەزىلەر تۈمەن دەرياسى دىسە،يەنە بەزىلەر تامان دەرياسى دەيدۇ،يەنە بەزىلەر تىمەن دەرياسى دەيدۇ.بۇ ناملار بىلەن ئاتاشنىڭ ھىچقانداق ئاساسى يوق،جۇغراپىيلىك ئەھۋالغىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.
تۈمەن دەرياسى ئەسلى «تومىن دەرياسى»(مەنىسى «دېھقان دەرياسى» دىگەنلىك بولىدۇ)دىن ئۆزگەرگەن.«تارىخى رەشىدىي»دە كۆرسىتىلىشچە،خوتەن، قەشقەر ،يەكەن رايۇنلىرىدىكى ئاھاللەر تۆت تەبىقىگە بۆلۈنگەن بولۇپ ،ئۇنىڭ بىرى «تومىن»دەپ ئاتىلاتتى.بۇ دېھقان دىگەنلىك بولاتتى ،دىيىلگەن .
مەيلى نىمىلا بولمىسۇن ،تارىخىتىن بۇيان تۈمەن دەرياسى گۈزەل قەشقەرنىڭ تۈنۈگۈنى ۋە بۈگۈنىگە شاھىت بوپ كەلدى .ئۆزىنىڭ تىنىمسىز ئىقىنلىرى بىلەن شەھرىمىزنىڭ ھۆسنىگە ھۆسۈن قوشۇپ كەلدى.پۈتكۈل قەشقەر خەلقىنى باقتى.....................
يىقىنقى 10يىل مابەينىدە قەشقەر تۈمەن دەرياسىنىڭ ئىكولوگىيلىك مۇھىتى زور دەرجىدە ياخشىلاندى. ئەمما سۇ مەنبەسى تەبىئىي ياخشى بولماسلىق ۋە باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلى دەريانىڭ سۈيى ئاز، ئاسانلا لاي تىنىپ قالدۇ ،دەريا سۇ يولىنى داۋاملىق ياخشىلاپ تۇرۇشقا توغرا كىلدۇ.يۇقارقى مەسىللەر ھەقىقەتەن خىلى كۈچ تەلەپ قىلدىغان ئىشلار .
ئەمما دەريا ئەتراپى مۇھىتىنىڭ ياخشى ئاسرىلشى ،بۇ ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمى دەريانىڭ بۇلغانماي مەڭگۇ مۇشۇنداق پاكىزە شالدىرلاپ ئىقىپ تۇرشى ئۈچۈن قەشقەر خەلقى جۈملىدىن قەشقەر شەھەر خەلقى دەريا مۇھىتىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈشى كىرەك.
ئاخىردا تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى بىلدىغانلىرى بولسا ئورتاقلىشىپ باقساق دىگەن ئۈمىددىمەن..
مەنبە:
ئادىل مۇھەممەت تۈزگەن «قەشقەر مەجمۇئەسى»
نۇرمۇھەممەت ئۆمەر تۈمەن 0998
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-14 12:37 AM
|
|
|
|
|
|