مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2802|ئىنكاس: 37

ئۇيغۇر ۋە مەۋجۇتلۇق(كۆك ھىلال) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 875
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5053
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 386 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 05:57:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر ۋە مەۋجۇتلۇق(كۆك ھىلال)
كونا يىپەك يولى بىلەن خاراپلىشىپ بىكىنمىچىلىك قوينىغا سىڭىپ كەتكەن قەدىمىي مەدەنىيەتلىك بۇ مىللەت يىڭى يىپەك يولى بىلەن قايتا ئۆمۈتكە تولغان بولسىمۇ،ئەمما باش كۆتۈرۈش جەريانىدىكى ئاسمىلاتسىيە تەغدىرىدىن قىچىپ قۇتۇلالمىدى.سىياسىي،ئىقتىسادىي جەھەتتە ئاجىز مىللەت ئۆزىدىن بىر دەرىجە ئۈستۈن مىللەت تەرپىدىن ئاسمىلاتسىيە بولۇنۇپ كىتىشى ھەيران قالارلىق ئىشمۇ ئەمەس.ئۇيغۇرلار ھونلارنىڭ ئەۋلادى .كونا تاڭ سۇلالىسى تارىخى،يىڭى تاڭ سۇلالىسى تارىخى،يازما ھۆججەتلەر تەتقىقاتى،قامۇسنىڭ داۋامى،دىگەندەك نوپۇزلۇق خەنزۇچە تارىخى ماتىرياللادا(ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى ھونلار ئىدى)دەپ ئىنىق خاتىرلەنگەن.ئۇيغۇرلار تازا قۇدرەت تاپقان ۋاقىتلاردا توخرىلار،سوغدىلار فىتانلار،ساكلار قاتارلىق مىللەتلەرنى ئاسمىلاتسىيە قىلغان،ھەتتا چىڭگىزخاننىڭ ئەۋلادى بولمىش چاغاتاي دەۋرىدىن كىيىن شىنجاڭدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان بىرنەچچە قەبىلە ئىچىدە دوغلات قەبىلىسىنى ئاساسەن ئۆزىگە قىتىۋالغان.دىمەك ئاسمىلاتسىيە بولۇش ۋە بولۇنۇش ۋەزىيىتىدە  ۋەزىيەت ھۆكۈمران ئورۇندىكى مىللەتكە،ياكى ئىقتىساد،مەدەنىيەت تەرەققىي قىلغان مىللەتكە پايدىلىق بولىدۇ.ئۇيغۇرلار نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە مىللەت.تارىم ۋادىسىدا ئەزەلدىن تارتىپ ئىنسانلار ياشاپ كەلگەن ئاتۇش ناھىيىسىنىڭ ئاغۇ يىزىسى تەۋەسىدىن تىپىلغان 10مىڭ يىل بۇرۇنقى 18 ياشلىق ئەرنىڭ باش سۆڭىكى بۇنۇڭغا ئىسپات بولالايدۇ، فىزولۇگىتىلىك تەتقىقارلار بۇ جەسەتنىڭ قاڭشارلىق .ئورا كۆز كەلگەن كىشى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.دىمەك ئۇيغۇر مىللىتى شىنجاڭنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئاھالىسى.بۇ ئاھالە نەچچە مىڭ يىللىق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ ۋە ئۆزگىچە مەدەنىيەت بايلىقىنى ياراتقان.نەچچە مىڭ يىللىق بوران چاپقۇندىمۇ ئۆز مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتمىغان شۇنداق تارىخى مەدەنىيەتكە،سەلتەنەتكە ئىگە مەدەنىيەتلىك بىر مىللەتنىڭ ئاسمىلاتسىيە تەغدىرىگە چۈشۈپ قىلىشى كىشىنى چوڭقۇر ئەندىشىگە سالىدۇ.
ئۇيغۇرلار ئۇيغاق مىللەت،ئۇيغۇرلاردىن ھەرقانداق تارىخى دەۋىر شارائىتىدا مىللەتپەرۋەر رەھبەرىي زىيالىي چىقىپ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ كەلگەن.لىكىن ئۆزگىچە مائارىپ فڭجىنىدىن كەلگۈسىگە قارايدىغان بولساق تىل مەسىلىسىنىڭ ئۆزىلا بۇنداق مىللىي ئاڭغا،مىللىي روھقا ئىگە كىشىلەرنىڭ كىلىش مەنبەسىنى ئۈزۈپ قويىدۇ.ئۇيغۇرلارنىڭ ئاسمىلاتسىيە بولۇش تەغدىرىنى ئىچكى تاشقى سەۋەبلەر بىلەن ئىزاھلايدىغان بولساق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى جەھەتتە، سىياسىي،ئىقتىسادىي ئاڭ،شارائىت ئاجىزلىقى بىلەن بىرگە ئىلىم-پەن تەرەققىياتىدىكى ئۇتۇقچىلارنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى بىلەن ئىزاھلاش مومكىن.تاشقى سەۋەبلەر ئانا تىل ئوقۇتىشىنىڭ يوقۇلىشى.كۆچمەن چوڭ مىللەت كىشىلىرى بىلەن ئارلىشىپ ئولتۇراقلىشىش جەريانىدىكى مىللىي ئاسمىلاتسىيىسسى قاتارلىقلار. ئەلۋەتتە بۇنۇڭغا يوشۇرۇن قارا قوللار ھەركەتلەندۈرۈش ھالەتتە.
ئۇيغۇرلار ئىتىقادلىق مىللەت،ئۇيغۇرلاردىكى ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلانى ئاسمىلاتسىيە قەدىمىدىن قوغداپ كىلىۋاتقان يوشۇرۇن قورغان.ئەپسۇس نەچچە ئون يىللىق ئاتىئىزىم تەربىيىسى بۇ ئۆتكەلنى ھالەك قىلىش ھالىتىدە تۇرىۋاتىدۇ .ئۇيغۇرلانىڭ سانى مانجۇلارغا قارىغاندا ئاز .شۇنداق تۇرۇقلۇق 160 مىليۇن نوپۇسقا ئىگە(200-يىللىق نوپۇس ئىستاستىكىسى) مانجۇمىللىتى چىڭ سۇلالىسى يوقۇلىشى بىلەن بىرگە 50 يىل ئىچىدە ئومۇمىي گەۋدە بويىچە ئاسمىلاتسىيە بولۇپ كەتكەن.بۇ مانجۇ مىللىتىنىڭ،ئەنئەنىگە تىلغا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكى بىلەن بىرگە ئىتىقاد خاسلىقى بولمىغانلىقىنىڭ مەھسۇلى.
مىللەتنىڭ ئاسمىلاتسىيە بولۇش جەريانى تىلدىن باشلىنىدۇ.تىلنىڭ رولى يوقالسا مىللەتمۇ يوقىلىدۇ.بۇ ئەقەللىي ساۋات.مىللىي ئوقۇتۇشنىڭ يوقۇلىشى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئاسمىلاتسىيىگە بولغان(چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلىشى)دۇر.بۇنۇڭغا مىللەت بويىچە تەدبىر قوللانمىسا ئاسمىلاتسىيە دەرىجىسى چوڭقۇرلاپ كىتىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن ئىتقاندا ئۇيغۇر مىللىتى چوڭقۇر تارىخى ئاساسقا،مىللىي مەدەنىيەت ئۇلىغا ئىگە مىللەت،شۇڭا ئۇيغۇرلانىڭ ئاسمىلاتسىيە بولۇشى ئازراقلا ۋاقىت كىتىدىغان جەريان ئەمەس.ئۈنۈملۈك بولغان،ئازراقلا تەدبىر بولىدىكەن مىللەتنى بۇ ئۆتكەلدىن  ئۆتكۈزۈش بىردەملىك.ئۇيغۇرلار يەنە كۈچلۈك قورغان-ئىسلام دىنىي بولغان ئىتىقاد كاپالىتىگە ئىگە.بۇمۇ بىزگە نىسبەتەن ئىجابىي تەرەپ.
مەركەزنىڭ سىياسەتلىرى ۋە ئاساسىي قانۇن،ب د ت نىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش نىزاملىرى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئەنئەنىسى ئۆز مىللىي مەدىنيىتىنى ساقلاپ قىلىشى،تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنلىرىدا بەلگىلەنگەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز خاسلىقىنى ساقلاپ قىلىشقا دائىر قانۇنىي بەلگىمىلەر مۇئەييەن نىزاملار ئارقىلىق سىياسىي كاپالەتكە ئىگە.بىز ئۆز ھوقۇقىمىزنى مەملىكىتىمىزنىڭ ئالاقىدار قانۇنىي نىزاملىرى ئارقىلىق قوغدىقساق تامامەن بولىدۇ.بىزگە مەركەزنىڭ ھەمدەم بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
ئەمدى ئانا تىلنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنىڭ كىچىكلەپ كىتىشى،ئاتىئىزىم تەربىيىسى،ئۇيغۇر ئىتىكىسىنىڭ سۇسلاپ كىتىشى دىگەندەك سەۋەبلەر ئاسمىلاتسىيىنىڭ كاتالىزاتۇرلىرىدىن ئىبارەت.
تۈزەش تەدبىرلىرى:
1:مىللەتگە گەۋدە سۈپىتىدە ئانا تىل قوغداش تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇش كىرەك.ئانا تىلنى مائارىپقا قايتۇرۇپ ئەكىلىش ھەرقانداق مىللىي ئەزانىڭ بۇرچى.بۇ بۇرۇچ بىزنى بۇدۇنيادا ئەۋلاتلىرىمىز ئالدىدا ئۇدۇنيادا ئەجداتلىرىمىز ئالدىدا جاۋابكار قىلىدۇ.
2:مەكتەپتىن باشقا سورۇنلاردا ئاتىئىزىم تەربىيسىنى چەكلەش كىرەك.بالىلارنى ئەنئەنىۋىي ئىتىقاد بويىچە تەربىيلەش ھەربىر مۇسۇلمان ۋە ئۇيغۇرنىڭ مەسئۇلىىتى.
3:يەھۇدىيلارنىڭ مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىيىسىدىن ئۈگۈنىش كىرەك.زەھەرنى زەھەر بىلەن قايتۇرۇش مومكىن.ھەرقانداق مىللىي ئەزا ئورتاق بىر مىللىي غايە مىللىي بۇرۇچ ئاستىدا ئۇيۇشمايدىكەن.ئۇ خارابلىشىشقا يول ئالغان مىللەت بولىدۇ.مىللىي روھ سىڭمىگەن ئۇيغۇر پەرزەنتى ئۇيغۇرچە خارەكتىردىن مەھرۇم بولىدۇ.
4؛ئىتىكا تەربىيىسىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي ئەدەپ-ئەخلاق نىزاملىرىنى پەرزەنىتلەرنىڭ كاللىسىغا قۇيىۋىتىش زۆرۈر.ئۆزىگە خاس ئىتىكا خاسلىقىنى ساقلىمىغان مىللەت ئوڭايلا يوقۇلۇپ كىتىدۇ.
مەسىلىنى مەسىلە دەپ قارماسلىق ئەڭ چوڭ مەسىلە.ھازىرنىڭ ئۆزىنىلا ئىلىپ ئىتساق مەدەنىيەت بۆشۈكلىرىمىزدە تىنغان مىللىي نوپۇسنىڭ ساقلىنىپ قىلىشى ياخشى بولسىمۇ،شىمالىي شىنجاڭدىكى 2مىليون نوپۇس ئاسمىلاتسىيە پاتقىقىغا پىتىپ بولدى.ئۇلار چوڭ مىللەت بىلەن نىكاھلىنىپ شۇ توپ ئىچىگە ئۆزلىشىش باسقۇچىغا يەتتى.
مىللىتىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قىلىش ھەربىر ئۇيغۇر،مۇسۇلمان پۇشتىنىڭ مەسئۇلىيىتى.ئاللاھ ئىگەم ھەر بىرەيلەننى ئۇ دۇنيادا ئاق يۈز قىلسۇن.چوقۇم قانۇن ئارقىلىق مەۋجۇتلۇقىمىزنى،ھوقۇقىمىزنى قوغدايلى.مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلمىگەن كىشى مۇناپىقتۇر.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-13 11:52 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
möljarli + 111 ئاپىرىن ... ئاپىرىن ...

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 111   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86661
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1269
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 231 سائەت
تىزىم: 2012-10-31
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 08:53:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانۇن يولى ئارقىلىق...............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83992
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3928
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1793 سائەت
تىزىم: 2012-8-16
ئاخىرقى: 2014-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 09:07:43 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم مىنىڭچە بۇ سۆز ھەربىر ئۇيغۇر مۇسۇلمان قېرىندىشىمىزنىڭ يۈرەك سۆزى بولغۇسى دەپ ئويلايمەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mujahid-0997 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-13 10:38 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84088
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3033
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2015-2-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 09:46:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئادەمنى ئويلاندۇردۇ...............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76274
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5251
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 286 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 10:06:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاسلىماتسىيە ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. بىرى، ئەقىدىدىكى ئاسلىماتسىيە، بۇنداق بولغىنىدا بىز تېز سۈرئەتتە پۈتۈنلەي قارشى تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىمىز. چۈنكى ئەقىدە يىمىرىلىدىكەن، تىلنىڭ يىمىرىلىشى بىزگە نىسبەتەن ناھايىتى تېز بولىدۇ، سەۋەبى ئەتراپنى باشقا مۇھىت ئاللىقاچان قاپلاپ بولغان، ھەتتا ئائىلىدىمۇ ئانا تىلىدا پاراڭلاشمايدىغانلار بارغانسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ.
يەنە بىرى، تىلدىكى ئاسلىماتسىيە، تىل يوقايدىكەن، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاستا- ئاستا خاسلىقمۇ يوقىلىشا باشلايدۇ، ئەقىدە ساقلىنىپ قالدى دېگەن تەقدىردىمۇ، يەنىلا بىزنى ئايرىش تەسكە توختايدۇ، سەۋەبى بىز دوپپىنى ئاللىقاچان تاشلىۋەتتۇق، سىرتىمىزدىن بىزنىڭ كىملىكىمىزنى بىلدۈرۈپ تۇرىدىغان بەلگىنى تاپماقمۇ تەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25660
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5267
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 1553 سائەت
تىزىم: 2011-1-9
ئاخىرقى: 2014-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 10:07:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازمىڭىزغا ئاپىرىن! ئانا تىل پەقەتلا ئالاقە قۇرالى ئەمەس،بەلكى مەدەنىيەت توشۇغۇچى،مىللى ھىسسىياتنىڭ بەلۋېغى،مىللەتنى تونۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى،ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى،ئۇ يوقۇلۇپ كەتسە ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان ئەڭگۈشتەر. مىللى تىل بولمىسا  مىللى مەدەنىيەت مەۋ جۇت بۇلۇپ تۇرىدىغان تۇپراقتىن ئايرىلىپ قالىدۇ .شۇڭا ئانا تىلنى  قوغداشنى ھازىردىن ئۈزىمىزدىن باشلىشىمىز كېرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76274
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5251
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 286 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 10:08:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىمىزنى ساقلاش ئۆزىمىزگە قالدى. دۆلەت تىل- يېزىق، ئۆرپ- ئادەتكە مۇناسىۋەتلىك پايدىلىق قانۇن- نىزاملارنى تۈزۈپ بەردى، بىز شۇلاردىن تولۇق پايدىلىنىشىمىز كېرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58074
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3551
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 509 سائەت
تىزىم: 2011-9-26
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 10:12:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  
دىققەت قىلىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83608
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3427
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2012-8-7
ئاخىرقى: 2014-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 10:20:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا  دەيسىز  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78640
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3288
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 126 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2014-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 10:26:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېخى يىگىرمە ئوتتۇز يىل بۇرۇن مىللى ئاپتونومىيە  قانۇنلىرى ئاساسەن ئىجرا قىلىنىپ كىلىۋاتقان،ئاستا–ئاستا ھوقوقلىرىمىزدىن ۋاسكەچتۇق.بۇرۇن كوچىدا ھەرقانداق ۋېۋىسكىدا ئۈستىدە چوڭ ئۇيغۇرچە ئىسمى  بولىدىغان،ھەرقانداق ئىدارىدە مىللى كادىرلار ئاساسلىق  بولمىسىمۇ سان جەھەتتە يېرىم ياكى كۆپ قىسىمنى ئىگەللەيتى، ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلە ئەمەستى،ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆز تىلىدا ئوقۇيتتى،ئۇيغۇرلاردىن كوچا سۈپۈرىدىغان ئادەمنى كۆرۈپ باقمىغانتىم(كەمسىتكىنىم يوق)،كارخانىلارنىڭ خىزمەت قوللانمىلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسقىسى بولىدىغان،ھۆججەت چۈشسە ئۇيغۇرچە چۈشەتتى،ھۆكىمەتنىڭ ھەرقانداق مۇلازىمەت كۆزنەكلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە مۇلازىمەت قىلىدىغان كۆزنەكلىرى بولىدىغان،دۇكاندىكى خەنزۇ يولداشلار ئادەتتىكى ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى بىلەتتى،كارخانىلارنىڭ ئۇيغۇرچە گىزىتلىرى بولاتتى، ھەرقانداق ئىمتىھانلارنى ئۇيغۇر تىلىدا بەرگىلى بولاتتى........كىيىن ئىككى قولدىن تەڭ چاۋاك چىقىپ، سوغاق سۇدا پاقا پۇشۇرغاندەك ئىش بولدى.
مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا بۇ ئىشلارنى ئۆزىمىز كەلتۈرۈپ چىقارغان،ئەتراپىمىزدىكى نادان ئاتا ئانىلارنىڭ نا مۇئاپىق تاللاشلىرى بۇ خىل خاتا ئىشنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرۈتكە بولىۋاتىدۇ. خەنزۇچە بىلمىسە خىزمەت تاپالمايدۇ دەپ ئويلايدىغانلار بەك كۆپ ،پەرزەنتنىڭ كەلگۈسى خىزمىتىنى ئويلۈشۇش توغرا ،لىكىن خىزمەت تاپالماسلىقنى تىل غا دۆڭگەش قاغا بالام ئاپپاق دەپ بانا ئىزدىگەنلىك،ئۆزىنىڭ پەرزەنتىنى ياخشى تەربىيىمىگەنلىگىنى ئويلاشماي ،جەمىيەتتىن دۆلەتتىن پارتىيىدىن قاقشاپ،ئۆزىگە تەسەللى تېپىپ ئاتتىن چۈشىۋالغىنى.سىرتقى مۇھىتتا تەڭپۇڭسىسلىق ،ناھەقچىلىق مەۋجۈت،پۈتۈن دۇنيادا ،ھەرقانداق دۆلەتتە مەۋجۈت،بۇنى بانا قىلىش توغرا ئەمەس.بىز ئاتا-ئانىلار ئاۋال ئويغۇنىشىمىز لازىم، ئادەم تەپەككۈرنى ئۆز تىلىدا قىلىدۇ،بىلىم ئېلىش چوقۇم ئۆزتىلىدا بولۇش كېرەك،پەرزەنتتىمىزنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۇنىڭ بىلىمى ئەمەس ئادىمىلىكى بەلگۈلەيدۇ،بىزدىكى ئەڭ ئەجەللىك خاتا كۆر قاراش بىلىمى بولسا ،تىل بىلسە ئاندىن جان بېقىپ كىتەلەيدۇدەپلا ئويلاش .ئادىمىلىكنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويمايمىز ،بالىلىرىمىزنى ئەركە،ھورۇن،قائىدىسىز،جاپاغا چىدىمايدىغان قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىمىز (ئەلۋەتتە قەستەن شۇنداق بولسۇن دىمەيمىز،ئەمەلىيەتتە شۇنداق بوپ چىقىۋاتىدۇ).ئائىلە تەربىيىسىگە ئەھمىيەت بەرمەيمىز،تەربىيەلەش ئۇسۇلىمىز ئىلمى ئەمەس،ئۆزىمىزدىكى نۇرغۇن نۇرغۇن سەۋەنلىكلەر تۈپۈيلىدىن پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا ئولتۇرىۋاتىمىز.
دەۋاگەر سۇس بولسا قازى مۇتىھەم بوپتۇ . ھوقوقنى ئىشلەتسەك ئۇ ھوقوق،ئىشلەتمىسەك ئۇ يوق بىلەن باراۋار. بىز نۇرغۇن ھوقوقلىرىمىزدىن ۋاس كېچىۋەتتۇق،كېچىۋىتىپ بارىمىز.مۈرىگە چىقىرىپ قويساڭ باشقا يامىشىدۇ دىگەن گەپ بار. بىزدە نادانلىق بەكلا ھەددىدىن ئېشىپ كىتىۋاتىدۇ. مەسىلە بەكلا ئېغىر !مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر بولغان ھايات بولغان بولسا< ئۇخلاپ قالغان زىمىن>دىن بىرنى يازغان بولاتتى.گەپنىمۇ قىلغاچ ھەممىمىز قولىمىزدىن كىلىشىچە تىرىشايلى!ئىشكاپلاردا توپا بېسىپ قالغان قانۇن سىياسەتلەرنى ئىشلىتەيلى.پارتىيىمىزنىڭ سىياسىتىى ياخشى ئىشلەتمىسەك پارتىيىگە يۈز كىلەلمەيمىز،گۇنا بىزدە!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alim516 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-13 10:29 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش