|
|
|
|
شاھرۇكخان يېقىندا HIGH ON PASSION12 ژۇرنىلىنىڭ 12-سانىغا چىقتى! ھەمدە ژۇرنالنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئۇنى تونۇشتۇرۇش بىلەن ئۇنىڭ يېڭى چىققان فىلىمى «جېنىم تېنىمدا بولسىلا» تونۇشتۇرۇلىدۇ، ھەمدە مەزكۇر ژۇرنال مۇخبىرى تەرىپىدىن زىيارەت قىلىنغان خاتىرىسى بېرىلدى! تۆۋەندە قىسقارتىلمىسى تەرجىمە قىلىنىپ بېرىلدى!
مۇخبىر شاھرۇكخاندىن سورىغان قسىقىغىنە سۇئال :
شاھرۇكخاندىن سورالغان ئون قىسقىچە سوئال:
1. ھاياتىڭىزدا ئەڭ خۇشال بولغان چاغ قايسى؟
بالام تۇغۇلغان كۈن
2. قايسى سىرتقى قىياپىتىڭىزنى بەك ياخشى كۆرىسىز، ساقاللىق ۋاقتىڭىزمۇ ياكى ساقالسىزمۇ؟
ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن، قىزىم ساقالسىز ھالىتىمنى ياخشى كۆرىدۇ، قىزىمدىن چوڭراق قىزلار ساقاللىق ھالىتىمنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭا مېنىڭچە ساقال ئېلىۋەتكەن ھالىتىم پاكىز چىراي كۆرۈنىدىغان بولغاچقا شۇ ياخشىراق!
3. سىز ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان تۇيغۇ قايسى؟
ئۆزۈمنى ۋە باشقىلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈش
4. رېژىسسور ياش راجنىڭ ئۆزىڭىز ئەڭ ئامراق فىلىمى قايسى؟
:《Deewar》بىلەن《Waqt》قاتارلىق فىلىملەر بەك ئېسىل فىلىملار! مەن بەك ياقتۇرىمەن.
5. بەش سۆز بىلەن ئۆزىڭىزنى سۈپەتلەپ باقامسىز؟
شاھرۇكخان بەرگەن جاۋاب easy、cool、and quite good
ئەركىن-ئازادە، ئالاھىدە، ناھايىتى ياخشى
6. ئەگەر سىز مۇۋەپپىقىيەت قازانغان بىر چولپان بولمىغان بولسىڭىز نېمە بولاتتىڭىز؟
ئوقۇتقۇچى بولاتتىم، چۈنكى مەن تەربىيە بېرىشىنى ياخشى كۆرىمەن.
7. ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بالىلىقتىڭى ئەسلىمىڭىز قايسى؟
بىلمەيمەن، ئەمما چوڭلارنىڭ دەپ بېرىشىچە مەن بىر يېرىم ياش ياكى ئىككى ياش ئەتراپىدىكى چېغىمدا ئۆيدىكى پىئانىنونى چېلىشنى ياخشى كۆرىدىكەنمەنتۇق.
8. شاھرۇكخاننىڭ كۆڭلىنى ئاسان ئالىدىغان ئۇسسۇل قايسى؟
مەن بىلەن بىرگە ئېلېكترونلۇق ئويۇن ئويناش ۋە مېنى ئاۋارە قىلماسلىق
9. سىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان دەم ئېلىش سەيلىگاھلىرى قايسى؟
لوندون بىلەن دۇبەي مەن ئەڭ ئامراق جايلار ھېسابلىنىدۇ، ئادەتتە كۆپ ساياھەتكە چىقالمايمەن، خىزمەت تۈپەيلىدىن.
10. ھەر قانداق بىر ئارتىس سىزدەك بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئۇلار سىزدەك بولۇشى ئۈچۈن قانداق مىجەز ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولىشى كېرەك؟
ئەڭ ئاۋۋال نىشان ئېنىق بولىشى كېرەك. مېنىڭچە بىر ئادەم مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ئارتىس بولىمەن دەيدىكەن ئەڭ ئاۋۋال، ئۆزىگە ماس خاسلىق يارىتىشى كېرەك. ئۆزىگە ئىشىنىشى كېرەك. كىچىك قوشۇمچە روللارنىمۇ كۆڭۈل قويۇپ ئەستايىدىل ئوينىشى كېرەك.
بىر ئىشقا ئىشىنىشى كېرەككى- كىچىك رول يوق، كىچىك ئارتىس بار.
ئەمدى دىققىتىڭلارغا ئۇنىڭ كىنولىرىنىڭ جەمگاھى تونۇشتۇرۇلىدۇ! قېنى ساناپ بېقىڭ ئۇ ھازىرغىچە قانچە فىلىمدا رول ئاپتۇ!
http://player.youku.com/player.php/sid/XNTAwOTI5Mjg4/v.swf
http://player.youku.com/player.php/sid/XNDIxNzE4MTYw/v.swf
مەنبە : ئاقبۇركۈت تەرجىمە تورى
|
|
|
|
|
|