مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1747|ئىنكاس: 24

ئانا، سېمىزلىك ۋە سىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89938
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 347
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 141 سائەت
تىزىم: 2013-1-12
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 04:41:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر قىتىم توردا كۆرۈشكىنىمىزدە ئانام ماڭا «بالام سەمېرىپ قاپسەن، كۆرۈپ خۇش بولدۇم، كىلەر قېتىم كۆرۈشكەندە تېخىمۇ سەمىرگىنىڭنى كۆرگۈم بار» دەپ تاپىلايدۇ. بۇ ناھايتى ئومۇملاشقان بىر ئەھۋال بولۇپ،  ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ۋە جەمئىيتىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر سېمىزلىكنى راھەت تۇرمۇشنىڭ بەلگىسى دەپ قارايدۇ ۋە نۇرمال ئېغىرلىقنى ساقلاشنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئويلۇشۇپمۇ ئولتۇرمايدۇ. ئەڭ يامىنى تۇغۇتلۇق ۋە تۇغۇتتىن كىيىنكى ئانىلارنىڭ سېمىز بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ، ھەتتا تۇغۇتتىن يىشىنگەن ئاياللار سەمىرىپ تۇرمىسا بۇنى ياخشى كۈتۈنمەسلىكتىن دەپ قاراپ ئانىلارغا روھىي بىېسىم ئىلىپ كىلىدۇ. شۇ سەۋەپتىن تۇغۇتلۇق ئاياللار سەمىرىشكە تېرىشىدۇ. سىز بۇنىڭ قانداق يامان ئاقىۋەتلەرنى ئىلىپ كىلىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

ھازىر دۇنيادا سېمىزلىك كېسىلى ئەڭ ئومۇملاشقان، نۇرغۇن يامان ئاقىۋەتلەرنى ئىلىپ كىلىدىغان ۋە داۋالاش قىيىن بولغان كېسەللەرنىڭ بېرى بولۇپ، يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان بۇ خىل كېسەلگە گېرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ سانى 2 ھەسسە ئاشقان. ئامرىكا، ئەنگىلىيە، كانادا قاتارلىق تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە سېمىزلىك كېسىلى ئەڭ كۆپ بولۇپ، سېمىزلىك كېسىلىنىڭ يامان ئاقىۋەتلىرى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغان. ھەتتا سېمىزلىكتىن كىلىپ چىققان ئىككى تىپلىق دېئابىت كېسىلى ۋە يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كىتىدىغانلارنىڭ سانى ئامرىكىدا كېسەل بىلەن ئۆلىدىغانلارنىڭ سانى ئىچىدە ئالتىنچى چوڭ سەۋەپكە ئايلانغان. ئادەتتە، سېمىزلىك تۇرمۇش سەۋىيەسى تۆۋەنرەك، بىر قەدەر ئاز تەربىيە كۆرگەن كىشىلەر توپىدا كۆپرەك كۆرۈلىدىغان بولۇپ، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، تەرەققى تاپقان ئەللەردە نورمال بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش تەربىيە كۆرگەنلىكنىڭ ۋە ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ بەلگىسى دەپ قارىلىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سېمىزلىك كېسىلىگە گېرىپتار بولغانلارنىڭ سانى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت خەلقلىرىدىمۇ تىزدىن ئومۇملىشىشقا يۈزلەنگەن بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن سېمىزلىك كىسىلىنى دۇنيا مىقياسىدا كونتىرول قىلىش چاقرىقى ئوتتۇرغا قويۇلدى ۋە بۇ ھەقتىكى ئىلمىي تەتقىقاتلار ئۈچۈن غايەت زور مىقداردىكى مەبلەغ ئاجرىتىلدى. تۆۋەندە سېمىزلىكنىڭ خەلقئارادا ئورتاق ئېتراپ قىلىنغان ئېنىقلقمىسى، سېمىزلىكنىڭ سالامەتلىككە بولغان تەسىرى ۋە ئانا سېمىزلىكىنىڭ تۆرەلمە ۋە ئەۋلاد سالامەتلىكىگە ئىلىپ كىلىدىغان تەسىرلىرى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىمىز.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئوتتۇرغا قويۇلغان سېمىزلىكنىڭ ئۆلچىمى «بەدەن ئېغىرلىق ئىندىكىسى» ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ.  بەدەن ئېغىرلىق ئىندىكىسى بىر فورمۇلا ئارقىلىق ھېساپلىنىدىغان بولۇپ، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ كىلوگرام سانى ئېگىزلىك مىتىر سانىنىڭ كۋادراتىغا بۆلۈنىدۇ. مەسلەن: بىر كىشىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 50 كىلوگرام، ئېگىزلىكى 1.5 مىتىر بولسا، بۇ ھالدا بۇ كىشىنىڭ بەدەن ئېغىرلىق ئىندىكىسى 22.2 بولىدۇ. ئادەتتە، بەدەن ئېغىرلىق ئىندىكىسى 18.5 تىن 25 كىچە بولسا نورمال ھېساپلىنىدۇ؛ 25 تىن 30 غىچە بولسا «ئېغىرلىقى ئىشىپ كەتكەن» ھېساپلىنىدۇ؛ 30 دىن ئىشىپ كەتكەن بولسا سېمىزلىك كېسىلىگە گېرىپتار بولغان بولىدۇ؛ ئەگەر 18.5 تىن تۆۋەن بولسا «ئېغىرلىقى تۆۋەن» بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

بۇ يەردە توختالماقچى بولغىنىمىز ئىشىپ كەتكەن بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ سالامەتلىككە بولغان تەسىرى بولۇپ،كۆزدە تۇتىدىغىنىمىز بەدەن ئېغىرلىق ئىندىكىسى 25 تىن يۇقىرى بولغان كىشىلەر توپى، ئەلۋەتتە  بەدەن ئېغىرلىق ئىندىكىسى 30 تىن يۇقىرى بولغان كىشىلەر توپى تېخىمۇ چوڭ تەسىرگە ئۇچرايدۇ. ئالدى بىلەن سېمىزلىكنىڭ بىۋاستە تەسىرىنى بايان قىلىمىز. سېمىز كىشىلەردە قاندىكى گلۇكوزىنىڭ مىقدارى نورمال كىشىلەردىن يۇقىرى بولىدۇ؛ بەدەندىكى ياغنىڭ مىقدارىمۇ يۇقىرى بولۇپ، ئېشىپ كەتكەن ياغ مىقدارى بەدەندىكى ئەزالارنىڭ ياللۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سېمىز كىشىلەرنىڭ ئىشتىھاسى ئادەتتىن تاشقىرى زور بولۇپ، سېمىزلىكنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرىدۇ. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، 40 ياشتا سېمىزلىك كېسىلىگە گېرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ ئۆمرى نۇرمال ئېغىرلىقتىكى كىشىلەردىن ئاز دىگەندە يەتتە يىل تۆۋەن بولغان. سېمىزلىك كېسىلىنىڭ ۋاستىلىك تەسىرلىرى تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، قاندىكى ئېشىپ كەتكەن گلۇكوزا مىقدارى ئاشقازان ئاستى بىزىنىڭ كۆپلەپ ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرىشىنى زۆرۆرىيەتكە ئايلاندۇرىدۇ. سېمىز كىشىلەردە ئىنسۇلىننىڭ گلۇكوزىغا بولغان سەزگۈرلۈكى تۆۋەنلەپ، ئىنسۇلىن قارشىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ-دە، ئىككى تىپلىق دىئابىت كېسىلىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. سىتاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، سېمىزلىك كېسىلىگە گېرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىي مەلۇم مەزگىلدىن كىيىن دىئابىت كېسىلىگە گېرىپتار بولىدۇ. شۇمۇ مەلۇمكى، يۇقىرى قان بىسىمى بىمارلىرىنىڭ 70 پىرسەنتى سېمىز كىشىلەردۇر. سېمىزلىك كېسىلى يەنە يۈرەك قان-تومۇر كىسەللىكلىرى، راك كېسىلى، سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلى، جېگەرنى ماي قاپلاش كېسىلى ۋە تۇغماسلىق كېسىلى قاتارلىق ئېغىر كېسەللىكلەر بىلەن باغلىنىشى بار، دەپ قارالماقتا.
ئانىلاردىكى سېمىزلىك كېسىلى تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە ئېغىر مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنى ئانىدىكى سېمىزلىك تۆرەلمىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشى ۋە كىيىنكى سالامەتلىكىگە مەڭگۈ ئورنىنى تولدۇرغۇسىز زىيانلارنى ئىلىپ كىلىدۇ. نۇرغۇنلىغان تەتقىقات نەتىجىلىرى شۇنى كۆرسىتىپ بىرىدۇكى، ئانىلاردىكى سېمىزلىك تۇغۇتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىلا تۆرەلمىنىڭ نورمال مېڭە تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ؛ تۆرەلمىنىڭ يۈرەك، ئاشقازان ئاستى بىزى، ياغ قاتارلىق قىسىملىرىنىڭ بىنورمال تەرەققىي قىلىشىنى ۋە تۇغۇلغاندىن كىيىنكى ھاياتىدا سېمىزلىك كېسىلى، ئىككى تىپلىق دىئابىت كېسىلى ۋە يۈرەك قان-تومۇر كېسەللىكلىرىگە يۇقىرى نىسبەتتە گېرىپتار بولۇشىنى پروگراممىلايدۇ. بۇ خېل ھادىسە بىئولوگىيە تەتقىقاتىدا «تۆرەلمىنىڭ پروگراممىلىنىشى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، تۆرەلمە بالىياتقۇ مۇھېتىدىكى ھەرخىل پاسسىپ ئامىللارنىڭ تەسىرىدە تۆرەلمىنىڭ بىنورماللىقىنى ۋە كىيىنكى ھاياتىدىكى سالامەتلىكىنىڭ ناچار بولۇشىنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

خۇلاسىلىغاندا، سېمىزلىك مەيلى ئەر مەيلى ئايال بولسۇن سالامەتلىككە زور ناچار تەسىرلەرنى ئېلىپ كىلىدۇ. بولۇپمۇ، پەرزەنتلىك بولۇش ئالدىدىكى ئاياللارنىڭ  نورمال ئېغىرلىقتا بولۇشى ئۆزى ھەم كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ ساغلام بولۇشى ئۈچۈن ناھايتى مۇھىم. بىز ئۇيغۇر جەمئىيتىدىمۇ نۇرمال ئېغىرلىقنى ساقلاشنىڭ مۇھىملىقىنى تەشۋىق قىلىشىمىز ھەم ساغلام تۇرمۇش ئادىتى يىتىلدۈرۈپ، ساغلام يېمەكلىك ۋە بەدەن چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىمىز ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ بەختىنى كاپالەتلەندۈرىشىمىز تولىمۇ زۆرۈر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-13 04:57 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 1762
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8170
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1291 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 05:03:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ ئىگىزلىگىم 183sm  ، ئېغىرلىقىم 83kg  ,  بەدەن ئېغىرلىق ئىندىكىسى 24 ئەتراپىدىغۇ دەيمەن ، قارىغاندا مەن نۇرمال ئوخشايمەن .

ئاتمايدىغان تاڭ يوق ،
پاتمايدىغان كۈن يوق .

بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 3945
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19729
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 831 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 05:14:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ سىمىزلىكتىن قانداق قۇتۇلغىلى بولىدۇ؟ئاددىراق بىرەر ئامالى بارمۇ؟ھەم تىز ھەم توغرا مەنپەت قىلىدىغان ئامال بولسا دەڭلار.
مەنغۇ 67 كىلوگىرام كىلىمەن.بوي ئىگىزلىكىم بىر مىتىر 83 نۇرىمال دىسەم بولىدۇ.

ئىتلار قاۋاۋېرىدۇ،كارۋان يولىغا مېڭىۋىرىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82720
يازما سانى: 509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3708
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 235 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 05:18:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ ئېغىرلىقىم ئېشىپ كېتىپتۇ ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 1762
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8170
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1291 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 05:25:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كارۋان يوللىغان ۋاقتى  2013-1-13 05:14 PM
بۇ سىمىزلىكتىن قانداق قۇتۇلغىلى بولىدۇ؟ئاددىراق بىرە ...

بوي ئېگىزلىكىمىز تەڭكەن . سىز 67 كىلونى سىمىز دەمسىز ؟

ئاتمايدىغان تاڭ يوق ،
پاتمايدىغان كۈن يوق .

بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 3945
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19729
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 831 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 05:30:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
!UYGHURJAN يوللىغان ۋاقتى  2013-1-13 05:25 PM
بوي ئېگىزلىكىمىز تەڭكەن . سىز 67 كىلونى سىمىز دەمسىز ؟[s ...

سىمىز دىمىدىم نورمال.

ئىتلار قاۋاۋېرىدۇ،كارۋان يولىغا مېڭىۋىرىدۇ!

ھايا قىلمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74747
يازما سانى: 830
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6024
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 562 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 05:35:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  مەن نوپنورمال .....( 170cm  , 57kg )   يەنىلا شۇ سەمرىپ كېتىشتىن ساقلانماي بولمايدۇ .

بىزلەر خەقلىشىپ ، خەقلەر بىزلىشىپ ... !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89101
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 272
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 79 سائەت
تىزىم: 2012-12-25
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 05:52:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما يوللاپسىز،ھارمىغايسىز!
سىزدەك ،دوستىمىزسەۋەپكاردەك ۋە باشقا دوسلاردەك ئۆزى بىلىدىغاننى كۆپچىلىك بىلەن  ئاكتىپ ئورتاقلىشىدىغان زىيالىلار كۈنسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ، بۇخىل زىيالىلارغا خاس روھ  كىشىنى تولىمۇ سۆيۈندۈرىدۇ. بىللە تىرىشايلى،مىسرانىم مۇنبىرىدە ساغلاملىق بابىدا ئوت چىقىرىۋىتەيلى،بۇ ئوت ئۇچقۇنلىرى  كۈتۈنىشنى بىلمەيدىغان مۇزلىغان قەلىبلەرنى ئېرىتىۋەتسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85950
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 764
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 127 سائەت
تىزىم: 2012-10-11
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 06:18:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر كۈنى ئۈزۈلدۈرمەي چىنىقىپ تۇرۇش كىرەك، يۈگۈرۈش بەك ياخشى چارە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89101
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 272
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 79 سائەت
تىزىم: 2012-12-25
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 06:25:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جۇڭگۇ خەلىق ساغلاملىق يانفۇن نۇمىرى دىگەن كىتاپتا كۆرسىتىلىشىچە،ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ بەل ئايلانمىسى ئايرىم ھالدا 2.8چى ۋە 2.6چى دىن ،يەنى 94سانتىمىتىر  ۋە 87سانتىمىتىر دىن ئارتىپ كەتمەسلىكى كېرەككەن.تەتقىقات قىلىنىشىچە،ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ بەل ئايلانمىسى ئايرىم ھالدا 85 سانتىمىتىر ۋە 80 سانتىمىتىر دىن ئارتىپ كەتكەندە،قان بىسىمىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تۆۋەن تۇرغانلارغا قارىغاندا 3.5 ھەسسە ئارتىپ كىتىدىكەن.ھازىر مەملىكىتىمىزدە ھەر 5 ئادەمنىڭ ئارىسىدا 1 ئادەمدە يۇقىرى قان بىسىمى بار ئىكەن.
سىمىزلىكتىن قۇتۇلىشنىڭ بەزى تەدبىرلىرى:
تاماقنى 7-8 ئۈلۈش تويۇنۇپ يىيىش،تاماقنىڭ ئومۇمى مىقدارىنى كونتۇرۇل قىلىش،ھەرخىل رەڭلىك تاماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ يىيىش،يېرىك ئاشلىقلارنى قەدىرلەپ يىيىش،پۇرچاق،بىلىق،تۇخۇملارنى مۇۋاپىق يىيىش،سەي-كۆكتات ۋە مىۋە-چىۋىدىن ئايرىلماسلىق،قورىمىغىلارغا ماينى ئازراق سىلىش،يىتەرلىك سۇ ئىچىش،ئېغىزنى  ئوبدان باشقۇرۇش،توغرا ئۇسۇلدا ساغلام ئورۇقلاش.
1،3،5،7 پىرىنسىپى بويىچە ھەركەت قىلىش:
1: ھەر كۈنى ئاز دىگەندە 1 قىتىم ھەركەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
3: ھەر قىتىمقى ھەركەتنى 30 مىنۇت داۋاملاشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.
5: ھەر ھەپتىدىكى چىنىقىش قىتىم سانى 5 تىن ئاز بولماسلىقنى كۆرسىتىدۇ.
7:ھەر قىتىمقى ھەركەتتە ،يۈرەكنىڭ سوقۇش قىتىم سانى ھەر مىنۇتىغا 170تىن يىشىنى ئىلىۋەتكەندىكى سان(مەسىلەن،50ياش ئادەمنىڭ 120قىتىم ) دىن ئاتىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
ئۇندىن باشقا ھەربىر ئادەم ھەر كۈنى 10000 قەدم مىڭىپ بىرىشى كېرەككەن،كۈنىگە 6000 قەدەمدىن ئاز ماڭىدىغانلار كىسەلىكنىڭ باشلىنىش ھالىتىدە تۇرىدىكەن،2000 قەدەمگىمۇ يەتمەيدىغانلار ئاساسەن ساغلام بولالمايدىكەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش