مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1263|ئىنكاس: 18

ئاياللارمۇ قارار چىقىرىپ باقسۇن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89938
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4648
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 364 سائەت
تىزىم: 2013-1-12
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 04:38:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېقىندا بىر دوستۇم مىنى يوقلاپ كەلگەندە ماڭا مۇنداق بىر ھېكايە سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئۇنىڭ ئاكىسى ئىككى يىل ئىلگىرى بۆرەك زەئىپلىشىش كېسىلى بىلەن دوختۇرخانىدا يىتىپ قالغان بولۇپ، جىددىي بۆرەك ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلگەن. ئۇنىڭ بەش قېرىندىشى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە پەقەت ۋە پەقەت بىرسىنىڭلا قان تېپى توغرا كەلگەچكە، ھەممە ئۈمۈد پەقەت شۇ بىر قېرىنداشتىلا قالغان ھەم ھەممەيلەن شۇنداق خۇشال بولۇشقان. چۈنكى ماس كېلىدىغان بۆرەك تاپماق ئۈنچە ئاسان ئەمەس، يەنە كىلىپ، باشقىلارنىڭكىنى نۇرغۇن پۇل خەجلەپ سېتىۋىلىشقا توغرا كىلەتتى. بۆرىكى ماس كەلگىنى دوستۇمنىڭ ھەدىسى بولۇپ، ئۇ ھەدىسى ئاللىبۇرۇن توي قىلىپ ئىككى بالىسى بار ئىدى. ئۇمۇ ئۆز ئاكىسىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالالايدىغانلىقىدىن خۇشاللانغان ھەم ئىككىلەنمەيلا بىر بۆرىكىنى ئاكىسىغا تەقدىم قىلىشقا تەييارلانغان ئىدى. ئەپسۇسكى ئۇنىڭ يولدىشى بۇ خىل ئىنسانىي مېھرى-مۇھەببەتكە تولغان بىر ئىشنى قوللاش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە دوستۇمنىڭ ھەدىسىگە: «سەن بىر بۆرىكىڭدىن ئايرىلىپ چوقۇم كىيىن كېسەلمەن بولۇپ قالىسەن، ئۇ چاغدا مەن سىنى بېقىشقا چولام يوق، ئاناڭنىڭ ئۆيىگە بىرىپ يات. سەن مۇشۇ سەۋەپتىن پۈتۈن ئائىلىمىزنى بەختسىز قىلىسەن» دەپ، ئۇنى بار كۈچى بىلەن توسىغان. ئاخېرىدا، ئۇ ئەر ئاتا-ئانىسىنىڭ ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ نەسىھىيتى بىلەن ئامالسىز بۇ ئىشقا قوشۇلغان. شۇنداق قىلىپ دوستۇمنىڭ ئاكىسىنىڭ ھاياتى قۇتقۇزۇپ قىلىنغان. ھازىر دوستۇمنىڭ ھەدىسى بىر بۆرىكى بىلەن ساغلام تۇرمۇش كەچۈرمەكتە.

بۇ ئاددىي ھېكايە ئۇيغۇر جەمئىيتىمىزدىكى بىر ھەقىقىي يۈز بەرگەن ۋەقە بولۇپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن ھېكايىلەر بولۇپ ئۆتتى ياكى داۋاملىشىۋاتماقتا. بۇ يەردە كىشىنىڭ دېققىتىنى قوزغايدىغان سۇئال: ئەگەر بۇ ئىش شۇ ئەرنىڭ قېرىندىشىدا يۈز بەرگەن بولسىا، بۇ ئەر ئايالىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرارمىدى؟ ھەم ئايالىنىڭ بۇ ئىشقا ئارىلىشىش ھوقوقى بولارمىدى؟ مېنىڭچە ئۇنداق بولىشى ناتايىن ئىدى. گەرچە دىنىمىزدا ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزدە، ئەر ۋە ئاياللارنىڭ باراۋەرلىكى تەكىتلىنىدىغان بولسىمۇ، لىكىن جەمئىيتىمىزدىكى چوڭ-كىچىك نۇرغۇن ئىشلاردا يەنىلا ئاياللارنىڭ ھوقوقلىرى مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا كاپالەتكە ئىگە ئەمەس. نۇرغۇن ۋاقىتلاردا، بىز ئەرلەرنىڭ ئاياللىرىنى ھەتتا يىگىتلەرنىڭ قىزلارنى خۇددى ئۆز مۈلۈكىدەك كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ھوقوقلىرىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىۋاتقىنىنى ئۇچرىتىمىز ۋە ئاڭلاپ تۇرىمىز. ئەلۋەتتە، بۇ دىگەنلىك ھەممىلا ئادەم شۇنداق دىگەنلىك ئەمەس، ۋە ياكى ئەر ۋە ئاياللار ھەر بىر ئىشتا چوقۇم تەڭ تۇرىشى كىرەك دىگەنلىكمۇ ئەمەس. بەلكى مەن بۇ يەردە تەكىتلىمەكچى بولغىنىم، بىر قىسىم ئەرلىرىمىزدىكى ھەددېدىن زىيادە چوڭچىلىق قىلمىشلىرى ۋە ئاياللارنىڭ يولدىشى ۋە يولدىشىنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرى تەرىپىدىن تەڭسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىشى، ئادالەتسىزلىك، غەيۋەتخورلۇق ۋە زۇلۇمدىن بەختسىز كىشىلەرگە ئايلىنىشىدىن ئىبارەت بولغان بىر رىئاللىقتۇر. بۇ توغرىدىكى مىساللار جەمئىيتىمىزدە قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ.  جەمئىيتىمىزدە ئەۋج ئالغان قىزلارنىڭ پەزىلىتىنى ئەمەس بەلكى مال-دۇنياسىنى ھەممىدىن چوڭ بىلىدىغان، كىلىنلەردىن قۇسۇر ئىزدەپ ئەر-ئاياللارنىڭ نىكاھ مۇناسىۋىتىگە تەسىر يىتىدىغان ئىشلار بۇنىڭ مىساللىرى بولالايدۇ. بۇ توغۇرلۇق چوڭ ھەجىمدىكى بىر ماقالە يېزىش مۇمكىن بولسىمۇ، مەن يۇقرىدىكى قىسقا مىسال ئارقىلىق تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

ئەسكەرتىش: بۇ تېمىنىڭ مەقسىتى ھەرگىزمۇ جەمئىيتىمىزدىكى ئەرلەرنى قامچىلاش بولماستىن، بەلكى يۇقرىدىكى ھېكايىدە ئېيتىلغاندەك نامۇۋاپىق قىلمىشلارنى قامچىلاپ، ساغلام بولغان ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاشقا تۈرتكە بولىدىغان كۆز قاراشلارنى تارتىپ چىقىشتىن ئىبارەت. تورداشلارنىڭ مۇلاھېزىلىرى ۋە ئىنكاسلىرىدا ئېغىر-بىسىق، ئىلمىي ھەم ئەپۇچان بولۇشىنى سورايمەن.

باغراش كاككۇكى!!!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 3187
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 15239
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 967 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 04:59:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋۇ يازمىڭىز كىشىنى قايىل قىلدۇ . ئاياللار ئەمەس ئەرلەرمۇ ھەرقانداق بىر ئىش يۈزبەرگەندە بىر تەرەپتىنلا ئەمەس. ئۆزىنى باشقىلارنىڭمۇ ئورنىغا قويۇپ بېقىپ ئاندىن. قارار چىقارسا.
ئادەم دېگەن ئاق كۆڭۈل بولغانغا يەتمەيدۇ.

سۆيۇشلەرنى كۈتۈپ يۈرۈپ ، كۈتۈشلەرنى سۆيۈپ قالدىم. .باغراش كاككۇكى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7660
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 780 سائەت
تىزىم: 2012-5-17
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 05:15:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۇ ئايالنىڭ يولدىشى بەك ناچار ئادەم ئېكەن

مەن قۇئان كەرمدە قانداق بىر ئادەم يانا بىر ئادەمنى ناھەق ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۋالسا
پۇتۇن دۇنيا مۇسۇلمانلىرنى قۇتقۇزۋالغاندەك بولىدۇ دىگەندەك گەپنى ئوقۇغاندەك قىلغان مەن دىگەن گەپ توغۇرلۇق بۇلدىغان تورداشلار بولسا تولۇقلاپ قويۇڭلار

ئالتۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88502
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 295
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 05:21:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ يولدىشىم بىلەن نەچچە كۈن ئاۋال مۇ شۇ ئىش توغرىلىق قىزىرىشىپ قالغىلى تاسلاقالدىم.
مىنىڭمۇ بىر دوستۇمنىڭ ئىنىسىغا بۆرەك ئالماشتۇرماقچى ئىدى.دوستۇمنىڭ سىڭلىسى بەرمەكچى بولۇپتىكەن ،مۇشۇ ئىشنى يولدىشىمغا ئېيتىپ بەرسەم ، يولدشۇم ئەگەر سىز بىرەر ئىنى-سىڭىلىرىڭىزغا بىر بۆرىگىڭىزنى بەرگەن بولسىڭىز مەن ھەرگىز قوشۇلمايمەن دىگەن ئىدى. مىنىڭ ناھايتى كۆڭلۈمگە كەلدى. مىنىڭچە جەمىيتىمىزدە بۇنداق بىرلىككە كىلەلمەسلىك خىلى كۆپ بولىشى مۈمكىن.

ھايا قىلمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74747
يازما سانى: 848
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6140
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 599 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2013-6-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 05:23:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    تېمىدىكى ئەر : ئايالى بۆرىكىنى بەرگەندىن كېيىن ، ئايالىنىڭ چۇقۇم كېسەل بۇلىدىغانلىقىنى قانداق بىلىدۇ . ئۇ ئەر بىر ئىشنى بەلگىلىيەلەمتى ، ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ بۇيرىقى بىلەن بۇلىدۇ . ھېچقانداق بىر ئىشقا بىز ئىنسانلار ئالدىنئالا ھۆكۈم چىقىرالمايمىز ، شۇڭا بىز ھەرقانداق گەپ _ سۆز قىلىشتا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك . بىز ئېغىزىمىزنى باشقۇرالماي گەپنى چىقىرىۋېتىپ ،گەپ بىزنى باشقۇردىغان قىلىپ قويساق پۇشايمان قىلغان بىلەنمۇ كىچىككەن بولىمىز .
     ئاياللىرىمىزنىڭ پەخرى ئىكەن تېمىدىكى ئايال . ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم . ئەر _ ئايال چۇقۇم بىر _ بىرىنىڭ ھالىغا يېتىشى ۋە چۈشۈنىشىشى كېرەك ، ئەلۋەتتە .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kar0923 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-13 05:31 PM  


بىزلەر خەقلىشىپ ، خەقلەر بىزلىشىپ ... !

ياخشىلار مىنىڭ 

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35468
يازما سانى: 742
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5786
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 452 سائەت
تىزىم: 2011-3-28
ئاخىرقى: 2013-8-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 06:28:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

  ئادەم بەك شەخسىيەتچى بوپ كەتسىمۇ بولمايدۇ . ناۋادا ئۇنىڭ ئورنىدا مەن بولسام قانداق قىلاتتىم  ؟  دىگەننىمۇ ئويلاش كىرەك .

ئىگىسىز جەسەتنى تۇنۇۋىلىڭلار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84308
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 475 سائەت
تىزىم: 2012-8-25
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 06:31:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
muslima402 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-13 05:21 PM
مەنمۇ يولدىشىم بىلەن نەچچە كۈن ئاۋال مۇ شۇ ئىش توغرىلى ...

تۇۋا  ....يۇلدىشىڭىز ،  سزنى چۇشەن مەيدىكەن .........

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1987
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19149
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7469 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2013-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 06:53:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەقنىڭ بۆرىكىنى پۇلغا سىتىۋىلىپ سالغان ئادەمنى ئادەم دىمەيمەن . ئادەمنىڭ ھاياتى ئەگەر شۇنىڭغا لايىق بولسا ئۆلۈشكە زارىمەنكى ..... مۇشۇ ئىشقا شەرىئەت قانداق قارايدىغاندۇ ....

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89101
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 407
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2012-12-25
ئاخىرقى: 2013-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 09:56:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۆرىكىنى باشقىلارغا بىرىشتە ،ئاۋال ئۆزىنىڭ يەنە بىر بۆرىكى ساغلام بولىشىنى ئالدىنقى شەرىت قىلىش كېرەك ،ئاندىن بورەكنى قوبۇل قىلىش ئوبىكتى ياردەم بىرىشكە ئەرزىمدۇ دىگەندىمۇ نۇختىلىق ئويلىشىش كېرەك،بىر تۇققان قىرىندىشىم دەپلا بۆرىكىمنى بىرىمەن دىسە بولمايدۇ،ناۋادا ئۇ كىشى  كۈتۈنۈشنى بىلمەيدىغان ،ئۆزىنىڭكىنىلا راس قىلىدىغان جاھىل ئادەم بولسا ،ئۆزىنىڭ كۆپ يىللىق ساغلام بولمىغان تۇرمۇس ئادىتى ھەققىدە قىلچىلىك ئويلانمىغان ۋە ئويغانمىغان بولسا، مىنىڭ شەخسى پىكرىمچە بولغاندا ياردەم بىرىشكە  ئەسلا ئەرزىمەيدۇ،بولمىسا بەدىنىدە يەكلەش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىدى دىگەن تەقدىردىمۇ،ناچار تۇرمۇش ئادىتى تۈپەيلىدىن يەنە بىر نەچچە يىلدىن كىيىن قايتا بۆرەك زەئىپلىشىش كىسىلىگە گىرىپتار بولىشى مۇمكىن. ئادەم خاتالىق ئۆتكۈزسە،جازاسىنى كۆپىنچە باشقىلار تاتىدۇ،بولمىسا ئىنسان خاتالىقنى ئازراق ئۆتكۈزگەن بولاتتى!
غەرىپچە تىبابەتتە،ئادەم بىر بۆرەككە تايىنىپ نورمال تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ دەپ قارىلىدۇ،ئەمما قايسى كىتاپتا قاچان كۆرگىنىم ئىسىمدە قالماپتۇ،ئەنئەنىۋى جۇڭيى تىبابىتى نەزىرىيىسىگە ئاساسلانغاندا سول تەرەپتىكى بۆرەك ئۆرلىتىشكە،ئوڭ تەرەپتىكى بۆرەك تۆۋەنلىتىشكە مەسئۇل دەپ قارىلىدۇ،شۇڭلاشقا بىر بۆرەك بىلەن قالغاندا كۈتۈنىشكە ،جۈملىدىن بۆرەكنى ئاسراشقا بەكرەك ئەھمىيەت بىرىش كېرەك. بۇ ۋەقەگە چىتىشلىق ئاكا ۋە سىڭىلنىڭ تېنىنىڭ سالامەت، ئائىلىسىنىڭ ئىناق ئىتتپاق بولۇشىغا تىلەكداشمەن.مىنىڭ بۆرەكنى ئاسراش تەدبىرلىرى دىگەن ماقالەم سىلەرگە ئازدۇر كۆپتۇر پايدىسى بولار دېگەن ئۈمۈدتىمەن.
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-95789-1-1.html

ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14934
يازما سانى: 1271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16756
تۆھپە نۇمۇرى: 1082
توردا: 579 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 10:38:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ  ھەممە ئادەمگە ئىمان ئەقىل  بەرمسە  بىكا  دە  مۇشنداق

ئۆز ساغلاملىقىڭىزغا  مەبلەغ سېلىشتىكى ئالدىن تاللىشىڭىز ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇلاتلىردۇر
(نۇپۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمۇس كېمەيدى )(ســــــــــەۋەپــــــكـــــــار)
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش