مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1700|ئىنكاس: 14

ئۆگىتەيمۇ؟ئۆگىنەيمۇ؟ئۆلەيمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11146
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2794 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 04:22:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                          ئابدۇجېلىل ئاۋۇت
جۇڭگودا كارخانائاچقان ئامېرىكىلىق بىر خوجايىن دەم ئېلىش ۋاقتىدا ئىشچى–خىزمەتچىلەرنى كۆزدىن كۆچۈرۋېتىپ،جۇڭگولۇق بىر قىزنىڭ كىتاب كۆرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن ‹‹كۆرۈۋاتقىنىڭىز قايسى كىتاب؟›› دەپ سوراپتۇ. ھېلىقى قىز كىتابنى كۆرسىتىپ‹‹ ‹ئېنگىلىزچە- خەنزۇچە لۇغەت›، مەن ئېنگىلىزچە سەۋىيەمنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بوش ۋاقىتلىرىمدا ئۆگۈنۈۋاتىمەن›› دەپتۇ.ھېلىقى خوجايىن چىراينىمۇ ئۆزگەرتمەستىن قىزغا ‹‹ سىز دەرھال مالىيە بۆلۈمىگە بېرىپ،بۇ ئايلىق ئىش ھەققىڭىزنى ئېلىۋېلىڭ.كەچۈرۈڭ! بىزگە ئۆگۈندىغان ئەمەس ،ئۆگىنىپ بولغان خادىم كېرەك .سىزنىڭ ئۆگىنىشىڭىز خىزمەت ئۈنۈمىڭىزگە تەسىر يەتكۈزىدۇ›› دەپ ئۇنى ئىشتىن بوشتىۋېتىپتۇ.
بىز باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە تېخى دۆلەت شىتاتىغىمۇ ئۆتۈپ بولالمىغان، ئوقۇش تارىخى ئارانلا ئوتتۇرا تېخىنىكۇم،ھەتتا تولوقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ بولغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قولىدا ئوقۇغان بولساقمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بىزگە ئاجراتقان ۋاقتى ۋە بەرگەن بىلىمى ناھايىتى مول بولغان ئىدى. ھەرقايسى پەنلەردىكى دەرسلىكلەردە بىرەر كىچىك مەسلىلەرنىمۇ قالدۇرماي بىزگە ھەل قىلدۇرۇپ ئۆزلىرى يەنە خۇلاسە چىقىرىپ بەرگەننىڭ سىرتىدا،قولىغا چىقىپ قالغان دەرستىن سىرتقى خىلمۇ خىل كىتابلارنى بىزگە ئوقۇپ بېرەتتى. بىز بىلەن خىلمۇ-خىل قىزىقارلىق ئويۇنلارنى ئوينايتى. شۇ سەۋەپتىن مەن ئۆزەمنىڭ ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىم(1979-1987)نى تولىمۇ بەختلىك چاغلىرىم دەپ قارايمەن. بىز بىر سىنىپتا ئوقۇغان ئاتمىش نەچچە ئوقۇغۇچىدىن ئەللىك نەچچىمىز ھەردەرىجىلىك مەكتەپلەرنى پۈتۈرۈپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇق. قىسقىسى،مەن ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇستازلىرىمدىن بەكمۇ رازى!
ئەمدى مېنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمچۇ، مېنىڭدىن رازىمۇ؟! مەن ئۇلارغا قانچىلىك ۋاقتىمنى ۋە زېھنىمنى ئاجىرتالىدىم؟! ئوقۇغۇچىلىرىمنى قويۇپ تۇرۇپ، ئۆزەمدىن سوراپ باقاي،مەن ئۆزەم خىزمىتىمنىڭ ئۈنۈمىدىن رازىمۇ؟! ياق،مەنخىزمەت ئۈنۈمىمدىن قەتئىي رازى ئەمەس!!!سەۋەبى،مەن ئوقۇغۇچىلىرىمغا قىلىپ بېرىمەن،قىلدۇرىمەن، بىلدۈرمەن دەپ ئويلىغانلىرىمنىڭ ھېچقايسىسنى ئەمەلگەئاشۇرۇپ بولالمايلا ئۇلار ئوقۇش پۈتۈرۈپ كەتتى.ئۇلارغا يۈز كېلەلمەيمەن،ئاشۇ ئوقۇش پۈتۈرۈپ كەتكەنلەرنىڭ نەچچىسى تېخى ساۋاتسىز ئىدى!!! شۇنداق،مېنىڭ ۋاقتىم ۋە زېھنىمنىڭ ئوتتۇز-قىرىق پىرسەنتى يالغان ئارخىپ ئىشلەش،تۈرلۈك باھالاشلارنى كۈتىۋېلىش،مەكتەپ بېقىش،قوشۇمچە كىرىم ئەمگىكى،ئايىقى چىقماس يىغىن ۋە سىياسىي ئۆگۈنۈشلەرگە،يەنە ئوتتۇز-قىرىق پىرسەنتى خەنزۇ تىلى ۋە باشقا ھەرخىل ئۆگۈنۈش- گۇۋانامە ئېلىشلارغا سەرىپ بولۇپتۇ. ئوقۇچىلىرىمغا سەرىپ قىلغان ۋاقتىم ۋە زېھنىم شۇ يىگىرمە ئوتتۇز پىرسەنتلا بولۇپتۇ. ئوقۇپ ئالغان گۇۋاھنامىلىرىمنىڭ سانىمۇ يىگىرمە-ئوتتۇزغا يىتىپتۇ. لېكىن ئۆگىنش ۋەزىپەم ھېچ تۈگەي دېمەيدۇ. بۇ ئۆگۈنۈشلەر خىزمەتتىن ئايرىلىپ ئېلىپ بېرىلدىغان ئۆگۈنۈش ئەمەس، بەلكى خىزمەت ئىشلەشكە بىرلەشتۈرۈپ، كەچتە دەرستىن چۈشۈپ، دەم ئېلىش، تەتىل ۋاقىتلىرىمدا ئېلىپ بېرىلدىغان ئۆگۈنۈش.ھەتتا بەزىدە بىر-ئىككى ھەپتىلىك بايراملاردىمۇ، بۇنداق ئۆگۈنۈش،ئوقۇشلارغا سان كىلىپ قالىدۇ. جۈمە،شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى شەھەرگە بېرىپ ئوقۇپ، ھەپتىنىڭ قالغان تۆت كۈنىدە خىزمەت ئىشلىگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئاجىراتقان ۋاقىت ۋە زېھنى بايا مەن ئوتتۇرغا قويغان پىرسەنتكىمۇ يەتمەيدۇ ئەلۋەتتە. تىل تاپشۇرۇقىمنى ئىشلەيمەن، كونسىپىكىمنى تەيارلايمەن دەپ ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ تاپشۇرۇق دەپتىرىنى ۋاقتىدا تەكشۈرەلمەي قالغان ۋاقىتلىرىمۇ خېلى كۆپ بولۇپتۇ مېنىڭ……
مەن بەزىدە ھازىر بىز ئوقۇغۇچىلارنى تەجىرىبە قورالى قىلىپ تۈرلۈك مائارىپ تەجىربىلىرنى ئىشلەپ سىناق قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇغىغا كېلىپ قالىمەن. مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئوقۇغۇچىلىرىمنى قانداقمۇ رازى قىلالايمەن. قانداق ۋاقىتتا ئوقۇتۇش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇلىنالايمەن؟ ئوقۇغۇچىلىرىمنىلا ئەمەس،ھەتتا ئۇرۇق- تۇغقانلىرىمنىمۇ رازى قىلالمىدىم.‹‹ سىز بۇ دۇنيادا بارمۇ!؟››دەيدۇ ئۇلارنى ئايدا- يىلدا بىر قېتىم ۋاقىتنىڭ ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ يوقلاپ بارسام .مەن بالىنىڭ كىچىكى،لېكىن چاچلىرىم چۈشۈپ،كۆزلىرىم ئولتۇرشۇپ،يۈزلىرىم تاتىراڭغۇلىشىپ دېھقان ئاكىللىرىمدىن بالدۇرلا چىرايىمدىن قېرىپ كەتتىم. بىزنى ئانچە بەك تونۇمايدىغانلار ئاكىلىرىمغا ‹‹سىلەرنىڭ چېچىڭلار شۇنداق ياخشى تۇرۇپتۇ. ئەمما ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەيدىغان ئاكاڭلىنىڭ چېچى ھەجەپ چۈشۈپ كېتىپتۇ›› دەپ سورايدىكەن. ھازىر بىزنىڭ مەكتەپتە 24سىنىپ، يەتمىش نەچچە شىتات بار.بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تۇلۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەنلەر، ھەتتا بۇلارنىڭ ئىچىدە چەتئەللەردە ئوقۇپ كەلگەنلەرمۇ بار. بىراق،ئەمىليەتتە مەكتەپتە دەرس ئۆتىدىغانلار قىرىققا ئاران-ئاران يىتىدۇ. قالغانلارنىڭ بىر قىسىمى بالنىستتا، بىر قىسىمى مائارىپ ئىشخانىسىدا،مائارىپ ئىدارىسىدا، بىر قىسىمى شەھەردىكى مەكتەپلەردە ئارىيەتتە، يەنە بىر قىسىمى قوش تىل ئوقۇشىدا…..
بىزدىكى ئادەم قىرىق كىشى،بىزگە چۈشكەن ۋەزىپە يەتمىش كىشىلىك، شۇنىڭ بىلەن يوقۇرىدىن تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى ۋاقتىدا ئورۇنلاپ بولالمىغانلىقىز ئۈچۈن مودېرنىڭ دەم ئېلىشقا قويۇپ بەرگىسى بولسىمۇ قويۇپ بېرەلمەيدۇ. قۇيۇپ بەرمىسىمۇ، سېسىق گەپ قىلىپ، جېرمانىگە مىندۈرۈپ قويمىسىلا مەيلىتىغۇ! مۇشۇ كۈنلەردە ئۇيغۇر يېزىقىدىن خەۋىرى بولسىمۇ،خەنزۇچە گاۋجۇڭنى پۈتۈرگەن مىنكوۋخەنلەرنىڭلا ئەڭ غېمى يوق.باشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ،ھەتتا مودېرنىڭمۇ بېشىدا غەم: ئۆي غېمى،ئۆيلىنىش غېمى،ئەڭ يامىنى تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ،خىزمىتىنى ساقلاپ قېلىش غېمى….
ئۆتكەن يىل‹‹ئىككى ئاساسەن››خىزمىتىنى ئاپتونۇم رايۇنغا ئۆتكۈزۈپ بىرىش مەزگىلىدە مەكتىبمىزدىن بىر قىز ئوقۇتقۇچىمىز، باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئەر ئوقۇتقۇچىمىز بىز بىلەن ۋاقىتسىز خوشلاشتى. بۇلارغا سالامەتلىكى ھەقىقەتەن ياخشى ئەمەس ۋە سالامەتلىكى خېلى ياخشى بولسىمۇ ياش ۋە ئوتتۇرا ياش تۇرۇپلا كېسەل پىنسىيەسىگە چىقىش ئۈچۈن دوختۇرغا قىزىل بولاق سۈڭگۈتكەن،بالنىستتىكى ئېغىر كېسەللەرگە پۇل بېرىپ ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ۋە يېشىنى يادىلاتقۇزۇپ تەكشۈرتكۈزگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوڭۇشسىزلىقلىرى ۋە ئوڭۇشلۇق دەم ئېلىشقا چىققانلىقى،ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى ئەمەس،تاۋار ئۆي ئىسلاھاتى،قوش تىلدا دەرس ئۆتەلمەيدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەتكە تەكلىپ قىلىنمايدىغانلىقى ھەققىدىكى پاراڭلار قوشۇلۇپ،ئوقۇتقۇچى لارنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتىگە بولغان قىزغىنلىقىنى بىردىنلا سۇسلاشتۇرۋەتتى. ھازىر بەزى كۆڭلىدىكىنى ئەينەن دېۋىتىغان ئوقۇتقۇچىلار دېگەندەك ئوقۇتۇش،ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگۈتۈش 2-3-ئورۇنغا ،ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆگۈنۈپ گۇۋانامە; ئېلىشى ۋە مۇقۇملۇق،بىخەتەرلىك – ئورۇنغا قويۇلدى.گەپنىڭ قىسقىسى،بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋاقتىمىز ۋە زېھنىمىز ئۆزۈمىزنى كۈچەيتىشكە-ئۆگۈنۈشكە بۆلۈنۈپ كەتكەن بولغاچقا، ئوقۇتۇشقا، ئوقۇغۇچىلارغا قاراتقان ۋاقتىمىز يىتەرلىك بولماي، ئوقۇتۇش ئۈنۈمىمىزمۇ ماس ھالدا تۆۋەنلەپ كەتتى.
شەھەر موھىتىدىغۇ تىل ئۆگىنىش ئانچە تەسمۇ ئەمەس، ۋاقىتمۇ خېلى يىتەرلىك چىقىدۇ. بارچە ئوۋالچىلىق يېزا مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا بولدى.بىچارە ئوقۇتقۇچىلار قىش كىرىش بىلەن ئەتىسى ئەتىگەندە كېلىپلا ئەسكى مەش قويۇلغان بولسىمۇ تېخى ئسسىغۇچە بولمىغان سوغۇق زالدا مودېرنىڭ سۇغۇق گەپلىرىنى تۈگىتىپ ئىشخانىغا چقىپ مەشكە ئوت قالاپ بولغىچە 1-سائەت دەرسنىڭ ۋاقتى قىستاپ قالىدۇ. نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىن ۋېلىسپىتتا ياكى پىيادە كەلگەن بىچارە بالىلارمۇ سىنىپقا ئوت قالاپ، بەدىنىنى ئىسسىتىپ بولغىچە مۇئەللىم سىنىپقا كىرىدۇ. ئىككى-ئۈچ سائەت دەرس ھەر ھالدا تىنچ-ئامان ئۆتۈلىدۇ.3-ياكى4-سائەت دەرس ۋاقتىدا باھالاشنىڭ خەۋىرى كىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار سىنىپ،ياتاق ۋە مەيدان تازىلاش بىلەن،ئوقۇتقۇچىلار ئىشخانىسىنى يۇيۇپ تازىلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ چۈشلىك ئارامنىڭ توشقانلىقىنى تۇيمايلا قالىدۇ.ئىسسىق ماشىنىدا ئولتۇرۇپ كەلگەن باھالاش غوجاملارنىڭ كۆزىگە يېزا مەكتەپلەرنىڭ ئىشخانىسىدىكى، سىنىپىلىرىدىكى ئاستىغا كۈل ئۆتىغان مەشلىرى ياكى خىش بېسىلغان پوللىرىنىڭ بىرى ئۆزلىرىنىڭ مەخسۇس خادىم سۈرىتىپ تازىلايدىغان،چاقچۇق بېسىلغان، يېڭى پار ئورنىتىلغان ئىشخانىسىدەك پاكىز، يېقىملىق كۆرۈنمەي قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرنەچچە ئېغىز پىكىر ئۈچۈن بىرنەچچە كۈن كۈنىگە ئىككى قېتىم، ئۈچ قېتىم تازىلىق قىلىش باشلىنىپ كېتىدۇ. ئەتىسى يەنە باشقا بىر تۈرلۈك باھالاشنىڭ گېپى كېلىدۇ .ئوقۇتقۇچىلار يەنە…. بۇ ئالدىراشچىلىقتا ئالدىنقى كۈنى ئۆگەنگەن خام سۆز ۋە جۈملىلەر ئادەمنىڭ يادىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كېينكى سائەتتە ئۆتىدىغان دەرس ھەققىدىكى ئويلىنىشنى توختىتىپ، خام سۆزنى قايتا يېزىشقا توغرا كېلىدۇ. دەرسخانىدا ئۆتۈلگەن دەرسمۇ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسخانىدىكى كەيپىياتىمۇ ئادەتتىكىچىلا بولىدۇ. كەچتە يەنە ئەتىنىڭ غېمى ئۈچۈن مەشنىڭ كۈلىنى چۈشۈرۈپ سىرتقا ئاچقىۋېتىپ،مەشكە ئوتۇن يېرىپ سېلىپ، ئوت ياققۇدەك قىلىپ بولغىچە زاۋال ۋاقتى بولىدۇ………
ھېلىقى باھالاش غوجاملار بىر تالاي يالغان ئارخىپلارنى، دەرەخنىڭ يوپۇرماقلىرىنى، ئوت-گىياھلارنى، خۇدانىڭ رەھمىتى- مەيداندىكى قارلارنى كۆرىدى-يۇ، كومپىيوتېرخانا،يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش ئۆيى، قىرائەتخانا ۋە كىتابخانىلاردا پارنىڭ يوقلىقىنى كۆرمەيدۇ. بىرەر ئىېغىز بولسىمۇ‹‹ كومپىيوتېرخانا ۋە كىتابخاناڭلاردا يا پار، يا مەش يوق ئىكەن . قانداق ئېچىۋاتىسىلەر، قانداق پايدىلىۋاتىسىلەر؟›› دەپ سوراپ قويمايدۇ…….
ئەستا، مەن قاخشاشقا ۋايساشقا بەك ئۆچ ئىدىم. بۇ يازمامدا مۇشۇ مەن ئۆچ پۇراق خېلىلا كۈچلۈك بولۇپ كېتىپتۇ ئەمەسمۇ! تورداشلار، مېنى‹‹تازىمۇ بىر چىدامسىز ئوقۇتقۇچىكەن،جاپا چەكسىمۇ مىللەتنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈنغۇ›› دەپ ئويلاپ قالىدىغان بولدۇڭلار.خەير، ۋايساشلىرىمنى مۇشۇ يەردە توختىتاي. × × ئەتە ئۆتىدىغان بىر سائەتلىك دەرسنى تەييارلاپ بولۇپ، مەزكۈر يازمامنى يېزىۋاتىتىم. ئايالىمنىڭ كۈيىنىش ئارىلاش كايىشى يەنە باشلاندى. ــ ئۇخلىسىڭىز بولمامدۇ! سىزگە جان لازىم ئەمەسمۇ!!؟ خىزمەتنى دەپ ئاخىرى رەخمان مۇئەللىمدەك جېنىڭىزنى سېلىپ بىرىپ، ئارام ئالىدىغان ئوخشايسىز!! ئۇنىڭ ئاخىرقى سۆزى مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. ‹‹مەن زادى قانداق قىلاي!ئۆگۈتەيمۇ،ئۆگۈنەيمۇ ياكى ئۆلەيمۇ !!؟ بۇ دۇنيا گەرچە رەھىمسىز،جاپا-مۇشەققەتلەر بىلەن تولغان بولسىمۇ،يەنىلا شۇنداق گۈزەل تۇرسا مېنىڭ دوستلىرىمدىن، دۈشمەنلىرىمدىن،دەرسخانىدا مېنىڭ يولۇمغا تەلمۈرۈپ ئولتۇرغان ئۈمىد يۇلتۇزلىرىمدىن…قانداقمۇ ۋاز كەچكۈم كەلسۇن !! ماڭا جان لازىم ! بولدى،ئۇخلاي.››
ھەربىر ئەقىل ئىگىسى ئويلىنىشقا تىگىشلىك ياخشى تىما بولغانلىقى ئۈچۈن ، باغداش مۇنبىرىدىن كۈچۈرۈپ كەلدىم .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-13 08:37 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
SAWER316 + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ياخشىلار مىنىڭ 

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35468
يازما سانى: 718
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5910
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 456 سائەت
تىزىم: 2011-3-28
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 06:19:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

   تېمىڭىزدىن تولىمۇ سۈيۈندۈم . گەرچە بۇ بىر ئۇقۇتقۇچىنىڭ ئويلىغانلىرى بولسىمۇ ،لىكىن سىزگە ئوخشاش مائارىپ سىپىدە جاپا چىكىۋاتقان ئاشۇ جاپاكەشلەرنى ئەسلىتىپ قويدىڭىز .....

ئىگىسىز جەسەتنى تۇنۇۋىلىڭلار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85950
يازما سانى: 350
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2389
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 239 سائەت
تىزىم: 2012-10-11
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 06:23:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قولىڭىزدىن كىلىشىچە ئۈگۈنۈپ، ھەم ئۈگۈتۈشىڭىز كىرەك، ئۆلۈشنى تاللاش ئىنسانغا تەئەللۇق ھوقۇق ئەمەس، ئۆلىمەن دەپ ئۆلگىلى، ياشايمەن دەپ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغىلى بولمايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11146
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2794 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 06:28:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yasinawut يوللىغان ۋاقتى  2013-1-13 06:19 PM
تېمىڭىزدىن تولىمۇ سۈيۈندۈم . گەرچە بۇ بىر ئۇقۇتقۇچى ...

كەچۈرۈڭ ! يازغۇچى بىلەن تىما يوللۇغۇچى مۇناسىۋەتسىز . مەن ئۇقۇتقۇچى ئەمەس ، مائارىپى يۈكسەلمىگەن مىللەت قۇل بۇلۇر .
ئۆز مائارىپىغا كۈڭۈل بۆلمىگەن مىللەت ، كەلگۈسىنى دەپنە قىلغان مىللەت .
دېگەندەك ھىكىمەتلىك سۆزلەر بار . ھازىر مائارىپىمىز ئېغىر كىرزىسكە دۇچار بولماقتا .
بۇ ھەر بىر مىللەت سۈيەر كىشىلەرنىڭ ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسلە .
بۇ تىما يوللىنىپ بىر سائەت بولغۇچە 136 قېتىم كۈرۈلدى . لىكىن مۇشۇ تىما ئۈستىدە ئويلۇنۇپ كۈڭۈلدىكىدەك ئىنكاس يازدىغان ئەزادىن بىرسى چىقماپتۇ .
يۇمۇر ياكى بىرە دۆلەتنى ،مىللەتنى سۇكۇدىغان تىما بولسا نەچچە بەت ئىنكاس چۈشەر بولغىيتتي بۇ چاققىچە .
بىزنىڭ ھازىرقى مائارىپىمىز سۈپەتنى ئەمەس ساننى ، ئۈنۈمنى ئەمەس شەكىلنى بەكرەك چوڭ بىلىدىغان ئوخشايدۇ .

بېشىم ئاغرىپلا ت

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42291
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6393
تۆھپە نۇمۇرى: 289
توردا: 3807 سائەت
تىزىم: 2011-5-27
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 06:37:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقوتقۇچىلارنىڭ خىزمىتى بەكلا جاپالىق جۇمۇ.....

‹جىنايةت› جةميةتلةشسة ‹جىنايةت› بولماي قالىدۇ..........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84308
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 492 سائەت
تىزىم: 2012-8-25
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 06:37:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sutbulak يوللىغان ۋاقتى  2013-1-13 06:23 PM
قولىڭىزدىن كىلىشىچە ئۈگۈنۈپ، ھەم ئۈگۈتۈشىڭىز كىرەك، ئ ...

----بۇ گەپ  تۇغرا....

gadankax111 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 06:48:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5635
يازما سانى: 1498
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10432
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3527 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 06:53:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىقىندىن بىرى تور دۇنياسىدا مائىرىپىمىز توغۇرلۇق نۇرغۇن تىما يوللىنىۋاتىدۇ. بىز مەيلى قايسى ساھەدە ئىشلەيلى زارلىنىدىغان ئىشلار بەكلا كۆپ، زارلانساقمۇ بەزى ئىشلارنى ئۆزگەرتەلمەيمىز. چۇنكى ‹قورسىقى ئاچنىڭ دەردىنى توق بىلمەپتۇ› دىگەندەك.

مەن پەقەت چۇشتىكى ئاققۇ خالاس، ھەرگىز رىئالىق ئەمەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11146
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2794 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 07:05:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
gadankax111 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-13 06:48 PM
!UYGHURJAN ئەپەندىم، پىكرىڭىز ھەقىقەتەن ئورۇنلۇق. قىنى ...

سىز بەك خاتىرجەم ئۇخلامسىز نىمە .


ئويغان!
ئاپتورى: ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
1921-يىل، تۇرپان
ھەي، پېقىر ئۇيغۇر، ئويغان، ئۇيقۇڭ يېتەر،
سەندە مال يوق، ئەمدى كەتسە جان كېتەر.
بۇ ئۆلۈمدىن ئۆزەڭنى قۇتقازمىساڭ،
ئاھ، سېنىڭ ھالىڭ خەتەر، ھالىڭ خەتەر.

قوپ! دېدىم، بېشىڭ كۆتەر، ئۇيقۇڭنى ئاچ!
رەقىبنىڭ بىشىنى كەس، قانىنى چاچ!
كۆز ئېچىپ ئەتراپقا ئوبدان باقمىساڭ،
ئۆلىسەن ئارماندا، بىر كۈن يوق ئىلاج.

ھېلىمۇ جانسىزغا ئوخشايدۇ تېنىڭ،
شۇڭا يوقمۇ ئانچە ئۆلۈمدىن غېمىڭ؟
چاقىرسام قىمىرلىمايلا ياتىسەن،
ئويغانماي ئۆلمەكچىمۇ سەن شۇ پېتىڭ؟

كۆزۈڭنى يوغان ئېچىپ ئەتراپقا باق،
ئۆز ئىستىقبالىڭ ھەققىدە ئويلان ئۇزاق.
كەتسە قولدىن بۇ غەنىمەت، پۇرسىتى،
كىلەچەك ئىشىڭ چاتاق، ئىشىڭ چاتاق.

ئېچىنار كۆڭلۈم ساڭا، ھەي ئۇيغۇرۇم،
سەبدىشىم، قىرىندىشىم، بىر تۇققۇنۇم.
كۆيۈنۈپ ھالىڭغا ئويغاتسام سېنى،
ئاڭلىمايسەن زادى، نېمە بولغىنىڭ؟!

كېلىدۇ بىر كۈن پۇشايمان قىلىسەن،
تەكتىگە گەپنىڭ شۇ چاغدا يېتىسەن.
«خەپ» دېسەڭ شۇ چاغدا ئۈلگۈرمەي قالۇر،
شۇندا، ئۇيغۇر، سۆزىگە تەن بېرىسەن.

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1998
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18575
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7556 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 07:11:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەردە قىرىلارنىڭ ئارسىدا ئويناپ چوڭ بولغان ئەزالار خىلى بار ، قانۇن نىمە ؟ بۇنى بىلمەي تۇرۇپ ئىككى ئىغىز يۈرەكتىكى گەپنى قىلالماي ئىچىگە سەپ قويۇپ ياشاپ تۈگەپ كىتىدۇ بۇلار ..
ئادەم تەرەت قىلغانغا بوشايدىغان قورساق باشقا ، ئادەم گەپ قىلغانغا بوشايدىغان قورساق باشقا ،،، بۇ يەردە بىر ئادەم سىلەرنى نامايىش قىلىڭلار ياكى ھۆكىمەتكە نارازىلىق بىرىڭلار دىمىدى .  كۆڭلۈڭلاردىكى مائارىپقا بولغان چۈشەنچەڭلارنى ئازراق بولىسىمۇ دەپ بىقىڭلار دىدى . كۆڭەلدىكى سۆزمۇ ئارماننىڭ بىر قىسىمى .  سىلەردەك كۆڭلىدىكى گەپنى قىلالماي قانۇننى كەمسىتىدىغان ئادەمگە جاڭچۈنشەن كالا سويۇپ ، نەخ پۇل بەرسىمۇ رازى بولمايسىلەر . قانۇننى يەنىلا ئۆچ كۆرسىلەر . تىخى نادانلىق بارئىكەن .

ئوبدان تىما بوپتۇ . باغداشتا كۆرمەپتېكەنمەن .

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش