|
|
|
|
ئامىرىكىدا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشقا تەييارلانغان قېرىنداشلارغا سۆز ئۇلۇغۋار ئارزۇلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ چەتئەلدە ئىلىم تەھسىل قىلىش ئىستىكىدە ئىزدىنىۋاتقان قېرىنداشلار ھارمىغايسىلەر! سىلەرنىڭ قانچىلىك جاپا ۋە غەملەر بىلەن گۈزەل غايەڭلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىڭلار ماڭا ئايان. چەككەن جاپايىڭلار يەردە قالمىغاي. ئەگەر سىلەر بۇ يىل كۈز ئوقۇشقا كىرىشنى پىلانلىغان بولساڭلار، بەلكىم ئاللىقاچان ئىلتىماسلارنى تاپشۇرۇپ، چەتئەلدىكى مەكتەپلەردىن جاۋاپ كۈتىۋاتقانسىلەر، ۋە ياكى كەلگۈسى بىر قانچە يىل ئىچىدە چەتئەلدە ئوقۇش ھەققىدىكى شېرىن خىياللار ئىلكىدە قانداق تەييارلىق قىلىش توغۇرسىدا ئۇچۇر ئىگەللەۋاتقانسىلەر. مەيلى قانداق بولمىسۇن، مەن ھەممىڭلارنىڭ بۇ ئۇزۇن ھەم مۈشكۈل سەپەردە ھارماي-تالماي، بەل قويۋەتمەي داۋاملىق ئالغا ئىنتېلىشىڭلارنى تىلەيمەن ھەم شۇنى سەمىڭلارغا سالىمەنكى، سەۋر ۋە ئەجىرنىڭ تىگى ئالتۇن!
گەرچە چەتئەلدە ئوقۇش توغۇرسىدىكى تېمىلار نۇرغۇن تور بەتلەردە كۆپ قېتىملاپ تىلغا ئىلىنغان ھەم باشقا يېزىقتىكى تورلاردا بۇ توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار توننىسى بىلەن توشۇپ تۇرسىمۇ، بەزى دىيىلمەي قالغان ياكى سىلەرنىڭ سەمىڭلارغا سىلىپ قويۇش زۆرۈر بولغان نوقتىلارنى بۇ يەردە يەنە بىر تىلغا ئىلىپ ئۆتمەكچىمەن. چەتئەلدە ئوقۇش ناھايتى چوڭ بىر تېما بولغاچقا، مەن ئۆزۈم بىر قەدەر تونۇش بولغان ۋەتىنىمىزدە تولۇق كۇرس ياكى ماگستىرلىقنى پۈتتۈرۈپ، ئاندىن چەتئەلدە يۇقۇرلاپ ئوقۇماقچى بولغانلارغا ماس بولغان نوقتىلاردا توختىلىمەن. بىلىشىمچە، ۋەتىنىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە «ئامرىكا قىزغىنلىقى» تېخى پەسىيىپ قالغىنى يوق.بۇنىڭدىكى سەۋەپلەر نۇرغۇن بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئاسپىرانتلىق مائارىپىنىڭ سۈپىتى نۇرغۇن كەسپلەردە دۇنيادا بىرىنچى ئورۇنداتۇرىدۇ. ئەگەر سىز بىر بىلىم تەشناسى بولسىڭىز، ۋەتەندىكى مەكتەپلەردىكى ئۆتۈلگەن دەرسلەردىن قانائەت ھاسىل قىلمىغان بولسىڭىز ۋە ياكى دۇنيانىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىدىكى پىروفىسسورلىرىدا تەربىيەلىنىش ئارزۇسىدا بولسىڭىز، ئامرىكا ئالىي مەكتەپلىرى ھەقىقەتەن سىزنى ئاشۇ ئارزۇلىرىڭىزغا يەتكۈزىدۇ.
شۇنىمۇ يەنە بىر تەكىتلەش كىرەككى، ئامېرىكا دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەر ئىچىدە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى ئەڭ كۆپ قوبۇل قىلىدىغان ھەم ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقانلار ئۈچۈن ئەڭ كۆپ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن تەمىنلەيدىغان دۆلەتتۇر. دىيارىمىزدىن ئامرىكىغاچىقىپ ئاسپىرانتلىق (ماگستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇق) تا ئوقۇۋاتقان كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئامرىكا ئالىي مەكتەپلىرى تەمىنلىگەن تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن، يېنىدىن بىر تەڭگە پۇل چىقارماي ئوقۇش ۋە تۇرمۇشلىرىنى داۋام قىلماقتا. شۇڭا سىزمىنىڭ ئاتا-ئانام باي ئەمەس، ئامرىكىدا ئوقۇشنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرەلمەيمەن دىگەندەك گەپلەردىن يىراق تۇرۇڭ، پەقەت پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن تىرىشسىڭىزلا، ئامرىكىغا كىلىپ ئاسپىرانتلىقتا ئامرىكىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن ئوقۇشىڭىز تامامەن مۇمكىن.
شۇنچە نۇرغۇن كىشىلەرگە سېخىيلىق بىلەن ئىشىكىنى ئاچقان ئامرىكا، ئەلۋەتتە ئۇيغۇرقېرىنداشلىرىمىزنىمۇ قارشى ئالىدۇ. كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى، دىيارىمىزدىن ئامرىكىدا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇيدىغانلارنىڭ سانى ئەسلىدە بولۇشقاتىگىشلىك ساندىن تولىمۇ يېراق. ئامرىكىدا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش ئۈچۈن، پەقەتتېرىشچانلىق بىلەن تەييارلىق قىلىش ۋە ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا بەلگىلىك مەبلەغ سېلىشقا توغرا كىلىدۇ. لىكىن سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە ئىشەنچىڭىز بولسا ھەم شۇنىڭغا چۇشلۇق ئىرادە ۋە غەيرىتىڭىز بولسىلا، سالغان مەبلەغ (ۋاقىت، زېھىن، تېرىشچانلىق ۋە پۇل) نى ھەسسىلەپ قايتۇرىۋىلىشىڭىزدا گەپ يوق. سىز ھەقىقىي بىلىمخۇمارلاردىن بولسىڭىز، ئامرىكا ئالىي مەكتەپلىرىدە سىز ھەقىقەتەنمۇ بىلىمنىڭ ئىچىگە قۇلاققىچە چۆكۈپ ئىلىم تەھسىل قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيسىز. گەرچە ئامرىكا ئالىي مەكتەپلىرى ئوقۇتۇش-تەتقىقات سەۋىيسى جەھەتتىن پەرقلەنسىمۇ، لىكىن تەتقىقات تىپىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى ۋەتەندىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلەردىنمۇ ياخشى بولغان تەتقىقات قوشۇنى، تەتقىقات ئىستىلى ۋە مۇھىتىغا ئىگە. ئامرىكىدا 200 دىن ئارتۇق تەتقىقات تىپىدىكى ئۇنۋىرستىتلار بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلارنى ئامرىكىنىڭ ئىلغار تەتقىقات ۋە مائارىپى بىلەن تەمىن ئىتەلەيدۇ. ئەلۋەتتە،شۈنچىلىك ياخشى شارائىت بىلەن تەمىن ئىتەلەيدىغان ئامرىكا مەكتەپلىرىنىڭمۇ شۇنىڭغاماس بولغان تەلەپلىرى بار بولۇپ، ئاسپىرانتلقتا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارغاقويۇلىدىغان تەلەپمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا يۇقىرى بولىشى مۇمكىن. بۇ پەقەت ئوقۇشقا قوبۇل قىلىش شەرتلىرىدە ئىپادىلىنىپلا قالماي، ئوقۇشقا كىرگەندىن كىيىنكى تەلەپنىڭ يۇقىرلىقى بىلەنمۇ ئىپادىلىنىدۇ. تۆۋەندە ئامرىكىدا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش ئۈچۈنزۆرۈر بولغان شەرتلەر ھەم ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈستىدە توختىلىمەن:
ئاسپىرانتلىق ئوقۇشى ئادەتتە ماگستىر ۋە دوكتۇرلۇقتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇنۋان ئۈچۈن ئوقۇۋاتقانلارنى كۆرسىتىدۇ. جەمئىيتىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئاسپىرانتلىق دىگەندەپەقەت ماگستىرلىقنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، بۇ بىر خاتا قاراشتۇر. ئامرىكىدائاسپىرانتلىقتا ئوقۇشنىڭ باشقا دولەتلەردىن پەرقلىنىدىغان بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەن ھەر قانداق بىر ئوقۇغۇچى بىۋاستە دوكتۇر ئاسپىرانتلىقىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، يەنى ماگستىر ئاسپىرانتلىقنى پۈتتۈرۈش دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشنىڭ زۆرۈر شەرتى قىلىنمايدۇ. ئەلۋەتتە، دوكتۇر ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇشقا قوبۇلقىلىشتا قويۇلىدىغان تەلەپ ماگستىر ئاسپىرانتلىقىدا قويۇلىدىغان تەلەپتىن بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، پەقەت ۋەتەندە ئەڭ ياخشى ئوقۇغان ھەم تەتقىقات تەجىربىسى بار تولۇق كۇرس دىپلۇم ئىگىلىرى مۇشۇنداق قىلىش ئىمكانىيتىگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن. دىيارىمىزدىكى نۇرغۇن ياخشى ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرۈپلا ئامرىكىدا دوكتۇر ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنغانلار بار. بۇنداق بولغانداماگستىرلىق ئوقۇشى ئۈچۈن كىتىدىغان 2-3 يىل تىجەپ قىلىنىدۇ. ئەگەر سىز ھازىر تولۇق كۇرستا ئوقۇۋاتقان ھەم ئامرىكىدا ئوقۇش ئىستىكىدىكى بىر ئوقۇغۇچى بولسىڭىز، بۇ خىل تاللاشنىڭ بارلىقىنى بىلىپ قالسىڭىز ياخشى.
ئامېرىكىداكۆپىنچە 8-ئايدا ئوقۇش باشلىنىدىغان بولۇپ. شۇ 8-ئايدىكى (كۈزلۈك) ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنىش ئۈچۈن سىز ئالدىنقى يىلنىڭ 11- 12 -ئايلىرىدا بارلىق ئىلتىماس ماتىرياللارنى تەييار قىلىشىڭىز زۆرۈر. كۆپىنچە داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ كۈزلۈك ئىلتىماس قىلىش ئاخىرقى چىكى 12- ئايدىلا ئاخىرلىشىدۇ، بەزى مەكتەپلەرنىڭ ئىلتىماس ۋاقىت چىكى شۇ يىلنىڭ بىشى (1-2-ئايلارنىڭ ئاخىر) دا بولۇشى مۇمكىن. دىمەك، سىز ئالىي مەكتەپنىڭ 4- يىللىقىنىڭ بىرىنچى مەۋسۇمىدىلا ئىلتىماس قىلىشنى باشلىسىڭىز، ئاندىن ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا ئامرىكىدىكى ئوقۇشنى باشلاش ئىمكانىيىتىڭىز بولىشى مۇمكىن، بولمىسا بىر يىلدىن ئارتۇق ساقلاشقا توغرا كىلىدۇ. ئەتىيازدائوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان يەنە بىر قىسىم مەكتەپلەرمۇ بار بولۇپ، بۇ ئوقۇش ھەريىلنىڭ 1- ئېيىدا باشلىنىدۇ. لىكىن ئۇنداق مەكتەپلەرنىڭ سانى بىر قەدەر ئاز، شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئىمكانقەدەر كۈزلۈك ئوقۇشقا كىرىشنى پىلان قىلسىڭىز ياخشى.
ئامرىكىدائاسپىرانتلىقتا ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىش دۆلەت ئىچىدىكىسى بىلەن زور پەرقلىنىدىغان بولۇپ، بىر تۇتاش ئىلىنىدىغان مەلۇم ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ئىش مەۋجۇت ئەمەس. ئامرىكا ئالىي مەكتەپلىرىگە ئاسپىرانتلىققا ئوقۇشقا كىرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قويىلىدىغان تەلەپ كۆپ تەرەپلىمىلىك بولۇپ، بىر مۇۋاپىقىيەت قازانغان ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تولۇق كۇرس دەرسلىرىدىكى نەتىجىسى كۆزگە كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ياخشى بولۇشى ئالدىنقى شەرت قىلىنىدۇ. تولۇق كۇرس دەرس نەتىجىلىرى بەك تۆۋەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئامرىكىدىكى ئاسپىرانتلىققا ئوقۇشقا كىرىش پۇرسىتى يوق دىيەرلىك. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ نوقتىنى تونۇپ يىتىپ، ئىنگىلىزتىلى ئۈگۈنۈش بىلەن بىرگە، دەرسلەردە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغاكەلتۈرۈشكە تېرىشىشى بەكمۇ زۆرۈر. ئەگەر سىزنىڭ ئوقۇش نەتىجىلىرىڭىز قانچە يۇقىرىبولسا شۈنچە ياخشى. لىكىن ئوقۇش نەتىجىڭىزنىڭ ئوتتۇرچە نۇمۇرى 75 تىن تۆۋەن بولمىسا ھەم سىز باشقا تىل ئىمتىھان نەتىجىلىرىڭىز ھەم تەتقىقات تەجىربىلىرىڭىز ياخشى بولسا يەنىلا ئامرىكىدا ئوقۇش ئىمكانىيتىڭىز بولۇشى مۇمكىن. بۇندىن باشقا، ئامرىكىدا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش ئۈچۈن GRE (ئامرىكا ئاسپىرانتلىق ئاساس ئىمتىھانى) ئىمتىھانىدا ياخشى نەتىجە ئېلىشىڭىز ۋە ياكى ھېچ بولمىغاندا يامان ئەمەس نەتىجە ئېلىشىڭىز ئىككىنچى مۇھىم ئامىل بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. GRE ئىمتىھانىغا كۆپىنچە مەكتەپلەردە ئەڭ تۆۋەن نۇمۇرچېكى بىكىتمەيدىغان بولۇپ، TOEFL ياكى IELTS ئىمتىھانلىرىدىكىدەك مەن GRE دىن ئۆتتۈم ياكى ئۆتەلمىدىم دەيدىغان گەپ مەۋجۈت بولمايدۇ. پەقەت ياخشا ياكى ناچار دەپ ئايرىلىدۇ. سىزنىڭ مەلۇم مەكتەپنىڭ GRE ئىمتىھان شەرتىگە چۈشۈش ياكى چۈشمەسلىكىڭىز شۇمەكتەپكە ياكى فاكۇلتىتقا ئىلتىماس قىلغان باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ GRE نەتىجىسىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. GRE ئىمتىھان بولسا بىر قەدەر باش قاتۇرىدىغان ئىمتىھان بولۇپ، بۇ ئىمتىھان نەتىجىسى 99 پىرسەنت ئامرىكا ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىشىدا چوقۇم تەلەپ قىلىنىدىغان ياكى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىندىغان شەرت بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلىقنى بۇرۇن باشلاش ئىنتايىن مۇھىمدۇر. ئۈچىنچى شەرت، سىزنىڭ ئىنگىلىزتىلى ئىمتىھان نەتىجىڭىز تەلەپ قىلىنىدىغان بولۇپ، كۆپىنچە ئامرىكامەكتەپلىرى TOEFL ياكى IELTS ئىمتىھانلىرىنىڭ قايسى بىرى بولسا، شۇ مەكتەپ ياكى فاكۇلتىتنىڭ ئەڭ تۆۋەن نۇمۇر چېكىدىن ئېشىپ نۇمۇر ئالسىڭىزلا بولىدۇ. ئازساندىكى بىر قىسىم مەكتەپلەر پەقەتTOEFL نەتىجىسىنىلائىتراپ قىلىدۇ. ئۇ ئىككى ئىمتىھاننىڭ ھەممىسى تىل سەۋىيسىنى سىنايدىغان ئىمتىھانلار بولۇپ، سۇئال شەكلى ۋە تەلەپلىرىدە ئوخشىماسلىقلار بار، لىكىن ھەر ئىككىلىسىدە،سىزنىڭ راۋان بولغان سۆزلەش، ئاڭلاپ چۈشۈنۈش، ئوقۇش ۋە يېزىش ئىقتىدارىڭىز سېنىلىدۇ. شۇڭا سىز ئۆز ئالاھېدىلىكىڭىزگە ئاساسەن ئىككىسىدىن بىرىنى تاللاپ بەرسىڭىز بولىدۇ.
يۇقارقى ئۈچ مۇھىم شەرتتىن باشقا، ئامرىكىدا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش ئۈچۈن كىتىدىغان ئىلتىماس ماتىرياللىرى سىزنىڭ تەرجىمىھالىڭىز، مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىش خېتى (شەخسىي بايان دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ۋە ئۈچ پارچە تونۇشتۇرۇش خېتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ خەت-چەكلەرمۇ ناھايتى مۇھىم بولۇپ، بۇلارنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ياخشى يېزىلىشى بەلكىم سىزنىڭ باشقىلارنى بېسىپ چۈشىشىڭىزدە مۇھىم رول ئوينىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، سىزنىڭ تەتقىقات تەجرىبىڭىز ياكى كەسپىڭىزگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەت تەجرىبىڭىزمۇ مۇھىم رول ئوينىشى مۇمكىن. ھەتتا بەزى مەكتەپلەر سىزدىن كەسپىي GRE ئىمتىھان نەتىجىسى تەلەپ قىلىپ، سىزنىڭ ئۆگەنگەن كەسپىي بىلىملىرىڭىزنى قانچىلىك ئەستە ساقلىيالىغانلىقىڭىزنى سىنايدۇ. يۇقارقى ئېيتىپ ئۆتۈلگەن بارلىق ماتىريال، مۇناسىۋەتلىك خەت-چەكلەرنى تەييارلاشقا نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھىن كىتىدىغان بولغاچقا، ئەگەر سىز ئامرىكىدا ئوقۇش يولىنى تاللىغان بولسىڭىز، ھەرگىزمۇ ئالىي مەكتەپتىكى قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى زايا قىلماڭ. ئامرىكىدائاسپىرانتلىقتا ئوقۇشقا تەييارلىنىۋاتقان تىرىشچان ھەم يېراقنى كۆرەر دوستلىرىمىزغا شۇنى دەپ قويۇش كىرەككى، ئامرىكىدا نۇرغۇن مەكتەپلەر ناھايتى كىچىك شەھەرلەرگە جايلاشقان بولۇپ، سىز ئامرىكىغا بارغاندىن كىيىن نۇرغۇن بۇرۇن ئويلاپ باقمىغان قىيىنچىلىققا دۇچ كىلىسىز، مەسىلەن: زېرىكىش، يالغۇزلۇق، تاماقتىن قىينىلىش، يۇرتنى سېغىنىش، ۋەدەرسلەردە يىتىشەلمەسلىك دىگەندەك. مەيلى قىز ياكى ئوغۇل بولۇڭ، توي قىلىپ ھەمرايىڭىز بىلەن بىرگە كەلسىڭىز، بۇ سىزنى كەلگۈسىدىكى نۇرغۇن غەملەردىن خالاس قىلىشى مۇمكىن. ئامرىكىدا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغانلار ئۈچۈن بىرىلىدىغان ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئادەتتە ئوقۇش پۇلى كۆتۈرۈلگەندىن باشقا سىز ۋە يەنە بىر كىشىنىڭ (تۇرمۇشتا ئاددىي-ساددا بولسىڭىز) ئېھتىياجىنى ئاساسەن قاندۇرغۇدەك تۇرمۇش پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر سىز مۇشۇ ۋاقىتتا ئىككىلىنىپ تۇرغان بولسىڭىز مۇشۇئىشلارنىمۇ ئويلىشىپ باقسىڭىز بولىدۇ. بايا دەپ ئۆتكەندەك، تاماقمۇ بىر مۇھىم مەسىلە بولغاچقا، ئەگەر سىز تاماق ئىتىشنى بىلسىڭىز تۇرمۇشتا تېخىمۇ قولايلىق بولىدۇ. مېنىڭچە، تاماقتىن قىينىلىدىغانلار كۆپىنچە ئوغۇللار بولغاچقا، ئاددىي بولغان تاماقلارنى ئۈگۈنۈپ قويغاننىڭ ھەر ھالدا زېيىنى يوق. گەرچە بۇلارنى سىز كىچىك ئىش دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن، لىكىن سىز ئامرىكىغا كەلگەندىن كىيىن ئىشلار راستلا سىز ئويلىغاندەك بولمايدۇ.
ۋاقتىنچە يادىمغا يەتكەن مۇھىم نوقتىلار مۇشۇ ئىكەن، ئەگەر كىيىن يەنە تولۇقلاشقا تىگىشلىك يەرلەر بولسا مەن تولۇقلاپ كۆپچىلىككە سۇنىمەن. ئاخىردا، ئاشۇ يۈكسەك غايە ۋەئارزۇ-ئارمانلارنى كۆڭلىگە پۈككەن، كىچە-كۈندۈز جاپا مۇشەقەتتە مۇشۇ يولدا تېرىشىۋاتقان قېرىنداشلارغا، ئاتا-ئانىلارغا، ھەم شۇلارنىڭ غايىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېقىندىن ياردەمدە بولغان بارلىق ئەزىزلەرگە ئالىي ئىھتىرامىمنى بىلدۈرىمەن. بارلىق قېرىنداشلارنىڭ يىڭى بىر يىلدا يىڭى نەتىجىلەرگە ئىرىشىشىنى، ئەزىز تىنىنىڭ ساق-سالامەت بولىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن.
ئەسكەرتىش:بۇ تېما پەقەت قوشۇمچە پايدىلىنىش ئۈچۈن يېزىلغان بولۇپ، تورداشلارنىڭ مەكتەپلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ۋە تەلەپلىرىنى شۇ مەكتەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك تور بەتلىرىدىن تەپسىلىي ئىزدەپ ئۇچۇر ئىگەللىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئەگەرتېمىدا خاتالىق ۋە ياكى كەم قالغان نوقتىلار بولسا، ئۇستازلارنىڭ ۋە كۆپرەك بىلىدىغانلارنىڭ ئىلمىي يوسۇندا تولۇقلاپ قويۇشىنى سورايمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-13 08:23 PM
|
|
|
|
|
|