مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 13328|ئىنكاس: 121

ئوقۇغۇچىلارغا نىمە بولدى !   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78017
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9233
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 262 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 03:18:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتەرەم  جاپاكەش ئوقۇتقۇچىللىرىمىز تەتىل كۈنلىرىڭىلار خۇشال -خۇراملىقتا ئۆتكەي .مانا مۇشۇنداق ھەممە ئوقۇتقۇچى دەم ئېلىش  خۇشاللىقىغا چۈمگەن ،ھەممە ئىشنى ئۇنتۇپ ئارام -خۇدا دەم ئېلىشنى كۆڭلىگە پۈككەن بۇگۈنكىدەك خاسىيەتلىك كۈندە يەنە قاملاشمىغان بىر تىمىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ،ھەرقايسىڭىزلارنى ئويغا سېلىپ قويغانلىقىمدىن كەچۈرۈم  سۇرايمەن .
    ئەسلى گەپكە كەلسەك ،مەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق -ساپاسىنىڭ كۈندىن -كۈنگە تۈۋەنلەپ ،ئوقۇتۇش ئۇنۇمىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپ كىلىۋاتقان بۇ ئەھۋال ئۈستىدە باش قاتۇرۋاتقىنىمغا خىلى بولغان ئىدى،بىر قىسىم ئەھۋاللار پەقەت بىر قىسىم جايلاردىلا يۈز بىرىۋاتقان بولغاچقا بۇ مەسلە ئۈستىدە يىنىكلىك بىلەن قەلەم تەۋرىتىشكە جۈرئەت قىلالماي كەلگەن ئىدىم ،بىراق مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىگە يىتىپ كىلىپ  بىر ھەپتىگە يېقىن ئۇقۇغۇچىلار تۇرمۇشىنى كۆزىتىش ئارقىلىق ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق ساپاسىنىڭ ھەقىقەتەن ئىنتايىن بەك تۈۋەنلەپ كەتكەنلىكنى يەنە بىر قېتىم چۇڭقۇر ھىس قىلدىم ،ھازىرقى 60%تىن يۇقۇرى ئوقۇغۇچىلاردا كەلگۈسى توغرۇلۇق ھىچقانداق نىشان ۋە ئويلىنش يوق دىيەرلىك ئىكەن ،ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا پەقەت شەخسىيەتچىلىك ،بۈگۈنكى خۇشاللىق ۋە كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتتىن باشقا ھىچ نەرسە يوقتەك قىلىدۇ. تۈنۈگۈن قارسام خەلقئارا چوڭ بازاردا بىرجۈپ قىز -يىگىت  قول تۇتۇشۇپ كىتىپ بارىدۇ ،ئۇچىسدا مەكتەپ فورمىسى بار  ئىكەن ،ئۇلارنى كۆرۈپ كەسپى كىسەل تۇتۇپ كەتتى -دە ،ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ باقماقچى بولدۇم .
- ئۇكام ،توختاپ تۇرۇڭلار ،ئۇلار ماڭا بۇرۇلدى ،
-سىلەر قايسى مەكتەپتە ئوقۇيسىلەر ؟گەرچە فورمىسدا يېزىقلىق بولسىمۇ قەستەن سۇردىم ؟ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇيدىغان مەكتىپىنى دەپ بەردى .
- شۇنداقمۇ مىنىڭ شۇ مەكتەپنىڭ تۇلۇقسىز 3-يىللىقدا ئوقۇيدىغان بىر ئىنىم بار ئىدى ،سىلەر تۇنۇمسىلەركىن ،مەن خالىغان بىرسىنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بەردىم .
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تۇلۇقسىز 2-يىللىقىدا ئوقۇيدىغانلىقنى ،مەن دىگەن بالىنى تۇنۇمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ كىتىپ قېلىشتى ،ھەرھالدا سۇئاللىرىمغا ئەستايىدىل جاۋاپ بىرشتى ،ئۇلاردا يەنىلا ئادىمىيلىك ئەخلاقتىن ئازراق بارلىقىدىن سۈيۈندۇم .
  بۇنداق مىساللار ساماندەك ،تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرنىڭ ئۆز-ئارا مۇھاببەتلىششى ،ھەتتا باشلانغۇچنىڭ يۇقىرى يىللقلىرىدىمۇ  قىز -ئوغۇللارنىڭ ئۆز-ئارا مۇھانببەتلىششى ،ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماكا چىكىشى ،ھاراق ئىچىشى ،قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ گىرىم قىلىۋېلىشى ،كىيىم -كىچەككە ھەددىن ئارتۇق بىرىلىپ،مودىلدەك ياسنىۋېلىشى ،چاچلىرىنى ھەرخىل رەڭلەردە بۇيۋېلشى ،تىلىفۇن ئىشلىتىشى .........................قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار قائىدىسگە خىلاپ ،ئەخلاققا يات قىلمىشلار ھەممە يەردە ،ھەممە مەكتەپتە دىگۈدەك مەۋجۇت بولوپ كەلمەكتە.ھەتتا بىر قىسىم تۇلۇقسىز مەكتەپتە قىز -ئوغۇللار ئايرىم گوروھ توپلاپ قارا جەمئىيەت تۈسنى ئالغان جىدەل -ماجرالارمۇ يوق ئەمەس .
   ئونداقتا بىزنىڭ بۇ كەلگۈسىمىزنىڭ ئۈمۈدى بولغان سۈيۈملۈك ،ئوماق ئوقۇغۇچىللىرىمىزغا زادى نىمە بولدى ؟ ئەجىبا بىزنىڭ ئاشۇ سەبى بالىللىرىمىز كەلگۈسىنى كۆرەلمەيدىغان قارغۇ ،ئۆزنىڭ ياشاش نىشانىنى بىكتەلمىگىدەك دۆتمۇ ؟دوسكا ،تەشۋىقات تاختىللىرىغا قارايدىغان بولساق«بالىلار ۋەتەننىڭ كەلگۈسى ،مىللەتنىڭ ئۈمۈدى›› دەپ يېزىقلىق ،ئۇنداقتا ۋەتەننىڭ كەلگۈسى ،مىللەتنىڭ ئۈمۈدى ،كەلگۈسى ئشلىرىمىزنىڭ ۋارسى بولغان بۇ بالىللىرىمىز ئەنە ئاشۇنداق ئەخلاق جەھەتتىن بۇزۇلۇپ ،كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىنى يۇقۇتۇپ ،كۆز ئالدىنىلا كۆرۈپ ھىچقانداق نىشانسىز ياشاۋەرسە ،ۋەتەننىڭ كەلگۈسى ،مىللەتنىڭ كەلگۈسى زادى قانداق بۇلار ؟
  بەلكىم يۇقارقى مەسلە ئۈسىتدە نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلار باش قاتۇرغان بۇلۇشى مۇقەررەر ،مەن تۈۋەندە ئوغۇچىلاردىكى بۇ ئەخلاقسىزلىق مەسللرىنىڭ كىلىپ چىقىشدىكى تۈپ سەۋەپ ۋە ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرىنى  ئۆزۈمنىڭ ئويلىغىنى ۋە ھىس قىلغىنى بۇيىچە ئوتتۇرغا قويماقچىمەن ،كۆپچىلىك ئورتاق ئويلىنىپ باقساق.
     1-ئائىلە تەربىيسىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى.
ئوقۇغۇچى ئۇ ئەڭ ئالدى بىلەن  بالا ،شۇنداق بولغانكەن ئۇ مەكتەپكە كىرىش يېشىغا يەتكۈچە بولغان ۋاقىتتا ئائىلە تەربىيسىدە چوڭ بۇلىدۇ .ئۇششاق بالىلارنىڭ دوراش پىسخىكىسنىڭ ھۈكۈمران ئورۇندا تۇردىغانلىقنى ھەممىمىز بىلىمىز ،دىمەك بالا ئائىلىدە ئاتا-ئانىسى ۋە باشقا ئائىلە ئەزالىرىدىن بىر قىسىم ناچار ئادەتلەرنى يۇقتۇرۋالىدۇ-دە بۇنى مەكتەپكە سۆرەپ كىرىدۇ ،ھەتتا بالىنىڭ  بالىلىق ،ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىكى بىر قىسىم ناچار ئادەتلرى توغرا ئوسۇل ۋە يىتەكلەش بىلەن بىر تەرەپ قىلىنمىسا بالىنىڭ كەلگۈسىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىشى تۇرغان گەپ .شۇڭا ئەڭ ئالدى بىلەن ئاتا-ئانىلار بالىلىق بۇلۇشتىن بۇرۇن قانداق ئاتا-ئانا بۇلۇش ،بالىنى قانداق تەربىيلەش ئۈستىدە ئەستايدىل ئويلىنىپ مۇۋاپىق پىلان تۈزۋالغاندىن كىيىن بالىلىق بۇلۇشى ،بالا تۇغۇلغاندىن كىيىن ئەستايىدىل نىشانلىق تەربىيلىشى كىرەك ،ھازىر كۆپىنچە ئاتا-ئانىلار مۇھاببەتنىڭ مەسئۇلى ،ئۆزىنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈنلا بالىلىق بۇلىۋاتدۇ ، بالا تۇغۇلغاندىن كىيىن بولسا بالىنى يەنە شۇ جاپاكەش ئاتا-ئانىسغا تاشلاپ بىرىپ ئۆزى خىزمەت ،ئويۇن -تاماششا بىلەن كىتىپ بارىدۇ ،ئەرلەرنىڭ ئۆيگە مەس كىلىشى ،بالا ئالدىدا تاماكا چىكىشى ،بالا ئالدىدا سەت گەپلەر بىلەن تىللشىپ جىدەل قىلىشى ،ئاياللىرىمىزنىڭ  بالا ئالدىدا گىرىم قىلىشى،كىيملىرىنى خالىغانچە سېلىپ يەڭگۈشلىشى ،ھەتتا بىر قىسىم «ئامراق››ئەر-خۇتۇنلارنىڭ  بالا ئالدىدىلا بولمىغۇر قىلىقسىزلىقلارنى قىلىشى بالىلرىمىزنىڭ سەبى ئاق ۋاراقتەك پاك قەلبىگە ئورناپ ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى بۇلغاپ 7ياشقا كىرە-كىرمەيلا تۈرلۈك ئەخلاقسىز قىلمىشلارنى پەيدا تۈرتكە بولماقتا .
ئاتا-ئانا !شۇنى بىلىپ قىلىڭكى سىزنىڭ بالىڭىز يەرگە چۈشكەن ۋاقىتتىن باشلاپلا ئەقلى ھۇشى بىلەن چۈشىدۇ ،ئالىملار قۇرساقتا 3ئايلىق بولغان بۇۋاقنى تەربىيلەشكە باشلىسا بۇلىدىغانلىقنى ئوتتۇرغا قويغىلى خىلى بولدى ،بىراق سىز يەنىلا 4-5ياشقا كىرگەن بالىڭىزنى ئىش ئۇقمايدۇ ،بۇ ئىشلارنى چۈشەنمەيدۇ ،بالام تېخى كىچىك دەپ ئۆزىڭىزنىڭ قاملاشمىغان سەنەملىرىگە دەسسەۋەرمەڭ ،توغرا سىزنىڭ بالىڭىز دەمال بىر نەرسىنى چۈشەنمىگەندەك قىلىدۇ ،بىراق بالىڭىز مەكتەپكە كىرىپ بىرنەچچە يىل بۇلا -بولمايلا ئۆزىنىڭ قىلىقسىزلىقنى چىقرىشقا باشلايدۇ ،بۇ ۋاقىتتا سىز بالام ئۆيدە شۇنداق ياۋاشتى ،مۇشۇ مۇئەللىم دىگەن ئەقىلىسزلەر بالامنى مۇشۇنداق يامان ئۆگىتىپ قويدى ،بالام مەكتەپكە كىرىپلا ئەسكىرشىپ كەتتى دەپ مەكتەپ ۋە مۇئەللىمدىن ئاغرىنىشقا باشلايسىز .بىلىپ قۇيۇڭكى قوغۇن -تاۋۇزمۇ ھەرگىز بىر كۈندىلا سېسىپ كەتمەيدۇ ،ئەستايدىل ئولتۇرۇپ ئۆزىڭىزنىڭ بالا كىچىك ۋاقتىدا قىلغان قىلىقسىزلىقلىرىڭىزنى بىر-بىرلەپ ئويلايدىغان بولسىڭىز ،بالىڭىزدىكى بۇ ئەخلاقسىزلىقلارنى سىزدىن ئۆگەنگەنلىكنى ناھايتى ئوڭايلا ھىس قىلالايسىز ،سىز دىگەندەك  بالىڭىز تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن «ئەقىلسىز ››مۇئەللىمنىڭ قۇلىغا چۈشۈپ قالسا تېخمۇ ئۇساللىشىپ كەلگۈسىدە بىر جىنايەتچى ۋاپاسىز بولۇپ چىقىشى مۇمكىن ،شۇڭا بالىلىرىمىزدىكى ئەخلاقسزلىق قىلمىشىنىڭ تۈپ يىلتىزىنى يەنىلا ئائىلىدىن ئىزدەپ ،ئاتا-ئانىلار بالىلىرىمىزغا ياخشى ئۈلگە بولۇپ ،خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان بۇ ئامانەتنى ئەدەپلىك ئەخلاقلىق قىلىپ تەربىلەپ ئىگىسىگە تاپشۇرۇش ئۈچۈن تىرشايلى.
2-مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى:
    مەكتەپ ساغلام بولغان تەلىم -تەربىيە ۋە ئۈنۈملۈك ئوقۇتۇش ئېلىپ بىرشتا ھەيدەكچىلىك ۋە تەشكىللەش رۇلىنى ئوينايدۇ ،مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى ۋە قائىدە تۈزۈملىرى مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلار ئۈچۈنلا بولۇپ قالماستىن بەلكى ئوقۇغۇچىلارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ ،ھازىر بىر قىسىم مەكتەپلەر پەقەت ھەممە قائىدە -تۇزۇم ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشنى پەقەت ئۇقۇتقۇچىلارغا قىلىپ ،ئوقۇغۇچىلار بىلەن كارى بولمايۋاتدۇ ،پەقەت ئوقۇتقۇچى قەتئىي باشقۇرالمىغان ياكى چوڭراق مەسلە سادىر قىلغان بىر نەچچە ئوقۇغۇچىنى باشقۇرۇپ قۇيۇپ قالغان ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتقۇچىلارغا تاشلاپ قۇيۇپ ئۇقۇغۇچىلار بىلەن قەتئىي كارى يوق .بىرەر مەكتەپ مۇدىرىنىڭ بىر مەۋسۇم ئىچىدە بىر قانچە ئوقۇغۇچى بىلەن سەمىمى سۆھبەتلىشىپ ،ئۇقۇغۇچىنىڭ ئىچكى سىرنى ئىگەللەپ ،ئوقۇتقۇچىلار يىغنىدا ئوتتۇرغا قۇيۇپ باققانلىقنى بىلگىلى بولمايدۇ (بەلكىم بۇ قىسمەن ئەھۋالدۇ) .مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ ۋەزپىسى ئاساسى جەھەتتىن ئوقۇتقۇچىلارغا تۈزۈمنى كۆپلەپ تۈزۈپ ،ئۇقۇغۇچىلاردىن بىرەر مەسلە كۆرۈلسە دەرھال شۇ سىنىپ مۇدىرنى جازاش ياكى سىنىپ مەسئۇللۇقىدىن قالدۇرۇشتىنلا ئىبارەت بولۇپ قالدى ،مەكتەپلەردە ئەخلاقى تەربىيە ئشخانىسى،ئەخلاقى تەربىيە بۈلۈم مۇدىرى دىگەندەك بۈلۈم ،تەشكىلاتلار قۇرۇلغان بولسىمۇ ئۇلارمۇ يەنىلا ئوقۇتقۇچىلارغا بېسىم قىلىش ،يازما ماتىريال ئىشلەش بىلەنلا چەكلىنىپ قالدى ،باشقا جايدا قانداقلىقنى بىلمەيمەن ،بىراق بىزنىڭ ناھىيمىزدىكى ئوتتۇرا -باشلانغۇچ مەكتەپلەردە پسخك تەلىم تەربىيە ئۆيى ،پسخك تەربىيە ئوقۇتقۇچىسى دەيدىغان نەرسە مەۋجۇت ئەمەس ،بولسىمۇ ئۇ بىر قۇرۇق جازىدىن ئىبارەت خالاس ،مەكتەپتىكى بۇ ئەھۋاللارمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقسىز قىلمىشلىرىنىڭ كۆپىيىپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىردىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ،ئەخلاقسىزلىق ئەڭ ئالدى بىلەن ئادەمنىڭ ئىڭىدا ئەكىس ئىتىدۇ ،ئۇ ئادەمنىڭ پسخكىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بۇلىدۇ .ئوقۇغۇچىلار بىرەر مەسلىگە دۈچ كەلسە ئاسانلا ھاياجانلىنىدۇ ،نىمە قىلارىنى بىلمەي قالىدۇ ،بۇ ۋاقىتتا پسخىكا جەھەتتىن مۇۋاپىق يىتەكلەنسە چۇقۇم يامان ئاقىۋەت كىلىپ چىقىشتىن ساقلانغىلى بۇلىدۇ ،مەكتەپ مۇدىرى بولغان ئادەم مەكتەپتىكى ئەڭ ئەخلاقسىز دەپ قارىلىدىغان بىر نەچچە ئوقۇغۇچى بىلەن سەمىمىيلىك بىلەن ،ئاتىلىق مىھرى بىلەن پاراڭلىشىپ باقسا ،چۇقۇم ئۇ ئوقۇغۇچى مۇئەللىمگە ئېيىتمىغان ئىچكى سىرىنى مەكتەپ مۇدىرىغا ئېيتىدۇ ،بۇ ۋاقىتتا مەكتەپ مۇدىرى مۇۋاپىق يىتەكلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ بۇ ئوقۇغۇچىنى يىتەكلىسە ،ھەمدە ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قەتئىي ساقلىغان ئاساستا ئوقۇتقۇچىلارغا تەجرىبە سۆزلىسە بۇنىڭ ئۈنۈمى باشقىچە بۇلىدۇ .ئوقۇغۇچىدا قارشىلىش پىسخكىسى ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ ،ئۇ مۇئەللىمنىڭ تەربىيسىنى ئاڭلىمغان بىلەن مەكتەپ مۇدىرى ۋە باشقا رەھبەرلەرنىڭ تەربىيسىنىمۇ ئاڭلىمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ .مەكتەپتە مۇكەممەل بولغان پىسخكا جەھەتتىن يىتەكلەيدىغان ئورۇن ۋە پسخكىا سەۋيسى يۇقىرى ئوقۇتقۇچى بولسا چۇقۇم ئوقۇغۇچىدىكى ھەرقانداق ئەخلاقسىزلىق قىلمىشنى تۈپتىن يۇقاتقىلى بۇلىدۇ ،شۇڭا مەكتەپ ئەڭ ئالدى بىلەن يۇقارقى مەسلىلەرنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىنىپ يىتىپ ،ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە مەكتەپ مۇدىرى رەھبەرلىكىدە ئىشقا ئاشۇرۇشى كىرەك ،بۇنىڭغا پۇل كەتمەيدۇ.
  3-ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يىتەكلەش ،تەربىلەش ،ئۈلگە كۆرسىتىشنىڭ مۇۋاپىق ھەم توغرا بولماسلىقى .
ئوقۇتقۇچى -بۇ ئىسىم تىلغا ئېلىنىشى بىلەن ھەممەيلەننىڭ قەلبى بىرخىل ھاياجانغا تۇلىدۇ ،چۈنكى ھەممەيلەننىڭ سۈيۈملۈك ،جاپاكەش ،كۆيۈمچان ئوقۇتقۇچىللىرىمىز بولغان ،شۇڭا«ئوقۇتقۇچى ››سۆزى تىلغا ئېلىنىشى بىلەن ھەممەيلەننىڭ كۆز ئالدىمىزدا ئەڭ ئۇلۇغ،ئەڭ بۈيۈك بىر ئىنسان پەيدا بۇلىدۇ.ئۇنداقتا جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان بىر قىسىم كىشلەر بىلەن ئوقۇتقۇچى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ بېقىڭ ئۇلار كۆپىنچە ئوقۇتقۇچىلارنى تەسۋىرلىگۈسىز تىللار بىلەن مەدھىيلەپ بەرسە، ئاز ساندىكى بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئۇستىدىن شىكايەت قىلىدۇ ،ئۇلارنىڭ توغرا بولمىغان يىتەكلەش ئۇسۇللىرى ئۈستىدە داتلىنىدۇ ،ھازىر مۇ ئاشۇ «بىر قىسىم ››ئوقۇتقۇچىلار يوق ئەمەس ،ئاشۇ بىر قىسىملار ئىچىدىكى ئەرلىرىمىز سىنىپتىن چىقسىلا  ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا تاماكا چىكىدۇ ،مەكتەپتىن چىقسىلا ھاراق ئىچىدۇ ،تېخى ئوقۇغۇچىللىرى بىلەن ھاراق ئىچىدىغان ،تاماكا چىكىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس .ئاشۇ بىر قىسىملار ئىچىدىكى قىزئوقۇتقۇچىللىرىمىزنىڭ سەنئەتچىلەردەك گىرىم قىلىشى ،مودىلدەك كىينىپ ،ئۆزىنىڭ پۈتكۈل قەددى-قامىتىنى ئېنىق نامايەن قىلىپ يۈرشى ئادەتكە ئايلىنىپ قالاي دىدى،مۇنداق بىر ئىش مەن ئىشلەيدىغان مەكتەپتە بولغان ،يىڭىدىن ئۇقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىنغان بىر خانىم بىزنىڭ مەكتەپكە كەلدى ،بۇ خانىمنىڭ كىينىشى ئىنتايىن ئۆزگىچە بولۇپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭلا ئەمەس ئۇقۇغۇچىلارنىڭمۇ دىققتىنى تارتىپتۇ ،بىركۈنى ئوقۇغۇچىلارنى تازلىققا تەشكىللەۋاتاتتۇق ،تازلىق رايۇنىمىز يېقىن بولغاچقا بىرگە تۇرۇپ قالدۇق ،بىر چاغدا بىر ئوقۇغۇچى يىنىمىزغا كىلىپ:
-خانىم سىزنى باشقا يۇرتتىن كەلدى دەيدۇ ،راسمۇ؟دەپ سۇردى .
-شۇنداق. دىدى خانىم ،ئوقۇغۇچى يەنە سۇرىدى.
-خانىم سىز بەك نامرات ئوخشايسىز ،پۇلىڭىز يوقمۇ ؟خانىم كۈلۈپ كىتىپ :
-قانداق دەيسىز؟ دىدى.
-قارسام بىر نەچچە كۈندىن بېرى مۇشۇ يېرتىق ئىشتاننى كىيۋاتىسىز ،سىنىپتىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى خانىمنىڭ يۇتىسى كۆرنىپ قاپتۇ ،ئشتىنى يىرتىلىپ كىتىپتۇ دىيشتى ،بولمىسا مەن دادامدىن سىزگە پۇل قەرىز ئېلىپ بىرەي .
ئوقۇغۇچى شۇنداق دىيشىگە بۇ خانىم غەزەپتىن يېرىلىپ كىتەي دەپ قالدى ،مەن دەرھاللا ،بولدى بالام تازلقىڭىزنى قىلىۋىرىڭ ،بۈگۈن مائاش بەردى ،خانىم ئىشتىن چۈشۈپلا ئىشتاندىن بىرنى ئېلىپ كىيۋالىدۇ ،دەپ بۇ ئوقۇغۇچىنى يولغا سېلىۋەتتىم ،بىراق بۇ خانىم ئاچچىقتىن سۆزلەپ كەتتى ،نىمە دەيدۇ ،ما شۇم ،نەچچە يۈز يۈەنلىك شىمنى تېخى يىرتىق دەيدا ،سەھرالىق دىگەننىڭ مودىنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدۇ ،بۇ خانىمنىڭ گىپىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاشقا تاقىتىم قالمىدى ،شۇڭا خانىم ،بۇ راسلا سەھرا ،سىزمۇ بۇ يەرگە كەلدىڭىز ،شۇڭا مۇشۇ يەرگە ماسلىشىڭ ،قىسقىسى سىز ئوقۇتقۇچى ،مودىل ئەمەس ،ئوقۇتقۇچىلارمۇ سىزنى يېڭى كەلدى ،كۈنۈۋالسۇن دەپ گەپ قىلمىدى ،بۇنداق كىينۋالسىڭىز ئەتە-ئۆگۈن خەقلەر بىز پاھىشەدە بالا ئوقۇتمايمىز دەپ بالىلىرىنى ئىپ كىتىدۇ ،شۇنداق دىيشىمگە بۇ خانىم قايناپ كەتتى ،قالغان گەپنى دىمەي قىسقىسى شۇنداق بىر ئىش بولدى،يۇقارقىدەك ئىشلىرىمىز ئوقۇغۇچىلارغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپ ،ئوقۇغۇچىلارنى ئەخلاق جەھەتتىن بۇزۇشقا تۈرتكە بولدى ،ئۇندىن باشقا جەمئىيەتتىن ئاشكارە ئوقۇتقۇچى قۇبۇل قىلىشقا ئەگىشىپ ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنى ياشلىششقا قاراپ يۈزلەندى ،ئۇندىن باشقا يىراق جايلاردىن كىلىپ ئىشلەيدىغانلار كۈپىيىشكە باشلىدى،پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار ياش ئوقۇتقۇچىلارنى كۆرۈپ ،مائارىپىمىز يەنە بىر بالداق ئالغا سىلجىيدىغان بولدى دەپ ئويلىغان ئىدى،ئەپسۇس ،ئارىدىن بىر نەچچە يىل ئۆتە -ئۆتمەيلا پىشقەدەملىرىمىز ئۈمۈتسىزلىنىپ قالدى ،ھەتتا ئورۇن بۇشتىپ پنسىيگە چىقىپ كەتكەن بىر قىسىم پىشقەدەملىرىمىز ئىش ئورنىغا قايتا چىقىشنى تەلەپ قىلدى ،چۈنكى ئۇلار بىر قىسىم ياش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىلىقلىرىغا قاراپ ئۈمۈدىنى ئۈزگەن،مىللەتتنىڭ كەلگۈسىدىن ئەنسىرەپ قالغان ئىدى،قىز خانىملىرىمىز گىرىمنى بۇلىشغا قىلىپ يېرىم يالىڭاچ  سىنىپقا كىرىپ كەتسە ،پىشقەدەم ئايال ئوقۇتقۇچىللىرىمىز ھەسرەت چىكىشتى ،ھەتتا كۆزيېشىمۇ قىلىشتى ،بىچارە پىشقەدەملىرىمىز ئايال كىشى دىگەن ئوقۇغۇچىلارغا يۈزى بىلەن قۇلىدىن باشقا جايلىرىنى كۆرسەتمەسلىكى كىرەك ئىدى دەپ ئۈنسىز پىچىرلاشتى بىراق ياشلىرىمىز خىيالىدا يوق سىنىپقا كىرىپ، دوسكىغا خەت يازسا ئوقۇغۇچىلار نىڭ بەزلىرى خانىمنىڭ تارشىمدىن تازا پولتىيىپ چىققان كاسسسلىرىغا نىمىلەرنىدۇ يازدى،بەزلىرى خانىم دوسكىغا قول كۈتۈرۈشى بىلەن تەڭ ئېچىلىپ قالغان قولتىقىغا قاراپ قولتقنىڭ سەل تۈۋنىدە يەنە نىمىسى باردۇ ،ھەجەپ كۆرەلمىدىم  دەپ ماراپ يۈرۈشتى، بۇيتاق ئوغۇل -قىز ئوقۇتقۇچىللىرىمىز سىرتلاردا ھەتتا دەرستىن چۈشۈپلا سىنىپ ئالدىدا ئوقۇغۇچىلار كۆز ى ئالدىدا ھەرخىل بىمەنە چاخچاقلارنى قىلىشتى،ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلار ياتىقى مەكتەپ ئىچىدە بولغاچقا ئاخشىمى تەكرارغا چىققان ئوقۇغۇچىلار ئۇ ياتاق ،بۇ ياتاقتا ،ئۇ بۇلۇڭ ،بۇ بۇلۇڭدا ئوغۇل -قىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بولمىغۇر قىلىقلىرىنى كۆرۈپ قىلىشتى ،شۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىللىرىمىز كەچلىكى قىلىدىغان تەكرارى دەرس بولماستىن باشقا ئىش بولۇپ قالدى ،قىسقىسى ئاشۇ بىرقىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قىلىقسىز ئش -ھەركەتلىرى ئوقۇغۇچىللىرىمىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى بولۇپ قالدى ،تەربىيە قىلسا «مۇئەللىمدىن ئۆگەندىم ››دىگۈدەك ھالەتكە يەتتى.يەنە بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار يۇرۇش-تۇرۇشتا خىلى دۇرۇس بولسىمۇ لىكىن ئوقۇغۇچىلارغا تەربىيە قىلىشتا ،ئوقۇغۇچىلارنى يىتەكلەشتە ئاجىز كەلدى ،بولۇپمۇ كۆپىنچە ئوقۇتقۇچىدا ھۇكۇمرانلىق خاھىيشى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ ،ئوقۇغۇچىلارنى خاتا تەنقىدلەپ قويسا ئەپۇ سۇرىماسلىق ،ئۆز كۆز قارشىنى ئوقۇغۇچىلارغا مەجبۇرى قۇبۇل قىلدۇرۇشتەك ئەھۋاللار يۈز بەردى.
   شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار يۇقارقى ئەھۋاللارغا خاتىمە بىرشى ،يۇرۇش-تۇرۇش،كىيىم-كىچەكتە مەكتەپ ئىچىدىلا ئەمەس جەمئىيەتتىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرشى كىرەك ،پىداگىگۇكا ،پىسخولوگىيە بىلىملىرنى كۆپلەپ ئۆگىنىپ ئۆزىنى ھەرجەھەتتىن ئەتراپىلىق تەربىلەپ ،ئوقۇتۇشقا ئۆزىنى بېغىشلاش رۇھىنى تۇرغۇزۇش كىرەك .ئوقۇتقۇچى كەڭ قۇرساق ،ئەپۇچان ،جۈرئەتلىك بۇلۇش ،نامرات تۇرمۇشقا كۇنەلەيدىغان بۇلۇش كىرەك ،سىز قانداقتۇر ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ مائاش ئېلىپ ياخشى كۈنگە ئىرششىنى ئويلىغان بولسىڭىز كەچۈرۈڭ بۇ خىزمەتتنى قىلماڭ ،ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى ئىرىشش ئەمەس ئاتاقىلىشتىن ئىبارەت ،سىزنىڭ ئىرشىدىغنىڭىز  10يىل ھەتتا 20يىلدا بىرقىتىم بۇلىدۇ ،بۇ سىز ئوقۇتقان ئوقۇغۇچىنىڭ جەمئىيەتكە ياراملىق بۇلۇپ يىتىشىپ چىققانلىقىدىن ئىبارەت .ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەڭ چوڭ پايدىسى ئەنە شۇ .ئەگەر سىز باشقا پايدا مەنپەتنى كۆزلىگەن بولسىڭىز بۇ خىزمەت سىزگە ماس كەلمەيدۇ ،ھەم بۇ خىزمەتنى قۇشۇمچە خىزمەت قاتارىدىمۇ كۆرمەڭ ،ھازىر بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىللىرىمىز پۇل تېپېشنىڭ كۇيىغا چۈشۈپ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىنى قۇشۇمچە خىزمەت دەپ قاراۋاتىدۇ ،بۇ بىزنىڭ مائارىپىمىزنىڭ زاۋاللىققا يۇزلىنىشنىڭ ئىپادىسى .
قىسقىسى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىڭىدىكى كىچىككىنە نوقسانلىقمۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئەخلاقىغا ،ئۆسۈپ يىتىلىشگە ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسىتدۇ ،شۇڭا مۇئەللىم ئۆزىڭىزنىڭ ئوقۇتقۇچى ئىكەنلىكىزنى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆز ئەمەلىي ھەركىتىڭىز بىلەن ئىپادىلەپ بىرىپ ،ئوقۇغۇچىغا كىچىك بالىغا مۇئامىلە قىلغاندەك ئەمەس بەلكى پۈتۈن بىر سۈرۈك ئادەمگە ،پۈتۈن بىر مىللەتكە ،دۆلەتكە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىڭ .
4-تور،تىلىۋۇزۇر ۋە جەمئىيەتنىڭ تەسىرى :
ئوقۇغۇچىلارنىڭ  ئەخلاق قارشىنىڭ بارغانسىرى تۈۋەنلەپ كىتىشىگە رۇشەن تەسىر كۆرسىتىۋاتقان نەرسە تور ،تىلىۋۇزۇر ،يەنە جەمئىيەتتە ئىېقىپ يۈرگەن بىر قىسىم كىشلەر .
  تور- بۇ بىر مەۋھۇم دۇنيا بۇلۇپ ،تور دۇنياسىسدا ھەرقانداق بىر نەرسىنى ئۇچراتقىلى بۇلىدۇ ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىڭىلىققا  قىزىقىش پىسخكىسى كۈچلۈك بولغاچقا  ،توردىكى بىر قىسىم ناشايان قىلىقسىز نەرسىلەرنى كۆرۈشكە ئامراق ،بۇ نەرسىلەرنى كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن، دوراش پسخكىسىنىڭ تۈرتكىسىدە ئەمەلى ھەركىتىدە ئىپادىلەشكە ئۇرنىدۇ -دە بىر قىسىم ئەخلاقسىزلىق ھەتتا جىنايەت شەكىللەندۇرۇپ قۇيىدۇ. شۇڭا دۆلىتىمىزدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تورخانىغا كىرشىگە چەك قۇيۇلدى ،بىراق كىشلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسىنىڭ ئۆسىشىگە ئەگىشىپ ،تۇر ئائىللەردە كەڭ ئومۇملاشتى. شۇنىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى تورخانىدىن تۇسۇپ قالغان بىلەن ئائىلىدە تورغا چىقىشتىن توسقىلى بولمىدى ،ئاتا-ئانىسى توسسا ،ماتىرىيال ئىزدەيمەن دىگەن چىرايلىق باھانىسى بار بولدى .
تىلىۋۇزۇر -ھازىر ھەممە ئائىللەردە تىلىۋۇزۇر بار ،ھەتتا ئوقۇغۇچىللىرىمىزنىڭ ياتاق ئۆيلىرىدىمۇ تىلىۋۇزۇر بار ،ئۆسمۈرلەر قانىلىدىنمۇ نەچچىسى بارلىققا كەلدى ،بىراق بىزنىڭ بىر قىسىم بالىللىرىمىز يەنىلا غەربنىڭ سېرىق مەزمۇنىدىكى نەرسىلەرنى كۆرۋالدى ،دەسلەپتە تاساددبى كۆرۈپ قالغان بولسا ،ھازىر دائىم كۆرىدىغان بولۇپ قالدى ،ئاتا-ئانىسى بايقاپ قالسا ئۆسمۇرلەر قانىلنى ئېچىپ، بولمىسا غەربنىڭ كىنولىرىنى كۆرۈپ ،تۈرلۈك ناچار ئادەتلەرنى ئۆزىگە يۇقتۇرۋالدى .
جەمئىيەت -بۇ بىر تىزگىنلەش مۇمكىن بولمايدىغان ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يتىلىشگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان مەسلە بولۇپ قالدى ،قىنى قايسى قانۇن يېرىم -يالىڭاچ كىينگەننى ،كوچىدا قولتۇقلۇشۇپ ماڭغاننى ،ھاياسىزلارچە بىر-بىرنى يالىشۋاتقانلارنى ،ھاراق ئىچىۋاتقانلارنى ،تاماكا چىكىۋاتقانلارنى ...... جازالىيالايدۇ.ھەتتا يېرىم يالىڭاچ ئۇسسۇل ئويناپ ،ناخشا ئېيىتسا بۇ ئەخلاققا خىلاپ دەيدىغان ئورۇن يوق نەشىر قىلىۋاتسا ،ئەركىنلىك ئۇچىغا چىققان بۇجەمئىيەتنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەسىرىنى تۈگىتىش مۇمكىمىدۇ؟
  دىمەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىنى ياخشىلاشتا جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان ھەربىر ئادەمنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيتى بار .جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان ھەممەيلەننىڭ ئۇماق پەرزەنتى بار ياكى بۇندىن كىيىن بۇلىدۇ ،شۇڭا كەڭ جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان ھەربىر ئەقىل ئىگىسى بالىلارغا ئۆز بالىسىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشنى تۇنۇپ يەتكەندىلا  ئاندىن بۇ نىشانغا يەتكىلى بۇلىدۇ .
تور ،تىلىۋۇزۇرنىڭ ئىشىغا كەلسەك بۇ يەنىلا ئاتا-ئانىلارغا باغلىق .مىنىڭچە ئوقۇغۇچىلارغا ئايرىم تىلىۋۇزۇر ئېلىپ بىرش ياخشى ئەمەس .ئوقۇغۇچىلار تاپشۇرۇق ئىشلەپ زىرىككەندە ،بالىلار ياخشى كۆرىدىغان كارتونلارنى ،بالىلارنى تەربىيلەشكە ئەھمىيتى بار فىلىملەرنى بالىلار بىلەن بىرگە كۆرۈش كىرەك .بۇنداق بولغاندا ئاتا-بالا ئوتتۇرسىدىكى مىھىر -مۇھاببەت چۈشنشنى يۇقىرى كۈتۈرۈپلا قالماي يەنە بالىلارنىڭ ئەخلاقسىز نەرسىلەرنى كۆرۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ،بالىدا ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرگىلى بولىدۇ ،تورمۇ ئوخشاش ،ئاتا-ئاننىڭ بار ۋاقتىدا بالا تورغا چىقسا ،ماتىرىيال ئىزدىسە بۇلىدۇ .ئەگەر سىز توردا تىجارەت قىلىدىغان بولمىسىڭىز ئەڭ ياخشىسى ئۆيىڭىزگە تور ئەكىرمەڭ .
  ئەقىل كۆزۈمنىڭ ئاجىزلىقى ،ۋاقىتنىڭ قىسلىقى تۈپەيلى منىڭ ھىس قىلغانلىرىم مۇشۇنچىلىك ،مەقسىدىم پەقەت بىرلا «قانداق قىلغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق كۆز قارشىنى ياخشىلاپ ،ئوقۇغۇچىلارنى ھەقىقى ئادەم قىلىپ تەربىيلەش مەقسىتىگە يەتكىلى بۇلىدۇ ››دىگەندىن ئىبارەت .كۆپچىلىكنىڭ بۇ توغرىسىدا باشقىچە كۆز قاراشلىرى بولسا ئىنكاس شەكىلىدە ئوتتۇرغا قويسا ،ئىنكاس مەيلى ئاچچىق ،مەيلى تاتلىق ۋە ياكى مەسخرە ئارلاش كۈلكىلك بولسىمۇ قۇبۇل قىلىۋىرىمەن .چۈنكى مەن مەڭگۈ ئۈگەنگۈچى!

مەنبە :ئۈمۈدۋارئۇيغۇر


ھازىرغىچە 7 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
yoquk + 300
پەرى + 1010 يارايسىز ئۈمۈتۋار ئۇي.
Zulpikar + 300 ياخشى
زامانى + 500 تېتىملىق تىما
fatima + 200 دەلىللەر يېتەرلىك
musilina + 300 تەپەككۇرى كۈچلۈك
مارشال + 500 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 3110   باھا خاتىرىسى

ھايا قىلمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74747
يازما سانى: 801
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6257
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 621 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 04:15:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ھەقىقەتەنمۇ جەمئىيەتتىكى كونتىرول قىلمىسا بولمايدىغان بىر ئەھۋالنى يېزىپسىز . بۇ مەسىلە ھەربىر ئاتا _ ئانا ، ئۇستازلارنىڭ ئويلىنىشىغا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى . ھەممىمىز ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى ، بىلگەننى بىلمىگەنگە ئۆگىتىپ ، بىلمىگەننى ئۆگىنەيلى . خاتا يولدىكىلەرنى ئامال بار توغرا يولغا باشلاشقا تىرىشايلى ! كۆپ كىتاپ كۈرۈپ ئادىمىيلىكىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرەيلى قېرىنداشلار !

بىزلەر خەقلىشىپ ، خەقلەر بىزلىشىپ ... !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1360
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51032
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9851 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 04:20:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جەمىيەتنىڭ تەرەقىي قىلىشىغا ئەگىشىپ،كىشىلەر ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇتۇش ھەمدە ياراملىق پەرزەنت قىلىپ تەربىيلەشنى ئويلايدۇ.تۇغۇلغان ھەربىر پەرزەنتىڭ ۋەتەنگە،مىللەتكە تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
مەكتەپتە مۇئەللىم بىزلەرگە شۇنداق دەيدىغان:ۋەتەن،مىللەت دېگەن چوڭ ئوقۇم،ۋەتەنگە،مىللەتكە تۆھپە قوشىمەن دەپ چوڭ سۆزلىمەي،ئۆزۈمگە،ئاتا-ئانامغا ياراملىق ئادەم بول دەپ،ئۆزۈڭگە يۈز كېلەلىسەڭ ۋەتەنگە،مىللەتكە يۈز كېلەلەيسەن دەيتى.
تېمىڭىزدىكى مۇھاكىمە-بايانلار ۋە ئەمەلىي تەكشۈرەش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان رېئال تۇرمۇشنىڭ كارتىنىسى دېسەك،ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇيۇق يولدا مېڭىشى،ئۆز كەلگۈسى توغۇرسىدا ئويلانمانماسلىقى....بۇ ئىشلارنى سۈرۈشتۈرۈپ كەلسە نۇرغۇن ئىشلارغا بېرىپ چېتىلىدۇ.
ئۇلۇغ ئاللاھ شۇ ئازغۇنلۇق يولىغا پېتىۋاتقان،ئۆز كەلگۈسىنى كۆرەلمەيۋاتقان پەرزەنتلەرنى ھىدايەت يولىغا باشلىغاي.

باغراش كاككۇكى!!!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34870
يازما سانى: 5406
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20191
تۆھپە نۇمۇرى: 1962
توردا: 2259 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 04:32:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۈمۈدۋار ئۇيغۇر..... ئاللاھنىڭ سالىمى سىزگە بولسۇن. قەلمىڭىز ھارمىغاي.
تېمىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ.
ھازىرقى جەميەتتىكى ئوقۇغۇچىلار نىڭ بۈگۈنكى كۈنگە چۈشۈپ قېلىشىغا ھەممە ئادەم قاقشايدۇ.
بۇ سەۋەنلىكنىڭ ئاز قىسمىنى ئوقۇغۇچىلارغا كۆپ قىسمىنى شۇ ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەۋاتقان جەميەتكە ، باغۋەنگە بولۇپمۇ ئاتا- ئانسىدىن كۆرسەك بولىدۇ. مېنىڭچە.

سۆيۈشنى بىلگەنلەر سۆيۈملۈك ئەزەل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32178
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3372 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 04:33:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقوغۇچىلارغا نىمە بولدى؟

    ئوقوغۇچىلارغا سىز دىگەندەك ئائىلىنىڭ، مەكتەپنىڭ،جەمىيەتنىڭ تەسىرى ئىنتايىن يامان بولدى.بولوپمۇ،جەمىيەتنىڭ ،قانۇن-سىياسەتنىڭ بالىلارنى تەربىيلەشكە كۆرستىۋاتقان تەسىرى پاسسىپ بولىۋاتىدۇ.مەسىلەن؛ياخشى ئوقۇغان بالىلار خىزمەت تاپالمايدۇ.ئائىلە بالىغا مەسئۇل، مەكتەپ سانغا مەسئۇل،جەمىيەت بايغا مەسئۇل.مەن مۇشۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ‹بۇ كىمنىڭ بالىسى›دىگەن ماقالىنى مۇشۇ توردا ئىلان قىلغان ئىدىم،بىر كۆرۆپ بېقىڭ.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76274
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5251
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 286 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 04:35:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇش ئۇۋىسىدا كۆرگەننى قىلىدۇ، دەيدۇ كونىلار.
پەرزەنت ئاۋال ئانا تەربىيىسىدىن سۇ ئىچىدۇ. شۇنداق بولغانىكەن ئانا ئۆزى ئوڭشىشى، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئۆزىدىكى يامان ئىللەت،  يامان تەسرنى يوقىتىشى كېرەك، دەماللىققا تولۇق يوقىتىپ بولالمايمەن دېگەن تەقدىردىمۇ شۇ ئىللەتلەرنى بالىنىڭ ئالدىدا كۆرسىتىشتىن ساقىلىنىشى كېرەك. بالىغا بولسا ئانىدىكى ئەدەپ، خۇلق سىڭىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئانا ھەرقاچان ئەدەپ- ئەخلاق ئۆگىنىشىتىن توختاپ قالماسلىقى، بۇ يولدا ئۈزلۈكسىز تىرىشىشى لازىم. چۈنكى بۇلارمۇ يېتىلدۈرۈشكە باغلىق. ئۆزىدە يوق نەرسىنى باشقىلارغا بەرگىلى بولمايدۇ.
ئانا پەرزەنتىنى ئەخلاقلىق، ھايالىق قىلىپ تەربىيلىسە، مەكتەپكە ئەۋەتكەندىمۇ توختاپ قالماستىن ئۆگىتىپ تۇرسا، سىرتتىن ئۆگىندىغان يامان ئىشلارنى ۋاقتىدا چەكلەپ، ئۇنىڭغا قارشى تۇرالىغۇدەك ئەخلاقنى بالىسىغا ئۆگۈتەلىشى كېرەك، شۇندىلا بالىلار ئانا كۈتكەندەك چىقىدۇ. يامان ئىشنى سىرتتىن ئۆگىنىپ، ئۆيدىنمۇ ئۆگىنىپ، ئۇ يامان ئىشنى ۋاقتىدا تۈزەپ كېتەلمىسە، بالا بۇزۇلماي نېمە بولماقچى؟
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەرقانداق بىر بوۋاق ئىسلام يۈزىگە تۇغۇلىدۇ، ئۇنى ئاتا- ئانىسى يا يەھۇدى، يا ناسارا، يا مەجۇسى قىلىدۇ» دەيدۇ. دېمەك، بالىنىڭ سىماسىدىن، يۈرۈش- تۇرۇشىدىن ئاتا- ئانىنىڭ قانداقلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76274
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5251
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 286 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 04:35:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76274
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5251
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 286 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 04:36:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازغانلىرىڭىزدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلىۋالدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1582 سائەت
تىزىم: 2014-12-12
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 05:17:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ناخشى قىممەتلىك يازما يولاپسىز مۇشۇ يازما ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلۇنۇش كېرەك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74767
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5092
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 346 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2013-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 05:19:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مائارىپ ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۇنتۇپ قالغان بولغاندىن كىيىن مۇشۇنداق بولىدىغان گەپتە. مائارىپنىڭ ‹‹رولىنى ››مائارىپنى چۈشۈنىدىغانلار ئۆز قولىغا ئىلىشى كېرەك.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nadira152 + 10 بۇنى سەۋىيەسى توۋەن ا.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش