ئاخشام مۇنبەر ئەزاسى "ئارتۇچ"نىڭ "رۇستەم قارىھاجىمنىڭ تارىخى" دېگەن تېمىسىنى ئوقۇپ،مەرھۇمنى كۆرۈشكە نىسىپ بولغان كىچىككىنە پەيتلەر يادىمدىن كەچتى.
كىچىكىمدىن تارتىپ چوڭلارنىڭ ئاغزىدىن مەرھۇمنىڭ ئىسمىنى داۋاملىق ئاڭلايتتىم.بىزنىڭ چوڭ ئۆي ئاتۇش شەھەر كاتتايايلاق يېزىسىدا بولۇپ ، تۇققان يوقلاپ بارغان چاغلاردا چوڭلار توپلاشقان سورۇنلاردا پات-پات ئۇنىڭ ئىسمى چىقىپ قالاتتى."رۇستەم" دېگەن ئىسىم تۇنجى بولۇپ قەلبىمگە "پالىۋان" تۇيغۇسىنى بەرگەن بولسا،"رۇستەم قارى پالانىنىڭ مىيىت نامىزىدا ئۇنداق دېدى،"،"رۇستەم قارى بۇ مەسىلىگە مۇنداق دېگەن" دېگەندەك سۆزلەرنى ئاڭلىغىنىمدا بۇ زاتنىڭ بۇ يۇرت قەلبىدىكى"توغرىلىق ئۆلچىمى" ئىكەنلىكىدەك بىر غايىبانە ئوبراز سىماسى قەلبىمدىن ئورۇن ئالغان ئېدى.
كېيىنچە ئوقۇشلار بىلەن بولۇپ بۇ زاتمۇ ئاستا-ئاستا يادىمدىن چىقىپ قاپتىكەن . ئىككى يىل بۇرۇن بۇ زاتنى دىدار كۆرۈشكە نىسىپ بولۇپ قەلبىمدە يېڭچە تەسىرلەرنى قالدۇرغان ئىدى.
ئىككى يىل بۇرۇنقى رامزان ئايلىرىغۇ دەيمەن. ئاتۇشتىكى تاغامنىڭ ئۆيىدە نەچچە كۈن تۇرۇپ قالدىم. نامازغا ئاساسەن چوڭ مەسجىدكە باراتتم. ئۇندىن بۇرۇن مېنىڭ كاللامدا مەسجىددە پەقەت جۈمئە كۈنىلا ۋەز-تەبلىغ بولىدۇ دەيدىغاندەك بىر قاراش بوپتىكەن. لىكىن ئۇ مەسجىتتە ئادەتتىكى بەش نامازنىڭ ئالدى كەينىدە قسقىغىنە ۋەز-تەبلىغ بولىدىكەن. بىر-ئىككى ھەدىس ياكى جامائەت ئىچىدىكى يېقىنقى مەسىلىلەر دېگەندەك. بولۇپمۇ پېشىن نامىزى ۋاقتىدىكى ۋەز-تەبلىغ ماڭا بەكرەك تەسىر قىلغان ئېدى. پېشىندىكى ئىمام (دەسلەپكى نەچچە كۈندە مەن ئۇنىڭ رۇستەم قارىھاجىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. بەلكى كىچىك ۋاقتىمدىكى ئۇ غايىبانە سىمانى ئەمەلىيەتتە ئۇچرىتىشىم مۇمكىن ئەمەستەك ھېس قىلسام كېرەك.) ئۇسقانلىق بىر كىشى بولۇپ، مىھرابنىڭ يېنىغا قويۇلغان ئورۇندۇقتا جامائەتكە يۇزلىنىپ ئولتۇرۇپ بىر ئىككى ھەدىس سۆزلەپ ،ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاپ چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى. بىر كۈنى ئۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ "مەسجىدكە كەلگۈچە باسقان ھەربىر قەدەمگە بېرىلىدىغان ئەجىر-ساۋاپ ھەمدە مەسجىددىن ئۆيى قانچە يىراق بولسىمۇ پەرىز نامازلارغا مەسجىدكە پىيادە بارغان كىشىنىڭ ساۋابىنىڭ تېخىمۇ چوڭ بولىدىغانلىقى "توغرىسىدىكى ھەدىسنى سۆزلەپ، ئۆز تۇرمۇشىدىن مىسال ئېلىپ، ھەدىسنى تۇرمۇشقا توغرا تەدبىقلاشقا چاقىردى. ئۇ مىسال مۇنداق ئىدى: بىر كۈنى مەن يەنە بىرنەچچەيلەن بىلەن ماشىنىدا ھەسسۇلتۇنۇمغا نامازغا كىتىۋاتاتتۇق، يولدا ئىككى ياشانغان تونۇشىمىزنى ئۇچراتتۇق ،ئۇلارنىڭمۇ مەسجىدكە ماڭغىنى ئېنىقتى، تۇمۇز ئايلىرى ھاۋا بەك ئىسسىق ئىدى. ھەمراھلىرىم"ئۇلارنى ماشىنىغا ئېلىۋالايلى دېيىشتى". مەن " ئۇنىماسمىكىن" دېدىم، چۈنكى ئۇلارنىڭ مېجەزىنى بىلەتتىم. راست دېگەندەك ئۇلارنىڭ يېنىدا توختاپ ماشىنىغا چىقىۋېلىشنى ئېتساق ئۇنىمىدى. شۇلار ماشىنىغا چىقىۋالغان بولسا ماڭغان قەدەملىرىنىڭ ساۋابى كەملەپ كېتىدۇ دەپ ئويلىغان بولسا كېرەك. شۇڭا جامائەت ، ھەدىسلەرنى ئۈگەنگەندە مەنىسىنى تۇرمۇشقا توغرا تەدبىقلاپ ئۈگىنەيلى.
نامازدىن چىقىپ ئاياغ كېيىۋاتقۇچە ئىككى بالىنىڭ پارىڭى قۇلۇقۇمغا كىرىپ قالدى.
_ رۇستەم قارى دېگەن كىشى ئاشۇ شۇمۇ؟
_ ھەئە.
شۇ پەيىتتە مەن ئۇ كىشىنىڭ ھېلىقى مەن كىچىك ۋاقىتلىرىمدا ئاڭلاپ يۇرگەن "رۇستەم قارى" ئىكەنلىكىنى بىلىپ ، ئۇنىڭ كەينىدە تۇرۇپ ناماز ئوقۇشقا نېسىپ بولغىنىدىن ھاياجانلىنىپ كەتكەن ئىدىم.
نەچچە كۈن ئۆتۈپ پېشىن نامىزىغا دادام بىلەن بىللە باردۇق. بىز كىرگەندە پېشىن نامىزىغا سەل ۋاقىت بار ئېدى. مەسجىددە 20-30چە جامائەت بار بولۇپ ، رۇستەم قارىھاجىم كۈندىكىدەك مىھرابنىڭ يېنىغا قويۇلغان ئورۇندۇقتا جامائەتكە يۈزلىنىپ ئولتۇراتتى. دادام كىرىپلا كەينىدىكى سەپتە تۇرۇپ تەھەييەتۇلمەسجىد نامىزى ئوقۇشقا تۇردى. قارىسام بىرىنچى ، ئىككىنچى سەپلەرمۇ تېخى تولمىغان ئىدى. بېرىپ بىرىنجى سەپتە تۇرۇپ تەھەييەتۇلمەسجىد نامىزىنى ئوقۇدۇم. ئاندىن دادامغا قارىسام شۇ جايىدا ئولتۇرغان ئىكەن شەرەت قىلسام كۆرمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاستا يېنىغا بېرىپ بىرىنجى سەپكە باشلاپ كەلدىم.
بىردەمدىن كېيىن رۇستەم قارىھاجىم كۈندىكىدەك ۋەز-تەبلىغ قىلىشقا باشلىدى ھەمدە دەسلىپىدىلا پەرىز نامازلاردىن باشقا نامازلارنى مەسجىدنىڭ خالىغان يېرىدە تۇرۇپ ئوقۇسا بولىدىغانلىقى ، لىكىن پەرىز نامازدا چوقۇم سەپنى تولدۇرۇپ تۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكى توغرىسىدا سۆزلىدى. ئاڭلاپ ئۆزەمنىڭ قىلغان ئاقساقاللىقىدىن تولىمۇ خېجىل بوپ كەتتىم ، خۇددى ئۇ شۇ گەپنى ماڭىلا دەۋەتقاندەك. بەلكى مېنىڭ بايىقى ھەركىتىم ئۇ كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولسا كېرەك. دىمەك بۇ ئىمام جامائەت ئىچىدىكى شۇنچىلىك ئىشلارنى سەزگۈرلۈك بىلەن كۈزۈتۈپ توغرا-خاتانى ئۆزىمىزدىكى ئەمەلى مىسال ئارقىلق چۈشەندۇرۈشكە ئاشۇنداق ماھىر ئىكەن.
مەرھۇم بىلەن ئۇچراشقان ۋاقتىمنى قوشۇپ كەلسە نەچچە سائەت چىقار، پەقەتلا تۆت-بەش قېتىملىق پېشىن نامىزى خالاس. لىكىن ھەربىر ئۇچرىشىشتا بەرگەن تەلىمى ۋە تەسىرى تولىمۇ چوڭقۇر بولغان ئىدى. شۇنىڭغا قاراپ ھىس قىلدىمكى، ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى شۇ كىشىنىڭ كەينىدە نامازغا تۇرۇپ، ۋەياكى سورۇنلاردا بىللە بولۇپ تەلىمىنى ئاڭلاپ ئۆتكەن كىشىلەرگە بۇ زاتنىڭ تەسىرى ئاز بولمىسا كېرەك. بۇ نۇقتىنى ئۇنىڭ مىيىت نازىغا ئائىت بايان، رەسىم ۋە فىلىملەردىن تېخمۇ چوڭقۇر ھىس قىلىش مۇمكىن.
ئاللاھ شۇ بەندەڭگە ئەجىر ساۋاپنى ھەسسىلەپ بەرگەيسەن. ئامىن!
مەنبە : ئۆزۇم