ئىنسان ئامىل ھەققىدە قايتا ئىزدەنگۈچى
ھۇنبەگ
ئېھتىمال ، خۇشاللىق ئىچىدىكى قايغۇڭ يۇشۇرۇن قول سوزىۋاتقاندۇ .
خىزىر سۈپەتلەرمۇ ئەمدى ئىشىرەتگاھلاردا ئەپتى -بەشىرىسىنى ئېچىپ يالىڭاچلانماقتا. تاتلىق بىر خەۋپ يېقىنلاشتى. رەڭدارلارنىڭ ھەممىسى گۈزەل ئەمەس. خۇلقسىز چىرايلىقلارنىڭ جامالى ھەرگىزمۇ يېقىملىق قەلب سادالىرىنىڭ نامايەندىسى بولالمايدۇ. ئاگاھ بولۇش كېرەككىن، تۈرگۈن زاھىرلار ساختا كۈلكىسىنى ھامان كۈلىدۇ.
...................
ئېھتىمال ، سەن ئالدىراقسانلىق بىلەن يۈرۈكىڭنى مۇجىۋاتقانسەن .
يۈرەك دېگەن ھەر تەرەپكە بۇرىسا بولىۋېرىدىغاندەك بىلىنگىنىدە گويا، سەن ئۇنىڭ خۇجايىنىغا ئايلىنىسەن. بىراق، بىر چاغلاردا سېزىسەنكى سەن يەنىلا ئۇنىڭ ھۆكۈمىرانلىقىدا ياشايسەن.
نادان ئادەم چېچىلاڭغۇ تەشۋىشكە تاشلىنىپ ئۆزىنى سۈزەلمەيدۇ ۋە ھەق يۇلىنى كۆرەلمەيدۇ. ‹‹ ۋاقىتنىڭ قىسقىچە تارىخى ›› دىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ بولالماي تۇرۇپ ‹‹ خۇدا ۋە يېڭى فىزىكا ›› غا قەدەر بىر تەرەپلىمىلىكنى تەرغىپ قىلىشتىن باش تارتالمايدۇ. ھالالىق ئۈستىگە قۇرۇلغان نېئمەت سۇپۇرىسىغا سېسىق شاتىراقلارنى چىچىپ پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ غىزاسىىنى ھارام قىلىدۇ.
ئېھتىياتكى، ھەققە قارا چاپلاش شەرمەندىچىلىكىتىن ئۆتە مۇناپىقلىقكى ، ئۇ ئىلىمنىڭ ئەڭ بۇلغىما ھالىتىدىكى ئېڭرىشىدۇر.
.......................
ئېھتىمال ، ئاشىقلىق سەندىن پايدىلىنىپ سەھەر كۆيدۈرىۋاتقاندۇ.
ئاشىق ئىدىڭ،تارىم بويلىرىغا قويۇپ بەرگەن يۈرۈكۈڭ ئانا توغراقلاردىن ھالقىپ، چەكسىز كەتكەن قۇم بارخانلىرىدا كەچكى شەپەققە ئاشنا ئىدى. كۆزلۈرۈڭ نەمدەلگەن ،جۇپ قولۇڭ دۇئاغا كۆتۈرۈلگەن ھالەتلىرىدە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ تىلەيىتتىڭ. ئەگىز ئېقىننىڭ شىلدىرلاشلىرى سېنى ئۈمىد لەندۈرەتتى.ئۇ خۇددى ساڭا ھاياتلىقتەك، غەلىبىدەك،نىجاتلىقتەك، ۋىسالدەك تۇيغۇ بېرەتتى. سەن تۇيغۇڭغا تەكرار ئىشەنگەن . ئۈمىد تۇمۇرى سوقۇپ تۇراتتى.
سەن كۈتكەن سەھەر، پارلىغان قۇياش،ئوت دېڭىزىغا ئايلانغان قۇملۇق، ئوت ئېقىنى، ئوت دۆۋىلىرى... ئۇلارنى ھېچكىمگە بەرمەي چېچىۋەتتىڭ.
..........................
ئېھتىمال، مەردانە قىياسىڭدىكى پۈچەك رىئاللىق ساڭا مەسخىرىلىك كۈلىۋاتقاندۇ.
مۇتەپەككۇرلاچە تىل قېتىلمىلىرىغا تولغان ئۈزۈندىلەر، ئۆز رىئاللىقىغا باقمايدىغان باقىمەندىلەر ،ئۆزىنىڭ كىملىك تورىدىن ئۈزۈلۈپ كەتكەن ئەر-ئاياللىق... ساڭا قاراپ قاراپ كۈلىۋاتقاندۇ.
سانائەت دەۋرىدىكى رېستۇران ھەلەكچىلىكى- ئۆز ئىلكىدىكى ئەركىنلىكنىڭ ئۆزگەرگەن قۇللۇق ھالىتى.
............................
ئېھتىمال ، تاتلىق ھېسلاردىن بوشۇنۇپ بولۇپ ئىچىڭدىن قان كېتىۋاتقاندۇ.
ئۆزەڭنىڭ قىزى زىياپەتكە ئايلىنىپ كەتكەن كوچىلاردا سەن ھوزۇرلۇنۇپ يېگەن نېئمەت،شەھەر سىرىتلىرىغا دەپسەندە قىلىنىپ كېتىۋاتقان ئىپپەت، ئۆز ھوزۇرى،قىممىتى ئۆز ئەكەكلىرىگە دەردلىك نىدا قىلىۋاتقان مىللەت. بۇ نېمە دەرد؟ نېمە دەرد؟!
..............................
ئېھتىمال، نەسەبنامەڭنى قايتىدىن يېزىشنى ئويلۇدۇڭ .
ئاتالمىش زامانىۋىيلىق
مودىنىڭ چىركىن روھقا ئايلىنىشى
بادام گۈللىرى تۆكۈلۈپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇر دوپپىسى
مەدەنىيەتنىڭ شالغۇت ھالەتتىكى كۆرۈنىشى
بۇلۇڭ، بۇلۇڭلاردا ياسىلىۋاتقان ساختا كىملىك.
............................
ئېھتىمال، سەن‹‹ بارلىغىم ››دەپ ئويلىغانلىرىڭ خەتەرلىك بۇيۇملاردۇر.
مېڭە، يۈرەك،بەدەن ،خىيال،تۇيغۇ ، ئارزۇ ... ئۇلار ئاڭنى كۆيدۈرگۈ چى بۇيۇملاردۇر. يامان نىيەتلەر ئۈچۈن تېنىمسىز بەدەل بېرىۋاتقان بۇ ماتۇر سېنى ھالاكەتكە باشلايدۇ. بۇ تېنىڭ، ۋۇجۇدىڭنى تىتما قىلىۋېتىدىغان بومبىغا ئوخشايدۇ.
ئىنسان - ئامىل ھەققىدە قايتا ئىزدەنگۈچى.
.............................
ئېھتىمال ، كوچىدىلا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىۋاتقان كىشىلەرگە قاراپ تېنىڭ شۈركەندى.
ئادەملەر ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرىۋېلىۋاتىدۇ.لېكىن، باشقىلار ئۇلارغا پەرۋا قىلمايىتتى.بۇ ئەڭ ئېچىنارلىق ئەخمىقانىلىق ئىدى. ئۇلار خۇددى ھاياتتەك، بىر توپ تەن كوچىلارنى سېتىۋالاتتى، سېتىۋېتەتتى.
ئۆز جەسەتلىرىنى قەيەرلەرگىدۇر ئېلىپ بېرىشقا ئۇرۇنىشاتتى.
ئۇلارنى تونۇيسەن . بىر ئېرىق- بىر ئۆستەڭدىن، بىر سەھرا- بىر شەھەردىن ، بىر دىيار-بىر ۋەتەندىن ، بىر تىل- بىر مىللەتتىن ، بىر قېرىن - بىر قۇرساقتىن ئىدىڭ .
ئىچىڭ ۋاژ- ۋاژ قىلىپ ئېچىشتى.
ئۇلارغا قاراپ يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ئۆكسۈپ يىغلىدىڭ.
...............................
ئېھتىمال ، ئانىلىرىمىزنى ئىزدەپ چىققانسەن .
ئانىلار يۇقاپ كەتتى. نارەسىدە بالىلار ئېمىزەكلىرىنى چىشلەپ چىقىپ ئۆز ئانىلىرىنى ئىز دەيىتتى. ئاتىلارمۇ قاياقلار غىدۇر غايىپ بولغانىدى. ئۇلار بۈگۈننى قەدىرلەپ ، ئەتىنى ، كەلگۈسى پارلاق غەلىبىنى بەرپا قىلغۇچىلار ئىدى.
بالىلار ئانىلىرىنىڭ قەدەھ ئىچىدىكى ئاياغلىرىنى سۈزۈۋېلىشتىيۇ قىرقىراپ يىغلاپ كەتتى.
................................
ئېھتىمال ، تۈنۈگۈننى سېتىۋېلىشنى ئويلاپ كەلگەنسەن.
بىز تۈنۈگۈننى ئاخىرلاشتۇرۇپ، بۈگۈنگە ئېرىشتۇق . نۇرغۇنلار تۈنۈگۈننى ئەرزىمەس، كېرەكسىز كۆرۈپ ئەرزانلا سېتىۋەتتۇق. ئۇنتۇدۇق.
مەن كۆپ پۇشايمان قىلدىم . ئۇنىڭدا ئوتلۇق كۆرەش، ئازادلىق ،ئېتىقاد ، ئەقىدە ، ئۆرپ-ئادەت ، مېھىر- شەپقەت ، ئۆملۈك، باتۇرلۇق بار ئىكەندۇق، بار ئىكەندۇق.
بۈگۇننىڭ ئۈستىلىدە ئۇلارنىڭ ھەممىسى بار. ئەپسۇس بىز بۇلارغا بىھاجەت ئولتۇرۇپتىمىز. كۆرۈنسىمۇ تۇتمىدۇق، كەلسىمۇ ئالمىدۇق ...
...............................
ئېھتىمال ، ‹‹ ۋاقىت بانكىسى ›› غا قويۇلىۋاتقان ئولتۇرۇشلارغا قاراپ ئېچىندىڭ .
بۇلارنىڭ پۈتۈن ھۈنەرلىرى بىر يەرگە يىغىلىپ: ‹‹ ئۆلىما مەجلىسى ›› ،‹‹ ھوقۇقدارلار يىغىلىشى ›› ،‹‹ياشلار ئولتۇرۇشى ›› ، ‹‹كەسمە ،تەشمە، چەكمە...توي›› ، ‹‹قاتار چاي›› غا ئوخشىغان يەپ -ئىچىش بىلەن ئاش ۋە سۇنى ئىسراپ قىلىپ، بىر تېيىنلىك ئەھمىيىتى بولمىغان ئولتۇرۇشلىرىغا قاراپ: ‹‹ ۋاقىت ئالتۇن ›› دېگەن سۆزدىن گۇمانلاندىڭ.
ئۆز رىئاللىقى، ئىجتىمائى ئورنى،ئىتىقادىي كەڭلىكى ، ساپاسى، بايلىقى قاي ھالەتتە قېلىۋاتقىنىنى بىلمەي بىخۇدلارچە ‹‹ ناخشا -ئۇسسۇل ماكانى›› نى ئاۋاتلاشتۇرۇپ يۈرگەن قېرىنداشلىرىڭغا قاراپ ئېچىندىڭ .
دۇنيادا ياشاش ۋە دۇنيادا بار بولغان بايلىقلارغا ئېگە بولۇشنى ئىستىگەن مىللەت، پەقەت ئۆز پىداركارلىقى، ئىجتىھاتى، ئېتىقادى، تىرىشچانىلىقى بىلەنلا ياشايدۇ. ئىجتىھاد ۋە ئېتىقادقا كەمچىللىك قىلغۇچى ، خام -خىيال، پەرەزلەرگە بېرىلىپ تىرىشىش ۋە ئىزدىنىشتىن مەھرۇم قالغۇچى مىللەتنىڭ ئاقىۋىتى خارلىق ۋە ئاياق-ئاستى بولۇشتىن باشقا نەر سە ئەمەس.
................................
ئېھتىمال ، ‹‹ قىيامەت›› ھەققىدىكى نا ئېنىق ئۇقتۇرۇشلار سېنى چۈشەپ قويغاندۇ.
بۇ نامدار ، تون يېپىنغۇچىلار: ‹‹ بىز دۇنياغا مەڭگۈ كەلمىدۇق، قىيامەت ئاز قالدى›› دەپ تەكرار داۋراڭ سالىدۇ.
- قىيامەت قاچان بولىدۇ؟
-ئون يىلمۇ؟
- ئەللىك يىلمۇ؟
- يۈز، مىڭ يىلمۇ؟
بۇنى ياراتقۇچىدىن باشقا ئۆزگە بىر مەخلۇق بىلمەيدۇ.
تەرەققىيات ھەققىدىكى پىكىرلەر قانائەت يولىدىكى شۈكرى ئۆتەڭلىرىدە سوزۇلۇپ يېتىپ تەۋەككۇل قىلىدۇ. بۇ قانائەتمۇ ، تەۋەككۇلچىلىكمۇ ، شۇنداقلا دىننىڭ رۇھىمۇ ئەمەس.
ھېچ ئىشقا تىرىشماي، تەۋەككۇلچىلىك بىلەن كۈن ئۆتكۈزگەن مىللەتتىن نامىراتلىقنىڭ، قەلەندەرچىلىكنىڭ، خار ۋە زەبۇنلۇقىنىڭ ئاھۇ-پەريادى ئۈزۈلمەيدۇ. ( خۇدا ساقلىسۇن)
.................................
ئېھتىمال ، ‹‹ چوڭ ئىش›› لار ھەققىدىكى كۆپۈپ سۆزلەشتىن زېرىكتىڭ.
- بىز قايسى چوڭ ئىشنى قىلماقچى؟
-چوڭ ئىش دېگەن نېمە؟
ئۆزۈڭگە شۇ سۇئاللارنى قويدۇڭ
ئۆز قەدىر-قىممىتىنى ساقلاپ قالالمايۋاتقان، ئادىمىيلىك ماقامىدىمۇ ياشاش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قېلىۋاتقان بىز... چوڭ ئىش... چوڭ گەپ... چوڭ يەپ...نەگە بارماقچى؟
................................
ئېھتىمال، ھەقىقەتكە قايتىشتىن قورقتۇڭ.
سەپسەتىلەر ئاغدۇرۇپ تاشلاندى.
ئالەمنىڭ بىنا بولۇشى
دارۋىننىڭ ‹‹ تەدىرىجى تەرەققىيات نەزىرىيىسى››
ئابىستىراكىتلاشتۇرۇش تاكتىكىسى
نەزىرىيەنىڭ قېيىنچىلىقلىرى
جانلىق ۋە مۇكەممەل ھۈجەيرە
ھەقىقەتتە بىر مەيدان ئالەمشۇمۇل مۇنازىرە جېڭىنى قوزغىدى.
بىز ھەقىقەتكە قايتالمىدۇق.ئەلۋەتتە، سېنىڭ ئاجىز بولغان قەلبىڭ ، ياداڭغۇ رۇھىڭ ، يۇمشاق ھالەتتە تىتما -كاتاڭ بۇلۇپ كېتىۋاتقان ۋۇجۇدۇڭ ھەقىقەتكە قايتىشتىن قورقتى. بۇ بىزنىڭ بىر پۈتۈن رۇھىيىتىمىزنىڭ زامانىمىزدىكى ئەينەن قىياپىتىنى ئاشكارىلاپ تاشلىدى.
ھەقىقەت- ھامان ھەقىقەت.
تارىخلار بۇلغاندى. خەلق بىر تالاي توقۇلما ھۆججەتلەربىلەن ئۆتمۈشكە باھا بەردى. بالىلار، كەلگۈسى يازما يادىكارلىقلاردىن ئاتا-بوۋىلىرىغا بۆھتان چاپلايدۇ.
سەن يۈرۈكۈڭنى ، رۇھىڭنى چىڭ قۇچاقلىدىڭ .
- ھەقىقەتكە قايتايلى!
- ھەقىقەت بىزنى ئويغاتسۇن!
- ھەقىقەت رۇھىمىز، ۋۇجۇدىمىز، بىزنىڭ بارلىقىمىزنى ، ئادىمىيلىكىمىزنى، شانلىق سەمەرىلىرىمىزنى قايتىدىن تونۇتسۇن!
2009-يىل 3- ئاي
بۇ مەزمۇنلارنىڭ ئەسلى مەنبەسى:
http://www.boztagh.com/munber/forum.php?mod=viewthread&tid=195
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hunbag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-13 02:51 PM