مۇشتلاشقاندىمۇ ئەيدىزدىن يوقۇملىنىپ قېلىش مۇمكىن
ھەممەيلەنگە ئايان بولغاندەك ئەيدىزنىڭ يوقۇش يوللىرى بولسا قان ئارقىلىق، جىنسىي مۇناسىۋەت ۋە ئانىدىن بالىغا يوقۇش دەپ 3 تۈرگە ئايرىلىدۇ. قان ئارقىلىق يوقۇش ئەيدىز يوقۇمدارىنىڭ قېنىنى قويۇشنىلا كۆرسەتمەيدۇ، ئەيدىز يوقۇمدارىنىڭ قېنى مەيلى قايسى خىل ئۇسۇلدا بولسۇن ساق كېشىنىڭ زەخمىلەنگەن تېرىسى بىلەن ئۇچرىشىدىغانلا ئەھۋال بولسا يوقۇش ئېھتىمالى بولىدۇ، شۇڭا مۇشتلاشقاندىمۇ ئەيدىزدىن يوقۇملىنىپ قېلىش مۇمكىن.
تۇرمۇشتا مۇشتلىشىپ قالىدىغان ئەھۋاللارغا ئۇچراپ تۇرىمىز، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ قېنى قىزىق، ئاسان ھاياجانلىنىدۇ ۋە ئۇرۇشۇپ قالىدۇ. ئەگەر ئۇرۇشقۇچى ئىككىلا تەرەپ ساق بولسا، ئۇ چاغدا مۇشتلىشىش پەقەت تېرە ۋە مۇسكۇلنىڭ زەخمىسىنىلا كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولماي بىر تەرەپ ئەيدىز يوقۇمدارى بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا بۇ مۇشتلىشىش ئېغىر ئەھۋاللارنى پەيدا قېلىشى مۇمكىن.
مۇشتلىشىش سەۋەبىدىن ئەيدىز يوقتۇرىۋالىدىغان ئىشلار بولۇپ ئۆتكەن، مەسىلەن: 1989-يىلى 8-ئايدا ئەنگىلىيەنىڭ پىرەستون شەھىرىدە بىر مىھماندارچىلىق بولىۋاتاتتى. بىر ئاتىكاچى ئادەم بىر مېھمان بىلەن بىر نەرسە دىيىشىپ قالىدۇ ۋە مۇشتلىشىپ كېتىدۇ. 10 كۈندىن كېيىن ھىلىقى مېھمان دوختۇرخانىدا ياتىدۇ ۋە قان تەكشۈرگەندە ئەيدىزدىن يوقۇملىنىپ قالغانلىقى ئېنىقلىنىدۇ. بۇ چاغدا ھېلىقى كىشى ھەيران قالىدۇ ۋە كېيىن سۈرۈشتۈش ئارقىلىق ھېلىقى ئاتىكاچى ئادەمنىڭ ئەيدىز يوقۇمدارى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلايدۇ. بۇ كىشىنىڭ دوختۇرى بەلكىم بۇ ئىككەيلەن ئۇرۇشقاندا زەخمىلەنگەن تېرە يوقۇملانغۇچىنىڭ قېنى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ يوقۇملانغان بولىشى مۇمكىن، دەپ يەكۈن چىقارغان.
ئەمىلىيەتتە مۇشتلىشىشتىن باشقا، تۇرمۇشىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان بىز دىققەت قىلمايدىغان ئۇششاق ئىشلارمۇ ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. مەسىلەن: چىش چۇتكىسى، ساقال ئالغۇچلارنى ئورتاق ئىشلىتىش، مۇنتىزىم بولمىغان ئورۇنلارغا بېرىپ چىش كۆرسىتىش، بەدەن ۋە قىشىنى چەكتۈرۈش، يىڭنە سانجىتىش (خەنزۇچە 针灸 دەپ ئاتايدۇ)، ساقال قىردۇرۇش، پۇتىنىڭ تىرنىقىنى ئالغۇزۇش، ئۇكۇل ۋە ئاسما سالغۇزۇش قاتارلىقلار. ئۇمۇمەن قېلىپ ئېيتقاندا، تېرىنىڭ زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھەرقانداق مەشغۇلاتتا ئەگەر سايمانلارنىڭ دېزىنفىكسىيىسى ياخشى بولمىسا، ئەيدىزنى يوقتۇرۇشنىڭ بىر يولى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇندىن باشقا، قاتناش ھادىسىسىمۇ مۇشتلىشىشقا ئوخشاشلا ئەيدىز يوقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
مەنبە : شىنجاڭ يارپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى
http://www.yarp.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=2479