
1 . ئۆزىڭىزنىڭ قانداق ھاياتقا ئىگە بولماقچى بولغانلىقىڭىزنى كونكرېت ئويلىشىڭ.
2 . ئۆزىڭىزنىڭ تۈپ مەقسىتىنى ھەقىقىي تۈردە تۈزۈپ چىقىڭ.
3 . ئۆز مەقسىتىڭىزنى ناھايىتى ئاددىي، چۈشىنىشلىك سۆزلەر بىلەن يېزىپ
چىقىڭ، ھەر قانداق مۇجمەللىكتىن ساقلىنىڭ.
4 . ئىمكان بار تېگىشلىك بىلىملەرنى قۇبۇل قىلىپ، ئۆز نىشانىڭىزنى ۋە ئۇنى
ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇسۇللىرىنى تەتقىق قىلىڭ.
5 . نىشانىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن چېكىنى بېكىتىڭ.
6 . داۋاملىق نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىڭ، يېرىم يولدا بولدى قىلماڭ.
7 . ئاكىتىپ، ئۇچۇق - يورۇق پوزىتسىيىدە بولۇڭ.
8 . بىرەر نەتىجىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپلا ھەممىنى تاماملاپ بولدۇم دەپ قارىماڭ، داۋاملىق يۇقىرى
پەللىلەرگە جەڭ ئېلان قىلىڭ !

بۇرۇن ياقتۇرۇپ قىلىپ ساقلاپ قويغان ئىدىم، يەنە
تورداشلارنىڭ بۇنىڭدىن باشقا مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشىش ئامىللىرى
بولسا يوللاپ قويۇشىڭىزلارنى ئۈمىد قىلىمەن. رەھمەت !
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-1-17 01:04 AM):
نىشانغا يېتىش ئۈچۈن يۈكسەك ئىرادە ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بولۇش كېرەك . ( bugaltir )