|
|
|
|
1-ئاينىڭ13-كۈنى قەھرىمان ئۇيغۇرقىزى رىزۋانگۈل ۋاپات بولغان كۈنى
«ئازاتلىق جەڭچىسى رىزۋانگۈل» نامىلىق كىتاپنىڭ ئاپتۇرى، رىزۋانگۈلنىڭ سەپدېشى مۇزەپپەر ئابدۇللايېف ئەسلىمىسىدە مۇنداق يازىدۇ: 1988-يىل2-ئايدازىننەت ئەخمەت (سۈرەتتىكى ئۈستۈنكى رەت ئوڭدىن ئۈچۈنجى قىز) ئالمۇتادىن ئۈرۈمچىگە تۇغقان يوقلاپ كەلگەندە ئىككىمىز كۈرۈشتۇق ۋە ئۈيۈمگە كىلپ مېھمان بولدى، بىز كونا خامانلارنىڭ بىرقۇر سورۇشتۇق. زىننەت:« بىز سەككىز قىزنىڭ سۈرىتىنى غۇلجىدىكى ۋاڭ قادىرنىڭ بېغىدىكى خاتىرەئۈيىگە ئېسىپ قۇيۇپتۇ، بېرىپ كۆردۇم، خەلق بىزنى ئۇنۇتماپتۇ»دەيدۇ ھاياجان ئىچىدە.
شۇنداق،ئۇلارنى خەلق تېخى ئۇنۇتمىدى، ئۇنۇتمايدۇ، ئۇلارئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا خاتىرلىنىدۇ.
1944يىل 8-ئايدا شىنجاڭ ئېلى ۋىلايىتى نىلقا ناھيىسدە شىڭشىسەينىڭ سىنىپى ۋە مىللى زۇلۇمىغا قارشى كۈرەش تىزلا قانات يايدى ،شۇيىل 11-ئاينىڭ 7-كۈنى غۇلجاشەھرىدە گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل زۇلۇمىغا قارشى قوزغىلاڭ كۈتۈرۈلدى ۋە شۇجەرياندا مىڭلىغان قەھرىمان ئۇغۇل-قىزلىرىمىز مەيدانغا كەلدى، ئۇنە شۇلارئىچدە يەنە نۇرغۇن قىزلارباربۇلۇپ، ئۇلار ئەرلەربىلەن تەڭ جەڭگاھتا قان كېچىپ، ئۈزىنىڭ قەيسرانە ئىش ئىزئىرى، ئىگىلمەس-پۈكمەس ئىرادىسى بىلەن يۈكسەك ۋىژدان-غۇرۇرىنى نامايەن قىلىپ، بىزگە ئىنتايىن قىممەتلىك ھەقىقەتلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى، مىللى قەھرىمان، خەلىقىمىزنىڭ پەخىرلىك قىزى رىزۋانگۈل شۇگۈلباغدىكى خۇشپۇراقلىق بىر گۈل ئىدى.
رىزۋانگۈل1944-يىل11-ئاينىڭ12-كۈنى(ئىنقىلاپ باشلىنىپ6-كۈنى)ئەتىگەندە تۇلۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن پىدائىلىككەتىزىمغا ئالدۇرىدۇ ،پىدائى بولغاندىن كىيىن رىزۋانگۈل جەڭ تاكتىكىسى، ياردارلارنى جىددى قۇتقۇزۇش بىلىملىرىنى ياخىشى ئىگەللىگەندىن سىرىت، يەنە ھەرخىل قۇراللارنى ئىشلىتىشنى قېتىرقىنىپ ئۈگۈنىدۇ، جەڭلەردە پىلىمۇتنىڭ ئوقدانىغا ئوق سالىدۇ،يارلانغان پىلىمۇتچىلارنىڭ ئورنىغا سەپلىنىپ دۈشمەنگە ئوت ئاچىدۇ، جەڭگاھتامۆلدۈردەك يېغىۋاتقان ئوق ئىچىدىن يارلانغان جەڭچىلەرنى قۇتقۇزىدۇ. رىزۋانگۈلنىڭ كارامەت قەھرىمانلىقى ۋە ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىش-ئىزلىرى، پارتىزانلارئىچىدىن ھالقىپ ئۈتۈپ، شەھەرخەلقى ئىچىدىمۇ كەڭ تارقىلىدۇ، رىزۋانگۈل جەڭچىلەرنىڭ ئۈگۈنۈش ئۆلگىسى، خەلىقنىڭ پەخىرلىك قىزىغا ئايلىنىدۇ.
1945-يىل1-ئاينىڭ 11-كۈنى غۇلجاشەھرىدە61كۈن مۇھاسىرىدە قېلىپ جان تالىشىپ، غالجىرلاشقان دۈشمەن، ئەڭ ئاخىرقى كۈچىنى يىغىپ، مۇھاسىردىن بۈسۈپ چىقىپ، قاچماقچى بۇلۇپ شىددەت بىلەن ھۇجۇم باشلايدۇ، جەڭ كېچە كۈندۈر توختىماي بەكمۇ كەسكىن بۇلىدۇ، بۇ شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر ئۇرۇشلار قاتارىدىن ئۇرۇن ئالغان ھارەمباغ قەلئەسى ئۇرىشى ئىدى، رىزۋانگۈل سەپداشلىرى بىلەن كېچە -كۈندۈز دۈشمەن بىلەن ئېلىشدۇ، 1-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى ھارەمباغ قەلئەسى ئۇرىشىدا رىزۋانگۈل يارلانغان چوڭئاخۇن ئىسىملىك جەڭچىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يامغۇردەك ئۇچىۋاتقان ئوق ئىچىگە كىرىدۇۋە ئوق تىگىپ، مەردلەرچە قۇربان بۇلىدۇ، ئەترەت كۇماندىرى رىزۋالنىڭ بېشىنى سىلاپ چۇڭقۇر مېھرى بىلەن«ئەلۋىدا،قەيسەر قىزىم» دەپ بۇقۇلداپ يىغلاپ كېتىدۇ.رىزۋانگۈلنىڭ قۇربان بولغانلىق توغرىسىدىكى شۇم خەۋەر تىزلارھەرەمباغدىن ئۈتۈپ، پۈتۈن سەپكە تارقىلىدۇ، جەڭچىلەرئۈزىنىڭ پەخىرلىك قېرىندېشى، ئوت يۈرەك قەيسەر ھەمشىرىسىدىن ئايرىلغانغا قاتتىق ئازاپ چىكىدۇ، دۈشمەنگە بولغان غەزەپ-نەپرىتى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ،«رىزۋانگۈل ئۈچۈن ئىنتىقام» دېگەن سادالار پەلەككە يىتىدۇ. ھەسرەت-پىغان ساداسى ئىلى ۋادىسىنى لەرزىگە سالىدۇ، شەھەرخەلىق دەھشەتلىك قىيان سۇدەك غايەت زور بىركۈچكە ئايلىنىدۇ. دۈشمەن شەرمەندىلەرچە مەغلۇپ بولدى.
خەلق«رىزۋانگۈل،ھايات نۈزۈگۈم ئىدى، ئۇ ئارىمىزدىن كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن تارىختا ئۇنىڭ قەھرىمانلىق نامى قالىدۇ.»دىيىشدۇ، شەرەپ سەھنىسىدە رىزانگۈلگە بىرىلگەن17-نۇمۇرلۇق باھادىرلىق مىدالى دادىسى ھاشىم ئاكىنىڭ مەيدىسىگە تاقاپ قۇيۇلدى. ھاشىم ئاكا جان-جىگەر قىزىنىڭ ئىسسىق قېنى بەدىلىگە كەلگەن بۇ قەھرىمانلىق مىدالىنى يېنىش-يېنىشلاپ سىلاپ، بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى ۋە ئوغلى ھاشىرنىڭ يۈلەپ تۇرىشى بىلەن ئاران-ئاران ئۈرە تۇراتتى.دادىنىڭ قەلبى سەك-پارە ئىدى.
ئارىدىن ئاتمىش نەچچە يىل ئۈتۈپ كەتتى، خەلق ئۈزىنىڭ قەھرىمان قىز-ئۇغۇللىرىنى ئۇنۇتمىدى، ئەكىسچە تېخىمۇ سېغىنماقتا. رىزۋانگۈل توغرىسىدا نۇرغۇن داستانلار پۈتۈلدى، شېئىرلار يېزىلدى، خەلق بۇ قەھرىمانلارنى سېغىنىش ئىچىدە ئەسكە ئالدى. تۈۋەندە رىزۋانگۈل توغرىىسدا يېزىلغان بىرقىسىم شېئىرلار دوستلارغا سۇنۇلدى، خەلقنىڭ غۇرۇر-ئىپتىخارى بولغان قەھرىمان قىز-ئۇغۇللار خەلق قەلبىدىن مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.
تائەبەت چاقنايدىغان تاڭ چولپانى رىزۋانگۈل.
ئۇنىڭ نامى ئۇنتۇلماس، ياشارخەلىقىم قەلبىدە
تەڭرىتاغنىڭ غۇرۇرى، شەرەپ شانى رىزۋانگۈل.
مىللى باراۋەرلىك،مىللى ئازاتلىق ئۈچۈن جەڭگاھتا ئەرلەرگە ئوخشاش قان كېچىپ جەڭ قىلغان بۇ سەككىز نەپەر ۋىژدان-غۇرۇلۇق قىزلارخەلقىمىز قەلبىدىن مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ، مىللى ئارمىيىدىكى مىڭلىغان قەھرىمان قىز-ئۇغۇللار ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا يادلىنىدۇ. بىزكىيىنكى ئەۋلاتلارغا بۇقەھرىمانلارنىڭ باتۇرانە ئىش-ئىزلىرىنى مىراس قالدۇرۇش قەرزىمىزبار ئەلبەتتە.
مەنبە: مۇزەپپەر ئابدۇللايېۋنىڭ«ئازاتلىق جەڭچىسى رىزۋانگۈل» نامىلىق كىتابىدىن ئېلىندى
ياشاش كېرەك سىز كەبى
(رىزۋانگۈل ۋاپاتىنىڭ 60يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن)
مۇھەممەتجان راشىدىن
يۇرتىڭزنىڭ گۈلزارلىقى راسىت،
ئىسىمىڭىزداگۈل بارلىقى راسىت،
دىدارىڭىزبىزگە رىزۋانگۈل،
قىيامەتلىك دىدارلىقى راسىت!
لېكىن مەڭگۈ ئۇنتۇلماس قىز سىز،
ئۇيغۇر ئۈچۈن ئەزىزدىن ئەزىز،
ياشىغانلار سىزدەك رىزۋانگۈل،
كەتمەيدىكەن دۇنيادىن ئىزسىز.
پات-پات بۇلۇپ تۇرار گېپىڭىز،
يۈرەكلەردىن ئۆچمەس ئېتىڭىز،
ئۇنتۇلمدى ئاتمىش يىل ئاۋۋال،
قارغايازغان قانلىق خېتىڭىز.
ئۇنتۇمىدۇق سىز تۆككەن قاننى،
ئۇنتۇمىدۇق سىز بەرگەن جاننى.
تاغدەك ياشاش ئارزۇ ھەۋەستۇر،
تاغدەك بولماق ھەركىمگە تەستۇر،
تاشلارقانچە ئېگىز بولسسىمۇ،
لېكىن سىزدەك يۈكسەك ئەمەستۇر.
ۋاراقلىساق تارىخىمىزنى،
ياد ئىتىمىزئەڭ ئاۋۋال سىزنى،
ئىزىڭىزغاشۇڭا رىزۋانگۈل،
سېلىپ قويدۇق ئەۋلادىمىزنى.
قەبرىڭىزنى تاپالماي يۇردۇق،
شۇڭا گۈمبەز ياسالماي يۇردۇق،
يامۇناسىپ داستان يازالماي،
ياكى دەپتەر تاپالماي يۇردۇق.
ھايات سىزنى ئىمتاھان قىلدى،
تارىخ سىزنى قەھرىمان قىلدى،
نامىڭىزنى مەڭگۈ ئۇنتۇماس،
ئەلنى سىزگەمېھرىبان قىلدى.
كىتاپ يازدۇق سىزگەمۇبارەك،
نامىڭىزنى قىلماققا كۆرەك،
كۈڭۈللەرگەبەردۇق تەسەللى،
رۇھىڭىزغا ئۇقۇپ تابارەك.
ئەلنىڭ قىزى رىزۋانگۈل
(ناخشا)
سۈزى ۋە مۇزىكىسى:تەلئەت ناسىرى
گۈللەردەك چىراي ئاچقان،
تاڭلارغاكۈلۈپ باققان،
ئەلگەيۈرىكى ياققان،
ئىلى قىزى رىزۋانگۈل.
جەڭگاھتابۇلۇپ قالقان،
ياشلىقى قەدىر تاپقان،
ئىسىسىق قېنى يول ئاچقان،
ئەلنىڭ قىزى رىزۋانگۈل.
يوللاردائىزى قالغان،
تىللارداسۈزى قالغان،
دىللارغائۈزى قالغان،
ئۇيغۇر قىزى رىزۋانگۈل.
رىزۋانگۈل ھايات
(«رىزۋانگۈل ھايات» نامىلىق داستاننىڭ كىرىش قىسىمى)
رەخىم قاسىم
رىزۋانگۈل سىزنى ئەسكە ئالسام شۇئان،
كۆزيېشىم دەرياسىدا ئاقتى قىيان،
سورىدىم كۆكتە ئۈزگەن ئاي يۇلتۇزدىن:
«ئېيتقىنا،شۇباتۇرقىز كەتتى قايان؟»
ئاي يۇلتۇزھازىدار مۇڭغا پاتتى،
بىرھازاقالدى جىمجىت سۈرمەي زۇۋان.
ۋە ئاخىرئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاپ تۇرۇپ،
دەرت تولغان ئىچ باغرىنى قىلدى بايان:
«رىزۋانگۈل بەك ياش كەتتى،بەك ياش كەتتى،
ئەمدىلائونتوققۇزغا كىرگەن ئاران.
ئېچىلماي ئون گۈلىنىڭ بىرى تېخى،
پانىيدىن باقىيغا ئۇ بولدى راۋان،
رىزۋانگۈل نەدە دەمسەن،ئۇ بار ھايات،
جەننەتنى ئۈزى ئۈچۈن قىلدى ماكان.
چۈنكى ئۇۋەتەننى، خەلىقنى دەپ،
دەھشەتلىك قانلىق جەڭدە بولدى قۇربان،
جەننەتنىڭ ئىىشىكلىرى رىزۋانگۈلدەك،
جان پىدائۇغۇل قىزغا ئۇچۇق ھامان!»
ئاي يۇلتۇزجاۋابىدىن بولدۇم مەمنۇن،
يالقۇنلىق ھىسياتلىرىم ئاتتى ۋولقان.
رىزۋانگۈل كەتتى بىراق شانلىق نامى،
دىللاردا قالدى بۇلۇپ مەڭگۈ داستان.
.
گۈل-گۈلىستان بىغىمنىڭ توزىماس قىزىلگۈلى،
مەنبە:باغداش تورىدىن كۆچۇرۇلدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ramu تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-13 01:17 AM
|
|
|
|
|
|