(غەزەل)
"ئاھ!" ئۇرۇپ ،ھەسرەت يۈتۈپ، ئۆتمىدىم ئۇندىن بۆلەك،
قان قۇسۇپ، شەربەت يۈتۈپ زەرداپى خۇندىن بۆلەك.
رۇخسارىڭغا تەلمۈرۈپ، كەلدىم تالاي كۈندۈز-كېچە،
بولماس نىسىپ ئول ئىشقىڭ نېچە "جۇنۇن"دىن بۆلەك.
يۈرىگىمنى داپ ئېتەي، چۆل-دەشتىڭدە سەيياھ- مەن!
بارمىدۇ تىلى چاڭقاق، دىلى مەھزۇندىن بۆلەك.
لەۋلىرىڭگە ياقماي تېخى گەز باغلىغان لېۋىمنى،
كۆردىڭمۇ ھالى خاراپ، رەڭگى زەبۇندىن بۆلەك.
نالە-پەرياد قىلايىن ياقامنى چاك- چاك ئېتىپ،
چۈشتى سەۋدا باشىمە يوق بىر غەم شۇندىن بۆلەك.
جان بېرەرگە تەييار، ۋىسال يەتسە جاندىن بۇرۇن،
ئاشىقى قەلەندەرىڭ بولمايىن ئۇندىن بۆلەك!
قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا blackrose تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-13 02:02 AM