مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2362|ئىنكاس: 28

كۆڭۈلنى غەش قىلغان يېرىم كۈنلۈك ئوچۇق دەرس [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88828
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2012-12-20
ئاخىرقى: 2013-1-13
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كۆڭۈلنى غەش قىلغان يېرىم كۈنلۈك ئوچۇق دەرس

(مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر سەھىپىسگە)


                                                « بىز بالا تەربىيلەۋاتىمىز دىگەندىن، بالا بېقىۋاتىمىز دىگىنىمىز تۈزۈك»

                                                                                                                                -    كېرىم ئاتۇش



- مەن چوقۇم مەكتەپكە بارمايمەن. دىدى،- كىچىك ئوغلۇم قەغىشلەپ.

- يەنە مەكتەپكە بارمايمەن دەپ باقە، ئېغىزىڭغا سالىمەن. مەكتەپكە بارماي ئىشەك باقامسەن؟ ھۆكىرىدى دادىسى بالىغا دىۋەيلەپ.

- دادا، سەن سەت گەپ قىلدىڭ، ئاغزىڭغا ئۇرامدىم! دىدى،چوڭ ئوغلۇممۇ بوش كەلمەي

- داداڭ سەت گەپ قىلدى، بۇ ئۆيدە كىم سەت گەپ قىلسا شۇنىڭ ئاغزىغا ئۇرىمىز، ھە ئوغلۇم. دىدىم،- مەن كۈلۈپ. چاڭ، قىلغان ئاۋاز بىلەن يولدۇشۇم ،-ماۋۇ گۇينى، مۇنداقلا دەپ قويسام ماڭا ياندۇرغىنىنى، ئەجەپ تەگدىغۇ بۇ شاپىلاق .دىدى ئاغزىنى تۇتۇپ.

- بولدى قىلىڭلار، ۋاقىت توشۇپ كەتتى، كۈندە كېچىكىش پەرىزمۇ سىلەرگە، دىدىم،- مەن ئۇلارنى ئالدىرىتىپ. كۈندە ئوخشاش تەكرارلىنىۋاتقان كېچىچە تېلىۋېزور كۆرۈپ كەچ يېتىپ بەزىدە ئۇخلاپ قالىدىغان، بەزىدە بامدان نامىزىنى ئوقۇپ تاغنى تۈزلىۋەتكەندەك يېتىپ دىۋىدەك ئۇخلىۋالىدىغان يولدۇشۇمنى مىڭ تەستە ئويغانقاندىن باشقا، ئون مىنۇتلۇق تاپشۇرۇقنى ئىككى سائەت ئىشلەيدىغان ئانا تىل تەييارلىق سىنىپىدا ( ئۇيغۇرچە سىنىپنى شۇنداق دەپ ئاتايدىغان بوپتۇ) ئوقۇۋاتقان چوڭ ئوغلۇمنى، كۈن يېقىلسا مەكتەپكە بارامدىم؟ مەن چوقۇم تاپشۇرۇق ئىشلىمەيمەن، مەكتەپكىمۇ بارمايمەن دەپ جىلە قىلىدىغان، ئەتىگەندە چاقىرىپ ئويغىتىپ قويسا يىغلاپ جاھاننى بىر ئالىدىغان، تۆت ياشقا كىرىپمۇ ئىمىزگىدە سۈت ئىچمىسە خۇمارى بېسىلمايدىغان مەركىزى يەسلىدىكى كىچىك ئوغلۇمنى ئويغۇتۇپ كىيىمىنى كىيدۈرۈپ، چېيىنى بىرىپ يولغا سالغۇچە، «ساپانغا قاتقان كالىدەك» ھېرىپ ھالىم قالمايتتى. بۈگۈنمۇ ئالدىرىغاندا ماۋۇ يولدۇشۇممۇ بالا مىجەز بولۇپ جىلە قىلىۋاتاتتى. تۆنۈگۈن بالىنى يەسلىدىن ئالغۇچە مۇئەللىمى « ئەتە ئوچۇق دەرس بار، بالىڭىز بىلەن بىللە يېرىم سائەت بالدۇر كېلىپ ئوچۇق دەرسكە قاتنىشىپ بەرسىڭىز» دىگەنىدى. قېيىشقاندەك چوڭىنى دادىسى چاپىنىنىڭ تۈگمىسىنىمۇ ئەتمەي، ئىشتىنىنى تەتۈر كىيگۈزۈپ ئېلىپ ماڭغانىدى، ئاچچىقىمدا كايىپ كەتكەنىدىم، - ئۆزىڭىز قىلمايسىز، قىلغاننى ياراتمايسىز، بالىلارغىمۇ ئالدى بىلەن كەينىنىڭ پەرقى يوق كۆتبەللەرنى ئېلىپ بىرىدىكەنسىز. خوتۇن خەقنىزە دەپ غودۇرىغىلى تۇردى...« ئالدىرىغان قالار » دىگەندەك  يېرىم سائەت بالدۇر ئەمەس يېرىم سائەت كېچىكىپ يەسلىگە يېتىپ كەلدۇق. بالىلارغا ئەتىگەنلىك تاماق تارتىلىپ بولغانىدى. مۇئەللىمنىڭ ئىشارىتى بىلەن بوش يەرگە بېرىپ ئولتاردىم. ئوغلۇم ئۆيدە شوخلۇق قىلغان بىلەن مۇئەللىمنى كۆرسە تىك تۇرىدىكەن.  تاماق  يىيىش سۈرئىتى ئاستا، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاماق تاللايدىغان ئوغلۇم ئالدىغا قويۇلغان كىچىك قاچىدىكى 5-6 تال گۆرۈچى بار گۈرۈچ سۈيىگە قاراپمۇ قويماي قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇلغان تۇخۇم پىرەنىكىنى خوشياقمىغاندەك چايناشقا باشلىدى. بالامنى ساقلاپ تاقىتى- تاق بولغان مۇئەللىم دەرسىنى باشلىدى.

  بۈگۈنكى دەرس، پىششىق ۋە خام، دىدى، - ياردەمچى خەنزۇ مۇئەللىم قولىدىكى كىچىك قول كومپىيوتېرنى ئالدىدىكى ئىگىز ئورۇندۇققا قويۇپ، پەرىزىمچە ئېكراندا سۈرەت بولسا كېرەك، بالىلار بويۇنلىرىنى سوزۇشۇپ كومپىيوتېرغا قاراۋاتاتتى. ئۇ ئالدىدىكىلەرنىڭ سەبىلەر ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇغان ھالدا چوڭلارغا چۈشەندۈرگەندەك تېمىنى تېز- تېز ئالماشتۇرۇپ سۆزلەۋاتاتتى. ئەزەلدىن يات مۇھىتقا كۆنمىگەن ئوغلۇمدەك بىر قانچە بالىلار بىردە ئالدى- كەينىگە قاراپ، بىردە كومپىيوتېرغا قىزىقىپ بويۇن سوزۇپ قوياتتى. مۇئەللىم تۇرۇپ- تۇرۇپ بالىلاردىن سۇئال سوراپ قوياتتى. خەنزۇ بالىلىرى ئاساسى سالماقنى ئىگەللەيدىغان بۇ سىنىپتا ئۇلار شۇنچە جانلىق، شۇنچە خوشال، بىر قىسىم ئۇيغۇر باللىرى بولسا دۇنيادىن بىخەۋەر مۇئەللىمنىڭ سۆزى بىلەنمۇ كارى يوق، بىغەم ئولتۇراتتى. بۇ سەبىلەرنىڭ ھەركىتىدىن دەرسنى چۈشىنىشتىن ئەسەر يوقتەك قىلاتتى. مۇئەللىم ئارىلاپ سۇئال سوراپ قويسا خەنزۇ بالىلىرى چۇقۇرۇشۇپ جاۋاپ بىرىشەتتى، مۇئەللىم توختىماي ئۇلارنى 真棒 دەپ رىغبەتلەندۈرۈپ قوياتتى. مۇئەللىم توساتتىن بىر ئۇيغۇر بالىدىن، - بىز قانداق گۆش يەيمىز؟ دەپ سوراپ قالدى. ئۇ بالا سۇئالنى چۈشەنمىدىمۇ، ھېچبىر ئىپادىسىز تۇرغاندا، خەنزۇ بالىلىرى چۇرقۇرۇشۇپ بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنىمۇ تارتىۋالدى. شۇ چاغدا ئوغلۇمنىڭ ئالدىنقى كۈنى دىگەن گەپلىرى خىيالىمدىن كەچتى.

-      ئاپا، بالىلار مېنى笨  دەيدۇ.

-      ئۇنداق دىمە، سەن بەك ئەقىللىق قوزام، سېنى نىمىشقا ئۇنداق دەيدۇ؟

-      ماللىمنىڭ گېپىنى بىلمەيدىكەنمەن. باشقا باللار بىلىدۇ.

-      سەنمۇ ياخشى ئوقۇساڭ چوقۇم بىلىدىغان بولىسەن. خەنزوچە بەك ئاسان...

-      ئاپا، كۈن يېقىلسا مەكتەپكە چوقۇم بارمايمەن... ( ئوغلۇم كۈن چىقتى دىگەننى كۈن يېقىلدى دەيىتتى، چىراققا ئوخشاتقان بولسا كېرەك، بىزمۇ بۇ سۆزىنى تۈزىتىشكە زورلىمىدۇق)

-         قېنى ئاتا – ئانىلار، بالىلار بىلەن بىللە ئويۇن ئوينايلى! مۇئەللىمنىڭ جاراڭلىق بۇ ئاۋازىدىن چۆچۈپ خىيالىمنى يىغدىم. بىردەمدىلا مۇئەللىم ئورۇنلاشتۇرغان پىششىق بىلەن خامنى پەرىقلەندۈرۈش ئويۇنىغا جۆر بولدۇق. قولىمىزغا بىر مۇنچە كارتا بىرىلگەنىدى، بالىلار خام نەرسە بىلەن پىششىق نەرسىلەرنى پەرىقلەندۈرۈپ رەتلەپ چىقىدىكەن. ئۇيغۇر بالىلار كارتىلارنى ئۇياق بۇياققا ئۆرۈپ بەزىلەر تىزىپ، بەزىلەر يىرتىپ ئولتۇراتتى. خەنزۇ بالىلىرى رەت رېتى بىلەن خام بىلەن پىششىق نەرسىلەرنى ئايرىپ چىقىۋاتاتتى. بىز بالىلارغا ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرگەندىن كېيىن بالىلىرىمىزمۇ بىردەمدىلا رەتلەپ بولدى. بىزمۇ بالىلىرىمىزنى 真棒دەپ ماختاپ قويدۇق. يېرىم كۈنلۈك پائالىيەت ئاخىرلىشىپ، چۈشلۈك تاماق بولغاندا، مەسئول مۇئەللىم  ئاتا – ئانىلارنى ئايرىم چاقىرىپ، ياش ئاتا- ئانىلارنىڭ سەھەر تۇرۇپ بالىلارنى ۋاقتىدا ئەكىلىشىمىز كېرەكلىكىنى، مەكتەپ بىلەن ماسلىشىپ بالىلارنى تەربىيلەشكە كۆڭۈل بۆلۈپ قويىشىمىزنى تاپىلىدى. بۇ گەپ كۈندە ئۈيۈمدىكى چوڭ – كىچىك ئۈچ بۇۋاقنى جابدۇپ، تامىقىنى بىرىپ كېچىكتۈرۈپ ئاپىرىدىغان ماڭىلا تەگدى. خام ئۆپكىدەك قىزىرىپ كەتتىم. سۆھبەت ئاخىرلاشقاندا ئۇيغۇر مۇئەللىمنىڭ قېشىغا بېرىپ،- دەرس ئۆتكەندە بالىلارنىڭ ياخشى ئۆزلەشتۈرىشى ئۈچۈن بۈگۈنكىدەك پىششىق ۋە خامنىڭ نىمە ئىكەنلىكلىنى ئۆزىمىزنىڭ تىلىدا بىرەر قېتىم چۈشەندۈرۈپ بەرگەن بولسىلا، دىيىشىمگە، - گەپنى ئاز قىلسىلا، بۇ دىگەن قوش تىللىق سىنىپ ئەمەس، ئۇيغۇرچە سۆزلىسەك بولمايدۇ. مەكتەپنىڭ تۈزىمى شۇ، دىدى ناھايتى قوپاللىق بىلەن. پىششىق، خام دىگەن ئىككى سۆزنىمۇ دىيەلمەملا؟... سۇئالىم جاۋاپسىز قالدى. مۇئەللىم يېنىمدىن كېتىپ قالغانىدى. يېنىمدىكى يەنە بىرئانا مېنى يېنىغا تارتىپ، ئۇيغۇرچىنى ئارلاشتۇرۇپ سۆزلىسە خەنزۇ ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى باشقا مەكتەپلەرگە يۆتكەپ كەتكەن ئىشلار بولغاندىن كېيىن ئۇيغۇرچە سۆزلەشنى قەتئى چەكلىگەنمىش. چۈشلۈك تاماق يەۋاتقان بالامنىڭ يېنىغا كىرسەم يەنە يىغلاپ ئولتۇرۇپتۇ. نىمە بولدى دىسەم،- ئۇ ئۇردى، دەپ يېنىدىكى خەنزۇ بالىسىنى كۆرسەتتى. شۇنداق قارىسام سەتلىكى ئۇنىڭ، گەپ قىلمايلا چوڭ ئوغلۇمغا قىلغان تەربىيىنى بۇ ئوغلۇمغىمۇ قىلمىسا بولمايدىكەن دىگەن خىيال كەچتى.

چوڭىنى يەسلىگە بەرگەندە دەسلىپىدە ئۇمۇ تولا يىغلاپ، بەزىدە تىرناق ئىزى بەزىدە كىيىمى يىرتىق ھالەتتە يەسلىدىن چىقاتتى. بارا- بارا يەسلىگە بارغۇسى كەلمەيدىغان بولىۋالدى. كۈندە دىگۈدەك يىغلىتىپ يۈرۈپ ئاپىرىپ قوياتتۇق. بىر قېتىم يەسلىدىن يېنىپ ئۆيگە كەلگەندە كىيىمىنى سالدۇرۇپ قوياي دىسەم بالا يىغلاپ قولۇم ئاغرىيدۇ، سالما، دىدى.ساڭا نىمە بولدى، ئەكىلە كۆرۈپ باقاي دىسەم تۇتقىلى قويمىدى.

-      بالام يالغان گەپ قىلسا نىمە بولىدۇ؟

-      خۇدايىم تىلىمىزنى كېسىدۇ.

-      ئاپىسىنى ئالدىسا نىمە بولىدۇ؟

-      ئاغزىمىز قىڭغىر بولىدۇ. تاماق يىيەلمەيمىز.

-      ئەمىسە راس گەپ قىلە، قولۇڭ نىمە بولدى؟

-      بالىلار ئىتتىرىپ يىقىتىۋەتتى. ئۇلار مېنى ئۇرىۋالىدۇ. مۇئەللىمگە بالىلار ئۇردى دىيەلمەيدىكەنمەن. دەپلا يىغلاپ كەتتى.

-      ئورنىڭدىن تۇرە؟، دەپلا ئىشتىنىنى سالدۇرىۋېتىپ، - قارا بۇ نىمە دەپ ئەزاسىنى كۆرسەتتىم.

-      چۇچۇيىم.

-      چۇچۇسى بارلار ئوغۇل بالىمۇ، قىز بالىمۇ؟

-      ئوغۇل بالا.

-      ئوغۇل بالا يىغلامدۇ؟

-      قىز بالا يىغلايدۇ.ئوغۇل بالا يىغلىمايدۇ.

-      قولۇڭ، پۇتۇڭ بارمۇ؟

-      بار، مانا، دەپ قول پۇتىنى پۇلاڭلاتتى.

- سېنى موشۇ قوسۇقۇمدا توققۇز ئاي ساقلاپ كۆتۈرۈپ، ئەجەل تولغاقلىرىنى يەپ مىڭ تەستە رامىزاندا تۇغدۇم. اللاھ بارلىق ئەزالىرىڭنى بىجىرىم بەردى. سېنى ئوغۇل بالا قىلىپ بەردى. باشقىلاردا بار كۈچ سەندىمۇ بار، باشقىلاردا يوق كۈچمۇ ھەم سەندە بار، باشقىلارغا بوزەك بولۇپ كەلدىڭمۇ، ئۆلمەيدىغان يېرىگە تازا كېلىشتۈرۈپ ئۇرساڭ ساڭا قەتئى چېقىلماس بولىدۇ،تېخى سېنىڭ ئايىقىڭنى سۈرتۈپ قويىدىغان بولىدۇ ئۇلار.

- سەن باشقىلارنى ئۇرسا يامان بولىدۇ دىگەن تۇرساڭ؟

-  بوزەك بولسا تېخىمۇ يامان بولىدۇ.

- مۇئەللىم مېنىلا تىللايدىكەن ؟

- شۇڭا خەنزۇچىنى  ياخشى ئۈگىنىسەن، مۇئەللىمگە ئىشارەت قىلساڭمۇ چۈشىنىدۇ... بەلكىم سەن ئاۋال چېقىلغانسەن، سەن باشقىلارغا چېقىلما، سېنى بىكاردىن بىكار بوزەك قىلسا سەنمۇ مۇشنىڭ تەمىنى تېتىتىپ قوي!!!

شۇندىن كېيىن بارا-بارا بالىمۇ يەسلىگە ئۆزلىشىپ كەتتى. مانا ھازىر مەرىپەت بۆشىكى شەھەر ئىچ باشلانغۇچ مەكتەپكە ( ھازىرقى شەھەرلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ) بەرگەندىن بېرى بالا تاپشۇرۇق ئىشلەشنى خالىمىغاندىن باشقا ئۇكىسىغا دائىم، - بىزنىڭ مەكتەپتىچۇ ئاداشلىرىم ئۇيغۇر، مۇئەللىم ئۇيغۇر، مۇئەللىم ئۇيغۇرچە سۆزلەيدۇ، مەن قوشاق ئوقۇپ بىرەي، ھە! « ئاپام ئايدەك، دادام كۈندەك. مېنى باقىدۇ، قىزىل گۈلدەك...» بىز تېخى مەكتەپتە قىز باللارنى قويلۇشۇپ ئوينايمىز، ئۇلار ئوبۇرنىغا قېچىپ كىرىۋالىدۇ... دەپ ماختىنىپ كەتسە، كىچىكى، ئاپا بىزنىڭ مۇئەللىممۇ

ئۇيغۇر، دەپ بولۇپلا دومسىيىپ، - ئاپا مەن چوقۇم مەكتەپكە بارمايمەن. دەپ يىغلاپ كېتەتتى. مانا ئەمدى مەنمۇ مەكتەپكە بارىدىغان بولدۇم دەپ خوشال بولغان بالا ئىككى ھەپتىدىن بېرى كۈندە يىغلاپ مەكتەپكە بارمايمەن دەپ جىدەل قىلىۋاتاتتى.

-      ھۈرمەتلىك ئاتا- ئانىلار بۈگۈنكى ئوچۇق دەرسكە قاتنىشىپ بەرگىنىڭىزلارغا رەھمەت....، دىدى مۇئەللىم.

ئوچۇق دەرسكە بىۋاستە قاتنىشىپ كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ ،قۇلىقىم بىلەن ئاڭلاپ كۆڭلۈم بۆلەكچىلا بۇزۇلدى. ئاچچىق ياش كۆزۈمدە ئەگىپ قاپتۇ. دەرس ئاخىرلاشتى، لېكىن بۇ ئۆلۈك ھەم قوپال ساپا مائارىپى ئەمدى باشلانغانىدى. توۋۋا بىزنى كىم بالىلارنى  خەن زۇۋان قىلىپ تەربىيلەشكە مەجبورلاۋاتقاندۇ؟، بالىلىرىمىزنىڭ تەپەككۇرى بوغۇلۇپ قېلىۋاتقان، كەمسىتىش ئارلىشىپ كەتكەن ئەبجەش مائارىپ بىزگە نىمە ئېلىپ كېلەر!!! يىلدا ساياھەتكە كەلگەن بىر ئىككىسىنى كۆرۈپ قالىدىغان سېرىق تۈك ئېنگىلىزلارنىڭ تىلىنىمۇ كەچلىك كۇرسلاردىلا ئۈگىنىۋالدۇققۇ، ماڭدامدا بىر پۇتلىشىپ مىغىلداپ تۇرغان خەنلەرنىڭ تىلىنى نىمىشقا ئۈگىنىۋالغىلى بولمايدىكەن، شۇنداق قىلاي، بالامنى ئۇيغۇرچە يەسلىگە بىرەي،ئاللىكىملەرنىڭ نىمە دىيىشىدىن قەتئىنەزەر شەھەر ئىچى بوستان بالىلار باغچىسىغا بىرەي، (اللاھ بۇ يەسلىگە نۇسرەت ئاتا قىلسۇن) ئانا تىلدا ئوقىتاي،  بالام ئۆز تىلى ئارقىلىق دۇنيانى تەپەككۇر قىلسۇن! شوخ، چېچەنلىكىنى تېپىۋالسۇن! بىر دانا« بارلىق تۇغۇلغان بوۋاقلار بىر تالانىت ئىگىسى، ئۇلارنىڭ قانداق ئادەم بولىشى بىزنىڭ تەربىيىمىزگە باغلىق» دىگەنىكەن. تەپەككۇرىڭلار ئەركىن قانات قاقسۇن، سىلەرنىڭ شوغلۇقۇڭلار ئەخلاق دېڭىزلىرىدا ئۈزسۇن... دىگەنلەر خىيالىمدىن كەچتى.

مەن مەركىزى بالىلار باغچىسىنى يامان دىمەكچى ئەمەسمەن، بەلكىم ماڭا شۇنداق تۇيۇلغاندۇ، كۈندىن – كۈندە ئىشلىتىش دائىرىسى تارلىشىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىغا ئېچىنىپ ئارتۇقچە ئويلاپ كەتكەندىمەن. يېققىندا خەلقارادا ئۇيغۇر تىلى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تىللار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن دىگەن گەپلەرنى ئاڭلاپ قالدىم . كەلگۈسىدە بالىلىرىمنى شۇنچە ئادەمنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي مۇتەئەسسىپ ( بەزى خىزمەتداشلىرىم، دوستلىرىم مېنىڭ بالىلارنى ئانا تىلدا ئوقۇتۇش پىكرىمگە قەتئى قارشى چىقىپ بالىلىرىڭ كېيىن زامانغا ماسلىشالمايدۇ... دەپ نەسىھەت قىلغانىدى) دەپ ئاتىلىپ ئۇيغۇر تىلىدا ئوقىتقانلىقىم ئۈچۈن دىشۋارچىلىقلارغا ئۇچرىشىممۇ مۇمكىن. لېكىن ئۆزىنىڭ كىملىكىنى تونۇيدىغان ئەخلاق ساھىپقىرانى قىلىپ تەربىيلەپ چىقالايدىغانلىقىمغا، اللاھنىڭ ماڭا نۇسرەت ئاتا قىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل ئىدى.  بالىلىرىم كەلگۈسىدە ئانا تىلنى ساقلاپ قالىدىغان مىللەت ۋەكىلى بولۇپ قالامدۇ تېخى؟ قوش تىل موشۇنداقلا تەرەققى قىلسا بۇنىمۇ يىراق دىگىلى بولمايدۇ.


                                                                                             2013- يىل  قومۇل

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-13 01:06 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87105
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 848
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 94 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2013-1-18
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز ، سىزنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىڭىزگە ، ئوغۇللىرىڭىزنىڭ ياراملىق ئۇيغۇر پەرزەنتى بۇلۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن .

ئەمدى تېمىدىكى مەزمۇنلارغا كەلسەك مەننىڭ ئويلىغىنى ھەقىقەتەن توغرا . شۇنداقلا مەننىڭ خىزمەتداشلىرىغا ئوخشاش كىشىلەر ھېلىھەم ئارىمىزدا كۈرمىڭ . ھازىر بىزلا ئەمەس پۈتۈن جۇڭگو ئېلى مائارىپىنى ئېغىر ۋايساش ئىچىدە تىلغا ئالماقتا . شۇنداق تۇرۇپ بۇنداق تۇتۇرۇقسىز مائارىپنى قۇبۇل قىلغاندىن بالىلارنىڭ ساۋادى چىقىپ بولغاندىن كېيىن ئوبدانراق ھۆنەرگە بېرىشمۇ ياخشى ئىش . شۇنداقلا كۆڭلۈمدە مائارىپ شۇنىڭغىمۇ تەڭ كەلمەس بوپ قالدى .
مائارىپنىڭ ئەسلى ماھىيىتى پەقەت ئۆگىتىش ، تەپەككۇر قىلدۇرۇش ، ئادەم بۇلۇشنى ئۆگىتىش ئىدى . لېكىن خەنسو مائارىپى يادلاش ، تەپەككۇرنى بوغۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا .
مەن خەنسو تىلىنى ئۆگەنمىسىمۇ بولىدىغان تىل دەپ قارىغىلى ئۇزۇن بولدى ، چۈنكى خەنسو تىلىنى بىلىسە خىزمەت تاپقىلى بولىدىغاندەك ۋەزىيەت ئاللىبۇرۇن كەلمەسكە كەتتى . ھازىر خىزمەت دېگەن پۇلى بار ، ھېيلىگەر تۈلكىلەرنىڭ . ھازىر ئىتنىڭ بېشىغا شۇنداق ئۇرۇپ قويسىمۇ خەنسو تىلى بىلىدىغانلاردىن 10 ~ 15 ى ئىتنىڭ قۇرتىدەك ئالدىڭىزغا چۈشىدۇ .

ھايا قىلمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74747
يازما سانى: 594
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5438
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 409 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     بەكمۇ توغرا قىلىپسىز . خەق نېمە دېسە دەۋەرسۇن ، سىز ئۆز يولىڭىزغا ماڭىۋېرىڭ . باشقا تىلدا سۆزلەش بىزگە مودا ئەمەس ، ئۆزىنىڭ تىلىنى بىلمەسلىك نۇمۇش ، پەسكەشلىك . پەرزەنتلىرىمىزنى كىچىكىدىن تارتىپ تەربىيلىمىسەك چوڭ بولغاندا ناتايىن . مىللىتىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوغداپ قېلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرىپلىرىنىڭ بىرى ئەنە شۇ تىلىمىز ، يېزىقىمىز . ھەممىمىز بىرلىكتە كۈچ چىقرايلى ، قېرىنداشلار !

بىزلەر خەقلىشىپ ، خەقلەر بىزلىشىپ ... !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67489
يازما سانى: 668
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4314
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 237 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2013-1-20
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنىڭ  ئۈچۈن  قۇرۇق گەپنى قويۇپ  ئانا تىلدىكى  مەكتەپلەرنى قۇرۇشقا  تىرىشايلى   ..  بىز  مۇشۇنىڭغا  مۇھتاج  ، ئۇزۇن  زامانلار  سوراقسىز  قالغان ئاپتۇنۇمىىيە ، مىللىي  ھوقۇق دېگەنلارنىڭ  ئەمدى  سورىقى بولۇشى كىرەك ، بۇ  ئىشلار  ھۆكۈمىتىمىز  قانۇنىغا   ئۇيغۇن ، لېكىن ئۇلار  ئۆزلىرىنىڭ  قانۇنىغا  ئامال  قىلمايۋاتىدۇ  ...   ...  ...

ئازاپ نېمە ؟ دەرت نېمە ؟  مىنىڭچە ھەممىسى ئۆزىنى ئالداش .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 514
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3717
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 768 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋادەيمەن،مەن مەكتەپتەئوقۇغان ۋاقتىمدا3.سىنىپتىن باشلاپ خەنچەئۆتكەن،تېخى ھەممەدەرىسنى بىرمۇئەللىم ئۆتەتتى،ئۇمۇئەللىمىمىزتاجىك مىللىتىدىن ئېدى.تولۇقسىزغاچىققانداھەپتىدەئىككى-ئۈچ سائەت خەنچەئۆتەتتىغۇدەيمەن شۇنچىلىك شارائىتتائۈگەنگەن شۇخەن تىلى بىلەن ئىچكىرىلەرگىمۇبېرىپ كەلدىم،ھازرمۇخەنلەربىلەن ئىشلەپ تىل ئۆزۈمنىڭ ھاجىتىدىن چىقىۋاتىمەن،ھەرگىزمۇخەنچەياكى قوش تىل ئوقۇمىغانلىق سەۋەبىدىن قىينىلىپ قالمىدىم.
مۇشۇدەۋرگەكەلگەندەنىمەسەۋەبتىن مەكتەپلىرىمىزنى خەنلەشتۈرگىلىۋاتىدىكىن....پۇقرانىڭ ھالىغايەتمەيدىغان باشلىقلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتسكەندەيمەن!!!!!!!

ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!

QQ : 1441748497

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4901
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8375
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2010-7-27
ئاخىرقى: 2013-1-13
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىڭىزنى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا خەنزۇ قىلاي دەپسىز ھە ~!  بولسا بالىڭىزغا خەنزۇچە ئىسىمدىن بىرنى قۇيۇڭ ، ھەممەيلەن خەنزۇچە ئىسمى بىلەن چاقىرسۇن ~! يا بولمىسا نۇپۇس دەپتىرىدىكى مىللىتى دىگەنگە خەنزۇ دەپ ئۆزگەرتىۋېتىڭ ، ئۇنىڭدىمۇ بولمىسا خەنزۇلارنىڭ كۆزىگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئاق قوينىڭ گۆشىدىن بىر چىشلەم يىگۈزۈپ قويۇڭ ، شۇندىلا بالىڭىز بىمالال خەنزۇ بولالايدۇ . ئۇمۇ بولمىسا خەنزۇدىن بىرەرسىگە بېرىۋېتەرسىز بولمىسا .... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   adalatqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-13 12:15 PM  


سەن مېنى مېيىپ دىمە ، چۈنكى سەن ساق تۇرۇپ قىلالمىغان ئىشنى مەن قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86170
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 397
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 107 سائەت
تىزىم: 2012-10-17
ئاخىرقى: 2013-1-14
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە دەي ئەمدى،مۇنبەردىشىمىز يا نىڭ گىپى مىنى سەل پەل ئويلاندۇردى.دىمىسىمۇ ھازىرقى مائارىپىمىزغا بىر نەرسە توغرا كەلمەيدۇ.نۇرغۇن ئۆزگەرتىشكە تىگىشلىك ئىشلار بار.لىكىن ئامال يوق.
ھەمىمىز ماۋۇ مۇنبەردە مەيدىمىزگە مۇشلاپ مىللەت ئۈچۈن يەر شارىنى كۇمپەيكۈن قىلۋىتىمىز،.ئەمەليەتتە قۇلىمىزدىن پوق كەلمەيدۇ.بۇنۇڭ ئۈچۈن بىز ئۆزىمىز ئامال تېپىشىمىز كىرەك.

بىر قېتىم يىقىلىپ چۈشۈپ بېشىمنى يېرۋالىم(قىش مەزگىلى ئىدى،تېيلىپ كەتكەن)دوختۇرخانغا بېرىپ تىككۈزەي دىسەم بىر ئۇيغۇر دوختۇر تىكتى،ئۇۋال ھېلقى ئۇيغۇرغا،ئۇيغۇرچە دىگەن گەپلىرنى بىرنى چۈشەنگەن بولسام ئۈلەي.ئاماليوق ئۇنى خەنچە سۆزلە چۈشەنمىدىم دىدىم.بىچارە خەنزۇچىدا ئۇقۇغانكەن ،ئۇيغۇرچىنى پەقەت بىلمەيدكەن.مەن شۇ ۋاقىتتىن باشلاپلا قاباھەتنىڭ ئۈزۈمگە قانچىلكىك يېقىن قالغىننى ھىس قىلدىم.
ئەگەر مەن بالامغا خەنچە گەپ قىلسام(ئۆزۈم قەشقەرنىڭ بىر يىزىسىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان)ئۇنداقتا نەۋرەمنىڭ ئۇيغۇرچە بىلىشىدىن ئېغىز ئېچىش مومكىنمۇ؟بالامنىڭ نەۋرىسگە بارغاندا ئۇنۇڭ تۇڭگانلاردىن نىمە پەرقى قالىدۇ؟
جەميەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ مىللەتنىڭ بارا-بارا يۇقىلىشى تەبئى ئەھۋال،لىكىن بىزنىڭ قىلالايدىغىنىمىز پو ئېتىش ئەمەس بەلكى پەرزەنتىمىزگە،ئائىلمىزگە،دوس-بۇرادەرلەرگە مەسئۇل بۇلۇپ،ئامالنىڭ بارىچە ئۇيغۇر تىلىنى ئۆيدە ئۈگتىش.
مەن ئۇيغۇرچە ئۇقۇدۇم.لىكىن سىلەرمۇ بىلسىلەر ئانچە مۇنچە«دۆلەت تىلى»مۇ بار دەرىسلىكتە.لىكىن ئالى مەكتەپنى  پۈتتۈرگەندە ئۇمۇمى بىلدىغان «دۆلەت تىلى»50كە يەتمەيتتى.كىيىن خىزمەت ئىھتىياجى بىلەن ئۆگەندىم،ھازىر چاتاق يوق ئالاقە قىلالايمەن .

ھازىر ئائىلە قۇرۇپ ئىككى پەرزەنتىم بار،ئۈرۈمچى شارائىتىدا بۇلۇپمۇ كۆكتاغ رايۇندا ئۇيغۇرچە يەسلىدىن ئېغىز ئېچىش مومكىن ئەمەس.بايا سۆزلەپ ئۆتكەندەك ئاپىسى ئككىمىز ئۆيدە ئۇيغۇرچە ئۈگتىمىز .ئىككىلىسىگە ئۆيدە خەنزۇچە سۆزلەش قاتتىق چەكلەنگەن.

مەن پەقەت قىلالايدىغىنىمنى قىلدىم.قالغىننى ياراتقان ئىگىسى ئۇرۇنلاشتۇرا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88840
يازما سانى: 115
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 225
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 50 سائەت
تىزىم: 2012-12-20
ئاخىرقى: 2013-1-13
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىمىز بىرلىشىپ ئۇيغۇرچە مەكتەپ قۇرۇشقا تىرىشساق بولاتتى،پۇلى بالا پۇل چىقارسا ،كۈچى بالا كۈچ چىقارسا .ھەممىمىز بىر نىيەتتە بولساق چۇقۇم قىلغىلى بولاتتى.ئەگەر ھۆكۇمەەت قىلغىلى قويمىسا ،ئۇلارنىڭ ئەپتى بەشىرىسى ئاشكارلىناتتى.

ئۇيغۇر بولساڭ باتۇر بول،بولمىسا يوق بول!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89935
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 136
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2013-1-12
ئاخىرقى: 2013-1-20
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك بىر مەزمون ئىكەن...ئاتا-ئانا بولغۇچىلار ئالدى بىلەن سىلەر ئۆزۈڭلارغا سۇئال قۇيۇڭلار...ئانا تىلى سىلەرگە زۇلۇم قىلدىمۇ؟ كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار بالسى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيالمىسمۇ خەنزۇتىلنى ياخشى بىلسە كېين بالىنىڭ كەلگۇسى ياخشى دەپ ،بالىلارنى زورلاپ خەنزۇتىلدىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا بەرمەكتە...بۇ تۇپتىن خاتا قاراش..بالىنىڭ كەلگۈسگە بىۋاستە تەسىر قىلدىغنى ئاتا-ئانىنىڭ ئۆزىدۇر...بالىڭىز ئۈگەن مەكچى بولغان بىلىملەرگە ئالدى بىلەن سىلەر پۇختا بولۇڭلار ...ئانا تىلدىكى مەكتەپلەر بالىلارنىڭ زېھنىي قابىليىتنى ئىچىشتىكى ئەڭ ياخشى ئەۋزەللىككە ئىگە...مەيلى قايسى مەكتەپتە بولسۇن ،بالىلار يىڭى مۇھتا تەمتىرەش،ھۇدۇقۇشتەك پىسخىكا ئەسىردىن خالىي بۇلالمايدۇ.ئاتا-ئانا بولغۇچىلار بالىلارنىڭ زىھنىي قابىليىتگە تۇسالغۇ بۇلدىغان قېينچىلقلاردنى بۇسۇپ ئۆتۈشكە يىتەكچى بۇلۇش زۆرۆر...
ئۇقۇش مەكتەپتە بۇلماستن بەلكى تۇرمۇشتا ئىكەنلكىنى تۇنۇپ يىتەيلى...

كۈلۇپ ياشاڭ ~ھايات بىر پۇرسەت~ئۆلۈم ھەممگە جاۋاب!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75516
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3085
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2012-2-12
ئاخىرقى: 2013-1-17
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئانا تىل يەسلىسى قۇرۇش يولىدا :


http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=14367


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش