Janbar يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 10:45 AM 
مەن ئۆرۈمچىدە تولا ئايلىنىمەن .بىراق بۇنداق ئەھۋاللا ...
بۇ دۇنيادا كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.
مەنمۇ بۇنداقلارنىڭ ئازلىشىنى، ئۇچرىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن. بىراق ھازىرقى مائارىپ ۋە ئائىلە تەربىيسى بىلەن چوڭ بولىۋاتقان كىچىك نارىسىدىلەر جەمئىيەتكە قەدەم قويغاندا نېمىلەرنى كۆرۈپ، نېمىلەرنى ئاڭلايدىغانلىقىمىزنى ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ.
مەن جەمئىيەتتىن قاقشاپ يۈرىدىغان، ئۇيغۇرنى سۆكۈپ يۈرىيدىغانلاردىن ئەمەس. بىراق كۆپىنچە كىشلەر ئاقىۋەتنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلمايۋاتىدۇ. ئاتا- ئانىلارنىڭ كاللىسى ئېچىلمىسا، بالىلارنىڭ كاللىسىنى قانداق ئاچماقچىمىز.
مەكتەپتە ھەتتا ئېلىپبە ئۆتۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرسىمۇ، بىر ئېغىر ئۇيغۇرچىسىز دەرس ئۆتىدىغان كۈنلەر كەپ قالسىمۇ، ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى ئۇيغۇر بالىلار بىلەن بىللە ئوقۇتۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. شۇ خەنزۇلار بىلەن ئوقۇپ چوڭ بولغان كۆپىنچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاددىيسى ئاتا- ئانىسىنى قانچىلىك ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى، قانچىلىك كۆيىنىدىغانلىقىنى كۆردۇق. مىللەتكە، دىنىمىزغا بولغان مېھرى- مۇھەببەت توغرىسىدا گەپ ئاچمىساقمۇ بولار. ئىشقىلىپ پۇلنىڭ، مەنسەپنىڭ، مۇشۇ دۇنيانىڭ قۇللىرى بولۇپ چوڭ بولىدۇ، ئاخىرەتنى، ئاللاھنى تونۇمايدىغان «مۇسۇلمانلار» بولىدۇ خالاس.
نەچچە يىللار ئىلگىرى، بىر ئايال دادامدىن بالامنى خەنزۇچىغا بەرسەم بولارمۇ ئۇيغۇرچە مەكتەپكە بەرسەم بولامدۇ دەپ مەسلىھەت سورىغىنى ئېسىمدە، دادام بىر سائەت چۈشەندۈرۈپ، ئۇيغۇرچە مەكتەپكە بېرىشى توغرۇلۇق تەكلىپ بەرگەنىدى. بىراق ئۇ ئايال يەنىلا خەنزۇچە مەكتەپكە بېرىشنى تاللاپتۇ. بالىسىنىڭ ئاتالمىش ئىستىقبالىنى ئويلىسا كېرەك....