|
|
|
|
باي ناھىيەسىدىن چىققان ئىقتىدارلىق ياش رەسسام ئابلەت ئوسماننىڭ رەسىم-ھۆسنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12- كۈنىگىچە باي ناھىيە خۇاتې مېھمانسارىيى 2- قەۋەت زالىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. بۇ كۆرگەزمىنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، باي ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق 11 ئورۇن بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ، كۆرگەزمىگە ياش رەسسام ئابلەت ئوسمان يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىجار قىلغان 50 پارچىدىن ئارتۇق ماي بۇياق رەسىم ۋە ھۆسنخەت ئەسەرلىرى قويۇلغان. كۆرگەزمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا كۆرگەزمىنى تەشكىللىگەن مۇناسۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ، ۋە مەكتەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى، بىر قىسىم ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، ئىدارە-ئورۇنلاردىن كەلگەن زوقلانغۇچىلار، ياش رەسسام ئابلەت ئوسماننىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى، كەسپداشلىرىدىن بولۇپ، 100دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى، ۋە تەبرىكلىدى. باي ناھىيەسىدىكى نۇرغۇن ئامما كۆرگەزمىنى كۆردى.
سۈرەتلەرنى مەن تارتمىدىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ERCHIN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-12 07:36 PM
|
|
|
|
|
|