ئاللاھنىڭ بۇيرىقى بىلەن ئاتۇشتىكى كاتتا دىنى زات رۇستەم قارى ھاجىم 2012.12.28..كۈنى يەنى ئۇلۇغ جۈمە كۈندە كۆز يۇمدى شۇ سەۋەپلىك ئۆشبۇ مەرسىيەدە پىقىر رەھمەتلىك قارى ھاجىمغا بولغان ھۆرمىتىمنى بىلدۈرمەكچى.
مەرسىيە
ئاڭلا دۇنيا مۇسىبەتتە ئاتۇشۇم،
ھەيران قالما كىتىپ قالسا گاھ ھۇشۇم.
چىدالماستىن يىغلىماقتا تۈمەن كۆز،
ياش تۈكمەكتە ئاسمانمۇ دەپ يۇلتۇزۇم.
يۇرتىمىزنىڭ كۆزى كەتتى ئالەمدىن،
ئانا يۇرتۇم ئىڭرىماقتا ماتەمدىن.
ئوخشاپ قالدۇق ئەمالاغا ھەمىمىز،
بىزلەر ئۈچۈن ئەۋزەل ئىدى ھاتەمدىن.
تەغدىر ئىكەن ھەي..دەپ قالدۇق چارىسىز،
ھىدايەتكە كىممۇ باشلار قارىسىز.
كاتتادىنى ئالىم ئىدى ئەل گۇۋاھ،
ھۆرمەتلەيتۇق شۇ سەۋەپلىك بارچىمىز.
جان ئاتاممۇ رەھمەتلىكنى چوڭ بىلىپ،
قويۇپتىكەن رۇستەم دېگەن ئىسمىمنى،
مانا ئاتام قالدى بۈگۈن ئۇھ سىنىپ،
ئاڭلىغاندا تۆگەپتۇ دەپ رىزقىنى.
رۇستەم قارى ھاجىم، كەتتى ئەلۋىدا،
قان يىغلاتتى ھەمىمىزنى بۇ جۇدا.
مەرسىيەگە ئاجىز كەلدى قەلىمىم،
ياتقان جايى جەننەت بولسۇن ئېھ خۇدا.
2012.12.29...
رۇستەم قاراسۇ.......ئاتۇش
كېچڭىز
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-12 07:32 PM