يېقىندىن بۇيان قەدىمكى كىتاپلارغا، بولۇپمۇ تارىخىي كىتاپلارغا قىزىقىپ قالدىم. ئۆزەمنىڭ خاھىشى بويىچە، كىتاپلاردىكى ئاتالغۇلارغا ئالاھىدە ئېتىبارىمنى ئاغدۇردۇم. كىتاپلاردىن شۇنى ھېس قىلدىمكى، كونا كىتاپلارنىڭ ھېچقانداق يېرىدە «چىغىتاي / چاغاتاي تىلى» دەيدىغان بىرەر ئاتالغۇنى پەقەت ئۇچراتمىدىم، پەقەت ئۇچراتقىنىم «تۈركىي / تۈركى تىل» دېگەن ئاتالغۇ بولدى.
گەپنى باشقا ياندۇرۇپ كەلسەك، غەرب تىلشۇناسلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركى تىلنى ھازىرقى تۈرك تىلىدىن پەرقلەندۈرۈش ۋە تەتقىقاتىغا ئاسان بولۇشى ئۈچۈنلا، «چىغىتاي / چاغاتاي تىلى» دەپ نام قويغانلىقى، ئاندىن بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىز بۇ نامنى ئېسىل بىلىپ، ھازىرقى كىتاپلىرىمىزغا سۆرەپ كىرگىنى ئېنىق.
دېمەك، ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدا «چىغىتاي / چاغاتاي تىلى» نامىدا بىرەر تىل مەۋجۇت بولمىغان ئىكەن، بىز يەنە نېمە ئۈچۈن ئاشۇنداق ئاتايمىز؟ نېمە ئۈچۈن ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئاتاپ كېلىۋاتقان «تۈركىي / تۈركى تىل» دېگەن نامنى تاشلىۋېتىمىز؟
كونا كىتاپلاردا يەنە، ھازىرقى شىزاڭ رايونىنى «تىبەت» دەپ ئاتايدىكەن، تارىخىي رەشىدىدە شۇنداق ئاتىغان، مەزكۇر كىتاپ بۇنىڭدىن 500 يىل مۇقەددەم يېزىلغان بولۇپ، ئۇ چاغدا ئېنگلىز تىلى تېخى تولۇق پىشمىغان، ھەمدە بېرتانىيە ئارىلىدىن سىرتقا تۈزۈك تارالمىغان ئەھۋالدا ئىدى. مېنىڭچە بولسا، «تىبەت» سۆزى تۈركلەر ئارقىلىق ئېنگلىزلارغا كۆچكەن، ئاندىن ئېنگلىزلاردىن بىز قايتا ئۆگىنىۋالغان ئاتالغۇ بولۇشى مۇمكىن. مەزكۇر كىتاپتا يەنە، تىبەتتە ياشايدىغانلارنى «تۈبۈت» دەپ ئالغان، بۇ بەلكىم ھازىرقى زاڭزۇلارنى كۆرسەتكەن بولۇشى مۇمكىن.
تېمىغا قايتىپ كەلسەك، ھازىرقى بىز ئاتاپ كېلىۋاتقان «چىغىتاي / چاغاتاي تىلى» نى قەدىمكى تىلىمىز بويىچە «تۈركىي / تۈركى تىل» دەپ ئەسلىگە قايتۇرۇپ ئاتاشقا بولامدۇ؟ مۇشۇ ھەقتە بىر پىكىرلىشىپ باقساق!؟
ئەسكەرتىش: «تۈركىي / تۈركى تىل» سۆزى ھازىرقى تۈركىيەدىكى تۈرك تىلى بىلەن ئۇقۇم خاتالىق كېلىپ چىقمامدۇ دەپ ئويلاپ قېلىشىڭلار مۇمكىن. بۇ ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ، «تۈرك تىلى» بىلەن «تۈركى تىل»نىڭ يېزىلىشىدىمۇ پەرق بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھازىرقى تۈركىيە تۈرك تىلىنىڭ قەدىمكىسىنى «ئوسمانلى تىلى» دەپ ئاتىشاتتى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكىسىنى بولسا، «تۈركى تىل» دەپ ئاتىشاتتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا koktash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-12 10:10 AM