مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1170|ئىنكاس: 4

مۇسۇلمانلارنىڭ ئوبرازى ‹1› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88370
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1073
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 150 سائەت
تىزىم: 2012-12-9
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 01:33:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      مۇسۇلماننىڭ رەببى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى.

    سەگەك مۆئىمىن:
  ئىسلامنىڭ مۇسۇلماندىن ئەڭ ئاۋال تەلەپ قىلىدىغىنى اللە غا ھەقىقى ئىشەنگەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇستەھكەم
ئالاقە باغلىغان، ئۇنى ھەمىشە ياد ئىتىپ تۇرىدىغان، بارلىق ئىشلىرىدا ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلىدىغان، تىگىشلىك
سەۋەبلىرىنى قىلىش بىلەن بىرگە، تۈرلۈك ئىشلىرىدا ئۇنىڭدىن ياردەم تىلەيدىغان، ئۆزىنىڭ ھەرقانچە سەۋەپ
قىلغان، ھەرقانچە تېرىشچانلىق كۆرسەتكەن تەقدىردىمۇ، يەنىلا اللە نىڭ ياردىمىگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر
ھىس  قىلىدىغان مۆئىمىنلاردىن بولۇش. ھەقىقى ساداقەتمەن، قەلب كۆزى ئوچۇق مۇسۇلمان، اللە نىڭ كائىناتتىكى ئاجايىپ قۇدرەتلىرىگە دىققەت بىلەن نەزەر سالغۇچىدۇر. دۇنيا ۋەزىيتى، ئىنسانلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئىدارە قىلىۋاتقان قۇدرەت ئىگىسى اللە دەپ ئىشەنگۈچىدۇر. ھەم اللە نى ھەمىشە ياد ئىتىپ تۇرغىچىدۇر.

  شۆبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زىمىننىڭ يارتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرىشىدا ئەقىل
ئىگىلىرى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە، روشەن دەلىللەر بار ‹190› ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ،
اللە نى ئەسلەپ تۇرىدۇ. ئاسمانلارنىڭ ۋە زىمىننىڭ يارتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ.‹ئۇلار ئېيتىدۇ›
رەببىمىز بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ. سەن پاكتۇرسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن.‹191› سۈرە ئال ئىمران
                                                                                             
     رەببىنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلغۇچىدۇر.
  ساداقەتمەن مۇسۇلمان بارچە ئىشلىرىدا تۆۋەنچىلىك بىلەن، اللە بەلگىلاپ بەرگەن نوقتىدا توختىغان، اللە نىڭ
ئەمىر-پەرمانلىرىنى جان دىلى بىلەن ئورۇنلىغان ھالدا، اللە غا ئىتائەت قىلىشى ۋە چوڭ كىچىك ئىشلىرىدا اللە
نىڭ ھەم رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرىغىدىن ئۆزىنى قاچۇرماي، كەينىگە تارتماي ۋە ئايرىپ ئولتۇرماي ئىجرا قىلىشى
كىرەك. مۇسۇلماننىڭ مۇشۇنداق ئىتائەتمەنلىك بىلەن اللە غا ۋە رەسۇللاھغا بويسۇنىشى مۇسۇلماننىڭ ئىمانىنى
ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم تىشى.

    ‹ئى مۇھەممەد› رەببىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار‹يەنى مۇناپىقلار› ئۆز ئارىسىدىكى دەتالاشقا سنى ھۆكۇم
  چىقىرىشقا تەكلىپ قىلمىغىچە، ئاندىن سىنىڭ چىقارغان ھۆكمىڭگە ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى قىلچە غۇم بولسىمۇ
  يوقالمىغىچە ۋە ئۇلار پۈتۈنلەي بويسۇنمىغىچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ.‹65›
                                                                                         سۈرە نىسا.
   
       جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ خائىشى مەن ئەكەلگەن نەرسىگە        ئەگەشكەن بولماي تۇرۇپ مۆئىمىن بولالمايدۇ.
                                                           ‹ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان›

  شۆبھىسىزكى اللە نىڭ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ چىقارغان ھۆكمىگە مۇتلەق بويسۇنۇش، تولۇق ئىتائەت قىلىش
دىمەكتۇر. ئۇنىڭسىز ئىمان، ئىمان بولمايدۇ. ئىسلاممۇ ھەقىقى ئىسلام بولماي قالىدۇ. بۇنىڭدىن شۇ نەرسە
ئايان بولىدىكى، ساداقەتمەن مۇسۇلماننىڭ ھاياتى، اللە نىڭ ھىدايىتىدىن ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ بۇيرىقىدىن
باش تارتىپ چەتنەپ كەتمەيدۇ. باش تارتىش، چەتنەپ كىتىشلەر، مۇسۇلماننىڭ ئۆزىدە بولمىسۇن، مەيلى
ئائىلىسىدىكىلەردە بولمىسۇن ۋە ياكى ئۇنىڭ مەسئۇلىيەت ھوقۇق دائىرسىدىكى كىشىلەردە يۈز بەرمىسۇن،
ئوخشاشلا ئۇنىڭغا يول قويمايدۇ.

        ئۆزىگە قاراشلىق كىشىلەر ئۈستىدە مەسئۇلىيتىنىڭ بارلىقىنى تونىيدۇ.

     بۇ دىگەنلىك: شۇ مۇسۇلماننىڭ ئائىلىسىدىكى بىرەر كىشى، اللە نىڭ، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا
   قىلىشتا يىتەرسىزلىك قىلسا ۋە سەل قارىسا ياكى دەل ئەينەن ئىجرا قىلمىسا، ئۇنىڭغا مەسئۇل بولىدۇ
   دىگەنلىكتۇر.

  سىلەرنىڭ ھەممىڭلار پادىچى، سىلەرنىڭ ھەممىڭلار ئۆز پاداڭلار توغرۇلۇق سوراق قىلىنسىلەر.
                                                                  ‹ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان›                  
  بۇ ساداقەتمەن مۇسۇلمان، ئائىلىسىدىكى بىرەرسىنىڭ ئۆز يېنىدا بىپەرۋالىق قىلسا، تونۇپ يىتىدىغان مەسئۇ-
لىيەتتۇر. ئۇ ئۇنداق قىلمىشلارغا سۈكۈت قىلمايدۇ ۋە نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، بىپەرۋا-لىقنىڭ، پاسىپلىقنىڭ سەۋەپلىرىنى يوقۇتۇشقا ئالدىرايدۇ. بۇ مەسئۇلىيەتكە پەقەت ئىمانىدا نوقسان،دىنىدا
تۇراقسىزلىق بولغان كىشىلەرلا سەل قارايدۇ ۋە يۇقارقىدەك ئىشلارغا سۈكۈت قىلىدۇ.

     اللە نىڭ ھۆكمىگە رازى بولغىچىدۇر.

  ساداقەتمەن مۇسۇلمان ھەمىشە اللە نىڭ ھۆكمىگە ۋە ئورۇنلاشتۇرىشىغا رازى بولىدۇ. كۆزىنى رەسۇلۇللاھنىڭ
‹ھەدىس› گە تىكىدۇ.

     مۆئىمىننىڭ ئىشلىرىغا ھەيرانمەن، راستىنلا ئۇنىڭ بارچە ئىشى ياخشى، ئەگەر ئۇنىڭغا خوشاللىق يەتسە
شۈكۈر قىلىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى، ئەگەر بىرەر پىشكەنلىك يەتسە سەۋىر قىلىدۇ، بۇمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن
ياخشى.
             ‹ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان›

  چۈنكى ساداقەتمەن مۇسۇلمان اللە نىڭ تەقدىرىگە ئىشىنىش، ئىماننىڭ مۇھىم بىر قىسمى دەپ ئىتىقاد قىلىدۇ.
ھەمدە بۇ دۇنيادا ئۆز بىشىغا كەلگەن مۇسىبەتنىڭ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپمۇ ساقلانغىلى بولمايدىغان اللە نىڭ
تەقدىرى ئىكەنلىكىگە ۋە اللە نىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا رازى بولۇشنىڭ اللە نىڭ كاتتا ساۋابىغا ئىرىشتۈرىدىغان،
تەقدىرگە تەن بەرگۈچىلەرنىڭ اللە نىڭ ھوزۇرىدا ئىتائەت قىلغۇچى، مۇراد-مەخسەتلىرىگە يەتكۈچى قاتارىدا
بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
  بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋىلىشقا بولىدىكى، مۇسۇلماننىڭ ھەممە ئىشى ياخشىدۇر. ئەگەر ئۇنىڭغا خوشاللىق
يەتسە، ئۆزىگە شاد-خوراملىق بەخىش ئەتكەن ئۇلۇغ اللە غا ھەمدۇ-سانا ئېيتىدۇ. ئەگەر كىلىشمەسلىك
يەتسە، رەببىنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىش، قازا ۋە قەدەرگە رازى بولۇش يۈزسىدىن سەۋىر- تاقەت قىلىدۇ.
بۇنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە مۇسۇلمانغا ياخشىلىق بار.

      گۇناھ ئىشلاردىن قول ئۈزگۈچىدۇر

  بەزى بىر چاغلاردا مۆئىمىننىڭ دىلىنى غەپلەت بىسىۋالىدۇ دە شۇنىڭ بىلەن قەدىمى تىيىلىپ كىتىدۇ ياكى
مۆئىمىنگە لايىق كەلمەيدىغان ئەيىپ-نوقسانلارنى سادىر قىلىپ قويىدۇ. بىراق ئۇ تىزلا قىلمىشىنى ئەسكە
ئالىدۇ دە دىققەت بىلەن نەزەر سالىدۇ ۋە غەپلەتتىن ئويغۇنۇپ، پاتقاقتىن پۇتىنى تارتىۋالىدۇ، كەمچىلىك-
لىرىگە قارىتا ئىستىقفار ئېيتىدۇ ھەم تۆۋبە قىلغان، پۇشايمان قىلغان، بىشىنى تۆۋەن سالغان ھالدا رەببىنىڭ
ھىمايىسىگە سېغىنىدۇ.
  
      تەقۋادار كىشىلەر شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىگە ئۇچرىسا، اللە نى ئەسلەيدۇ دە، ھەقىقەتنى كۆرۈۋىلىپ،
    ‹شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىدىن› خالاس تاپىدۇ.‹201›
                                                               سۈرە ئەئىراف.

  بىپەرۋالىق، اللە نىڭ ھۇھەببىتى ۋە تەقۋالىقى بىلەن سوقىدىغان يۈرەكتە كۆرۈلمەيدۇ، لىكىن اللە نىڭ ئەمىر-
پەرمان، ھىدايىتىدىن يۈز ئۆرىگەن كىشىنىڭ قەلبىدە كۆرىلىدۇ. ساداقەتمەن مۇسۇلماننىڭ قەلبى ھەر ۋاقىت
ئىستىقفارغا، تۆۋبىگە ۋە پۇشايمانغا ئوچۇق، ھەمىشە تەقۋالىق، رازىمەنلىك ھالەتلىرىدە راھەتلەنگۈچىدۇر.

      مۆئىمىننىڭ بارلىق غېمى رەببىنى رازى قىلىشتۇر

  بارلىق ئىش ئەمىلىدە اللە نىڭ رازىلىقىنى ئىزلەيدىغان ساداقەتمەن مۇسۇلمان، ھەر بىر باسقان قەدىمىدە،
ئادەملەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىش ئەمەس، بەلكى اللە نىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تېرىشىدۇ.
بەزى چاغلاردا اللە نى رازى قىلىش ئۈچۈن، كىشىلەرنىڭ غەزەپ-نەپرىتىنى قوزغاپ قويىشى مۈمكىن، شۇنداق-
تىمۇ ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇ رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇ توغرىسىدىكى سۆزىنى ئۆزىگە
يىتەكچى قىلغان.

       كىمىكى كىشىلەرنىڭ غەزەپ-نەپرىتىگە پەرۋا قىلماي، اللە نىڭ رازىلىقىنى ئىزدىسە، ئۇنى كىشىلەردىن
    ئەمىن قىلىشقا اللە كىپىل، كىمىكى اللە نىڭ غەزىپىگە قارىماي ئادەملەرنى رازى قىلىمەن دىسە، اللە
    ئۇ كىشىنى ئادەملەرگە تاشلاپ قويىدۇ.
                                                    ‹ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان›

   بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋىلىشقا بولىدىكى، مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ ئىش-ھەركىتىنى اللە نىڭ رازىلىق ئۆلچىمى
بىلەن ئۆلچەيدۇ.
  
                                                                                                ‹داۋامى بار›     
                                                      
         
  مەنبە: ‹مۇسۇلماننىڭ ئوبرازى› كىتاپتىن ئىلىندى.‹دىن مەدىنىيتى نەشرياتى›                                                                       
   

        
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پىنھان00 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-12 01:36 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88370
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1073
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 150 سائەت
تىزىم: 2012-12-9
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 12:50:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، ئەسلى بۇ يازما تەرتىپلىك تىزىلغان ئىدى، يوللىغاندىن كىيىن چۇۋالچاق چىقىپ قالدى، تەھرىرلەشكە كىرىپ ھەپىلىشىپمۇ تۈزىيەممەي قالدىم. سەل كۆرۈمسىز چىقىپ قالدى. شۇڭا قېرىنداشلىرىمىزدىن كەچۈرۈم سورايمەن.

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1725
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5789
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 553 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 01:43:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
v_616d6f281e9eb38532d5d0f15d8fc9e6.jpg
ھەرقانداق مۇسۇلمان مۇشۇ كىتاپتا تىلغا ئېلىنغاندەك ئۆزىنى ئىسلاھ قىلالسا، ھەقىقى كامىل مۆمن بوللايدۇ!
كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10255
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8111
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 891 سائەت
تىزىم: 2010-9-14
ئاخىرقى: 2013-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 03:27:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللا ھەممىمىز نى توغرا يولغا باش لىغىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76274
يازما سانى: 487
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5169
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 03:49:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ بىزنى ھىدايىتىڭدىن ئايرىمىغىل!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش