مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 460|ئىنكاس: 3

خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش توغرىسىدا ئون تۈرلۈك بەلگىلىمە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32817
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4557
تۆھپە نۇمۇرى: 289
توردا: 475 سائەت
تىزىم: 2011-3-5
ئاخىرقى: 2013-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 12:49:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يوللىغۇچىدىن : مەزكۇر تىما تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىدىن كۆچۇرۇپ كېلىندى، پايدىلىنىش قىممىتى بولغاچقا مىسرانىم مۇنبىرىگە يوللاپ قويدۇم.




ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش توغرىسىدا ئون تۈرلۈك بەلگىلىمە چىقاردى





   
    چېڭ لىشىن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 25 – دېكابىر چۈشتىن كېيىن دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئامما بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت باغلاش توغرىسىدىكى ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ دائىمىي كومىتېتنىڭ ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.    يىغىن: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، خىزمەت ئىستىلىنى يەنىمۇ ياخشىلاش، ئامما بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت باغلاش ئۈچۈن، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىگە ئاساسەن، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقارغان ئون تۈرلۈك بەلگىلىمە ھەم يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىگە بىردەك قوشۇلدى.    بۇ ئون تۈرلۈك بەلگىلىمە تۆۋەندىكىچە:

    1.ئۆگىنىشنى ئاڭلىق كۈچەيتىش    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كوللېكتىپ ئۆگىنىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مەركىزىي گۇرۇپپىسى ئادەتتە ھەر ئىككى ئايدا بىر قېتىم كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئۆگەنگىنىنى ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك؛  

  2.تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ياخشىلاش    دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى ئاساسىي قاتلامنىڭ 1 – سېپىگە ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋاقتى يىلدا 40 كۈندىن ئاز بولماسلىقى كېرەك. سەپەر تەييارلىقلىرى ئاددىي، ھەمراھلىرى ئاز بولۇشى، ئىلاج بار كوللېكتىپ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ بېرىشى كېرەك؛ ھەمراھ بولۇپ بارىدىغانلارنى ئازايتىپ، قاتلاممۇ قاتلام ھەمراھ بولۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك؛ كۈتۈۋېلىش ئاددىيلاشتۇرۇلۇشى، ھەرقانداق شەكىلدىكى قارشى ئېلىش مەزمۇنىدىكى پىلاكاتلار ئېسىلماسلىقى، ئامما قارشى ئېلىشقا، ئۇزىتىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلماسلىقى، مېھمانلارنى كۈتۈش ئۈچۈن پايانداز سېلىنماسلىقى، مەقسەتلىك گۈللەر تىزىلماسلىقى، مەخسۇس ئەدەبىيات – سەنئەت نومۇرلىرى تەشكىللەنمەسلىكى كېرەك. ئالدىن خەۋەردار قىلماسلىق، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك.

   3. يىغىن پائالىيەتلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇش    يىغىن ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، يىغىن قېتىم سانىنى ئازايتىپ، يىغىن سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايون خاراكتېرلىك يىغىنلارنى ئاچقاندا ئىلاج بار تېلېۋىزىيە – تېلېفون شەكلىنى ياكى ۋىدىئو شەكلىنى قوللىنىش كېرەك. ئادەتتىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇلما ۋە تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان يىغىنلارنى ئاچماسلىق كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ نامىدا مەركىزىي شەھەردىن باشقا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە ئېچىلىدىغان ئاپتونوم رايونلۇق ياكى رايون خاراكتېرلىك يىغىنلارنى قاتتىق تىزگىنلەش كېرەك. يىغىننى قىسقا ئېچىش، سۆزنى قىسقا قىلىش، راست گەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قۇرۇق گەپ، قېلىپلىشىپ قالغان سۆزلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. تۈرلۈك لېنتا كېسىش، ئۇل سېلىش پائالىيەتلىرى ۋە تەبرىكلەش يىغىنى، خاتىرىلەش يىغىنى، تەقدىرلەش يىغىنى، كۆرگەزمە، مۇھاكىمە يىغىنى ھەم تۈرلۈك مۇنبەرلەرنى، ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەنگەن تۈرلۈك تەكشۈرۈش، باھالاش، سېلىشتۈرۈش، ئۆلچەمگە يېتىش پائالىيەتلىرىنى ئەستايىدىل تەرتىپكە سېلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.   

4. ھۆججەت، قىسقا خەۋەرلەرنى ئىخچاملاش    يېزىقچىلىق ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، ھۆججەت، قىسقا خەۋەرلەر سانىنى قاتتىق تىزگىنلەش كېرەك، قانۇن – نىزاملاردا ئېنىق بەلگىلەنگەن، تولۇق تېكىستى ئاشكارىلىنىپ گېزىتتە بېسىلغانلىرى، ماھىيەتلىك مەزمۇنى يوقلىرىنى، ئېلان قىلسىمۇ، قىلمىسىمۇ بولىدىغانلىرىنى بىردەك ئېلان قىلماسلىق، قىسقارتىشقا بولىدىغانلىرىنى چوقۇم قىسقارتىش كېرەك، تارماقلار ھۆججەت تارقىتىپ ھەل قىلالايدىغان بولسا بىرلىشىپ ھۆججەت تارقاتماسلىق كېرەك؛ تارماقلار بىرلىشىپ ھۆججەت تارقىتىپ ھەل قىلالايدىغانلىرىنى پارتكوم، ھۆكۈمەت قايتا ھۆججەت بېسىپ تارقاتماسلىقى كېرەك.

   5. زىيارەتكە چىقىش پائالىيەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش    دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ چېگرادىن چىقىپ تەكشۈرۈش، زىيارەت قىلىش پائالىيەتلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، قاتتىق تىزگىنلەش كېرەك. ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىنى قاراتمىلىق ھالدا ئىنچىكە تەشكىللەش كېرەك. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەرگە بېرىپ خىزمەتلەرنى ئۇدۇللاشتۇرغاندا ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش، ئادەم سانى ۋە قېتىم سانىنى قاتتىق تىزگىنلەش كېرەك. چەت ئەلگە زىيارەتكە چىقىش، رايون ئاتلاپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشكە بارىدىغانلارنى كۈتۈۋېلىش، ئۇزىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزمەي، بىللە بارىدىغان خادىملارنى قاتتىق تىزگىنلەش كېرەك.  

  6. مۇھاپىزەت خىزمىتىنى ياخشىلاش    مەركەزنىڭ مۇھاپىزەت خىزمىتىگە ئائىت تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ساقچى كۈچلىرى ۋە ساقچى ئاپتوموبىللىرىنى ئىشلىتىشنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى سىرتقا چىققاندا قاتناشنى ئىدارە قىلماسلىق، يولنى قامال قىلماسلىق كېرەك. ھۆكۈمەت ئىشى پائالىيەتلىرىدە مۇھاپىزەت قىلىش ۋاقتىنى ئامال بار قىسقارتىش، ئادەملەرنى تارقاقلاشتۇرماسلىق، سارايلارنى تاقىماسلىق، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيەتلىرىنى توختاتماسلىق، چەكلىمەسلىك كېرەك.   

7. ئاخبارات خەۋەرلىرىنى ياخشىلاش    خىزمەت ئېھتىياجى، ئاخبارات قىممىتى ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمىگە ئاساسەن خەۋەر قىلىشقا بولىدىغان، بولمايدىغانلىقىنى قارار قىلغاندا، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ ئادەتتىكى يىغىن ۋە پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنى خەۋەر قىلماسلىق كېرەك. خەۋەر يازغاندا ئىخچام، ئەمەلىي بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، بەزىلىرىنى قىسقا خەۋەر قىلىپ بېرىش، بەزىلىرىنى ماۋزۇ خەۋەر قىلىپ بېرىش، ئۇنىۋېرسال خەۋەر قىلىپ بېرىشكە بولىدىغانلىرىنى ئايرىم خەۋەر قىلماسلىق كېرەك. ئاپتونوم رايون خاراكتېرلىك يىغىن خەۋەرلىرىنى ئىخچاملاش كېرەك. ئادەتتىكى خەۋەرلەرنى ئازايتىش كېرەك. مۇسىبەت پائالىيەتلىرى ۋە تۇغۇلغان كۈننى خاتىرىلەش توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئىخچاملاش كېرەك. تور قاتارلىق يېڭى ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىش ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومدىكى ئاساسلىق رەھبىرىي يولداشلارنىڭ ئامما بىلەن بولغان بىۋاسىتە ئالاقىسىنى كۈچەيتىش كېرەك.

   8.ماقالە ئورىگىنالىنى ئېلان قىلىشنى قاتتىق تۇتۇش    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن باشقا، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى شەخسىي ئەسەرلىرىنى، نۇتۇق تېكىستلىرىنى ئاشكارا نەشر قىلدۇرماسلىقى، تەبرىك خېتى، تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتمەسلىكى، ماۋزۇ، بېغىشلىما، مۇقەددىمە يازماسلىقى، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە ژۇرنال، مەتبۇئاتلارنىڭ پەخرىي خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالماسلىقى كېرەك.   

9. ئىقتىسادچان – تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇش    دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىشى، ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئىش بېجىرىپ ئىگىلىك تىكلىشى، ھەشەمەتچىلىك، سۆلەتۋازلىق، كۆپ يەپ، كۆپ ئىچىش، چېكىدىن ئاشقان ئىسراپچىلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇشى كېرەك. مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش خىزمەت تامىقىنىڭ ۋاقتى 45 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. جايلار، تارماقلار ئۇيۇشتۇرغان يىغىن پائالىيەتلىرى قىسقا، ئاددىي بولۇشى، زۆرۈر بولمىغان بۇيۇملارنى تارقاتماسلىق، خاتىرە بۇيۇم تارقىتىشنى قەتئىي چەكلەش كېرەك. رەھبەرلەرنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى ۋە يىغىن پائالىيەتلىرىدىكى كۈتۈۋېلىش خىزمىتى بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، كۈتۈۋېلىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرمەسلىك، زىياپەت ئورۇنلاشتۇرماسلىق كېرەك. ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى ھەرقايسى تارماقلار ھۆكۈمەت پۇلىغا ئۆزئارا زىياپەت بەرمەسلىكى كېرەك.   

10. پاك، تەلەپچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇش    رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە پاك بولۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە ئۆلچەمنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، بوشاڭلىق ۋە ئىسراپخورلۇق قىلىشتەك ناچار ئادەتلەرگە ئاڭلىق قارشى تۇرۇش كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن ناچار ئۆرۈپ – ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش، توي – تۆكۈن، ئۆلۈم – يېتىم، تەبرىكلەش ئىشلىرىدا ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك. ئۆي، ئاپتوموبىل ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە خىزمەت ۋە تۇرمۇش تەمىناتلىرىغا ئائىت بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئىسراپچىلىق قىلماسلىق شەرتى ئاستىدا ئالماشتۇرۇش زۆرۈر بولغان ئاپتوموبىللارنى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان داڭلىق ماركىلىق ئاپتوموبىللارغا تەدرىجىي ئالماشتۇرۇش كېرەك. تەشكىل ۋە ئاممىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ياخشى ئىستىل ۋە غەيرەتلىك، تىرىشچان بولۇش روھىي ھالىتى ئارقىلىق ئۈلگە بولۇپ، خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.  

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئامما بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت باغلاش توغرىسىدىكى سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۆزى ئۈلگە بولۇش ئارقىلىق خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاشقا باشلامچىلىق بىلەن ئىرادە باغلىغانلىقىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىرادىسى ۋە كۈچىنى تولۇق كۆرسىتىپ بەردى، خەلقنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرىنى ھۆرمەتلىگەنلىكى ۋە ئۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئامما بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت باغلاش خىزمىتىگە باشتىن – ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، بۇ قېتىم چىقىرىلغان ئون تۈرلۈك بەلگىلىمە ۋە يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى پۇختا، كونكرېت بولۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى قاتتىق تۇتۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتتۇر، ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ھەرىكىتى چىن بولۇش، ئىستىلنى كۈچەپ ياخشىلاشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ بەردى.   

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئومۇمىيەت ۋە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئامما بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت باغلاشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار بولۇپمۇ ئاپتونوم رايوندىكى رەھبىرىي يولداشلار ئۆزى ئۈلگە، ياخشى نەمۇنە بولۇپ، چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىيەلەشتۈرۈپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىشى كېرەك. نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، شەكىلۋازلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، ئامما ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان جايدىن باشلاپ ئىشلەپ، ئامما ئەڭ نارازى بولغان جايدىن باشلاپ ئۆزگەرتىپ، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان خىزمەت ئىستىلى ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى تاماملاشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.    نۇر بەكرى، ئەركىن ئىمىرباقى، ئەسقەت كەرىمباي، چې جۈن، خۇاڭ ۋېي، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، كۈرەش مەخسۇت، ئەركىنجان تۇراخۇن، خۇ ۋېي، شيۇڭ شۇەنگو قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-12 04:03 PM  


يېغلىغاندىن كۇلگەن ياخشى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4086
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17458
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1466 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 12:18:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئات ئايلىخانغا يول سارىخانغا بولمىسىلا بولاتتىغۇ  .

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

قەبرىنى زىيارەت

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40518
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5502
تۆھپە نۇمۇرى: 441
توردا: 712 سائەت
تىزىم: 2011-5-12
ئاخىرقى: 2013-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 08:30:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87105
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 909
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 105 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 01:20:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن دۆلەت باشلىقى بوپ قاغان بولسام بۇ دۆلەت ئىنتايىن گۈللىنىپ كەتكەن بولاتتىدە .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش