بەخىتلىك بول قىزىم...
قىزىم گۈزەللىكتە ۋايىغا يەتتىڭ ، بەخىت گۈللىرىڭ ئېچىلىپ ئەمدى سەن كېلىن بولدۇڭ. باغرىغا باغرىڭنى يېقىپ چوڭ بولغان ئائىلىدىن ئىبارەت ۋەتىنىڭدىن ئايرىلىپ باشقا بىر ۋەتەنگە شاھسەن. ئۇلار يۇرت چوڭلىرى مەھەللە مۆتىۋەرلىرىنى ئېلىپ ئالدىمىزغا نەچچە رەت كېلىپ رەسىم- قائىدىلەرنى ئادا قىلىپ سېنىڭ رازىلىقىڭنى ئالغاندىن كىيىن ، ناغرا سۇنايلىرىنى ئاسمان – پەلەك ياڭرىتىپ، سېنى ئۆزلىرىنىڭ سۇلالىسىنىڭ ئايال پادىشاھلىقىغا، تاللىغانلىقىنى ئالەمگە جاكالاپ سېنى كۈچۈرۈپ ماڭدى. ئۇلار ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ ئىمپىريىسىنىڭ كىيىنكى تەقدىرىنى ساڭا تاپشۇردى، بۇ ئىمپىريىنىڭ كىيىنكى باھادىر لىرىنى ئۆز ھاياتىنىڭ داۋامىنى سەندىن ئاپىرىدە قىلىشنى لايىق تاپتى . جاھاندىكى شۇنچە قىزنىڭ ئاراسىدىن بىرگىنە سېنى ئۆزلىرىنىڭ ئائىلىسىنى يۇرۇتقۇچى قۇياش قىلىپ تاللىغىنى، سېنى چوڭ بىلگىنى ھۆرمەتلىگىنى ساڭا ئىشەنگىنى ، مانا بۇ سېنىڭ بەختىڭ قىزىم.
شۇ تاپتا سەن ئۇ ئۆيدە ئەزىزسەن ئەڭ ھۆرمەتلىكسەن قىزىم. ئۇلار ئۆزلىرى يىگىرمە نەچچە يىل باغرىدا باققان ساھىپقىران يىگىتىنى باغرىدىن يۇلۇپ ساڭا تۇتقۇزدى . بۇ سېنىڭ بەختىڭ قىزىم. ئۇلار يۈرىكىنى قۇقاستا قۇيۇپ چوڭ قىلغان يۈرەك پارىللىرىنى بىر- بىرلەپ سىرىتقا ئۇزۇتۇپ، ئائىلىنى سەن ئۈچۈن كەڭرى قىلدى. ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىنى ئاغرىق-ساقلىقىنى ساڭا تاپشۇردى. ھەر بىر ۋاخلىق تامىقىدا ھەتتا ھەر يۇتۇم سۈيىدە سېنىڭ قۇلۇڭغا قارايدۇ. مانا بۇ سېنىڭ بەختىڭ قىزىم.
سەن قېيناتا – قېينانىللىرىڭنىڭ بىرەر ئېغىز قۇپاللىقىغا ، ئالىيىپ قارىشىغا ، زىنھار ئىتىزار بىلدۈرگۈچى بولما قىزىم. چۈنكى ئۇلار سەن ئۈچۈن مېھمان .ئۇلار سەن ئۈچۈن جېنىدىن ئۈزۈپ جان ياراتتى، يۈرىكىنى، جېنىنى ، ھەتتا ئاۋازىنى بېرىپ سەن ئۈچۈن ئۆمۈرلىك يولداش تەربىيلىدى. بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ زېھنى خۇرىدى، تەپەككۈرى ئاجىزلاشتى ، شۇڭا ئۇلاردىن خاتا كېتىپ قېلىشى مۈمكىن ھېچقىسى يوق . ئەمما سەندىن زىنھار خاتا كەتمىسۇن قىزىم. ئۇلار سەن ئۈچۈن مېھمان ياخشى كۈتىۋال ئائىلىدە يۈزىڭ يۇرۇق بۇلىدۇ.
خەلقىمىزدە « ئەر رازى، خۇدا رازى » دېگەن گەپ بار . مۇرەببىڭنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتكۈچى بولما. شەرىقلىقنىڭ بۈيۈك ئەخلاقىدا ئەرنى ھۆرمەتلەش ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىش قان – قېنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن ئەڭ ئىسىل ئەخلاق . ئۇ سېنىڭ بەختىڭنى ئېچىلدۇردى، ھاياتىڭغا يېڭى مەنالارنى قوشتى، پەرزەنىتتىن ئىبارەت پۈتمەس-تۈگمەس بەخىتنى، مەنانى، ھاياتىڭنىڭ داۋامىنى ساڭا ئاتا قىلدى. سېنى ئائىلىدىن ئىبارەت بۈيۈك ئىمپىريىگە سۇلتان قىلدى.
قېيىن سىڭىل- قېيىن ئاچىللىرىڭ كەلسە پۈتۈن كۈچۈڭنى سەرىپ قىلىپ ياخشى كۈتىۋال چۈنكى ئۇلارمۇ مېھمان. ئۇلارنىڭ كۆزىڭگە سىغماي قالغان كىچىككىنە ئىشلىرى ئۈچۈن « ئوھوي!» دېگۈچى بولما ، ئۇلارنىڭ ساڭا قىلغان بىرەر ئېغىز تاپا-تەنىسى قۇپاللىقى ئۈچۈن ھەرگىز ئېغىر تىنغۇچى بولما . چۈنكى ئۇلار ئەتىگەن كەلسە كەچ كېتىدۇ، ھېچقىسى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئۆزلىرى يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئېچىپ، مېھىر بېرىپ چوڭ بولغان ، دۇنيانى ئۆزلىكىنى تۇنۇغان بۇ دۇنياسىنى ساڭا بېرىپ كەتتى شۇڭا ئائىلىسىدىن ئۇنچىلىك قىزغىنىش بولىدۇ . سەن ئۇلاردىن خاپا بولماي ئەكسىچە بۇ كەڭرى ئائىلىنى ساڭا قالدۇرغىنىدىن خۇشال بول قىزىم. مانا بۇ سېنىڭ بەختىڭ.
سەن ئۇ ئائىلىدە ئىش قىلغاندا زىنھار باشقىلارغا ئۆزىڭنى سېلىشتۇرغۇچى بولما. قېيىن سىڭىل قېيىن ئاچىللىڭىنىڭ قىلغان قىلمىغانلىقىغا قارۇغۇچى بولما . چۈنكى ئۇلار بىرىنجىدىن ساڭا مېھمان ئىككىنجىدىن ئۇلار ئۆز ۋەتىنىدىن ساڭا ئۇرۇن بەردى، ئۆز رىسقىدىن رىسىق بەردى، سېنى ئۇلۇقلىدى شۇنچە قىزنىڭ ئارىسىدىن سېنى تاللىدى.
بىلسەڭ قىزىم ئۇ ئائىلىدە قىلغان ھەر بىر ئىشىڭ ئۆزىڭ ئۈچۈن. تاماق ئەتسەڭ ئاۋال ئۆزىڭ تېتىيسە، ئۆي تازلىساڭ ئۆزىڭنىڭ ، باللىرىڭنىڭ ئۆيىنى تازلايسەن، كىر يۇساڭ ئۆزىڭنىڭ، ئۆمۈر يولدىشىڭنىڭ، يۈرەك پارىللىرىڭنىڭ ، سېنى شۇ بەخىتكە ئېرىشتۈرگەن سەۋەپكار پەرىشتە پەدەرىڭنىڭ كىيىمىنى يۇيسەن . ئاياللار ئائىلىنىڭ قۇياشى دۇنيانى ئايالسىز تەسەۋۋۇر قىلىش مۈمكىن ئەمەس.سەن ئۆزىڭنىڭ ھارارىتىڭ بىلەن ئۆز ئائىلەڭنى- سۇلالەڭنى ئىللىتقىن ئائىلەڭ ئىللىق بولسا ھەممىدىن بەك بەھىرلىنىدىغىنى، خۇشاللىق تاپىدىغىنى سەن قىزىم. زىنھار ئۆز بەختىڭگە ئۆزىڭ تۇپا چېچىپ، ئائىلەڭگە سوغوق نۇر چاچقۇھى بولما ، ئائىلەڭ سۇۋۇسا سوغوق يەردىن ھەممە قاچىدۇ بەخىتمۇ شۇ، سېنىڭ ئۇ چاغدا ئۇ ئائىلىدە تۇرمۇقىڭ بەكمۇ تەس بۇلىدۇ قىزىم .
تەپەككۈر كۆزىڭ بىلەن ياخشى كۈزەت قىزىم بەختىڭ ئۆز يېنىڭدا ، ئۆز قۇلۇڭدا، ئىشچانلىقىڭدا تاتلىق تىلىڭدا، ئىسىل پەزىلىتىڭدە كەڭ قۇساق ئەپۇچانلىقىڭدا ...... بەختىڭنى ئۆزىڭدىن قاچۇرما . ئۆمۈر مۇساپەڭنى بەخىت نۇرىغا چۈمدۈرۈپ، بەختىڭدىن نۇرلىنىپ ياشا قىزىم .
مەنبە: چارتېكىن يازمىللىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qartekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-12 12:04 AM