مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 971|ئىنكاس: 6

ساغلاملىق مەسلەھەتچىسى (10-قىسىم ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14934
يازما سانى: 1247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16636
تۆھپە نۇمۇرى: 1082
توردا: 544 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-11 11:34:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساغلاملىق مەسلەھەتچىسى (10-قىسىم )
بەلغەمدىن بولغان باش ئاغرىقى
     بۇ تەبىئيتى ھۆل سوغۇق يىمەكلىكلەرنى ئۇزاق مۇددەت كۆپ ئېستىمال قىلىش، بەدەننى سوۋۇتقۇچى توڭ مېۋە-چېۋە، قوغۇن-تاۋۇز، يەل-يىمشلەرنى كۆپ ئېستىمال قىلىش، پېۋا قاتارلىق تەبىئىيتى ھارارەتنى تۆۋەنلەتكۈچى ئىچىملىكلەرنى زىيادە كۆپ ئىچىش، سوغۇق سۇغا كۆپ چۈشۈش ۋە زەي جايلاردا ئۇزاق مۇددەت ئىشلەشتىن پەيدا بولىدىغان كىسەللك بولۇپ، باش ئېسىلىپ ئاغرىش ياكى قېيىش، مۇسكۇللار، پەيلەر بوشېشىپ كېتىش، ھەرخىل سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇش، ئۇيقۇ كۆپ، بەدەن ئىغىر ھەم ماغدۇرسىزلىق كۆرىلىىپ، روھى جەھەتتىن خامۇشلىشىپ، ھېچقانداق ئىشقا قىزىقماس بولۇپ قىلىشتەك ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
داۋالاش:
1- رېتسىپ:
پەرپىيۇننى يۇمشاق سوقۇپ، بابۇنە يېغى ياكى گۈل يېغى بىلەن قوشۇپ، ماڭلايغا چاپسا، بەلغامدىن بولغان باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
2- رېتسىپ:
تامىقىغا نوقۇت سۈيى، دارچىن، زەنجىۋىلگە ئوخشاش ئىسسىقلىق دورا سېلىپ، قىيما شورپىسى قىلىپ بەرسە، بەلغەمدىن بولغان باش ئاغرىقىغا داۋا بولىدۇ.
3- رېتسىپ:
ھەسەل بىلەن تەييارلانغان سېركەنجىۋىلدە ئاغىزىنى چايقاپ بەرسە، بەلغەمدىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
4- رېتسىپ:
گۇل بابۇنەنى قاينىتىپ، مۇۋاپىق مىقداردا گۇل يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، باشنى يۇيۇپ بەرسە، بەلغەمدىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
5- رېتسىپ:
يەسىمەن يېغىنى باشقا سۈركەپ بەرسە، بەلغەمدىن بولغان باش ئاغرىقىغا شىپا قىلىدۇ.
6- رېتسىپ:
قۇندۇز قەھرى، مەرزەنجۇشلارنىڭ سۇدا ئىزىپ بۇرۇنغا تېمىتسا، بەلغەمدىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
7- رېتسىپ:
نوقۇت، ئوغرى تىكەن شېرنىسىنى پىشۇرۇپ يېسە، بەلغەمدىن بولغان باش ئاغرىقىغا شىپا قىلىدۇ.
8- رېتسىپ:
بەدەننى جۆيۈز، زەنجىۋىل، قەلەمپۇر، دارچىن، سۇمبۇل، گۇلسۇرۇخ قاتارلىق دورىلارنىڭ قايناتمىسى بىلەن يۇيۇپ بەرسە ۋە بۇلارنى دەملەپ، كۈندە 1-2 قېتىم ئىچىپ بەرسە، بەلغەمدىن بولغان باش ئاغرىقىغا شىپا قىلىدۇ.
9- رېتسىپ:
زەنجىۋىلنى سوقۇپ، سۇ بىلەن يۇغۇرۇپ، باش ۋە پىشانىسىگە زىمات قىلسا، بەلغەمدىن بولغان باش ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ.
10- رېتسىپ:
ئىپار، ئەنبەر، يەسىمەن گۈلى قاتارلىقلارنىڭ قايسى بىرى تىپىلسا، ئۇنى پۇرىسا ياكى ئۇلارنىڭ ياغلىرىدىن بىرەرىنى تىپىپ بىشىغا سۈركىسە، بەلغەمدىن بولغان باش ئاغرىقىغا شىپا قىلىدۇ.


سەۋدادىن بولغان باش ئاغرىقى
    بۇ خىل باش ئاغرىقى غەيرىي تەبىئىي ھالەتكە ئۆزگەرگەن سەۋدا خىلىتىنىڭ قان ئارىلىشىپ مېڭىگە تەسىر قىلىشىدىن، قويۇق(غەلىز) تاماقلارنى كۆپ يېيىش، لوبىيا، پۇرچاق، چەلەڭ، كالا گۆشى، ئۆچكە گۆشى، ئات گۆشى ، كىيىك گۆشى قاتارلىقلار ۋە ئىسسىقلىقى ئارتۇق يىمەك-ئېچمەكلىكلەرنى كۆپ ئېستىمال قىلىشتىن پەيدا بولىدۇ. بۇ كىسەل بىلەن ئاغرىغاندا باش ئىغىر ۋە قۇرۇق بولىدۇ، ئىغىز- بۇرۇن قۇرۇيدۇ، ئۇيقۇسىزلىنىدۇ، چىرايى نۇرسىزلىنىپ، كۆزلىرى قۇرۇيدۇ، روھى-ھالىتى تۆۋەنلەپ، ھەرخىل يامان خىياللارنى كۆپ قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەيدۇ، كۆپ سۆزلەيدىغان، بىر يەردە تۇرالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، تومۇرى ئىنچىكە، تېز، چۆكمە سالىدىغان بولۇپ قالىدۇ، سۈيدۈكى ئاق كىلىدۇ، زىيادە خىلىت پىشقاندا كۆك ياكى قارىغا مايىل بولۇپ قالىدۇ، كىسەلنىڭ رەڭگى قارامتۇل، توپا رەڭ، بەدىنى ئورۇق ھەم قۇرۇق بولىدۇ.
1- رېتسىپ:
مەرزەنجۇش يېغى بىلەن باشنى ياغلاپ بەرسە، سەۋدادىن بولغان باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
2- رېتسىپ:
قۇشقاچنىڭ گۆشىگە ئاچچىىق ئانارنىڭ سۈيى، ئاچچىقسۇ قوشۇپ ئېستىمال قىلسا، سەۋدادىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
3- رېتسىپ:
سېرىق چىچەك يېغىنى باشقا چاپسا، قۇلاق، بۇرۇنغا تېمىتسىمۇ سەۋدادىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
4- رېتسىپ:
ھېلىيلە مۇرابباسى، ئامىلە مۇرابباسىنىڭ قايسى بىرى بولسا، ئۇنى ئېستىمال قىلسا، سەۋدادىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
5- رېتسىپ:
بىنەپشە يېغى، نىلۇپەر يېغى قاتارلىقلارنىڭ قايسى بىرى تېپىلسا، باش- پىشانىسىگە سۈركەپ بەرسە، سەۋدادىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
6- رېتسىپ:
قىز بالىلىق ئايالنىڭ سۈتى، قاپاق ئۇرىقى يېغى قاتارلىقلارنىڭ قايسى بىرى بولسا، ئۇنى بۇرۇن، ققۇلاققا تېمىتسا، سەۋدادىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
7- رېتسىپ:
سۈتكە پاختىنى چۈكۈرۈپ، باش، پىشانىسىگە قويسا، سەۋدادىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
8- رېتسىپ:
ھەرخىل ھۆل ئېسسىق تەبىئەتلىك سەي- كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئېستىمال قىلسا، سەۋدادىن بولغان باش ئاغرىقىغا شىپا قىلىدۇ.
9- رېتسىپ:
توخۇ گۆشى ۋە ئۇنىڭ مېڭىسىنى ئېستىمال قىلسا، سەۋدادىن بولغان باش ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ.
10- رېتسىپ:
بىر تۇتام يەرباغرى ئوتنى بىر پىيالە قايناق سۇدا دەملەپ سۈزۈپ، بىر سېقىم ئاق شىكەر بىلەن تاتلىقىنى چىقىرىپ ئىچىسە، سەۋدادىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

سەپرادىن بولغان باش ئاغرىقى
     بۇ كىسەل ئاساسەن ياز پەسلىدە، ھاۋا ئېسسىق كۈنلەردە، ئۇزاق ۋاقىت سەپەر قىلىپ چۆلدە يۈرگەنلىكتىن، ئېسسىق دورا، شەربەتلەرنى ئىچكەنلىكتىن، ئۇيقىسىزلىقتىن، ئېسسىق جايدا كۆپ تاماق يىگەنلىكتىن، ئەقلى ۋە جىسمانى ئەمگەكلەرنى ئۇزاق مۇددەت زۇرۇقۇپ ئىشلىگەنلىكتىن، ھاراق- شارابلارنى زىيادە كۆپ ئىچىشتىن، قېنىق دەملەنگەن چاي، قەھۋە ھەم زىيادە ئېسسىق تەبىئەتلىك چايلىقلارنى كۆپ ئىچىشتىن، تەبىئىيتى زىيادە ئېسسىق يىمەك-ئىچمەكنى ئۇزاق مۇددەت، كۆپ ئېستىمال قىلىشتىن، ئېسسىق مەزگىللەردە قۇرغاق جايلاردا ئۇزاق مۇددەت ئىشلەش تۈپەيلىدىن جىگەرنىڭ ھەزىم قىلىش قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ، ماددا ئالمىشىشى ياخشى بولماسلىقتىن كىلىپ چىقىدىغان بولۇپ، باش ئېچىشىپ، سانجىلىپ ۋە زىڭىلداپ ئاغرىش، ئاغرىش كۆپىنچە باشنىڭ ئالدى تەرىپىدە بولۇش، چىرايى سارغۇچ، بەدىنى ئورۇق، ئىغىزى ئاچچىق، ئۇسسۇزلۇق كۆپ، ئۇيقۇسى ئاز، ئىغىز، بۇرنى قۇرۇق بولۇش، نەرسېلەر كۆزىگە سېرىق كۆرۈنۈش، ئولتۇرۇپ-قوپۇش تېز، ھەرىكىتى قالايمىقان، روھى ھالىتى تۇراقسىز، ئاچچىقى تېز بولۇش، سۈيدۈكى قىزىلغا مايىل سارغۇچ كىلىش، تېلنى سېرىق گەز باغلاش، تومۇرى ئىتتىك، ئىنچىكە، كۈچلۈك سوقۇش، سوغۇق نەرسىلەر بىلەن راھەتلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
داۋالاش:
1- رېتسىپ:
قاپاق(خام)، تەرخەممەكنىڭ ھۆل تىلىپلىرىنى يۇمغاقسۈت سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ سوقۇپ، باشقا ھەركۈنى بىر قېتىم چىپېپ بەرسە، سەپرادىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
2- رېتسىپ:
بۇغداي كىپىكى، ئاقلەيلى ئۇرىقى ۋە بىنەپشىلەرنى سۇدا قاينىتىپ، سۈيىدە(ئىسسىق ھالەتتە) پۇتنى يۇيۇپ بەرسە بولىدۇ.
3- رېتسىپ:
نىلۇپەر شەربىتىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئەھۋالغا قاراپ ئېچىپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ.
4- رېتسىپ:
بىنەپشە يىغى، نىلۇپەر يىغى بىلەن باشنى ياغلىسا ۋە بۇرۇنغا تېمىتىپ بەرسە، ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ.
5- رېتسىپ:
لىمۇن شەربىتىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېستىمال قىلسا بولىدۇ.
6- رېتسىپ:
ئەينۇلا شەربىتى ۋە ياكى مۇرابباسىنى مۇۋاپىق مقداردا ئېستىمال قىلسا، ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ.
7- رېتسىپ:
يۇمغاقسۈتنى سوقۇپ، پېشانىسىگە چچېپىپ بەرسە، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ.
8- رېتسىپ:
كاپۇر، ئەپيۇننى سۆگەت غازىڭىنىڭ سۈيى بىلەن ئېرىتىپ، بىر-ئىككى تامچىدىن بۇرۇنغا تېمىتسا، مەنپەئەت قىلىدۇ.
9- رېتسىپ:
ئاق سەندەلنى ئەرقى گۇلگە سۈرۈپ، باشقا چېپىپ بەرسە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
10- رېتسىپ:
ئاچچىق ئانار شەربىتى بىلەن ئەرقى گاۋزىباندىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، كىسەلنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىچكۈزىلسە بولىدۇ.



ئىسىقتىن بولغان باش ئاغرىقى

    بۇ ئادەتتە ھارارىتى يۇقىرى جايلاردا ئۇزاق تۇرۇپ ئىشلەش، ئىسىقلىق يېمەك- ئىچمەكلەر ۋە دورا-دەرمەكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش، ئىپار، ئەنبەر قاتارلىق ئىسىقلىق دورىلارنى كۆپ پۇراش، ئۈزمەي يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەش....قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يۈز بىردىغان كېسەللىك بۇلۇپ، باش چىڭقىلىپ ئاغىرىش، زىڭىلداپ ئاغىرىش، ئۇيقۇسى قېچىىش، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، ماغدۇرسىزلىق ھەم بەدەن تېلىپ ئاغىرىش،ياكى سىرقىراپ ئاغىرىشتەك ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىندۇ.

داۋالاش:

1-      ئۈزۈم سىركىسىنى باش ۋە پىشانىگە چاپسا، ئىسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەت قىلىدۇ.

2-     بىر چىمدىم قىزىل گۈلنى بىر پىيالا قايناق سۇدا دەملەپ ئىچسىمۇ بۇلىدۇ.

3-     ئۆچكە سۈتىگە چىلانغان داكىنى داۋاملىق باشقا قۇيۇپ بەرسىمۇ ئىسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىنى توختىتىدۇ.

4-     سىمىز ئوت شورپىسىنى تەييارلاپ كاكچا نان بىلەن ئىستىمال قىلسا ئىسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا شىپا قىلىدۇ.

5-     ئوسۇڭ يۇپۇرمىقىنى يۇمشاق سۇقۇپ، باشقا زىماد قىلسا شىپا بۇلىدۇ.

6-     خېنىنىڭ چۆپىنى سۇدا ئېزىپ پىشانىسىگە چېپىپ بەرسە باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.

7-     پالەكنى چالا سۇقۇپ قاينىتىپ، سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.

8-      پاقا يۇپۇرمىقىدىن ئىككى چىمدىم ياكى پاقا يۇپۇرمىقىدىن بىر چىمدىم ئېلىپ، بىر پىيالە قايناق سۇغا دەملەپ ئىچسە مەنپەئەت قىلىدۇ.

9-     بىنەپشە يېغىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ ئىستىمال قىلسا ياكى باشقا سۈرتۈپ بەرسە ياكى بۇرۇنغا تېمىتىپ بەرسە شىپا بۇلىدۇ.

10-  ئاپلىسىننى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلسا ياكى سىقىپ سۈيىنى كۈندە بىر پىيالىدىن ئىچسە، مەنپەت قلىدۇ.


كۆك يۆتەل
بۇ كىسەل 2-8 ياشقىچە بولغان بالىلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل يۇقۇملۇق بالىلار يۆتىلىدىن ئىبارەت بولۇپ، ھەرخىل ئىچكى- تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەدەندىكى خىلىتلار غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىپ، تەبىئەت كۈچى ئاجىزلىغان، ئۇفۇنەتلەنگەن ھاۋا بىلەن نەپەسلىنىشتىن بولىدۇ.ئۇنىڭدا بالا قىزىيدۇ، كۆزى ياشاڭغۇرايدۇ، ھەر قېتىم تۇتقاندا بالا بىر نەچچە مىننۇت تېقىلىپ يۆتىلىپ كىتىدۇ.
داۋالاش:
1- رېتسىپ:
گۈل بىنەپشە، ھەمىشەباھار گۇلى، ئاقلەيلى گۇلى ھەرقايسىسى بىر سىقىمدىن، بىھى ئۇرىقىدىن بىر ئوچۇم ئىلىپ، چاي ئورۇنىدا دەملەپ بىرىلىدۇ.
2- رېتسىپ:
قارىمۇچ بىر چىمدىم ، بادام مېغىزىدىن بەش دانە ، ناۋاتتىن بىر چىمدىم ئىلىپ سوقۇپ، بىر قوشۇق قايماق ياكى قېتىققا ئارىلاشتۇرۇپ ، ئىككىگە بۆلۈپ ، ئەتىگەندە ۋە كەچتە ئىچكۈزىلىدۇ.
3- رېتسىپ:
بىر دانە توخۇ ئۆتىنى بىر سېقىم شىكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، بەشكە بۆلۈپ، كۈندە بىر بۆلىكى يېگۈزىلىدۇ.
4- رېتسىپ:
زەمچە ئۇرۇقچە چوڭلىقىدا، بىر باش غول پىياز، ھۆل زەنجىۋىلنى ياڭاق چوڭلىقىدا ئىلىپ، دورىلارنى سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، داكىغا يۆگەپ تۆش سۆڭەكنى بويلاپ كۆكرەككە كۈندە بىر قانچە قىتىم سۈرتۈش مەنپەئەتلىكتۇر.
5- رېتسىپ:
بىردانە ئامۇتنى يېرىپ ئىچىپ تازىلاپ، ئىچىگە بىر چىمدىم چاكاندىنى قاچىلاپ، ئامۇتنى يېپىپ يىپ بىلەن باغلاپ، كورۇشكىغا سىلىپ قاسقاندا پىشۇرۇپ، پىشقاندىن كىيىن ئىچىدىكى چاكاندىنى ئىلىپ تاشلاپ ئامۇتنى يېگۈزگەندە بەلغەم بوشىتىپ، يۆتەل پەسەيتىدۇ.
6- رېتسىپ:
يىرىم باش سۆسۆن پوستلۇق سامساقنى سوقۇپ، كىچىكرەك ئەينەك قاچىغا قاچىلاپ داۋاملىق پۇراپ بەرگەندە ئۈنۈمى ياخشى.
7- رېتسىپ:
بىر تال ئاچچىق ئانارنى ھۆل لاتىغا ئوراپ، قىزىق تونۇرغا سېلىپ ئىسسىتىپ، سۈيىنى سېقىپ بىر قوشۇقتىن، كۈندە 3-4 قېتىمدىن ئىچكۈزسە ئۈنۈمى ياخشى.
8- رېتسىپ:
بىر دانە قۇشقاچنى يۇڭداپ ئىچىنى تازىلاپ، بىر سىقىم ناۋات بىلەن كورۇشكىغا سىلىپ، سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ، پىشقاندىن كىيىن گۆشىنى يىگۈزۈش، سۈيىنى ئىچكۈزۈش كىرەك. بۇ خىل ئۇسۇلنى كۈندە بىر قانچە قىتىم بىر قانچە كۈن داۋاملاشتۇرسا ئۈنۈمى ياخشى.
9- رېتسىپ:
بىر باش سامساقنى ئوچاققا كۆمۈپ پىشۇرۇپ، كۈندە بىر تالدىن يىگۈزسە ئۈنۈمى ياخشى.
10- رېتسىپ:
گۈل بىنەپشە، پىرسىياۋشان، ئاقلەيلى ئۇرىقى، زۇپا قاتارلىق دورىلاردىن بىر سىقىمدىن، زىغىر، بىھى ئۇرىقىنى ئۈچ چىمدىمدىن ئىلىپ، قاينىتىپ ئچكۈزىلىدۇ.

سىناقتىن ئۆتكەن رىستىپلار دىن تاللانما

ئۆز ساغلاملىقىڭىزغا  مەبلەغ سېلىشتىكى ئالدىن تاللىشىڭىز ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇلاتلىردۇر
(نۇپۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمۇس كېمەيدى )(ســــــــــەۋەپــــــكـــــــار)

سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1725
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5791
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 554 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 12:18:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت جاپا چىكىۋاتىسىز!

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 2005
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17722
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1740 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 12:28:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن كۆپ ئىزدىنىۋاتىسىز،سىزگە كۆپ رەھمەت.

كەاسسىد ەدااسھسققددھ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87102
يازما سانى: 532
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 915
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 525 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 01:10:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت

ھەربىريىڭى قەدەم ئالغىنڭدا ، باسقان قەدەملىرىڭ ئۈچۈن پۇشايمان يەيسەن.
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75315
يازما سانى: 502
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6969
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 848 سائەت
تىزىم: 2012-2-10
ئاخىرقى: 2013-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 01:40:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىتاپنى مۇلاھىزىسىز ئوقۇش .يىگەن تاماقنى ھەزىم قىلمىغان بىلەن باراۋەر   .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19186
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7258
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 823 سائەت
تىزىم: 2010-11-26
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 01:59:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاپا چەكتىڭىز  داۋاملىق مۇشۇنداق  قېرىنداشلىرمىز  ئۈچۈن  توختىماي  ئىزدىنىۋاتىسىز !    رەھمەت سىزگە !

غايە  يول  كۆرسەتكۇچ  نۇرلۇق چىراق!    نائىل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 974
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6102
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 374 سائەت
تىزىم: 2012-5-17
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 04:13:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ ساغلاملقىمىزغا كۆڭۈل بۇلگنىڭىزىگە تەشەككۈر

ئالتۇن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش