|
|
|
|
ئەسلى تىما: دونيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاستىكىسى ۋە ئۇ توغىرىسىداتەھىلل دونيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ سانى:1مىليارىد 600مىليۇنغا يەتتى مۇسۇلمان نوپۇسى كۆپ ساننى ئىگىلگەن دۆلەتلەر50 دۆلەت .
مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسى ياشلاشماقتا،ئوتتورچە يېشى ئەڭ تۆۋەن.
ياۋرۇپا،ئامېرىكا قاتارلىق غەرىب ئەللىرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسى تىز كۆپەيمەكتە.
ھەرقايسى تاراتقۇلار ھەركۈنلۈكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىش -ئىزلىرىنى خەۋەر قىلىشۋاتىدۇ.
(يېشىل رەڭ ئىسلام دونياسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ)
2012-يىلنىڭ يىل ئاخىردا ئېلان قىلنغان «پىئوۋ تەتقىقات مەركىزى«نىڭ دوكىلاتىنىڭ «دىن ۋە ئاممىۋى تۇرمۇش مۇنبىرى»دە يەرشارى ۋە غەرىب دونياسىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئالاھىدە دىققەت قىلنغان.مەزكۈر تەتققات ئورنىدىكى ئىستاستىكا مۇتەخەسىسى كانلاد.خاكېتنىڭ بىر پارچە ئاخىبارات ئانالىزدا كۆرسىلىتىشچە:مۇسۇلمانلار نوپۇسىنىڭ ياشلىششى ئۇلارنى خەلىقئارا ئىشلاردا مۇھىم رولغا ئىگە قىلغان.ئۇ يېقىندا ئېلان قىلغان «يەرشارىدىكى دىنلارنىڭ نوپۇس ئىستاستىكىسى »غا ئاساسلانغاندا ، مۇسۇلمانلارنىڭ نوپوسى 1مىليارد 600مىليۇنلۇق چوڭ ئۆتكەلدىن بۈسۈپ ئۆتكەن بۇلۇپ يەرشارىدىكى 6مىيار900مىليۇن نوپوسنىڭ %23نى ئىگلىگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە: مۇسۇلمانلارنى ئىككى چوڭ مەزھەپ بۇيىنچە ئايرىغاندا سۇننىي مەزھىپىدىكىلەرنىڭ نوپوسى %87-90 كىچە ،شىئە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ نوپۇسى %10-13كىچە ئىگىلىگەن، بىراق ئۇلارنىڭ ھەممىسى «پۈتكۈل مەۋجۈداتنىڭ ئىگىسى يىگانە ئاللاھتۇر،مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر»دىگەنگە ئىشىندۇ. «پىئوۋ» بولسا ئامېرىكىدىكى مۇستەققىل خەلىق باشقۇرۇشىدىكى تەتققىقات مەركىزى بۇلۇپ سىياسىي جەھەتتە «ھىچقايسى تەرەپكە ئاغماسلىق»ھالىتىنى ساقلايدۇ. «مۇسۇلمانلارنىڭ نوپوس ئىستاستىكىسى»دىكى ماتىرياللار ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ نوپۇس تەكشۈرۈش،تەتققات ۋە ئىستاستىكا دوكىلاتلىرى قاتارلىق 2500خىل ماتىريالدىن كەلگەن.
گەرچە ئەنئەنە بۇيىنچە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى ئاسىيا ۋە ئافرىقىغا تارقالغان دەپ قارالسىمۇ بىراق ھازىرقى تەرەققىىيات يۈنىلىشىدىن قارىغاندا، ياۋرۇپا ۋە ئامېركىغا قاراپ تەدىرىجى تارقىلۋاتقان بۇلۇپ ئىلگىرى مۇسۇلمانلار يوق جايلاردا نۇرغۇن مۇسۇلمان مەھەللىرى شەكىللەنگەن ، مەسلەن: غەربىي ياۋرۇپا،جەنۇبى ئامېرىكا ۋە كارىپ دېڭىز رايۇنلىرى قاتارلىقلار. مۇسۇلمانلار ئەڭ مەركەزلەشكەن رايۇنلار ئاسىيا تېچ ئوكيان رايۇنى بۇلۇپ پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ %62نى ئىگلىگەن ، ھەر 10ئادەم ئىچىدە 6 سى مۇسۇلمان ئىكەن، ياۋرۇپادا %6ئادەم مۇسۇلمان ،جەنۇبىي ئامېرىكىدا مۇسۇلمانلارنىڭ سانى ئەڭ ئاز بۇلۇپ %1 ئىكەن.
10دۆلەتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسى پۈتكۈل نوپوسنىڭ 3تىن 2قىسمىنى يەنى %66نى ئىگلىگەن. بۇ 10دۆلەت ھىندىنوزىيە،ھىندىستان،پاكىستان،بېنگال،نىگىريە، مىسىر ،ئېران،تۈركىيە،ئالىجىرىيە ۋە ماراكەشتىن ئىبارەت.ھىدىستان مۇسۇلمانلىرى «ئازسانلىق » ھىساپلانسىمۇ نوپوسنىڭ%14نى ئىگلىگەن،يەنە كىلىپ 160مىليۇن مۇسۇلمان بولغاچقا يەنىلا مۇسۇلمان چوڭ دۆلىتى ھىساپلىندۇ.
تەتققات دوكىلاتتا: « بىز ئىرىشكەن ئەڭ يېڭى ماتىرياللارغا قارىغاندا ،ھەرقايىسى رايۇنلاردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئوتتورچە يېشى شۇ يەردىكى يەرلىكلەرنىڭ ئوتتورچە يېشىدىنمۇ تۆۋە بۇلۇپ ئۇلار شۇ يەردىكى ئەڭ ياشلار تۈركۈمى بۇلۇپ ھىساپلىندۇ.
مۇسۇلمانلار دونيادىكى ئوخشىمغان مىللەت توپى ئارىسىدا ئەڭ ياش بىر گۇرۇپ ھىساپلىندىكەن. يەرشارى نوپوسىنىڭ ئومۇمى ئوتتورچە يېشى 28ياش ،بىراق مۇسۇلمانلارنىڭ ئوتتورچە يېشى 23ياش بۇلۇپ 5ياش ھېساپلىندىكەن.يېرىمدىن كۆپرەك مۇسۇلمانلار بولسا 23ياشنىڭ تۆۋىندىكى ياشلار بۇلۇپ ئۇلار كەلگۈسىدىكى دونيا سەھنسىدە تېخخمۇ زور رولنى جارى قىلدۇرشى مۇمكىنكەن.
سەھرايى كەبىر رايۇندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئوتتورچە يېشى 17ياش، ئوتتورا شەرىق ۋا شىمالى ئافرىقىنىڭ 23 ياش، ئاسىيا-تېچ ئوكيان رايۇننىڭ 24ياش،ئامېرىكىنىڭ 26ياش، ياۋرۇپانىڭ 32ياش ئىكەن.ئۇنىڭ ئىچىدە شىمالى ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپادا نوپوسنىڭ قېرىلىششى شەكىللەنگەن بولسىمۇ ئامېرىكىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئوتتورچە يېشى 26ياش شۇ يەردىكىلەرنىڭ بولسا ئوتتورچە يېشى 37 ياشكەن،ياۋرۇپادا مۇسۇلمانلارنىڭ ئوتتورچە 32ياش ،باشقا يەرلىكلەرنىڭ ئوتتورچە يېشى 40ياش ئىكەن. نوپوس كۆپ بولغان ئاسىيا تېچ ئوكيان رايۇنىدا ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتورچە يېشى 24 ياش ( مۇسۇلمانلار) ۋە 28ياش ( باشقىلارنىڭ) ئىكەن.
ئەنگىليە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئېلان قىلغان نوپوس تەكشۈرۈش ئىستاستىكىسىدا كۆرسىتىلىشىچە : ئالدىنقى نوپوس تەكشۈرۈش سانىغا قارىغاندا بۇ قېتىم مۇسۇلمانلارنىڭ سانى تىز سۈرئەتتە كۆپەيگەن ، ئومۇمى نوپوستا ئىگىلگەن نىسبىتى %3 تىن ئۆرلەپ %4.8 كە يەتكەن.
دىنلارنىڭ نوپوس سانىدىن قارىغاندا مۇسۇلمانلارتەرەققىياتى ئەڭ تېز بولغان دىنىي گوروھ ھېساپلىندىكەن. بۇ خىل ھادىسە ئامېركىدىمۇ ئوخشاشلا يۈز بەرگەن، ئەڭ يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان چىكاگۇ نوپوسىنى تەكشۈرۈش ئىستاستىكسىغا قارىغاندا مۇسۇلمانلارنىڭ سانى تېز سۈرئەتتە ئاشقان. ئامېرىكا ئىجىتمائى تەكشۈرۈش ئورگىنى ئۆتكەن 10يىلدا ھەرخىل تاراتقۇلارنىڭ دىنلار ئىچىدە ئىسلام دىنىغا ئائىت بەرگەن خەۋەرلىرى ئاساسى ئېقىمنى ئىگلىگەن بۇلۇپ كۈنلۈك خەۋەرلەرنىڭ كەن بولسا بولمايدىغان بىر قىسمىغا ئايلنىپ ئاممىۋى تاراتقۇلارنىڭ دىنىي مەسىللەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئەنئەسىنى بۇزۇپ تاشلىغانلىقنى ،دونيادىكى ھەر قايسى تاراتقۇلار بىلىپ بىلمەي مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى، ئىسلامنىڭ كۈچلۈك ھاياتى كۈچى ۋە قەتئىي ئېتىقادىنى كەڭرى تەشۋىق قىلغانلىقنى ھەيران قالارلىق ھالدا بايقىغان.
مەنبە: خەنزۇچە ئىسلام نۇرى تورىدىن تەرجىمە قىلندى.
http://www.norislam.com/?viewnews-15085
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-11 09:22 PM
|
|
|
|
|
|