كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە ئىستېمال ئېڭىنىڭ يۇقىرى كۆتىرىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەردە بولۇپمۇ كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىدا چەتئەلدىن ئىمپورت قىلىپ كېلىنگەن، ساپ ئىشەنچلىك، ھەقىقىي مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر كۈندىن – كۈنگە كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ بازاردا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تاۋار بولۇپ قالدى. ھەتتا بەزى ئىمپورت مەھسۇلاتلار بازار ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ بولالمايدىغان ئەھۋال شەكىللەنمەكتە... بۇنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرى جۇڭگۇ بازىرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ كۆپىنچىسىگە مۇسۇلمانچە بولمىغان خۇرۇچلار ئارىلىشىپ قالغان ياكى كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ ئىستېمال ئادىتىگە ماس كەلمەيدىغان بولغاچقا، بۇ ئالاھىدىلىكنى كۆزدە تۇتقان بەزى كارخانىچىلار مۇشۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دىيارىمىز مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىستېمال ئادىتىگە ماس كېلىدىغان، ھەقىقىي مۇسۇلمانچە مەھسۇلاتلارنى جۇڭگۇ بازىرىغا ئەكىرىپ، مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقى، ئوراپ قاچىلىنىشىنىڭ نەپىسلىكى، باھاسىنىڭ مۇۋاپىقلىقى قاتارلىق بىر قانچە خىل ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشىغا ئېرىشتى. يەنى كېلىپ، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان چەتئەل كىنولىرىنى تەرجىمە ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، تۈركىيەنىڭ داڭلىق فىلىملىرى ئارقا – ئارقىدىن تەرجىمە قىلىنىپ كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىدا چەتئەل مەدەنىيىتىگە بولغان قىزىقىشىنى تېخىمۇ بىر قەدەم يېقىنلاشتۇرۇپ چەتئەل مەھسۇلاتلىرىغا بولغان قىزىقىش ۋە ئېھتىياجنى شەكىللەندۈردى.
بىر قىسىم رايونلاردىكى ئىمپورت يېمەكلىكلەرنىڭ ھازىرقى بازار ئەھۋالى؛
مۇشۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، مۇسۇلمان ئاممىسى ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان شىنجاڭ رايونىدىكى ھەر قايسى ناھىيە، شەھەرلەردە ئارقا – ئارقىدىن ئىمپورت يېمەكلىكلەر مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرى ئېچىلىپ ئىستېمالچىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ مۇقىم مال مەنبەسى، قانۇنلۇق مال ئەكىرىش يولى بولمىغاچقا مال مەنبەسىدىن قىينىلىپ قېلىش ئەھۋالى ئېغىر، ھەتتا بەزى ئىمپورت يېمەكلىكلەر مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرى ئۆزى بەزى مەلۇم ۋاستىلەر ئارقىلىق چىگرىدىن ئىمپورت يېمەكلىكلەرنى كىرگۈزۈپ پارچە سېتىۋاتقان ئەھۋال يۈز بەرمەكتە. ھازىرغىچە چەتئەل ماللىرىنى جۇڭگۇدا ۋاكالىتەن سېتىش ھوقۇقىنى ئېلىپ مال كىرگۈزۈپ جۇڭگۇ بازىرىنى ئېچىۋاتقان بىر قانچە شىركەتلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ سودىسىمۇ ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، بىر قانچە يىلدىلا يىللىق ئوبروت سوممىسىنى نەچچە يۈز مىلىيونغا يەتكۈزگەن.
ئىمپورت يېمەكلىكلەر كەسپىنىڭ مەركەزلىشىش ئەھۋالى؛
نۆۋەتتە بازارنى ئىگىلىگەن ئىمپورت مەھسۇلاتلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىچىملىك تۈرلىرى، پىچىنە – پىرەنىك تۈرلىرى، شاكىلات تۈرلىرى ۋە بەزى تۇرمۇش بويۇملىرى بولۇپ، ئاساسلىقى مۇشۇ بىر نەچچە تۈرگە مەركەزلەشكەن. بۇنىڭدا ئىچىملىك تۈرلىرى، پىچىنە – پىرەنىك تۈرلىرى، شاكىلات تۈرلىرى بىر قەدەر كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغان بولۇپ ئومۇمىي نىسبەتنىڭ 90% دىن ئاشقان.
بۇلارنىڭ تىپىك ۋەكىللىرىدىن يېمەكلىكلەردىن تۈركىيىنىڭ «ئۈلكەر» ماركىسىدىكى يۈرۈشلۈك پېچىنە-پىرەنىكلىرى،شاكىلاتلىرى،بوۋاقلار يېمەكلىكلىرى(ئۈرۈمچى رىزا شېركىتى ۋاكالەتچىلىكىدە)
تۈركىيە«شۆلەن»گۇرۇھىنىڭ بايرىقى ئاستىدىكى «ساراي»،«بىفا» قاتارلىق ماركىدىكى كەمپۈت ھەم شاكىلاتلىرى.(مىزان شېركىتى ۋاكالەتچىلىدە)
«شېرىن ھەسەل»ماركىسدىكى يۈرۈشلۈك پىرەنىكلەر(ئىران،سەلتەنەت شېركىتى ۋاكالەتچىلىدە)
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ «دىماخ»ماركىلىق پىرەنىكلىرى(سابا شېركىتى ۋاكالەتچىلىكىدە)
ئىچىملىك تۈرلىرىدىن قۇۋەت ئىچملىكلىرىدن ئەرچاپ (مالايسىيا،سابا شېركىتى ۋاكالەتچىلىكىدە)،ئرانبۇل(ئىران،سەلتەنەت شېركىتى ۋاكالەتچىلىكىدە)،ۋەھشىي بۇقا(ۋېيتنام،سادا شېركىتى ۋاكالەتچىلىكىدە)،ۋىگور(مالايسىيا،كەنئان شېركىتى ۋاكالەتچىلىكىدە).
گازلىق ئىچىملىك ۋە باشقا تۈرلەردىن ACE سودا سۈيى، ACEخورما ئىچىملىكى،(مالايسىيا،سابا شېركىتى ۋاكالەتچىلىكىدە)،تۈركا كولا(تۈركىيە،رىزا شېركىتى ۋاكالەتچىلىكىدە) مالتانا ئارپا ئىچىملىكى(تۈركىيە،رىزا شېركىتى ۋاكالەتچىكىدە)،بەھنۇش يۈرۈشلۈك مىۋە شەربەتلىرى(ئىران،سەلتەنەت شېركىتى ۋاكالەتچىلىكىدە)
بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان ئىمپورت يىمەك-ئىچمەكلەر بار،بۇلار خەلقىمىزنىڭ
داستىخىنىنى مول قىلىپ كۆڭلىنى خۇش قىلماقتا،چۈنكى بىز ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن
يىمەك-ئىچمەككە ئالاھىدە ئېتىبار قىلىدىغان مىللەت.
ئىمپورت يېمەكلىكلەرنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئامىللار تەھلىلى؛
1) بىر قانچە يىلدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا چەتئەلنىڭ ھەقىقىي مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلىرىنى ئاساس قىلغان ئىمپورت يېمەكلىكلەر دۇكىنىنىڭ كۈنسىرى كۆپىيىشكە باشلىدى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كىرگۈزۈلگەن ھەرخىل مۇسۇلمانچە يېمەك – ئىچمەكلەر ئوراپ قاچىلىنىشىنىڭ نەپسىلىكى، سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقى قاتارلىق بىر قانچە خىل ئەۋزەللىكى بولغاچقا ھەر قايسى مۇسۇلمان ئىستمالچىلارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ۋە ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشىغا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئىمپورت يېمەكلىك كەسپىي جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى.
2) ئىمپورت يېمەكلىكلەرنىڭ جۇڭگۇدىكى مۇسۇلمانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا تېز تەرەققىي قىلىشىنىڭ ئارقا كۆرىنىشى.
مۇسۇلمان ئاممىسى ئەزەلدىنلا مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىدۇ، لىكىن جۇڭگۇنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى باشقا دىندىكىلەرنى ئاساس قىلغاچقا ھەقىقىي، ساپ، مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلار ناھايىتى ئاز. مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرگە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ بولالمايۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ يېمەكلىكلىرى ھەقىقەتەن مۇسۇلمانچە خۇرۇچلارنى ئىشلىتىپ، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز ئۆز قولى بىلەن ئىشلەپچىقارغان بولغاچقا كىشىلەرنىڭ شۇ خىل تۇرمۇش ئادىتى ۋە تەلىپىگە دەل ماس كەلگەن. ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى، كىشىلەرنىڭ ئىستېمال ئېڭىنىڭ يۇقىرى كۆتىرىلىشىگە ئەگىشىپ، ئىمپورت يېمەكلىكلىرىگە بولغان ئېھتىياجمۇ كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بارماقتا !
جۇڭگۇدەك مۇشۇنداق چوڭ بىر بازاردا ياشاۋاتقان كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرگە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشمۇ ناھايىتى چوڭ بىر سودا ھېسابلىنىدۇ. سىتاتىسكىغا ئاساسلانغاندا، جۇڭگۇ بازىرىدا ئىمپورت يېمەكلىكلەرنىڭ سېتىلىشى ھەر يىلى 15% لىك سۈرئەت بىلەن ئېشىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، مۆلچەرلىنشىچە، 2018 – يىلىغا بارغاندا جۇڭگۇ پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئىمپورت يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىدىغان ئەڭ چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىدىكەن. مۇشۇنداق ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق كەلگۈسى 10 يىلدا ئىمپورت يېمەكلىكلەرنى مەخسۇس سېتىش تىجارىتى جۇڭگۇدىكى ئەڭ تەرەققىي قىلغان ‹‹ئالتۇن كەسىپ›› بولۇپ قالغۇسى !
ئىگىلىنىشىچە، ئىمپورت يېمەكلىكلەرنىڭ ئاساسلىق خېرىدارلىرى تۆۋەندىكىدەك بەش خىل تۈركۈمگە بۆلىنىدۇ:
1) يېڭىلىققا ئىنتىلگۈچى ياشلار ؛
2) ئىقتىسادى ياخشى ئىستېمالچىلار توپى؛
3) ھەقىقىي مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىپ ئادەتلەنگەن ئسىتىمالچىلار توپى؛
4) جۇڭگۇدا ياشاۋاتقان چەتئەللىك مۇھاجىرلار؛
5) جۇڭگۇدىن چەتئەلگە چىقىپ، شۇ جاينىڭ ئىستېمال ئادىتىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلار؛
جۇڭگۇ ئىقتىسادىنىڭ تەدرىجى تەرەققىي قىلىشىغا ۋە تاشقى پىرىۋوت ۋە خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىغا ئەگىشىپ، دۆلىتىمىز بارغانسىىرى دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىلارنىڭ ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگۇ بازىرىغا ئەكىرىپ بازارنى جانلاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق شارائىتتا ئىمپورت يېمەكلىكلەر كەڭ ئىستېمالچىلار تېخىمۇ تونۇشلۇق مەھسۇلاتقا ئايلىنىپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كارخانىلار جۇڭگۇ بازىرىنى ئېچىشقا يۈزلەنمەكتە !
شۇڭا ئىمپورت يىمەكلىكلەرنىڭ دىيارىمىز بازىرىدا بۇنچىۋالا قىزىپ كىتىشى قانداقتۇر
قارىغۇلارچە ئەگىشىپ ئىستىمال قىلىش بولماستىن بەلكى بازار تەرەققىياتنىڭ ھەم ئىستىمالچىلار تەلىپىنىڭ مەھسۇلىدۇر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-11 09:19 PM