رومانلىرىمىز كىنو قىلىپ ئىشلەنسە
****************
ئوبۇل ئوغلى قەلەمىي
*************************
قالدى <<ئىز >> قالدى <<ئويغانغان زىمىن >> لار مۇڭلىنىپ ،
قالدى <<جاللات خېنىم >> ھەم << باھادىرنامە >> تولغىنىپ .
قالدى << قۇم باسقان شەھەر >> قالدى << ئانا يۇرت >> ھەم يەنە ،
ئىشلەنسە دەپ قىلىنىپ فىلىم قالدىم ئەجەپ بەك ئويلىنىپ .
******************************
ئۆزگە مىللەت ئۆزگىلەر ئىشلىدى كىنو قىلىپ .
ئۆزى ياراتقان مول ئەسەرلەرنى ئۇلۇغ بۈيۈك بىلىپ .
بىزگە كەلگەندە تۈگەپ قالدىمۇ دەريا سۈيى ؟
سالسا مەبلەغ بىزگىمۇ ئىشلىسەك كىنو قىلىپ .
*********************************
كۆرۈپ بىلسەك تارىخمىزنى ئېكران يۈزىدىن ئولتۇرۇپ .
ئۆتمۈشلەرنى ئەسلىگەچ ھەم بۈگۈنگە نۇر تولدۇرۇپ .
يورۇتۇلسا ئەينەن تارىخ بىلىپ تۇرسا ئەۋلادلىرىمىز ،
ئۇنتۇلمىسا ئەسلىمىز قالمىساقكەن ئاھ ئۇرۇپ .
****************************************************
بىر قىسمىمىز ئۇلۇغ جۇڭخۇا ئېلىنىڭ بىز ھەر زامان .
ئەلمىساقتىن ئىلگىرلىدۇق بىر نىيەت مەقسەت تامان .
ياراتقان بىز ئۇلۇغ تارىخ يىللارمۇ ھەم شاھىد ئاڭا ،
قىلىنسىكەن رومانلىرىمىز كىنو دەيمىز ھەر قاچان ؟؟
****************************
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kalamiy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-11 03:21 PM