|
|
|
|
شەپەرەڭ پالۋان: زۇلمەت چەۋەندازنىڭ قەد كۆتۈرۈشى
مەزكۇر فىلىم 2012-يىلى 11-ئايدا چىققان؛ فىلىم ئىشلىگەن دۆلەت ئامېرىكا؛ شەپەرەڭ پالۋان يوقاپ كەتكىلى 8 يىل بولدى، بۇ مەزگىلىدە، بىرۇيىس ۋىيئىن بىر قەھرىماندىن ئۆزى نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىدىغان ئاققۇنغا ئايلىنىپ قالدى. مۇپەتتىش خاۋىي دەنتنىڭ ئۆلۈمى ئۇنىڭغا زور بېسىم ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ساقچىلار جان تىكىپ شەھەرنىڭ ئامانلىقىنى قوغداپ، ئەسكىلەر بىلەن كۈرەش قىلىۋاتاتتى. مۇشۇ مەزگىلدە مۈشۈك قىز ئوغۇرلۇقنى باشلىۋەتتى، ئۇ ھەممىلا جايدا بايلارننىڭ مۈلكىنى ئوغۇلاپ نامراتلارغا تارقىتىپ بەردى. دەل مۇشۇنداق پەيىتتە بىز نىقاپلىق ئۇنسۇر پەيدا بولۇپ پۈتۈن شەھەرگە زور ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ. پۈتۈن شەھەرنىڭ ۋەزىيىتى ئىنتايىن قالايمىقان بولۇپ كېتىدۇ. شەپەرەڭ پالۋان مەيدانغا چىقمىسا بولمايتتى، لېكىن شەپەرەڭ پالۋان ئەمدى ئۇنداق ئىشلارغا قاتنىشىشنى پەقەتلا خالىمايتتى. مەزكۇر فىلىمدىمۇ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا بايلارنى پىپەن قىلغاندەك بىر ۋەقەلىك بار ئىكەن. بىز ئۇنى «ئامېرىكا مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەپ ئاتىدۇق(چاقچاق)؛
فىلىمگە قىزىقسىڭىز بۇ يەرنى چېكىپ كىرىپ چۈشۈرۈڭ ياكى توردا كۆرۈڭ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا چوڭقۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-11 11:42 AM
|
|
|
|
|
|