مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 326|ئىنكاس: 3

تەپەككۇر جەۋھەرلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 1960
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17653
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1729 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-11 11:28:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                    تەپەككۇر جەۋھەرلىرى


       @ تۇيۇقسىز ئۆلۈش-ساغلام كىشىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش.
         @ تۈزەلمىگەن كۆپ كەچۈرۈم سورار، ئاق كۆڭۈل كۆپ كەچۈرۈم قىلار.
         @ ماددا بىر دۇنيالىق، روھ ئىككى دۇنيالىق.
        @ خارەكتىر بىلەن جاسارەت سۆزۇڭنىڭ تارازىسى.
        @ ئادەمدە ياسالمىلىق ئەۋج ئالسا،مەھسۇلاتتا ساختىلىق ئەۋج ئالار.
       @ يوقسۇزنىڭ غېمى بايلىقتا،باينىڭ غېمى ساقلىقتا.
        @ ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم ھەرقانداق قورغاننى يىمىرەلەيدۇ.
         @ ئىتتىپاقلاشقان قەۋمنىڭ ھەممىسى قەھرىمان.
         @ دۈشمىنىڭنىڭ مىھمان بولۇپ كىلىشى-سىرىڭنى بىلىشنى مەخسەت              قىلىدۇ.
                    
         @ كۆڭۈلچەككە ئالدامچى ئامراق كىلىدۇ.
         @ ھازازۇل ئايال بار ئۆي ئەرگە ئاشخانا بىلەن ياتاقلا،خالاس.
          @ ئانىنىڭ يۇمشاق قولى مىھرىبانلىقنىڭ،ئاتىنىڭ قاتتىق قولى
              باتۇرلۇقنىڭ سىمۋولىدۇر.
           @ تارىختىن مەلۇمكى،مىڭ دۈشمەندىن بىر خائىن يامان.
           @ سۈكۈت قىلىش-باشقىلارغا پۇرسەت بىرىشتۇر.
           @ مەغلۇبىيەت قورقۇنۇشلۇق ئەمەس،مەغلۇبىيەتتىن قورقۇش
               قورقۇنۇشلۇق.
          @ قاراپ قويغاننى بىلگەن ئادەم ئەقىللىقتۇر.
            @ مىجەز-خارەكتىر تەقدىرنى بەلگىلەر،بىلىم-ھۈنەر قەدىر-قىممەتنى.
            @ ئىنسان ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئېغىزىدىنمۇ خەتەرلىك دۈشمەن يوق.
            @ نەتىجەڭ ئالدىدا دوستۇڭنىڭ يۈزى قىزىرىدۇ،دۈشمىنىڭنىڭ كۆزى.
             @ ئاتا-ئاناڭنى ھەرەمگە ئاپارمىساڭ مەيلى،لىكىن خەققە يېلىندۇرما.


                       مەنبە؛شىنجاڭ مەدەنىيتى ژورنىلى.






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-11 11:46 AM  


كەاسسىد ەدااسھسققددھ  

ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14934
يازما سانى: 1244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16629
تۆھپە نۇمۇرى: 1082
توردا: 538 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2013-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-11 10:58:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەپەككۇر قىلىش مىڭنى  سەگەكلەشتۈردۇ ئەقىلنى كۈپەيتىدۇ ھىدايەتكە باشلايدۇ

ئۆز ساغلاملىقىڭىزغا  مەبلەغ سېلىشتىكى ئالدىن تاللىشىڭىز ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇلاتلىردۇر
(نۇپۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمۇس كېمەيدى )(ســــــــــەۋەپــــــكـــــــار)

يۇلتۇزلاردا بولمىغاچ بىرلىك ،ي

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39994
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3186
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2011-5-7
ئاخىرقى: 2013-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 01:23:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەپەككۇر روھ قۇشىنى تەن قەپىسىدىن ئازاد قىلىش دىمەكتۇر.
قەپەستىكى شۇ قۇشنىڭ ،
نىمە ئىكەن گۇناھى ؟
تۇغۇلغانمۇ قەپەستە ،
ۋەتىنىمۇ ئۇ ياكى ؟

سايرىمايدۇ نىمىشقا ،
تۇتۇلغانمۇ ئاۋازى ؟
بوغۇلغانمۇ قانىتى ،
كۆرۈنمەيدۇ پەرۋازى ؟

شۇ تارغىنە قەپەستە ،
بوغۇلمامدۇ نەپىسى ؟
گۈلزارلارغا ، باغلارغا ،
يوقمۇ ئۇنىڭ ھەۋىسى ؟

قويۇۋەتكىن ئەي دوستۇم ،
ئۇ تەبىئەت ئەركىسى .
غەپلىتىڭدىن ئويغۇتۇپ ،
تاڭدىن خەۋەر بەرگۈسى ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shiwirghan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-12 01:25 AM  


بەگ بولىدىغان ئوغۇللىرىمىز قۇل بولدى،خانىش بولىدىغان قىزلىرىمىز دېدەك بولدى._كۆلتېگىن مەڭگۈتېشى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89925
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 72
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2013-1-11
ئاخىرقى: 2013-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 05:54:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تەپەككۇر جەۋھەرلىرى ئىكەن !

قىزىقچى، يۇمۇرىستىك، تونۇشۇم بولسا گەپلىرىم تاقا - تۇققا،  ناتونۇش بولسا ھۆرمەت ۋە ئاز گەپ قىلىش . . .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش