مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2911|ئىنكاس: 15

123-، 124-نومۇرلۇق پەرماندىن 100 سۇئال [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14537
يازما سانى: 1244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7001
تۆھپە نۇمۇرى: 1582
توردا: 10547 سائەت
تىزىم: 2010-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-11 11:19:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قاتناش پىراۋىسى بارلار ۋە ئىلتىماس قىلىۋاتقانلارنىڭ پايدىلىنىش ماتىرىيالى


~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~

جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ 123-، 124-نومۇرلۇق پەرمانلىرىدىن 100 سۇئال

مۇندەرىجە

شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلىش

1 . شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلىشتا ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ يېشىغا قويۇلىدىغان كونكىرىتنى تەلەپلەر قايسىلار؟............................................................11

2 . شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ زەھەرلىك چىكىملىك چىكىش ياكى ئوكۇل ئۇرۇش قىلمىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان بولسا شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلسا بولامدۇ – يوق؟.....................................................................12

3. قايسى خىل قانۇنغا خىلاپ جىنايەت قىلمىشىنى سادىر قىلغانلارنىڭ شوپۇرلۇق سالاھىيتى ئۆمۈرلۈك ئېلىپ تاشلىنىدۇ؟.................................................................12

4. ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ياكى مە بولۇپ قىلىپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بىكار قىلىنغان بولسا، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىشقا قايتىدىن ئىلتىماس قىلىشقا بولامدۇ – يوق؟.......13

5. چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى، يۈك توشۇش ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلىشتا قانداق چەكلىمە قويۇش شەرتلىرى بار؟.......................................14

6. شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىشقا تۇنجى قېتىم ئىلتىماس قىلغاندا، قايسى تۈردىكى ئاپتوموبىل تىپىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؟.......................................................15

7. ھەربىي قىسىم، قۇراللىق ساقچى قىسىمدىكىلەرنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسى يەرلىك شوپۇرلۇق كىنىشكىسىگە قانداق ئالماشتۇرۇلىدۇ؟.............................................16

8. چىگرا سىرتىدا شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئالغانلارنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسى دۆلىتىمىزنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىگە قانداق ئالماشتۇرۇلىدۇ؟.............................................17

9. ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى شوپۇرلۇق ئىمتىھانىدا ئاساسلىقى قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى؟......18

10. 1 –پەن تۈرى ئىمتىھانىدا قانداق كونكىرىت ئۆزگىرىشلەر بولدى؟.....................19

11. چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى، يۈك توشۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ 2 – پەن تۈرى ئىمتىھانىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى؟..........................................................20

12. كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللىرىنىڭ 2 – پەن تۈرى ئىمتىھان مەزمۇنىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى؟...................................................................21

13. 3-پەن تۈرى ئىمتىھانىنىڭ  مەزمۇنىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى؟.....................23
14. 3-پەن تۈرى  ئىمتىھانىدا ئەمەلىي يولدا ئاپتوموبىل ھەيدەش تېخنىكا ماھارىتى ئىمتىھانىدا مۇساپىگە قارىتا قانداق كونكرېت تەلەپ قويۇلىدۇ؟............................................24
15. شوپۇرلۇق تېخنىكا ماھارىتى ئىمتىھانغا قاتنىشىش ئىسپاتىنىڭ چەكلىمىسىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى؟...................................................................25
16. ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئىمتىھانغا ئالدىن كېلىشىش قېتىم سانىغا قارىتا قانداق يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىلدى؟................................................................26
17. 123 – نومۇرلۇق بۇيرۇق يولغا قويۇلۇشتىن ئاۋال  ئالدىن كېلىشىپ ئىمتىھان بەرگەن قېتىم سانى يەنىلا ھېساب قىلىنامدۇ؟...........................................................27
18. ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئالدىن كېلىشىپ ئىمتىھانغا قاتنىشىش شەكلىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى؟...................................................................27
19. 123-نومۇرلۇق پەرمان يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن تىزىملاتقان، بىراق ئىمتىھاننى تۈگەتمىگەن كۇرسانتلار قايسى ئۆلچەم بويىچە ئىمتىھان بېرىدۇ؟.............................................28
20. ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، پىراۋىنى قايسى ۋاقىتتا ئېلىۋالسا بولىدۇ؟............28
21. شوپۇرلۇق ئىمتىھانى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى چىڭىتىش جەھەتتە قانداق كونكىرىت بەلگىلىمىلەر بار؟......................................................................29
22. شوپۇر تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ تەربىيەلەش خىزمىتىگە قارىتىلغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش توغرىسىدا قانداق بەلگىلىمىلەر بار؟.......................................................30

شوپۇرلۇق كىنشىكىسىنىڭ  ئىشلىتىلىشى

23 . چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرى شوپۇرلىرىنى ئىنچىكە تەكشۈرۈشتە قانداق بەلگىلىمىلەر بار؟......................................................................31 24 . كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللىرى، موتسىكىلت قاتارلىق ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ شوپۇرلىرىنى ئىنچىكە تەكشۈرۈشتە قانداق بەلگىلىمىلەر بار؟........................................33
25 . شوپۇرلارنى ئىنچىكە تەكشۈرۈشتە قانداق مەزمۇنلار بار؟.............................33
26. پىراۋىنى ئالماشتۇرۇشتا ئىنچىكە تەكشۈرتكەن بولسا، نۇمۇر خاتىرىلەش ۋاقتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن يەنە ئىنچىكە تەكشۈرتۈش كېرەكمۇ – ياق؟.............................................34
27. چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ شوپۇرلىرى 123 – نۇمۇرلۇق پەرمان ئىجرا قىلىنىشتىن بۇرۇن نۇمۇر خاتىرىلەش ئىنچىكە تەكشۈرۈشنىڭ ئىسپاتى قىلسا بولامدۇ – يوق؟................34
28. چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرى ئىنچىكە تەكشۈرۈشكە قاتناشقاندا تەن سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئىسپاتى تاپشۇرۇلامدۇ – يوق؟..................................35
29 . قانداق شوپۇرلۇق كىنىشكىسى كەسپىنى بىجىرگەندە تەن سالامەتلىكنى تەكشۈرتۈش ئىسپاتى لازىم بولىدۇ؟...................................................................35
30 . چېگرا سىرتى، ئارمىيە، قۇراللىق قىسىم شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئالماشتۇرۇشتا پىراكتىكا ۋاقتى بويىچە باشقۇرۇشقا كىرگۈزۈلەمدۇ – يوق؟................................................36
31 . پىراكتىكا ۋاقتى بويىچە باشقۇرۇشتا قانداق يېڭى بەلگىلىمىلەر بار؟.....................36
32 . يېڭى پىراكتىكا بويىچە باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى قانداق ئىجرا قىلىنىدۇ؟..................38
33 . پىراكتىكا ۋاقتىدا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئاپتوموبىل ھەيدىگەن بولسا ھەمراھ بولغان خادىمنىڭ قانداق پىراۋىسى بولۇشى كېرەك؟.................................................38
34. قانداق ئەھۋالدا پىراكتىكا ۋاقتى ئۇزارتىلىدۇ؟.....................................39
35. شوپۇرلار زەھەرگە چېتىلىپ قېلىپ، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى كۈچتىن قېلىش ئەھۋاللىرى قايسىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟..............................................................40
36 . چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار، يۈك ئاپتوموبىللىرى شوپۇرلىرىنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش تۈزۈمى قانداق بەلگىلەنگەن؟.........................................................40
37 . پەرماندا بەلگىلەنگەن شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنىڭ دەرىجىسى تۆۋەنلىتىش تۈزۈمى قايسى خىلدىكى ئاپتوموبىللارنى كۆرسىتىدۇ؟.....................................................41
38 . چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار، يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ پەيدىنپەي ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىشتە قايسى پىرىنسىپ قوللىنىلىدۇ؟..................................41
39. 123 – پەرمان ئىجرا قىلىنىشتىن بۇرۇن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ نۇمۇر خاتىرىلەنگەن ۋە ۋەقە سادىر قىلغان بولسا، دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ئىسپاتى قىلىشقا بولامدۇ؟...........................42
40 . چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار، يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنىڭ پىراكىتىكا ۋاقتىدا 12 نۇمۇرى تۇتۇلغان بولسا قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟.................................................43
41 . ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرىنىڭ ئۇچۇر ئۆزگىرىشى نىمە ئۈچۈن ئەنگە ئېلىنىدۇ، قانداق ئەنگە ئېلىنىدۇ؟..................................................................43
42 . ياشانغانلار ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەشكە قارىتا قانداق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان؟..................................................................44
43.شوپۇرلارنىڭ بەدەن شارائىتىدە ئۆزگىرىش بولغاندا مۇتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرى داۋاملىق ھەيدەۋەرسە بولامدۇ؟..................................................................45
44.شوپۇرلۇق كىنىشكىسى تۇتۇۋېلىنغان، تۇتۇپ قېلىنغان ياكى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قېلىنغان مەزگىلدە، كىنىشكىنى تولۇقلاپ بىجىرىشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولامدۇ؟..............................46

مەكتەپ ئاپتوموبىلىنىڭ بەلگە تاختىسى ۋە شوپۇرى

45. مەكتەپ ئاپتوموبىلىنى ھەيدەش ئىجازىتىگە ئىلتىماس قىلىشتا قايسى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك؟....................................................................47
46. مەكتەپ ئاپتوموبىلى ھەيدەش سالاھىتى قانداق ئىلتىماس قىلىنىدۇ؟....................48
47. ج خ ئورگانلىرى مەكتەپ ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىغا قانداق قاتتىق باشقۇرۇش تەدبىرلىرى قوللىنىدۇ؟................................................................49
48.مەكتەپ ئاپتوموبىلىنى ئىشلىتىش رۇخسىتى ۋە مەكتەپ ئاپتوموبىلى بەلگە تاختىسى قانداق ئىلتىماس قىلىنىدۇ؟................................................................50
49. مەكتەپ ئاپتوموبىلىنى ئىشلىتىش ئىجازىتى ۋە بەلگە تاختىسى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلغاندا قاتناش تارماقلىرىنىڭ ئاپتوموبىلنى تەكشۈرۈشى زۆرۈرمۇ ؟....................................52
50. مەكتەپ ئاپتوموبىلىنىڭ بەلگە تاختىسى مەكتەپ ئاپتوموبىلىنىڭ قايسى ئورنىغا قويۇلۇشى كېرەك؟..................................................................53
51. مەكتەپ ئاپتوموبىلى بەلگە تاختىسى كۆيۈپ كەتسە، يوقاپ كەتسە ياكى بۇزۇلۇپ كەتسە قانداق تولۇقلاپ، ئالماشتۇرۇش كېرەك؟.................................................54
52. مەكتەپ ئاپتوموبىلى بەلگە تاختىسىغا ئىلاۋە قىلىدىغان مەزمۇنلاردا ئۆزگىرىش يۈر بەرگەندە ئۆزگەرتىش رەسمىيتىنى قانداق بىجىرىش كېرەك؟.............................................54
53. ئاپتوموبىل مەكتەپ ئاپتوموبىلى قىلىپ ئىشلىتىلمىگەندە قايسى رەسمىيەتلەرنى بىجىرىشى كېرەك؟..................................................................55
54. مەكتەپ ئاپتوموبىلىنى رويخەيكە ئېلىپ تىزىملاش، بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈش ھەمدە بىراك قىلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە قانداق ئالاھىدە بەلگىلىمىلەر بار؟......................................................................55

قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلاردىن نومۇر تارتىش

55. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يول يۈرگەندە قايسى خىل قانۇنغا خىلاپ قىلمىشتىن بىرلا قېتىمدا 12نومۇر تارتىلىدۇ؟..................................................................57
56. تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاپتوموبىلىنى ھەيدىگەندە قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى كۆرۈلسە قانداق نومۇر تارتىلىدۇ؟..................................................57
57. سۈرئەتنى چەكلىمىدىن ئاشۇرۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشتىن قانداق نومۇر تۇتۇلىدۇ؟..................................................................58
58. خەتەرلىك بويۇملارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ نومۇرىنى خاتىرىلەشتە قانداق ئالاھىدە بەلگىلىمە بار؟......................................................................60
59. مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى  شوپۇرلىرىدىن نومۇر تۇتۇشتا قانداق ئالاھىدە بەلگىلىمە بار؟.........61
60. چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى، يۈك توشۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ سۈرئىتى چەكلىمىدىن ئېشىپ كىتىش، نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سېلىشتەك قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشلارغا نومۇر تارتىش قانداق بەلگىلەنگەن ؟...........63
61. ھىرىپ-چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ نومۇرى قانداق تارتىلىدۇ؟..................................................................65
62. ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ نومۇر تاختىسى ئېسىلمىغان، قەستەن توسۇپ قويۇلغان، نومۇرى زىيانغا ئۇچرىغان، نومۇر تاختىسىنى بەلگىلىمە بويىچە ئورناتمىغانلارنىڭ  نومۇرى قانداق تارتىلىدۇ؟........66
63. ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتۈشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئۈچۈن تارتىلىدىغان نومۇر نېمە ئۈچۈن ئەسلىدىكى ئۈچ نومۇردىن ئالتە نومۇرغا ئۆزگەرتىلدى؟.............67
64. دەل-دەرەخ ياكى چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىل توسۇۋالغانلىقتىن ئۇقۇشماسىتىن قىزىل چىراغدىن بېسىپ ئۆتسە، جازانى كەچۈرۈم قىلىشقا بولامدۇ؟...........................................68
65. تۈز يولدا كېتىۋاتقان ئاپتوموبىللار يول ئېغىزىغا كەلگەندە قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئوڭ-سولغا قايرىلسا قانداق جازا بېرىلىدۇ؟........................................................69
66. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى پىيادىلەر ئۆتۈشمە يولىغا كەلگەندە سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئۆتسە بولامدۇ؟......69
67. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەۋىتىپ تېلېفون ئۇرۇش ۋە تېلېفون قوبۇل قىلىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى سادىر قىلسا قانداق نومۇر تارتىلىدۇ؟.......................................70
68. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچى بىخەتەرلىك تاسمىسىنى باغلىمىسا قانداق نومۇر تارتىلىدۇ؟..................................................................70
69. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يول ئېغىزىدا سېرىق چىراغنى بۆسۈپ يول يۈرسە جازالىنامدۇ؟.............71
70 . قىزىل چىراغنى ئىككى قىتىم بۆسۈپ ئۆتسە 12نۇمۇر تۇتۇپ قىلىنىپ، پىراۋىسى بىكار قىلىنامدۇ؟.......71
71. ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلەردىن قانداق نومۇر تارتىلىدۇ؟....................72
72. ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەشنىڭ دائىرىسىنى بەلگىلەش ئۆلچىمى نېمە؟..............72
73. ئاپتوموبىللار يول يۈرگەندە مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىغا يول بەرمىسە قانداق نۇمۇر تارتىلىدۇ؟............72
74. مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى ئادەتتىكى ۋاقىتتا مەكتەپ ئاپتوموبىلى بەلگىسىنى ئىشلەتسە بولامدۇ؟..........73
75. مەكتەپ ئاپتوموبىلىغا ماي قاچىلىغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟..................74
76. تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن يول بۆلىكى توسۇلۇپ قالغاندا، مەكتەپ ئاپتوموبىلى ئايلىنىپ ماڭسا بولامدۇ؟..................................................................75
77. مەكتەپ ئاپتوموبىلىنىڭ ماتورى ئۆچمىگەن، خالاستاي ۋاقىتتا، شوپۇر ئورۇندۇقىدىن ۋاقىتلىق ئايرىلسا بولامدۇ؟..................................................................75
78. مەكتەپ ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرى خالىغان يول بويىدا توختاپ ئوقوغۇچىلارنى ئاپتوموبىلغا چىقارسا بولامدۇ؟.................................................................76
79. نومۇر خاتىرىلەش ۋاقتى قانداق ھېسابلىنىدۇ؟....................................76
80. بىر قېتىم قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىشقا بېرىلگەن جازا ئىككىدىن ئارتۇق جانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئۈچۈن نومۇر تارتىشقا چېتىشلىق بولسا، ھەممىسى تۇتۇلامدۇ؟.................................77
81. نومۇر ھېسابلاش دەۋرىي مەزگىلىدىكى نومۇرنىڭ قىممىتى كېيىنكى قېتىملىق نومۇر ھېسابلاش دەۋرىي مەزگىلىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟..................................................77
82. يىنىك دەرىجىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار ئۈچۈن نومۇر تارتمىسا ياكى جەرىمانە قويمىسىمۇ بولامدۇ؟..................................................................77

ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش تەدبىرلىرى

83. باشقا يۇرتتا پىراۋىنى يىللىق تەكشۈرۈش ۋە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى سېناشقا ئىلتىماس قىلىشنىڭ قانداق تەلىپى بار؟...........................................................77

84. شوپۇرلۇق پىراۋىسى يۈتۈپ كىتىپ قايتا بېجىرمەكچى بولسا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟................79
85. ناھىيە دەرىجىلىك ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى شوپۇرلۇق پىراۋىسى ئىمتىھانىغا ۋە تەكشۈرۈشكە قاتناشسا بولامدۇ- يوق؟..............................................................79
86. شوپۇرلۇق پىراۋىسى بېجىرىش كەسپىدە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ماتېرىيال ۋە تەلەپلەرنى قانداق سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ؟........................................................80
87. شوپۇرنىڭ پىراكتىكا مەزگىلىدە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدىشىگە قارىتا يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولدا قانداق بەلگىلىمىلەر بار؟................................................81
88. ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى شوپۇرنىڭ پىراكتىكا مەزگىلىدە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ماڭغاندا شوپۇر ئېلىۋالغانلىقىنى قانداق تەكشۈرىدۇ؟.............................82
89. پىراكتىكا مەزگىلىدە شوپۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ۋەقە سادىر قىلغاندىن كېيىن ھەمرا بولۇپ ماڭغان شوپۇر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالامدۇ- يوق؟.........................................83
90. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىدا كاشىلا كۆرۈلۈپ، يوقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا توختىتىپ قويۇلسا، قانۇنغا خىلاپ ئاپتوموبىل توختىتىش ھېسابلىنامدۇ- يوق؟.....................................83
91. نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ تاشيولدا سۈرئەتكە چەك قويۇشقا ئالاقىدار قانداق بەلگۈلىمىلىرى بار؟................85
92. ھاۋارايى يامغۇرلۇق، قارلىق، تۇمانلىق بولغاندا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا سۈرئەتكە چەك قويۇش جەھەتتە قانداق ئالاھىدە بەلگىلىمىلەر بار؟..........................................86
93. چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئەڭ سول تەرىپىدىكى يولدا ماڭسا بولامدۇ؟..................................................................87
94. قانداق ئاپتوموبىللارنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا مېڭىشى چەكلىنىدۇ؟................88

قانۇنىي مەسئۇلىيەت

95. ئىلتىماس قىلغۇچى پىراۋىغا ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا يوشۇرۇش، ئالداش قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلسا، قانداق قانۇنىي جازا بېرىلىدۇ؟.............................................89
96. شوپۇرلارنىڭ پىراكتىكا مەزگىلىدىكى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىشىغا قارىتا قانداق جازالار بار؟......................................................................90
97. شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى يالغاندىن ياسىغان، ئۆزگەرتكەنلەرگە قانداق جازا بېرىلىدۇ؟............91
98. يوشۇرۇش، ئالداش ۋاسىتىسى بىلەن شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى تولۇقلاپ ئالغانلارغا قانداق جازا بېرىلىدۇ؟..................................................................92
99. سوئال: قاتناش ساقچىسى قانۇن، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا شوپۇرلۇق پىراۋىسى بېجىرىپ بەرسە مەسئۇلىيىتى قانداق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ؟............................................93
100. تىرانسپورت كارخانىلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىگە قارىتا قانداق كونكرېت بەلگىلىمىلەر بار؟.............................................................94











شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلىش

   1 . شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلىشتا ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ يېشىغا قويۇلىدىغان كونكىرىتنى تەلەپلەر قايسىلار؟
جاۋاب: شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلىشتا ئەڭ تۆۋەن ياش چەكلىمىسىگە قويۇلىدىغان تەلەپلەر: كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل، كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق ئاپتوموبىل، مىيىپلار مەخسۇس ئىشلىتىدىغان كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك يولۇچى توشۇش ئاپتوموبىلى، چاقلىق مىخانىك ئاپتوموبىل، تۆۋەن سۈرئەتلىك يۈك توشۇش ئاپتوموبىلى، ئۈچ چاقلىق ئاپتوموبىل، موتسىكىلىت قاتارلىقلارنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلغۇچىلار 18 ياش، شەھەر ئاممىۋىي قاتناش ئاپتوموبىلى، چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى، تىرامۋاي قاتارلىقلارنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلغۇچىلار 20 ياش، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى توشۇش ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلغۇچىلار 21 ياش، سۆرەش ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلغۇچىلار 24 ياش، چوڭ تىپتىكى يولۇچى توشۇش ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلغۇچىلار 26 ياش بولۇشى كېرەك. ئەڭ يۇقىرى ياش چەكلىمىسىگە قويۇلىدىغان تەلەپلەر: كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل، كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق ئاپتوموبىل، مىيىپلار مەخسۇس ئىشلىتىدىغان كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك يولۇچى توشۇش ئاپتوموبىلى، يىنىك تىپتىكى موتسىكىلىت قاتارلىقلارنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلغۇچىلار 70 ياش، تۆۋەن سۈرئەتلىك يۈك توشۇش ئاپتوموبىلى، ئادەتتىكى موتسىكىلىت، ئۈچ چاقلىق ئاپتوموبىل، چاقلىق مىخانىك ئاپتوموبىل قاتارلىقلارنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلغۇچىلار 60 ياش، شەھەر ئاممىۋىي ئاپتوموبىل ۋە باشقا چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى، يۈك توشۇش ئاپتوموبىلى، تىرامۋاي قاتارلىقلارنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلغۇچىلار 50 ياش بولۇشى كېرەك.
   2 . شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ زەھەرلىك چىكىملىك چىكىش ياكى ئوكۇل ئۇرۇش قىلمىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان بولسا شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلسا بولامدۇ – يوق؟
جاۋاب: ئۈچ يىل ئىچىدە زەھەرلىك چىكىملىك چىكىش قىلمىشى خاتىرلەنگەن، مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەرلىك چىكىملىك تاشلىتىش تەدبىرى بىكار قىلىنىپ ئۈچ يىلغا توشمىغانلار ياكى تايىنىۋېلىش خاراكتېرلىك روھى كېسەللىكلەر دورىسىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىپ خۇمار بولۇپ قىلىپ تاشلىيالمىغانلار شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلسا بولمايدۇ. جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى  شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندا، ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ زەھەرلىك چىكىملىك چىكىش قىلمىشى خاتىرلەنگەنلىكىنى، داۋالاش ئاپپاراتلىرى چىقىرىپ بەرگەن سالامەتلىك ئەھۋالى ئىسپاتىنى تەكشۈرىدۇ. ئۈچ يىل ئىچىدە زەھەرلىك چىكىملىك چىكىش خاتىرلەنگەن ۋە مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەرلىك چىكىملىك تاشلىتىش تەدبىرى بىكار قىلىنىپ ئۈچ يىلغا توشمىغان بولسا، قوبۇل قىلمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلغاندا،يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىلتىماس قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغان ئەھۋاللارنىڭ بار - يوقلۇقىنى ئەينەن دوكلات قىلىشى ھەمدە دوكلات قىلغان مەزمۇننىڭ چىنلىقىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك.
   3. قايسى خىل قانۇنغا خىلاپ جىنايەت قىلمىشىنى سادىر قىلغانلارنىڭ شوپۇرلۇق سالاھىيتى ئۆمۈرلۈك ئېلىپ تاشلىنىدۇ؟
جاۋاب: بىرىنچى، قاتناش ھادىسسى سادىر قىلغاندىن كېيىن، قىچىپ كېتىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەن، ئىككىنچى، ھاراق ئېچكەندىن كېيىن ياكى مەس بولۇپ موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەپ زور قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەن. يۇقىرىقى ئىككى خىل ئەھۋال ئېغىر، يامان خاراكتېرلىك قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بولۇپ، ئاممىۋىي بىخەتەرلىككە چوڭ زىيان يەتكۈزۈپ، خادىملارنىڭ يارلىنىشى، قازا قىلىشى ياكى مال مۈلۈككە زىيان سالىدىغان ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، جىنايى ئىشلار مەسئۇليىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ، شۇڭا، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىشقا ئۆمۈرۋايەت قايتا ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدۇ دەپ، بەلگىلەنگەن.
   4. ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ياكى مە بولۇپ قىلىپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بىكار قىلىنغان بولسا، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىشقا قايتىدىن ئىلتىماس قىلىشقا بولامدۇ – يوق؟
جاۋاب: ھاراق ئىچكەندىن كېيىن تىجارەت خاراكتېرىدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدىگەن ياكى مەس بولۇپ قىلىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدىگەنلەرنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسى  قانۇن بويىچە بىكار قىلىنغان بولسا، بەش يىل ئىچىدە شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىشقا قايتىدىن ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدۇ؛ مەست بولۇپ قىلىپ تىجارەت خاراكتېرىدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدىگەنلەرنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسى قانۇن بويىچە بىكار قىلىنغان بولسا، 10 يىل ئىچىدە شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىشقا قايتىدىن ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدۇ. ئەسكەرتىشكە توغر كېلىدىغىنى شۇكى، ھاۋاق ئىچكەندىن كېيىن ياكى مەست بولۇپ قىلىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەپ زور قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرسە، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىشقا ئۆمۈرۋايەت ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدۇ.
   5. چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى، يۈك توشۇش ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلىشتا قانداق چەكلىمە قويۇش شەرتلىرى بار؟
جاۋاب: چوڭ تىپتىكى يولۇچى، يۈك توشۇش ئاپتوموبىلى، سۆرەش ئاپتوموبىلى، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى توشۇش ۋە چوڭ تىپتىكى يۈك توشۇش ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئالغانلارنىڭ كۆپىنچىسى تىجارەت خاراكتېردىكى ئاپتوموبىللارنى ھەيدەيدىغان بولۇپ، قاتناش بىخەتەرلىك مەسئۇلىيتى زور بولىدۇ. شۇڭا، تېخىمۇ قاتتىق چەكلىمە قويۇش شەرتلىرى بەلگىلەنگەن. بىرىنچى، قازا قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قاتناش ھادىسسى سادىر قىلىپ يۇقىرىقىغا ئوخشاش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان ياكى مەست بولۇپ قىلىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدىگەنلىك قىلمىشى خاتىرلەنگەنلەر، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى، يۈك توشۇش ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئېلىشقا ئۆمۈرۋايەت ئىلتىماس قىلسا بولمايدۇ. ئىككىنچى، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بىكار قىلىنغانلىق خاتىرىسى بارلار 10 يىل ئىچىدە چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى، يۈك توشۇش ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلسا بولمايدۇ.
ئۈچىنچى، شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنىڭ 12 نومۇرى تولۇق خاتىرلەنگەنلەر، بەش يىل ئىچىدە چوڭ تىپتىكى يولۇچى توشۇش ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلسا بولمايدۇ. ئۈچ يىل ئىچىدە سۆرەش ئاپتوموبىلى، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى توشۇش ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلسا بولمايدۇ.
شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى بىكار قىلىۋىتىش ئەھۋاللىرى مەست بولۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، سۈرئەتنى بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن %50 ئاشۇرۋېتىش، قۇراشتۇرغان ئاپتوموبىللارنى ھەيدەش ياكى براك قىلىنغان ئاپتوموبىللارنى ھەيدەش، ئالدامچىلىق قىلىپ، پارە بېرىش قاتارلىق نامۇۋاپىق ۋاستىلەر ئارقىلىق شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىش قاتارلىق ئېغىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى قەستەنلىك قىلمىشىغا ياتىدۇ، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىشقا قايتىدىن ئىلتىماس قىلىش زۆرۈر بولغاندا، بولۇپمۇ، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى، يۈك توشۇش ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلغاندا، تېخىمۇ ئېغىر چەكلەش تەبىرى قوللىنىلىدۇ.
   6. شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىشقا تۇنجى قېتىم ئىلتىماس قىلغاندا، قايسى تۈردىكى ئاپتوموبىل تىپىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؟
جاۋاب: ئىلتىماس قىلغۇچى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىشقا تۇنجى قېتىم ئىلتىماس قىلغاندا، شەھەر ئاممىۋىي قاتناش ئاپتوموبىلى، چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى، كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل، كىچىك تىپتىكى ئاپتۇماتىك خوتلۇق ئاپتوموبىل، تۆۋەن سۈرئەتلىك يۈك توشۇش ئاپتوموبىلى، ئۈچ چاقلىق ئاپتوموبىل، مىيىپلار مەخسۇس ئىشلىتىدىغان كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق يولۇچى توشۇش ئاپتوموبىلى، موتسىكىلىت، چاقلىق مىخانىك ئاپتوموبىللار، تىرامۋاي قاتارلىقلارنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئەسكەرتىشكە توغرا كېلىدىغىنى شۇكى، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى روھى خەتتىن ئۆچۈرۈلگەن، بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئېلىشقا قايتىدىن ئىلتىماس قىلىنغاندا، تۇنجى قېتىم ئىلتىماس قىلىندى دەپ، قارىلىپ، پەقەت شەھەر ئاممىۋىي قاتناش ئاپتوموبىلى، چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى، كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل، كىچىك تىپتىكى ئاپتۇماتىك خوتلۇق ئاپتوموبىل، تۆۋەن سۈرئەتلىك يۈك توشۇش ئاپتوموبىلى، ئۈچ چاقلىق ئاپتوموبىل، مىيىپلار مەخسۇس ئىشلىتىدىغان كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق يولۇچى توشۇش ئاپتوموبىلى، موتسىكىلىت، چاقلىق مىخانىك ئاپتوموبىللار، تىرامۋاي قاتارلىقلارنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلشقىلا بولىدۇ.
   7. ھەربىي قىسىم، قۇراللىق ساقچى قىسىمدىكىلەرنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسى يەرلىك شوپۇرلۇق كىنىشكىسىگە قانداق ئالماشتۇرۇلىدۇ؟
    جاۋاب: ھەربىي قىسىم، قۇراللىق ساقچى قىسىمدىكى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بارلار يەرلىك شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلغاندا، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ كىملىك ئىسپاتى، ناھىيە دەرىجىلىك ياكى قىسىم، تۆەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى داۋالاش ئاپپاراتلىرى چىقىرىپ بەرگەن سالامەتلىك ئىسپاتى، ھەربىي قىسىم ياكى قۇراللىق ساقچى قىسىم شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى تاپشۇرۇش كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ تىپتىكى يولۇچى توشۇش ئاپتوموبىلى، سۆرەش ئاپتوموبىلى، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى توشۇش ئاپتوموبىلى، چوڭ تىپتىكى يۈك توشۇش ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلغانلار 1 – پەن تۈرى ۋە 3 – پەن تۈرىدىن ئىمتىھان بېرىشى كېرەك. باشقا تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ (كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلغانلاردىن ئىمتىھان ئېلىنمايدۇ، بىۋاستە يەرلىك شوپۇرلۇق كىنىشكىسىگە ئالماشتۇرسا بولىدۇ. ئەسكەرتىشكە توغرا كېلىدىغىنى شۇكى، «يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنى» ۋە ھەربىي قىسىم، قۇراللىق ساقچى قىسىم ئەترەتلىرىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە، ھەربىي قىسىم، قۇراللىق ساقچى قىسىمنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بارلار يەرلىكنىڭ ئاپتوموبىلىنى ھەيدىسە بولمايدۇ. ھەربىي قىسىم، قۇراللىق ساقچى قىسىمنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى يەرلىك شوپۇرلۇق كىنىشكىسىگە ئالماشتۇرۇشتا، ئىمتىھانغا قاتنىشىشقا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى قوبۇل قىلغاندىن كۈندىن باشلاپ ئۈچ يىل ئىچىدە ئىمتىھان بەرسە بولىدۇ.
   8. چىگرا سىرتىدا شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئالغانلارنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسى دۆلىتىمىزنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىگە قانداق ئالماشتۇرۇلىدۇ؟
جاۋاب:  چىگرا سىرتىدا شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئالغانلار شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى دۆلىتىمىزنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىگە ئالماشتۇرۇشقا ئىلتىماس قىلغاندا، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ كىملىك ئىسپاتى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى داۋالاش ئاپپاراتلىرى چىقىرىپ بەرگەن سالامەتلىك ئىسپاتى، چىگرا سىرتىدا ئالغان شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. چىگرا سىرتىدا ئالغان شوپۇرلۇق كىنىشكىسىدە خەنزۇ يېزىقى بولمىسا، خەنزۇ يېزىقىدا تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە، چوڭ تىپتىكى يولۇچى توشۇش ئاپتوموبىلى، سۆرەش ئاپتوموبىلى، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى توشۇش ئاپتوموبىلى، چوڭ تىپتىكى يۈك توشۇش ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلغانلار 1 – پەن تۈرى ۋە 3 – پەن تۈرىدىن ئىمتىھان بېرىشى؛ باشقا تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ (كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئېلىشقا ئىلتماس قىلغانلار 1 – پەن تۈرىدىن ئىمتىھان بېرىشى كېرەك. ئەسكەرتىشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، چىگرا سىرتىدىن ئالغان شوپۇرلۇق كىنىشكىسى چوقۇم مۇستەقىل شوپۇرلۇق سالاھىيتىگە ئىگە ھەمدە ئۇزاق مۇددەتلىك كۈچكە ئىگە شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بولۇشى كېرەك، ئەگەر شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشۇپ كەتكەن، ۋاقىتلىق شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بولغان ياكى چەكلەش شەرتلىرى ئىزاھلانغان ئەھۋاللار مەۋجۇت بولسا، ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ. جۇڭگونىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا، كونسۇلخانا خادىملىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئاپپاراتلىرىنڭ خادىملىرى ئىلتىماس قىلغان بولسا، ئالاقىدار دىپلوماتىيە باراۋارلىك پىرىنسىپى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. چىگرا سىرتىدا شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئالغانلار شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى دۆلىتىمىزنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىگە ئالماشتۇرۇشقا ئىلتىماس قىلغاندا، ئىمتىھانغا قاتنىشىشى، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ يىل ئىچىدە ئىمتىھان بېرىشى كېرەك.
  شوپۇرلۇق ئىمتىھانى
   9. ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى شوپۇرلۇق ئىمتىھانىدا ئاساسلىقى قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى؟
جاۋاب: ئىمتىھاننىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقىنى كۈچەيتىش، تېخىمۇ كۆپ كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنىڭ ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، ئۆزى مۇستەقىل يولغا چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى، يۈك توشۇش ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنىڭ مۇرەككەپ شارائىتلارغا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، 123 – نومۇرلۇق بۇيرۇقىدا كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى، يۈك توشۇش ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنىڭ ئىمتىھان تۈرىدە تەڭشەش ئېلىپ بېرىلدى: 1 – پەن تۈرى ئىمتىھانى، ئەسلىدىكى ئىمتىھان مەزمۇنى ئىككى بۆلەككە بۆلۈنگەن، 1 – بۆلىكى ئاساسلىقى يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇن –بەلگىلىمىلىرى، قاتناش سىگىنالى، يول يۈرۈش پىرىنسىپى قاتارلىق ساۋاتلارغا ئاساسەن باھالىنىپ، 1 – پەن تۈرى قىلىنىدۇ؛ 2 – بۆلىكى بىخەتەر، مەدەنىي ئاپتوموبىل ھەيدەش ئىمتىھان تۈرى بولۇپ، ئەمەلىي يول ئىمتىھانىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ، بىخەتەر، مەدەنىي ئاپتوموبىل ھەيدەش تەلىپى، مۇرەككەپ شارائىتلاردا بىخەتەر ئاپتوموبىل ھەيدەش ساۋاتلىرىغا ئاساسەن  باھالىنىدۇ.2 – پەن تۈى ئىمتىھانى، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى، يۈك توشۇش ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئېلىش ئىمتىھانىدا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، يامغۇرلۇق، تۇمانلىق ھاۋا رايى، ھۆل، تىيىلغاق يول، جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق تەقلىدىي ئىمتىھان تۈرلىرى كۆپەيتىلىدۇ، تەڭشەلگەندىن كېيىن، ئەسلىدىكى «10 تۈرلۈك مەشىق ، ئالتە تۈرلۈك ئىمتىھان» دىن « 16 تۈرلۈك مەشىق، ئىمتىھان» غا ئۆزگەرتىلىدۇ؛ كىچىك ئاپتوموبىلنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئېلىش ئىمتىھانىدا، كالتەك، ئامبار يۆتكەش ۋە توساقتىن ئۆتۈش، تاق كۆۋرۈك قاتارلىق ئەمەلىي تۇرمۇشتا كۆپ قوللىنىلمايدىغان ئىمتىھان تۈرلىرى بىكار قىلىنىپ، تەڭشەلگەندىن كېيىن، ئەسلىدىكى « 10 تۈرلۈك مەشىق ، تۆت تۈرلۈك ئىمتىھان » دىن « بەش تۈرلۈك مەشىق ۋە ئىمتىھان » غا ئۆزگەرتىلىدۇ.  ئاپتوموبىلنى ئامبارغا ياندۇرۇپ كىرىش، يانتۇلۇقتا نۇقتا بەلگىلەپ توختىتىش ۋە قوزغىتىش، يان تەرەپتە توختىتىش، ئەگىرى سىزىتا ھەيدەش، تۈز بۇلۇڭلۇق قايرىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 3 – پەن تۈرى ئىمتىھانى، يۇقىرى، تۆۋەن خوتقا سېلىش مەشغۇلاتى، يول ئېغىزىدا سولغا بۇرۇلۇش، يول ئېغىزىدا ئوڭغا بۇرۇلۇشتىن ئىبارەت ئۈچ ئىمتىھان تۈرى ۋە بىخەتەر، مەدەنىي ئاپتوموبىل ھەيدەش بىلىملىرىدىن ئىمتىھان ئېلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىلنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئېلىش ئىمتىھانىنىڭ كەچلىك ئىمتىھانى %20 تىن تۆۋەن بولمايدۇ، كەچلىك ئىمتىھان بەرمەيدىغانلاردىن كىچىدە چىراغ يىقىش تەقلىدىي ئىمتىھانى ئېلىنىدۇ. چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى، يۈك توشۇش ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئېلىشتا تاغ رايونى، تونىل، تۆپىلىك قاتارلىق مۇرەككەپ يول ئىمتىھانى كۆپەيتىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ھەر خىل تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ ئىمتىھان مۇساپىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
   10. 1 –پەن تۈرى ئىمتىھانىدا قانداق كونكىرىتنى ئۆزگىرىشلەر بولدى؟
جاۋاب: ئۆگەنگۈچىلەر 1 – پەن تۈرىدىن ئىمتىھان بەرگەندە، ئەمەلىي سوپۇرلۇق مەشغۇلات تەجرىبىسى ئاساسىي جەھەتتىن يوق بولۇش، بىخەتەر، مەدەنىي ئاپتوموبىل ھەيدەش قاتارلىق بىلىملەرنى قارىغۇلارچە يادىلاش، چوڭقۇر چۈشىنەلمەسلىك، ئىگىلىيەلمەسلىك ھەمدە تەبىقلىيالماسلىق كۆزدە تۇتۇلدى. 123 – نومۇرلۇق بۇيرۇق يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، 1 – پەن تۈرى ئىمتىھانىدا ئاساسلىقى يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇن – بەلگىلىمىلەر، قاتناش سىگىنالى، يول يۈرۈش پىرىنسىپى قاتارلىق ئاساسىي بىلىملەردىن ئىمتىھان ئېلىنىدۇ، ئەسلىدىكى 1 – پەن تۈرىدىكى ئالاقىدار بىخەتەر، مەدەنىي ئاپتوموبىل ھەيدەش تەلىپى، مۇرەككەپ شارائىتلاردا بىخەتەر ئاپتوموبىل ھەيدەش تېخنىكا ماھارىتى، جىددىي ئەھۋالدا ۋاقىتلىق خىيىم خەتەرنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ساۋاتلار ئاجىرتىپ چىقىرىلىپ، 3 – پەن تۈرىدىكى بىخەتەر، مەدەنىي ئاپتوموبىل ھەيدەش ئومومىي ساۋات ئىمتىھان تۈرى قىلىنىپ، ئەمەلىي يول ئىمتىھانىدىن كېيىن، بۇ تۈردىن ئىمتىھان ئېلىنىدۇ. 1 – پەن تۈرى ئىمتىھانى 100 سۇئالدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئىمتىھان سۇئالى ھۆكۈم قىلىش ۋە تاق تاللاشتىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ، تولۇق نومۇر 100 نومۇر، 90 نومۇر ئالغانلار لاياقەتلىك بولغان بولىدۇ. جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ھازىر بار بولغان ئىمتىھان سۇئالى ئامبىرىغا قارىتا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارىدۇ ھەمدە قاتناش يول تىرانسىپورت مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە تەربىيەلەش، ئوقۇتۇش ۋە ئىمتىھان تىزىسىنى تۈزۈپ ئېلان قىلىپ، تەربىيەلەش ۋە باھالاش نىشانى، مۇھىم نۇقتىسى چىقىرىپ، تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەربىيەلەش، ئوقۇتۇشتا ئىشلىتىشى ئۈچۈن تەمىنلەيدۇ.
11. چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى، يۈك توشۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ 2 – پەن تۈرى ئىمتىھانىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى؟
  جاۋاب: چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى، يۈك توشۇش ئاپتوموبىللىرىنى ھەيدەيدىغانلارنىڭ بىخەتەر ئاپتوموبىل ھەيدەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، 123 – نومۇرلۇق بۇيرۇقتا چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى، يۈك توشۇش ئاپتوموبىللىرى 2 – پەن تۈرى ئىمتىھانىنىڭ تۈرىدە تەڭشەش ئېلىپ بېرىلدى، 100 مېتىردا يۇقىرى، تۆۋەن خوتقا سېلىش ئىمتىھانى 3  - پەن تۈرىنىڭ ئەمەلىي يول تېخنىكا ماھارەت ئىمتىھانىغا كىرگۈزۋېتىلگەن بولۇپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، تاغ رايونىدىكى يولدا جىددىي قايرىلىش، تۆپىلىك، يامغۇرلۇق (تۇمانلىق) ھاۋارايى، ھۆل، تېيىلغاق يول، جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە تار يول تەقلىدىي ئىمتىھان تۈرى كۆپەيتىلدى. تەڭشىگەندىن كېيىن، نەق مەيدان ئىمتىھانى تۈرى ئەسلىدىكى «10 تۈرلۈك مەشىق، ئالتە تۈرلۈك ئىمتىھان» دىن «16 تۈرلۈك مەشىق، ئىمتىھان» غا ئۆزگەرتىلدى.
يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن تەقلىدىي تۈرلەر ئاساسلىقى مۇرەككەپ يول شارائىتى ۋە جىددىي ئەھۋالدا بىخەتەر ئاپتوموبىل ھەيدەش ئاساسىي مەشغۇلات تەلىپى بويىچە باھالىنىدۇ، مەسىلەن، تەقلىدىي تېيىلغاق يول ئاساسلىقى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ تېيىلغاق يول بۆلىكىدە سۈرئەتنى ئاستىلىتىش، تۆۋەن سۈرئەتنى ساقلاپ ئاپتوموبىل ھەيدەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئاساسىي مەشغۇلات تېخنىكا ماھارىتى بويىچە باھالىنىدىغان بولۇپ، ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەمەلىي ئاپتوموبىل ھەيدەش جەريانىدا بۇ تۈردىكى مۇرەككەپ يول بۆلەكلىرىگە يولۇققاندا تەمتىرىمەسلىك، بىخەتەر ئاپتوموبىل ھەيدەش تەبىرىنى قوللىنىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلىدۇ.
12. كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللىرىنىڭ 2 – پەن تۈرى ئىمتىھان مەزمۇنىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى؟
جاۋاب: ئەسلىدە كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ 2 – پەن مەشىق تۈرى جەمئىي 10 تۈر بولۇپ، بۇلار كالتەك، يانتۇلۇقتا نۇقت بەلگىلەپ ئاپتوموبىل توختىتىش ۋە قوزغاش، يان تەرەپتە ئاپتوموبىل توختىتىش، تاق كۆۋرۈكتىن ئۆتۈش، ئەگىرى سىزىقتا ھەيدەش، تۈز بۇلۇڭلۇق قايرىلىش، چەكلىك سۈرئەتتە چەكلىك ئىشىكتىن ئۆتۈش، توسالغۇدىن ئۆتۈش، 100 مېتىر ئىچىدە يۇقىرى، تۆۋەن خوتقا سېلىش، ئىگىز – پەس يولدا ھەيدەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىمتىھاندىكى تۆت تۈرلۈك بولۇپ، چوقۇم بېرىدىغان ئىمتىھان تۈرلىرىدىن كالتەك، يانتۇلۇقتا نۇقتا بەلگىلەپ ئاپتوموبىل توختىتىش ۋە قوزغىتىش، يان تەرەپتە ئاپتوموبىل توختىتىش قاتارلىقلار بار، باشقا تۈرلەر ئىچىدىن خالىغان بىر تۈرنى تاللاپ ئىمتىھان بېرىشكە بولىدۇ. كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ 2 – پەن تۈرى ئىمتىھانىدىكى قىسمەن تۈرلەرنىڭ قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولماسلىقتەك مەسىلە ساقلانغان. مەسىلەن : توسالغۇدىن ئۆتۈش، تاق كۆۋرۈكتىن ئۆتۈش قاتارلىقلار ئەمەلىي تۇرمۇشتا كۆپ قوللىنىلمىغاچقا، ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى قارىسىغا يادىلاپ ئىمتىھان بېرىدۇ. ئىمتىھاننىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، 123 – نومۇرلۇق بۇيرۇقتا كىچىپ تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ 2 – پەن تۈرى ئىمتىھانى ئەلالاشتۇرۇلدى. بىرىنچى، كالتەك ئىمتىھاننىڭ لىنيەسى ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، ئاپتوموبىلنى ئامبارغا ياندۇرۇپ كىرىشكە ئۆزگەرتىلدى، ئىككى ئامبار ئوتتۇرىسىدىكى ئامبار يۆتكەش تۈرى بىكار قىلىندى. ئىككىنچى، 100 مېتىر ئىچىدە يۇقىرى، تۆۋەن خوتقا سېلىش، ئىگىز – پەس يولدا ھەيدەش قاتارلىق ئىككى تۈر ئەمەلىي يول ئىمتىھانىغا تەڭشەلدى. ئۈچىنچى، چەكلىك سۈرئەتتە چەكلىك ئىشىكتىن ئۆتۈش، توسالغۇدىن ئۆتۈش، تاق كۆۋرۈكتىن ئۆتۈش قاتارلىق ئۈچ تۈر بىكار قىلىندى. تەڭشەلگەندىن كېيىن، ئىمتىھان تۈرى ئەسلىدىكى «10 تۈرلۈك مەشىق، تۆت تۈرلۈك ئىمتىھان» دىن «بەش تۈرلۈك مەشىق ۋە ئىمتىھان» غا ئۆزگەرتىلدى، يەنى كالتەك، يانتۇلۇقتا نۇقتا بەلگىلەپ ئاپتوموبىل توختىتىش ۋە قوزغىتىش، يان تەرەپتە ئاپتوموبىل توختىتىش، ئەگىرى سىزىقتا ھەيدەش ۋە تۈز بۇلۇڭلۇق قايرىلىشتىن ئىبارەت بەش تۈرگە ئۆزگەرتىلدى.
    بۇنىڭدىن باشقا، 2 – پەن تۈرى مەيدان ئىمتىھانىدا، كۆرسەتكۈچ سىزىق ھازىر بار بولغان بەلگە خادىسىغا ئالماشتۇرۇلۇپ، ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ بەلگە خادىسىنى ئاساسىي قېلىپلاشقان نۇقتا سۈپىتىدە يادىلاپ ئىمتىھان بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىمتىھان ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇلدى.
13. 3-پەن تۈرى ئىمتىھانىنىڭ  مەزمۇنىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى؟
جاۋاب: ئەسلىدىكى بەلگىلەنگەن تۈر بويىچە ئېلىنىدىغان ئېمتىھان ئاپتوموبىلغا چىقىش تەييارلىقى، قوزغىتىش، ئۇدۇل لىنىيە بويىچە ھەيدەش، ئاپتوموبىل لىنىيەسىنى ئۆزگەرتىش، يول ئېغىزلىرىدىن ئۆتۈش، ئاپتوموبىلنى چەتكە تارتىپ توختىتىش، پىيادىلار توغرا يولىدىن ئۆتۈش، مەكتەپ بار رايونىدىن ئۆتۈش، ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتىدىن ئۆتۈش، ئاپتوموبىللار ئۇچرىشىش، ھالقىپ ئۆتۈش، ئاپتوموبىلنى بۇراش، كېچىدە يول يۈرۈشتىن ئىبارەت يول يۈرۈش تېخنىكا ماھارىتىدىن 13 خىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 123 – نومۇرلۇق بۇيرۇق يولغا قويۇلغاندىن كېيىن،3-پەن تۈرى ئىمتىھانى ئىككى بۆلەككە ئايرىلىدۇ. بىرىنچى بۆلەكتە: يولدا ئاپتوموبىل ھەيدەش تېخنىكا ماھارىتى ئىمتىھانى بولۇپ، يۇقىرى تۆۋەن خوتقا سېلىش مەشخۇلاتى، يول ئېغىزىدا سولغا بۇراش، يول ئېغىزىدا ئوڭغا بۇراشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئىمتىھان تۈرى كۆپەيتىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، چوڭ، ئوتتىرىھال يولۇچى، يۈك ئاپتوموبىللىرىغا قارىتا يەنە ئۆلكە دەرىجىلىك ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ئەمەلىي كۆپەيگەن تاغ رايونى، تونىل، تۆپىلىك قاتارلىق يول بۆلەكلىرىگە ئاساسەن ئىمتىھان مەزمۇنىنى كۆپەيتىش بەلگىلەندى. كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللارغا قارىتا، كېچىدە يول يۈرۈشتىن ئېلىنىدىغان ئېمتىھان   % 20تىن كەمم بولماسلىقى كېرەك، كېچىدە يول يۈرۈش ئىمتىھانى ئېلىنمىغاندا كېچىدە يول يۈرگەندە چىراق ئىشلىتىش بويىچە تەقلىدىي ئىمتىھان ئېلىنىشى كېرەك. ئىككىنچى بۆلەكتە: ئاپتوموبىلنى بىخەتەر، مەدەنىي ھەيدەش ساۋاتلىرى ئىمتىھانى بولۇپ، ئاساسلىق       مەزمۇنى: ئاپتوموبىلنى بىخەتەر، مەدەنىي ھەيدەش مەشخۇلاتى تەلىپى،  ناچار ھاۋارايى ۋە مۇرەككەپ يول شارائىتىدا ئاپتوموبىلنى بىخەتەر، ھەيدەش ساۋاتلىرى، ئاپتوموبىلنىڭ چاقى ئېتىلىپ كېتىش قاتارلىق جىددىي ئەھۋالدا خەتەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ۋە قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش بىلىملىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىمتىھان سۇئالى جەمئىي 50 سوئال بولۇپ، سوئاللار دېلو مىسالى، سۈرەت، كارتون سۈرەت قاتارلىق شەكىللەرنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، سوئالنىڭ تىپى ھۆكۈم قىلىش سوئالى، يەككە تاللاش سوئالى ۋە كۆپ تاللاش سوئالى بولۇپ، تولۇق نومۇر 100، 90 نومۇر ئالغانلار لاياقەتلىك بولىدۇ.
   14. 3-پەن تۈرى ئىمتىھانىدا ئەمەلىي يولدا ئاپتوموبىل ھەيدەش تېخنىكا ماھارىتى ئىمتىھانىدا مۇساپىگە قارىتا قانداق كونكرېت تەلەپ قويۇلىدۇ؟
جاۋاب: شوپۇرلارنىڭ تېخنىكا ماھارىتىنىڭ لاياقەتلىك ياكى ئەمەسلىكىنى باھالاشتا بەلگىلىك ئىمتىھان  ئارىلىقى  بولۇشى كېرەك، كۆپلىگەن دۆلەتلەردە شوپۇرلاردىن ئېلىنىدىغان ئىمتىھاندا بەلگىلىك مىقدارلاشتۇرۇلغان ئۆلچەم بار، مەسىلەن، ئەنگلىيىدە ئەمەلىي يول ئىمتىھانىنىڭ 45 مىنۇتتىن كەم بولماسلىقى، كانادادا 40 مىنۇتتىن كەم بولماسلىقى، مۇساپىسىنىڭ بەش كېلومېتىردىن 10 كېلومېتىرغىچە بولۇشى بەلگىلەنگەن. 123 – نومۇرلۇق بۇيرۇقتا ئەمەلىي يول شوپۇرلۇق تېخنىكا ماھارىتى ئىمتىھانىدىكى مۇساپە ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، چوڭ، ئوتتۇرىھال يولۇچىلار ئاپتوبوسى ئىمتىھانىدا مۇساپە 20 كېلومېتىردىن كەم بولماسلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە كۈندۈزدىكى ئىمتىھان مۇساپىسى 10 كېلومېتىردىن ، كېچىدىكى ئىمتىھان مۇساپىسى بەش كېلومېتىردىن كەم بولماسلىقى؛ سۆرەش ئاپتوموبىلى، شەھەر ئىچى ئاپتوبۇسى، چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى ئىمتىھانىدا مۇساپە 10 كېلومېتىردىن كەم بولماسلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە كۈندۈزدىكى ئىمتىھان مۇساپىسى بەش كېلومېتېردىن كەم بولماسلىقى، كېچە ئىمتىھانى مۇساپىسى ئۈچ كېلومېتىردىن كەم بولماسلىقى؛ كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل، كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق ئاپتوموبىل ، تۆۋەن سۈرئەتلىك يۈك ئاپتوموبىلى، مېيىپلار مەخسۇس ئىشلىتىدىغان كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق ئاپروموبىل ئىمتىھانىنىڭ مۇساپىسى ئۈچ كېلومېتىردىن كەم بولماسلىقى بەلگىلەنگەن.
   15. شوپۇرلۇق تېخنىكا ماھارىتى ئىمتىھانغا قاتنىشىش ئىسپاتىنىڭ چەكلىمىسىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى؟
جاۋاب: 1 – پەن تۈرى ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى  باشقۇرۇش ئورنى ئۆگەنگۈچىلەرگە شوپۇرلۇق تېخنىكا ماھارىتى  بويىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىش ئىسپاتى تارقىتىدۇ، ئۆگەنگۈچىلەر مۇشۇ ئىسپاتقا ئاساسەن، 2 -، 3 – پەنن تۈرى مەشقى ۋە ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ. ئەسلىدە بەلگىلەنگەن شوپۇرلۇق تېخنىكا ماھارىتى ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ئىسپاتنامىسىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش مۇددىتى ئىككى يىل بولىدۇ. ئۆگەنگۈچىلەرنى شوپۇرلۇق بويىچە تەربىيەلىنىش ئىمتىھانغا قاتنىشىش جەھەتتە يېتەرلىك ۋاقىتقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن 123 – نومۇرلۇق بۇيرۇقتا شوپۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ئىسپاتنامىسىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش ۋاقتى ئۈچ يىلغا ئۇزارتىلدى. 123 – نومۇرلۇق بۇيرۇق يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، كەڭچىلىك قىلىش، خەلققە قولايلىق يارىتىش پىرىنسىپى بويىچە 2013 – يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن  ئىلگىرى شوپۇرلۇق تېخنىكا ماھارىتى بويىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىش ئىسپاتنامىسى ئالغانلار نىڭ ئىسپاتنامىسى 2013 – يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن كېيىنمۇ يەنىلا كۈچكە ئىگە بولىدۇ، كۈچكە ئىگە بولۇش ۋاقتى  ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغا ئۇزارتىلدى.
   16. ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئىمتىھانغا ئالدىن كېلىشىش قېتىم سانىغا قارىتا قانداق يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىلدى؟
جاۋاب: شوپۇرلۇق مەكتەپلىرىىنىڭ تەربىيەلەش سۈپىىتىنى ئۆستۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، ئىمتىھان بايلىقىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، ئىمتىھاننى تەربىيەلەشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش يۈزىسىدىن  123 – نومۇرلۇق بۇيرۇقتا ماۋۇلار بەلگىلەندى: بىرىنچى، ئۈچ پەن تۈرىدە تەرتىپ بويىچە ئايرىم ئايرىم ھالدا ئىمتىھانغا ئالدىن كېلىشىشكە بولىدۇ، ھەر بىر پەن تۈرىدە ئالدىن كېلىشىلگەندىن كېيىن، بىر قېتىم ئىمتىھان بەرگىلى، بىر قېتىم تولۇقلاپ ئىمتىھانن بەرگىلى بولىدۇ. تولۇقلاپ ئىمتىھان بېرىشكە قاتناشمىغان ياكى ئىمتىھان بېرىپمۇ يەنە لاياقەتسىز بولغانلار ئىمتىھان بېرىشكە قايتىدىن ئالدىن كېلىشىشى كېرەك. ئىككىنچى، شوپۇرلۇق تېىنىكا ماھارىتى بويىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىش ئىسپاتنامىسى كۈچكە ئىگە مۇددەت ئىچىدە 2 – پەن تۈرى ۋە 3 – پەن تۈرىنىڭ شوپۇرلۇق تېخنىكا ماھارىتى ئىمتىھانىنىڭ ئالدىن كېلىشىش قېتىم سانى ھەر قايسىسىنىڭ بەش قېتىم(ھەر قايسىسىدا ئون قېتىم ئىمتىھان بېرىش پۇرسىتى بار ) بولىدۇ.بەشىنچى قېتىم  ئالدىن كېلىشىپ ئىمتىھان بېرىپ لاياقەتسىز بولغانلارنىڭ لاياقەتلىك بولغان باشقا پەن تۈرى نەتىجىلىرى بىكار قىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆگەنگۈچىلەر 1 – پەن تۈرىدىن باشلاپ قايتا ئىمتىھان بېرىدۇ. ئۈچىنچى، 1 – پپەن تۈرى ۋە 3 – پەن تۈرىدىكى بىخەتەر، مەدەنىي ئاپتوموبىل ھەيدەش ساۋاتلىرى ئىمتىھانىدا ئالدىن كېلىشىپ ئىمتىھان بېرىشكە چەك قويۇلمايدۇ. 3 – پەن تۈرىدىكى بىخەتەر، مەدەنىي ئاپتوموبىل ھەيدەش ساۋاتلىرى ئىمتىھانىغا 3 – پەن تۈرىدىكى شوپۇرلۇق تېخنىكا ماھارىتى ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولغاندىلا ئاندىن قاتنىشالايدۇ  ، ئىمتىھاندا لاياقەتسىز بولغانلار تولۇقلاپ ئىمتىھان بېرىشكە بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، بۇنىڭدىن ئاۋال شوپۇرلۇق تېخنىكا ماھارىتى بويىچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغان بولسا شۇ نەتىجى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
   17. 123 – نومۇرلۇق بۇيرۇق يولغا قويۇلۇشتىن ئاۋال  ئالدىن كېلىشىپ ئىمتىھان بەرگەن قېتىم سانى يەنىلا ھېساب قىلىنامدۇ؟
جاۋاب: 123 – نومۇرلۇق بۇيرۇق ييولغا قويۇلۇشتىن ئاۋال ئالدىن كېلىشىپ ئىمتىھان بەرگەن قېتىم سانى بەش قېتىم ئالدىن كېلىشىپ ئىمتىھان بەرگەن چەكلىمە ئىچىدىكى قېتىم سانى ئىچىدە ھېسابلانمايدۇ. 123 – نومۇرلۇق بۇيرۇق يولغا قويۇلغاندىن كېيىن 2013 – يىلى 1 – ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئالدىن كېلىشىلگەن ئىمتىھان سانى ھېسابلىنىدۇ، شوپۇرلۇق تېخنىكا ماھارىتى بويىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىش ئىسپاتنامىسى كۈچكە ئىگە بولغان مەزگىلدە 2 – پەن تۈرى ۋە 3 – پەن تۈرى بويىچە ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ ھەر قايسىسىدا بەش قېتىمدىن ئالدىن كېلىشىپ ئىمتىھانغا قاتنىشىش پۇرسىتى بولىدۇ.
   18. ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئالدىن كېلىشىپ ئىمتىھانغا قاتنىشىش شەكلىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولدى؟
جاۋاب: ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ ئىمتىھانى ئۈچ پەن تۈرىگە ئايرىلىدۇ، ھەر بىر پەن تۈرى ئىمتىھانىدىن ئىلگىرى چوقۇم ئالدىن كېلىشىش كېرەك. 123 – نومۇرلۇق بۇيرۇقتا ئىلتىماس قىلغۇچى تور، تېلېفون قاتارلىق شەكىللەردىن پايدىلىنىپ ئىمتىھانغا ئالدىن كېلىشىشتىن ئىبارەت ئىمتىھانغا ئالدىن كېلىشىش شەكلى كۆپەيتىلگەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش، خىزمەت ۋە  تۇرمۇش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئالدىن كېلىشىپ ئىمتىھان بېرىش ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش ئورنىدا ئۆچىرەتتە تۇرۇ پ  ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىغا قولايلىق يارىتىلىدۇ.  ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئامما مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئالدىن كېلىشىلگەن ۋاقىتتا ئىمتىھانغا قاتنىشالمايدىغان بولسا،  بىر كۈن بۇرۇن خەۋەرلەندۈرۈپ، ئالدىن كېلىشىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى كېرەك، ئالدىن خەۋەرلەندۈرمىگەنلەر ئىمتىھانغا قاتناشمىغانلار قاتارىدا قارىلىپ، ئىمتىھاندا لاياقەتسىز قىلىنىدۇ.
   19. 123-نومۇرلۇق پەرمان يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن تىزىملاتقان، بىراق ئىمتىھاننى تۈگەتمىگەن كۇرسانتلار قايسى ئۆلچەم بويىچە ئىمتىھان بېرىدۇ؟
   جاۋاب: 123-نومۇرلۇق پەرمان يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇنقى لاياقەتلىك ئىمتىھان نەتىجىسى (كالتەك ئىمتىھانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يەنىلا كۈچكە ئىگە. 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، 1-پەن تۈرى، 2-پەن تۈرى ۋە 3-پەن تۈرىنىڭ ئىمتىھانى يېڭى ئىمتىھان مەزمۇنى ۋە ئۆلچىمى بويىچە ئېلىنىدۇ. 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن 2-پەن تۈرىنىڭ كالتەك ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن، 2-پەن تۈرىنىڭ باشقا ئىمتىھانلىرىنى تۈگەتمىگەنلەر 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن 2-پەن تۈرىنىڭ ئىمتىھانىغا داۋاملىق قاتناشقاندا، كالتەك ئىمتىھانى ياكى ئاپتوموبىلنى كەينىچە ھەيدەپ ئامبارغا كىرىش تۈرىنىڭ ئىمتىھانىغا قاتناشمىسىمۇ بولىدۇ.
   20. ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، پىراۋىنى قايسى ۋاقىتتا ئېلىۋالسا بولىدۇ؟
   جاۋاب: ئىلتىماس قىلغۇچى 3-پەن تۈرىنىڭ ئىمتىھانىدا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، يىرىم سائەتتىن كەم بولمىغان قاتناش بىخەتەرلىكى، مەدەنىي ئاپتوموبىل ھەيدەش ساۋاتلىرى ۋە قاتناش ھادىسىسى دېلو مېساللىرى ئىبرەت تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىشى ھەمدە پىراۋا ئېلىش بويىچە قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشى كېرەك، ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى ئىلتىماس قىلغۇچى قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشقان كۈنى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى پىراۋىسىنى تەكشۈرۈپ تارقىتىدۇ. ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ پىراۋا ئېلىشتىن بۇرۇنقى بىخەتەر، مەدەنىي ئاپتوموبىل ھەيدەش تەربىيەسى، قاتناش ھادىسىسى دېلو مىساللىرى ئىبرەت تەربىيەسى ۋە قەسەم بېرىش ھالقىسىنى كۆپەيتىش يېڭى شوپۇرلاردا مەدەنىي، ئەدەبلىك، بىخەتەرلىككە ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان ئاپتوموبىل ھەيدەش ئېڭى ۋە ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر.
   21. شوپۇرلۇق ئىمتىھانى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى چىڭىتىش جەھەتتە قانداق كونكىرىت بەلگىلىمىلەر بار؟
   جاۋاب: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ئىمتىھان ساقچىلىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش، پەن-تېخنىكىلىق باھالاش-ھۆكۈم قىلىش، نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى قوللىنىش، ئىچكى-تاشقى نازارەتچىلىك مىخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، شوپۇرلۇق ئىمتىھانى خىزمىتىنىڭ قېلىپلىشىش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. بىراق، ئىمتىھان قىلىپلاشماسلىق، ئىمتىھان تۈزۈمى ئەمەلىيلەشمەسلىكتەك بىر قىسىم مەسىلىلەر يەنىلا مەۋجۇت. ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىنىڭ ئىمتىھان ئېلىش، پىراۋا تارقىتىشىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى يەنىمۇ قىلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، 123-نومۇرلۇق پەرماندا ئىمتىھان خىزمىتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مىخانىزمى ۋە ئىمتىھان خىزمىتىنىڭ ئىنتىزام بەلگىلىمىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بىرىنچىدىن، ئىمتىھان خىزمىتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مىخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، شوپۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ كەسپىي سان-سىپىرلىرىنى ئانالىز قىلىش، تەكشۈرۈش مىخانىزمى ئورنىتىلىپ، ئىمتىھان ئىقتىدارى، ئىمتىھان سۈپىتىنى ئېلان قىلىش تۈزۈمى قاتارلىق ئىجتىمائىي نازارەتچىلىك مىخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. ئىككىنچىدىن، ئىمتىھان ئالغۇچىلارنىڭ خىزمەت ئىنتىزامى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەش ئىجازەت شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، ئىمتىھان بەرمىگەن، ئىمتىھاندا لاياقەتسىز بولغانلارغا پىراۋا بەرگەن، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ تۈرىنى ئازايتىۋەتكەن، باھالاش، ھۆكۈم قىلىش ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەن ياكى ئىمتىھاندا ساختىلىق ئىشلىتىشكە قاتناشقان، ياردەملەشكەن، يول قويغان، تەربىيەلەش ئاپپاراتى، تىرېنېر، ئىمتىھان بەرگۈچى بەرگەن مال-مۈلۈكنى قوبۇل قىلغانلارغا مۇناسىپ جازا بېرىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا، جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئىمتىھان مەسئۇلىيىتىنى تەتۈر تەرتىپ بويىچە تەكشۈرۈش يولغا قويۇلىدۇ. ئۈچ يىلدىن تۆۋەن ئىستاژى بار شوپۇرلار ئۆلۈم-يېتىم كۆرۈلگەن قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىپ، ئاساسلىق مەسئۇلىيەتتىن يۇقىرى جاۋابكارلىق ئارتىلغان بولسا، ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىنىڭ ئىمتىھان ئېلىش، پىراۋا تارقىتىشتىكى مەسئۇلىيىتى تەتۈر تەرتىپ بويىچە تەكشۈرۈلىدۇ. ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىدا بەلگىلىمىگە ئېغىر خىلاپ ھالدا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى پىراۋىسى كەسپىنى بېجىرىش ئەھۋالى ساقلانغان بولسا، يۇقىرى دەرىجىلىك تارماق ئۇنىڭ كەسىپلىرىنى ۋاقىتلىق توختىتىۋەتسە ياكى كەسىپلەرنى ئۆتكۈزۈۋېلىشقا ئادەم ئەۋەتسە بولىدۇ.
   22. شوپۇر تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ تەربىيەلەش خىزمىتىگە قارىتىلغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش توغرىسىدا قانداق بەلگىلىمىلەر بار؟
   جاۋاب: شوپۇر تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ تەربىيەلەش سۈپىتى خىزمىتىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، 123-نومۇرلۇق پەرماندا قوبۇل قىلغان ئىمتىھان بەرگۈچى سانى، ئىمتىھان سۈپىتىنى ئاشكارا رەتكە تۇرغۇزۇش، شوپۇر تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ مەسىلىسىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە قاتتىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى: بىرىنچىدىن، ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى شوپۇر تەربىيەلەش ئاپپاراتىنىڭ تىرېنېرى، مەشىق ئاپتوموبىلى، مەشىق مەيدانى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى رويىخەتكە ئالىدۇ ھەمدە قوبۇل قىلىدىغان ئىمتىھان بەرگۈچى سانىنى بىكىتىپ، جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ. ئىككىنچىدىن، ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ھەر ئايدا جەمئىيەتكە تەۋەلىك رايونىدىكى شوپۇر تەربىيەلەش ئاپپاراتىنىڭ ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى، ئىستاژى ئۈچ يىلغا توشمىغان شوپۇرلارنىڭ قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش نىسبىتى ۋە قاتناش ۋەقەسى تۇغدۇرۇش نىسبىتى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاپ، ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتىگە ئاساسەن شوپۇر تەربىيەلەش ئاپپاراتىنىڭ تەربىيەلەش سۈپىتىنى ئاشكارا رەتكە تېزىشى ھەمدە تەربىيەلەشنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى شوپۇر تەربىيەلەش ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ تىرېنېرلىرىدا تەربىيەلەش ۋاقتىنى قىسقارتىۋېتىش، تەربىيەلەش تۈرلىرىنى ئازايتىۋېتىش ۋە ئىمتىھان ئالغۇچىغا پارا بېرىش، ئىمتىھاندىن ئۆتكۈزۈپ قويۇشقا ۋەدە بېرىش قاتارلىق ناملاردا كۇرسانتلاردىن مال-مۈلۈك تەلەپ قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا پىراۋا بېجىرىش ياكى ئىمتىھاندا ساختىلىق ئىشلىتىشكە قاتنىشىش قىلمىشى ساقلانغانلىقىنى بايقىسا، ئاساسلىق تەبىيەلەش تارماقلىرىغا مەلۇم قىلىشى ھەم جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك.

شوپۇرلۇق كىنشىكىسىنىڭ  ئىشلىتىلىشى

   23 . چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرى شوپۇرلىرىنى ئىنچىكە تەكشۈرۈشتە قانداق بەلگىلىمىلەر بار؟
جاۋاب: چوڭ، ئۇتتۇرا يۈك ئاپتوموبىللىرى، تىراكتور، شەھەرلەردىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇس، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرى، چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرى شوپۇرلىرىنى تەكشۈرۈشىتە تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل ئۇسۇل بار: بىرىنچىدىن، ھەربىر نۇمۇر خاتىرىلەش ئاياغلاشقاندىن كېيىن 30 كۈن ئىچىدە ج خ قاتناش تارماقلىرىغا بېرىپ ئىنچىكە تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. نۇمۇر خاتىرىلەش ۋاقتىدا نۇمۇر خاتىرىلەش خاتىرىسى بولمىسا، بۇ قېتىملىق نۇمۇر خاتىرىلەش ۋاقتىنىڭ ئىنچىكە تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىشقا بولىدۇ. ئىنچىكە تەكشۈرۈش مەزگىلىدە، شوپۇرلار تەن سالامەتلىك جەدۋىلىنى ئەينەن توشقۇزۇپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرى چىقارغان تەن سالامەتلىك تەكشۈرۈتۈش ئىسپاتى كېرەك ئەمەس. ئىككىنچىدىن، شوپۇرلۇق كىنشكىسىنى باشقا جايغا يۆتكەش ياكى ئۈنۈملۈك ۋاقتى توشۇپ، كىنىشكە ئالماشتۇرۇلىدىغاندا، ج خ قاتناش تارماقلىرىغا بېرىپ، ئىنچىكە تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. ئىنچىكە تەكشۈرۈش مەزگىلدە شوپۇرلار داۋالاش ئاپپاراتلىرى چىقارغان تەن سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش ئىسپاتىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. ئەڭ مۇھىم ئەسكەرتىش شۇكى، شوپۇرلار بەلگىلىمە بويىچە ئىنچىكە تەكشۈرۈشكە قاتناشمىغان بولسا ھەمدە ماتۇرلۇق قايناش ۋاسىتىلىرىنى ئىنچىكە تەكشۈرتۈشكە قاتناشتۇرمىغان بولسا، ج خ قاتناش تارماقلىرى 200 يۈەندىن يۇقىرى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قىسمەن چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، تىراكتور، شەھەرلەردىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇس، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرى شوپۇرلىرى چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرى ھەيدەشكە ئېھتىياجى چۈشمىسە، كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل پىراۋىسىغا تۆۋەنلىتىشكە تەشەببۇسكارلىق ئىلتىماس قىلىشى، ۋاقتى ئۆتۈپ، ئىنچىكە تەكشۈرۈتمەي ئالاقىدار جازالارغا ئۇچراشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
   24 . كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللىرى، موتسىكىلت قاتارلىق ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ شوپۇرلىرىنى ئىنچىكە تەكشۈرۈشتە قانداق بەلگىلىمىلەر بار؟
جاۋاب: كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللىرى، موتسىكىلت قاتارلىق ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ شوپۇرلىرىنى ئىنچىكە تەكشۈرۈشتە تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل ئۇسۇل بار: بىرىنچىدىن، قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ، خادىملارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش قاتارلىقلاردىن يۇقىرى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى كۈچىدىن قالمىسا، نۇمۇر خاتىرىلەش ۋاقتى ئاياغلىشىپ، 30 كۈن ئىچىدە ج خ قاتناش تارماقلىرىغا بېرىپ، ئىنچىكە تەكشۈرۈشكە قاتنىشىشى؛ ئىككىنچىدىن، پىراۋىنى باشقا جايغا يۆتكەش ياكى ئۈنۈملۈك ۋاقتى توشۇپ، كىنىشكە ئالماشتۇرۇلىدىغاندا، ج خ قاتناش تارماقلىرىغا بېرىپ، ئىنچىكە تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. ئەڭ مۇھىم ئەسكەرتىش شۇكى، شوپۇرلار بەلگىلىمە بويىچە ئىنچىكە تەكشۈرۈشكە قاتناشمىغان بولسا ھەمدە ماتۇرلۇق قايناش ۋاسىتىلىرىنى ئىنچىكە تەكشۈرتۈشكە قاتناشتۇرمىغان بولسا، ج خ قاتناش تارماقلىرى 200 يۈەندىن يۇقىرى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ،
   25 . شوپۇرلارنى ئىنچىكە تەكشۈرۈشتە قانداق مەزمۇنلار بار؟
جاۋاب: ج خ قاتناش تارماقلىرى شوپۇرلارنىڭ قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش ۋە قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش، تەن سالامەتلىك، قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ نۇمۇر خاتىرىلەش ۋە 12 نۇمۇر تۇتۇلغاندىن كېيىن ئۈگىنىش، تەربىيەگە قاتنىشىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىنچىكە تەكشۈرۈش كېرەك. چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، تىراكتور، شەھەرلەردىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇس، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرى شوپۇرلىرى قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ نۇمۇر تۇتۇلغان بولسا، ھەمدە كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل ۋە مۇتسىكىلت قاتارلىق ئاپتوموبىل تىپىدىكى شوپۇرلار قاتناش ھادىسىسىدە خادىملارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش قاتارلىقلاردىن يۇقىرى ھەمدە شوپۇرلۇق كىنىشكىسى كۈچىدىن قالمىسا، ئىنچىكە تەكشۈرۈش قوبۇل قىلغاندا ئۈچ سائەتلىكتىن يۇقىرى قاتناش تاشيۇل بىخەتەرلىك قانۇن – قائىدىسى، قاتناش بىخەتەرلىكى بويىچە مەدەنىي ئاپتوموبىل ھەيدەش، جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق بىلىملەرنى ئۆگىنىشى ھەمدە قاتناش بىخەتەرلىكى دىلۇسى بويىچە ئىبىرەت تەربىيەسى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
    26. پىراۋىنى ئالماشتۇرۇشتا ئىنچىكە تەكشۈرتكەن بولسا، نۇمۇر خاتىرىلەش ۋاقتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن يەنە ئىنچىكە تەكشۈرتۈش كېرەكمۇ – ياق؟
جاۋاب: شوپۇرلار پىراۋىسىنى ئالماشتۇرغاندا، بەلگىلىمە بويىچە ئىنچىكە تەكشۈرۈشكە قاتنىشىشى كېرەك. ئالماشتۇرۇلغاندىن كېيىن بۇ قېتىمقى نۇمۇر خاتىرىلەش ۋاقتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىنىڭ يىڭىدىن نۇمۇر خاتىرىلەنسە ھەمدە باشقا ئاپتوموبىل تىپلىرىنىڭ شوپۇرلىرى قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ، خادىملارنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان بولسا، نۇمۇر خاتىرىلەش ۋاقتى ئاياغلىشىپ، 30 كۈن ئىچىدە يەنە بىر قېتىم ئىنچىكە تەكشۈرۈشكە قاتنىشىشى كېرەك. يەنە بىر قېتىم ئىنچىكە تەكشۈرۈشكە قاتناشقاندا ئۆگىنىش، تەربىيەگە قاتناشمىسىمۇ بولىدۇ.
27. چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ شوپۇرلىرى 123 – نۇمۇرلۇق پەرمان ئىجرا قىلىنىشتىن بۇرۇن نۇمۇر خاتىرىلەش ئىنچىكە تەكشۈرۈشنىڭ ئىسپاتى قىلسا بولامدۇ – يۇق؟
جاۋاب: قانۇنغا ئاساسەن ئىلگىرىكىنى سۈرۈشتۈرمەسلىك پىرىنسىپىغا ئاساسەن، 2013 – يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن بۇرۇن قانۇنغا خىلاپلىق قىلغا ھەمدە نۇمۇر خاتىرىلەنگەن بولسا، ئىنچىكە تەكشۈرۈشكە قاتنىشىنىڭ ئىسپاتى قىلىنمايدۇ. 2013 – يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن كېيىن قانۇنغا خىلاپلىق قىلغا ھەمدە نۇمۇر خاتىرىلەنگەن بولسا،ئىنچىكە تەكشۈرۈشكە قاتنىشىنىڭ ئىسپاتى قىلىنىدۇ.
    28. چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرى ئىنچىكە تەكشۈرۈشكە قاتناشقاندا تەن سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئىسپاتى تاپشۇرۇلامدۇ – يۇق؟
جاۋاب: چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، تىراكتور، شەھەرلەردىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇس، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرى شوپۇرلىرى ئىنچىكە تەكشۈرۈشكە قاتناشقاندا تەن سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش جەدۋىلىنى توشقۇزۇشى، قايتا دوختۇرخانىغا بېرىپ، تەن سالامەتلىكىنى تەكشۈرتمەسلىكى كېرەك، لېكىن ئۈنۈملۈك ۋاقىتى ئىچىدە شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئالماشتۇرسا ۋە شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئالماشتۇرۇش كەسپىگە كىرمەكچى بولسا، يەنە ناھىيە دەرىجىلىك ياكى قىسىم، تۈەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى داۋالاش ئاپپاراتلىرى چىقارغان تەن سالامەتلىكنى تەكشۈرتۈش ئىسپاتى لازىم بولىدۇ.
   29 . قانداق شوپۇرلۇق كىنىشكىسى كەسپىنى بىجىرگەندە تەن سالامەتلىكنى تەكشۈرتۈش ئىسپاتى لازىم بولىدۇ؟
جاۋاب: شوپۇرلار تۆۋەندىكىدەك كەسىپلەرنى بىجىرگەندە، ناھىيە دەرىجىلىك ياكى قىسىم، تۈەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى داۋالاش ئاپپاراتلىرى چىقارغان تەن سالامەتلىكنى تەكشۈرتۈش ئىسپاتى لازىم بولىدۇ: بىرىنچىدىن، شوپۇرلۇق كىنىشكىسىگە تۇنجى ئىلتىماس قىلىش ۋە ھەيدەش رۇخسەت قىلىنغان ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىلتىماس قىلىش. ئىككىنچىدىن، ئارمىيە، قۇراللىق قىسىم، چېگرا سىرتى پىراۋىسىنى ئالماشتۇرغاندا، ئۈنۈملۈك ۋاقتى توشۇپ ئالماشتۇرغاندا، ھەمدە چېگرا سىرتى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىگە ئالماشتۇرۇش كەسپىگە كىرىش. ئۈچىنچى، تەن سالامەتلىك ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولغاندا، ئۆزلىكىدىن شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتسە بولىدۇ. تۆتىنچىدىن،يېشى 60 ياشتىن ئاشقان شوپۇرلار ھەر يىلى بىر قېتىم تەن سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئىسپاتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك؛ ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنغان ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى بويىچە مىيىپلەرنىڭ مەخسۇس ئىشلىتىدىغان كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق يولۇچىلار ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرى ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم تەن سالامەتلىكنى تەكشۈرتۈش ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئەڭ مۇھىم ئەسكەرتىش شۇكى، مىيىپلەرنىڭ مەخسۇس ئىشلىتىدىغان كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق يولۇچىلار ئاپتوموبىلى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىگە ئىگە كىشىلەر ئۆلكە دەرىجىلىك سەھىيە تارماقلىرى بېكىتكەن مەخسۇس داۋالاش ئاپپاراتلىىرى چىقارغان تەن سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئىسپاتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
   30 . چېگرا سىرتى، ئارمىيە، قۇراللىق قىسىم شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئالماشتۇرۇشتا پىراكتىكا ۋاقتى بويىچە باشقۇرۇشقا كىرگۈزۈلەمدۇ – يۇق؟
جاۋاب: ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى پىراۋىسىنى تۇنجى قېتىم ئىلتىماس قىلىش ۋە ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنغان ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىدا پىراكتىكا ۋاقتى بويىچە باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ، چېگرا سىرتى، ئارمىيە، قۇراللىق قىسىم شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئالماشتۇرىدىغان شوپۇرلار ھەيدەش تارىخى بولسا، شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئالماشتۇرغاندىن كېيىن پىراكتىكا ۋاقتى بويىچە باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ.
   31 . پىراكتىكا ۋاقتى بويىچە باشقۇرۇشتا قانداق يېڭى بەلگىلىمىلەر بار؟
جاۋاب: شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىشتا پىراكتىكا ۋاقتى بويىچە باشقۇرۇشنى چېڭىتىش يېڭى شوپۇرلارنىڭ مەدەنىي يول قويۇش، بىخەتەر يول يۈرۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىش ئېڭى ۋە ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. يېڭى شوپۇرلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، 123 – نۇمۇرلۇق پەرمانتا شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئېلىشتا پىراكتىكا ۋاقتى بويىچە باشقۇرۇش تۈزۈمى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن: بىرىنچىدىن، يېڭىدىن ئالغان چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، تىراكتور قاتارلىق شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئالغان شوپۇرلار بىردەك پىراكتىكا ۋاقتى بويىچە باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ. ئىككىنچىدىن، پىراكتىكا ۋاقتى ئىچىدە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ھەيدەش تەلەپ قىلىنغان بولسا، ماس ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئاپتوموبىل تىپى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىگە ئىگە بولغىنىغا ئۈچ يىلدىن ئاشقام شوپۇرلار ھەمراھ بولۇشى كېرەك. ئۈچىنچىدىن،  پىراكتىكا مەزگىلدە  12 نۇمۇر خاتىرىلەنگەن بولسا، پىراكتىكا ئاپتوموبىلىنى ھەيدەش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ. تۆتىنچىدىن، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار، يۈك ئاپتوموبىللىرى شوپۇرلىرىنىڭ پىراكتىكا ۋاقتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، مەدەنىي، بىخەتەرلىك ھەيدەش قاتالىق ئىمتىھانلارغا قاتنىشىپ، قاتناش بىخەتەرلىكى بۇيىچە ئاگاھلاندۇرۇش تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. بەشىنچىدىن، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار، يۈك ئاپتوموبىللىرى شوپۇرلىرى پىراكتىكا مەزگىلىدە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ ئالتە نۇمۇر خاتىرىلەنگەن بولسا، پىراكتىكا مەزگىلى بىر يىل ئۇزارتىلىدۇ؛ ۋاقتى ئۇزارتىلغان پىراكتىكا مەزگىلىدە يەنە ئالتىدىن يۇقىرى نۇمۇر خاتىرىلەنگەن، ئەمما 12 نۇمۇرغا يەتمىگەن بولسا، پىراكتىكا مەزگىلدىكى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەش سالاھىيىتى تىزىملىكتىن چىقىرىۋىتىلىدۇ. ئەڭ مۇھىم ئەسكەرتىش شۇكى، پىراكتىكا مەزگىلىدە شوپۇرلار ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە ئاپتوموبىلنىڭ ئارقىسىغا پىراكتىكا دىگەن بەلگىنى چاپلاپ قويۇشى كېرەك.
   32 . يېڭى پىراكتىكا بويىچە باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى قانداق ئىجرا قىلىنىدۇ؟
جاۋاب: قانۇندىكى ئىلگىرىكىنى سۈرۈشتۈرمەسلىك پىرىنسىپىغا ئاساسەن، 3013 – يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن كېيىن شوپۇرلۇق كىنىشكىسىگە ئىلتىماس قىلغان ياكى دەرىجىسىنى ئاشۇرغان بولسا، ئاندىن 123 – نۇمۇرلۇق پەرمانتىكى پىراكتىكا مەزگىلدىكى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى ئىجرا قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇن شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئالغان، 2013 – يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن كېيىن پىراكتىكا مەزگىلى ئاياغلاشمىغان بولسا، يەنىلا ئەسلىدىكى پىراكتىكا ۋاقتى بويىچە باشقۇرۇش ئىجرا قىلىنىدۇ.
   33 . پىراكتىكا ۋاقتىدا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئاپتوموبىل ھەيدىگەن بولسا ھەمراھ بولغان خادىمنىڭ قانداق پىراۋىسى بولۇشى كېرەك؟
جاۋاب: پىراكتىكا ۋاقتىدا شوپۇرلار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئاپتوموبىل ھەيدىگەن بولسا، ئۇنىڭغا ماس ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى دەرىجىلىك شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئالغىنىغا ئۈچ يىلدىن ئاشقان شوپۇرلار ھەمراھ بولۇشى كېرەك. مىيىپلەرنىڭ مەخسۇس ئىشلىتىدىغان ئاپتوماتىك خوتلۇق يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ھەيدىگەندە، كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق يولۇچىلار ئاپتوموبىلىدىن يۇقىرى ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنغان ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىگە ئىگە شوپۇرلار ھەمراھ بولۇشى كېرەك. جەدۋەل بويىچە ھەمراھ بولىدىغان خادىملارنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسى تۈرى تۆۋەندىكىچە:


ھەمراھ بولىدىغان شوپۇرلارنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسى
پىراكىتىكا شوپۇرلارنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسى
A1
A1(چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى)
A2
A2(تىراكتۇر)
A1,A3
A3(شەھەرلەردىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇس)
A1,A2,B1
B1(ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى)                        
A1,A2,B2
B2 (چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى)
A1,A2,A3,B1,B2,C1
C1(كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل)
A1,A2,A3,B1,B2,C1,C2
C2(كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق ئاپتوموبىل)
A1,A2,A3,B1,B2,C1,C2,C5
C5(مىيىپلەر مەخسۇس ئىشلىتىدىغان كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق يولۇچىلار ئاپتوموبىلى)

   34. قانداق ئەھۋالدا پىراكتىكا ۋاقتى ئۇزارتىلىدۇ؟
جاۋاب: شوپۇرلار 2013 – يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن كېيىن يېڭىدىن چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، تىراكتور، شەھەرلەردىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇس، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئالغان بولسا، پىراكتىكا مەزگىلىدە ئالتىدىن يۇقىرى 12 دىن تۆۋەن نۇمۇرى تۇتۇلغان بولسا، پىراكتىكا ۋاقتى بىر يىل ئۇزارتىلىدۇ. پىراكتىكا ۋاقتىنى ئۇزارتىش مەزگىلىدە تۆۋەندىكىدەك ئىزلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك: بىرىنچىدىن، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا بەلگىلىمىە بويىچە شوپۇر ھەمراھ بولۇشى كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، قايتا يەنە ئالتە نۇمۇرى تۇتۇلغان بولسا، پىراكتىكا ۋاقتىدىكى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەش بىكار قىلىنىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، نۇمۇر تۇتۇلۇش ۋاقتىدا 12 نۇمۇرى تۇتۇلغان بولسا دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلىدۇ؛ تۆتىنچىدىن، پىراكتىكا ۋاقتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن تەربىيەلەش ئىمتىھانىغا قاتنىشىشى كېرەك.
35. شوپۇرلار زەھەرگە چېتىلىپ قېلىپ، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى كۈچتىن قېلىش ئەھۋاللىرى قايسىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
جاۋاب: زەھەرگە چېتىلىپ قالغان شوپۇرلارنىڭ ئىككى خىل ئەھۋالدا شوپۇرلۇق كىنىشكىسى كۈچتىن قالىدۇ: بىرىنچىدىن، زەھەر ئىستىمال قىلغان، ئۇكۇل قىلىپ ئۇرغاندىن كېيىن ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدىگەن بولسا؛ ئىككىنچىدىن، مەھەللىدە زەھەر تاشلاۋاتقان، مەجبۇرىي ئايرىلىپ زەھەر تاشلاۋاتقان ياكى مەھەللىدە ساغلاملىقىنى تۈگىتىش تەدبىرلىرى ئىجرا قىلىنغان بولسا. شوپۇرلار زەھەرگە چېتىلىپ قالغاندىن كېيىن شوپۇرلۇق كىنىشكىسى كۈچتىن قالغاندىن كېيىن ئۈچ يىل ئىچىدە زەھەر چەكمىگەن، زەھەر ئۇرمىغان بولسا ياكى مەجبۇرىي زەھەر تاشلاتقۇزۇش تەدبىرى بىكار قىلىنىپ ئۈچ يىل توشقان بولسا، قايتىدىن شوپۇرلۇق كىنىشكىسىگە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
  36 . چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار، يۈك ئاپتوموبىللىرى شوپۇرلىرىنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش تۈزۈمى قانداق بەلگىلەنگەن؟
جاۋاب: چوڭ، تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، تىراكتور، شەھەرلەردىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇس، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بار شوپۇرلار قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ،  باشقىلارنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، نۇمۇر تۇتۇلۇش ۋاقتىدا 12 نۇمۇر تۇتۇلغان ياكى ئۇدا ئۈچ قېتىم نۇمۇر خاتىرىلەش ۋاقتىدا ئىنچىكە تەكشۈرۈشكە قاتناشمىغان بولسا شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنىڭ دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلىدۇ، ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ئەڭ يۇقىرى ئاپتوموبىل ھەيدەش سالاھىيىتىنى بىكار قىلىدۇ.
   37 . پەرماندا بەلگىلەنگەن شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنىڭ دەرىجىسى تۆۋەنلىتىش تۈزۈمى قايسى خىلدىكى ئاپتوموبىللارنى كۆرسىتىدۇ؟
جاۋاب: شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى تۆۋەنلىتىش تۈزۈمى پەقەت چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، تىراكتور، شەھەرلەردىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇس، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، پەيدىنپەي تۆۋەنلىتىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا C1 گە تۆۋەنلىتىلىدۇ. كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل، موتسىكلىت قاتارلىق ئاپتوموبىل تىپلىرىدا دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش مەسىلىلىرى مەۋجۈت. ئەڭ مۇھىم ئەسكەرتىش شۇكى، دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىشتە، ھەر بىر قېتىملىق ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى تىپىدە ئەڭ يۇقىرى بىر ئاپتوموبىل تىپى بىكار قىلىنىدۇ، مەسىلەن، شوپۇرلار A1,A2شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بولسا، 1 – قېتىم  A1بىكار قىلىنىدۇ.
   38 . چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار، يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ پەيدىنپەي ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىشتە قايسى پىرىنسىپ قوللىنىلىدۇ؟
جاۋاب: چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، تىراكتور، شەھەرلەردىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇس، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىدە بەلگىلىمە بويىچە دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلىدۇ، سىلىشتۇرما جەدۋەلدە تۆۋەنلىتىش دەرىجىسى كۆرسىتىلگەن:


تۆۋەنلىتىلگەندىن كېيىنكى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى تىپى
تۆۋەنلىتىشتىن بۇرۇنقى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى تىپى
A3,B1,B2
A1
A2,A3
A1,A2
B1,B2
A2
A3,B1,B2
A2,A3
C1
A3
B1
A3,B1
B2
A3,B2
B1,B2
A3,B1,B2
C1M
B1
B2
B1,B2
C1M
B2

  39. 123 – پەرمان ئىجرا قىلىنىشتىن بۇرۇن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ نۇمۇر خاتىرىلەنگەن ۋە ۋەقە سادىر قىلغان بولسا، دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ئىسپاتى قىلىشقا بولامدۇ؟
جاۋاب: قانۇندىكى بۇرۇنقىنى سۈرۈشتۈرمەسلىك پىرىنسىپىغا ئاساسەن، 123 – نۇمۇرلۇق پەرمان يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ نۇمۇر خاتىرىلەنگەن ۋە قاتناش ھادىسىسى پەيدا بولغان بولسا، دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ئىسپاتى قىلىنمايدۇ. پەقەت 2013 – يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن كېيىن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ نۇمۇر خاتىرىلەنگەن ۋە قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلغان ۋە ئىنچىكە تەكشۈرۈش خاتىرىس بولغان بولسا دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ئىسپاتى قىلىشقا بولىدۇ.
   40 . چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار، يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنىڭ پىراكىتىكا ۋاقتىدا 12 نۇمۇرى تۇتۇلغان بولسا قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟
جاۋاب: چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار، يۈك ئاپتوموبىللىرى شوپۇرلىرى پىراكتىكا ۋاقتىدا قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ 12 نۇمۇرى تۇتۇلغان بولسا، پىراكتىكا ۋاقتىدىكى شوپۇرلۇق سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ. ئەگەر بىكار قىلىنغان شوپۇرلۇق كىنىشكىسى سالاھىيىتى ئەڭ يۇقىرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى تىپى بولمىسا، ھەمدە تۆۋەنلىتىش بەلگىلىمىسىگە ماس كەلسە، بەلگىلىمە بويىچە دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىشكە بولىدۇ.
   41 . ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرىنىڭ ئۇچۇر ئۆزگىرىشى نىمە ئۈچۈن ئەنگە ئېلىنىدۇ، قانداق ئەنگە ئېلىنىدۇ؟
جاۋاب: ئۇچۇرنى ئەينەن ئىلتىماس قىلىش شوپۇرلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتى. ج خ ئورگانلىرى شوپۇرلارنىڭ ئۇچۇرىنى توغرا ئىگىلىيەلىگەندىلا ئاندىن شوپۇرلارغا قارىتا قاراتمىلىق ھالدا ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلغىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە كۆپ قىسىم تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ۋە رايونلاردا شوپۇرلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئۆزگەرتىشكە ئىلتىماس قىلىشتا ئېنىق قانۇن – بەلگىلىمە بار، ئەنگىلىيە، ئامىرىكا، شياڭگاڭ قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردا شوپۇرلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئۆزگەرتىش بويىچە ئىلتىماس قىلىش تۈزۈمى چېڭىتىلغان، مەسىلەن شياڭگاڭدا شوپۇرلانىڭ ئۇچۇرىنى ئۆزگەرتىشتە جەزمەن 72 سائەتتە ئىلتىماس قىلىشى كېرەك، بولمىسا 2000 شياڭگاڭ دوللىرى جەرىمانە قويىلىدۇ، ئەنگىلىيەدە شوپۇرلارنىڭ ئادرىسى ئۆزگەرگەندىن كېيىن ئەگەر ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلمىسا 1000 فوندستېرلىڭ جەرىمانە قويىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شوپۇرلارغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنىڭ توغرا، ھەقىقىيلىقىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شوپۇرلارنىڭ تېلېفون نۇمۇرى، ئالاقىلىشىش ئادرېسى قاتارلىق ئۇچۇرلاردا ئۆزگىرىش بولغاندا ھەمدە چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، تىراكتور، شەھەرلەردىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇس، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدەيدىغان شوپۇرلارنىڭ ئىدارىسى قاتارلىق ئۇچۇرلاردا ئۆزگىرىش بولغاندا، ئۇچۇر بولۇپ، 30 كۈن ئىچىدە شوپۇرلۇق كىنىشكىسى تارقىتىدىغان ئاپتوموبىل باششقۇرۇش ئورۇنلىرىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. ئەڭ مۇھىم ئەسكەرتىش شۇكى، بۇنىڭدىن كېيىن ج خ قاتناش ساقچى تارماقلىرى يانفون ئۇچۇرى ، پوچتىدىن خەت ئەۋەتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق شوپۇرلارغا قەرەلى ئۆتۈپ كىنىشكىنى ئالماشتۇرمىغان، قەرەلى ئۆتۈپ تەن سالامەتلىك تەكشۈرتمىگەن قاتارلىق ئۇچۇرھەمدە بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى ئۇقتۇرىدۇ. ئۆزىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، شوپۇرلار ۋاقتىدا ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا ئۆزىنىڭ ئۇچۇرى ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئەنگە ئالدۇرۇپ،  ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقىلرىنىڭ ئەۋەتكەن ئۇچۇرىنى ۋاقىتىدا قوبۇل قىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، تىراكتور، شەھەرلەردىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇس، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرى بەلگىلىمە بويىچە ئىلتىماس قىلمىغان بولسا، ج خ قاتناش باشقۇرۇش تاماقلىرى 20 يۈەندىن يۇقىرى 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
  42 . ياشانغانلار ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەشكە قارىتا قانداق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان؟
جاۋاب: 60 ياشتىن ئاشقانلار  چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، تىراكتور، شەھەرلەردىكى ئاممىۋى ئاپتوبۇس، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى، تىراللىبۇس، تىرامۋاي ھەيدەشكە بولمايدۇ. يۇقىرىقى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بولسا، شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى تارقاتقان ئورۇنلارغا بېرىپ، كىنىشكىسىنى ئالماشتۇرۇشى، كىچىك تىپتىكى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ياكى كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق ئاپتوموبىل پىراۋىسىغا ئالماشتۇرۇشى كېرەك. 70 ياشتىن ئاشقانلار تۆۋەن سۈرئەتلىك يۈك ئاپتوموبىللىرى، ئۈچ چاقلىق ئاپتوموبىل، ئادەتتىكى ئۈچ چاقلىق موتسىكىلىت، ئادەتتىكى ئىككى چاقلىق موتسىكلىت ۋە چاقلىق ئاپتوماتىك ماشىنىلارنى ھەيدىمەسلىكى كېرەك. ئۈچ چاقلىق موتسىكىلىت، ئادەتتىكى ئىككى چاقلىق موتسىكلىت شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بولسا، شوپۇرلۇق كىنىشىكىسىنى تارقاتقان ئورۇنغا بېرىپ، شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئالماشتۇرۇشقا ئىلتىماس سۇنىشى يىنىك تىپتىكى موتسىكلىت شوپۇرلۇق كىنىشكىسىگە ئالماشتۇرۇشى كېرەك. ئەڭ مۇھىم ئەسكەرتىش شۇكى، 60 ياشتىن ئاشقان ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرى ھەر يىلى بىر قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرتۈشى، ناھىيە دەرىجىلىك ياكى قىسىم، تۈەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى داۋالاش ئاپپاراتلىرى چىقارغان ئالاقىدار سالامەتلىكىگە ئالاقىدار ئىسپاتنى تاپشۇرۇشى كېرەك.   
43.شوپۇرلارنىڭ بەدەن شارائىتىدە ئۆزگىرىش بولغاندا مۇتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرى داۋاملىق ھەيدەۋەرسە بولامدۇ؟
جاۋاب:شوپۇرلاردا كېسەللىك قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەدەن شارائىتىدە ئۆزگىرىش بولغان،لېكىن ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنىدىغان باشقا تىپتىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى ھەيدەش شارائىتىگە ئۇيغۇن كەلسە، 30 كۈن ئىچىدە شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈپ بەرگەن ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىغا بېرىپ ھەيدەيدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى تىپىنى تۆۋەنلىتىپ بىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ ئەگەر بەدەن شارائىتى (مەسىلەن: پۇت-قولنىڭ ھەرىكىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان نېرۋا سېستىمىسى كېسەللىكلىرى قاتارلىقلار) ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەشكە ئۇيغۇن بولمىسا، 30 كۈن ئىچىدە شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈپ بەرگەن ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىغا بېرىپ بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئەسكەرتىشكە تىگىشلىكى شۇكى، ئەگەر بەدەن شارائىتىدە ئۆزگىرىش بولۇپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەشكە بولمايدىغان ئەھۋالدا، يەنىلا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىگەن بولسا، ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن 200 يۈەندىن يۇقىرى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنىدىغان قاتناش ۋاستىسى تىپىنى تۆۋەنلىتىدۇ ياكى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى بىكار قىلىدۇ.
   44.شوپۇرلۇق كىنىشكىسى تۇتۇۋېلىنغان، تۇتۇپ قېلىنغان ياكى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قېلىنغان مەزگىلدە، كىنىشكىنى تولۇقلاپ بىجىرىشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولامدۇ؟
جاۋاب:شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنىڭ ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنغان،تۇتۇپ قويۇلغان ياكى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قېلىنغانلىقى شوپۇرنىڭ تاشيول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى، قائىدە-بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى (مەسىلەن: ھارق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست بولۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، ۋەقە سادىر قىلىپ قېچىپ كىتىش قاتارلىقلار) چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ، بۇ خىل قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بىر قەدەر ئېغىر قىلمىش ھېسابلىنىدىغان بولغاچقا، 123-نومۇرلۇق پەرماندا شوپۇرلۇق كىنىشكىسى قانۇن بويىچە تۇتۇپ قېلىنغان، تۇتۇپ قويۇلغان ياكى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قېلىنغان مەزگىلدە، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى شوپۇرىنىڭ كىنىشكىنى تولۇقلاپ بىجىرىشنى ئىلتىماس قىلىشىغا بولمايدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. ئەگەر ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى شوپۇرى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى قانۇن بويىچە تۇتۇپ قېلىنغان، تۇتۇپ قويۇلغان ياكى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قېلىنغان مەزگىلدە، يۇشۇرۇش، كۆز بويامچىلىق قىلىش ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى تولۇقلاپ ئالغان بولسا، ج خ ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى قايتۇرۇۋالغاندىن سىرت، شوپۇرغا 200 يۈەندىن يۇقىرى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

مەكتەپ ئاپتوموبىلىنىڭ بەلگە تاختىسى ۋە شوپۇرى

   45. مەكتەپ ئاپتوموبىلىنى ھەيدەش ئىجازىتىگە ئىلتىماس قىلىشتا قايسى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك؟
مەكتەپ ئاپتوموبىلىنىڭ بىخەتەر يول يۈرۈشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، ئىجتىمائىي تەسىرى چوڭ بولغاچقا، مەكتەپ ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىدىن بىر قەدەر يۇقىرى بولغان بىخەتەر يول يۈرۈش ئېڭى، تېخنىكا ماھارىتى بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. «مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى» ۋە 123-نومۇرلۇق پەرماندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەكتەپ ئاپتوموبىلىنى ھەيدەش سالاھىيتىنى ئىلتىماس قىلىشتا ئالتە شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك: بىرىنچى، مۇناسىپ ئاپتوموبىل تىپىنى ھەيدەش شوپۇرلۇق كىنىشكىسىگە ئىگە بولغان ھەمدە ئۈچ يىلدىن كۆپرەپ شوپۇرلۇق تارىخىغا ئىگە بولغان، يېشى 25 ياشتىن يۇقىرى بولۇشى، 60 ياشتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى؛ ئىككىنچى، ئۇدا ئۈچ نومۇر خاتىرىلەش مەزگىلىدە نومۇرى تولۇق تارتىلىش خاتىرىسى بولماسلىق؛ ئۈچىنچى،ئادەم ئۆلۈش ياكى ئېغىر يارىلىنىش كىلىپ چىققان قاتناش ۋەقەسى  مەسئۇلىيەت خاتىرىسى بولماسلىق؛ تۆتىنچى،ھەراق ئىچىپ ياكى مەست بولۇپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش خاتىرىسى بولماسلىق، يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە يۇلۇچى توشۇش ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ نۇرمىدىن ئارتۇق ئادەم ئېلىش، بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن تېز ھەيدەش قاتارلىق قاتناش قانۇنىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش خاتىرىسى بولماسلىق؛ بەشىنچى،جىنايەت ئۆتكۈزىش خاتىرىسى بولماسلىق؛ ئالتىچى، سالامەتلىكى ياخشى، يۇقۇملۇق كېسەللىك، تۇتقاقلىق كېسىلى، روھى كېسىلى قاتارلىق بىخەتەر يول يۈرۈشكە تەسىرى يىتىدىغان كېسەللىك تارىخى، ھاراق ئىچىش، زەھەرلىك چىكىملىك چىكىش خاتىرىسى بولماسلىق. ئەسكەرتىشكە تىگىشلىكى شۇكى، يېشى تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، تولۇق 12 نومۇر تۇتۇلغانلىقى خاتىرىلەنگەن شۇنىڭدەك مەكتەپ ئاپتوموبىلى ھەيدەش سالاھيتىگە ئىلتىماس قىلىشنىڭ باشقا شەرتلىرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان شوپۇرلارنىڭ مەكتەپ ئاپتوموبىلى ھەيدەش سالاھىتى بىكار قىلىنىدۇ.
   46. مەكتەپ ئاپتوموبىلى ھەيدەش سالاھىتى قانداق ئىلتىماس قىلىنىدۇ؟
جاۋاب:بەلگىلەنگەن شەرتلەرنى ھازىرلىغان شوپۇرلار ئۆزى تۇرۇشلۇق ناھىيە دەرىجىلىك ياكى رايون تەسىس قىلىنغان شەھەر دەرىجىلىك ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ئىلىماس سۇنۇپ،ئىلتىماس جەدۋىلىنى تولدۇرىدۇ ھەمدە تۆت تۈرلۈك ئىلتىماس ماتېرىيالى تاپشۇرىدۇ: ئىلتىماس جەدۋىلى تولدۇرىدۇ ھەمدە تۆۋەندىكى ئىسپاتلارنى يوللايدۇ: (1) ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ كىملىك ئىسپاتى؛ (2) ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى؛ (3) نوپۇسى تەۋە جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك ج خ ئورگىنى بەرگەن جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن، زەھەرلىك چىكىملىك چەكمىگەنلىك توغرىسىدىكى ئىسپاتى؛ (4) ناھىيە ياكى قىسىمدىكى تۈەندىن يۇقىرى دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتى بەرگەن بەدەن شارائىتى توغرىسىدىكى ئىسپاتى. ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى بەش كۈن ئىچىدە ئىلتىماس قىلغۇچى تاپشۇرغان ماتىرىياللارنى تەكشۈرۈپ، شەرتكە ئۇيغۇن كىلىدىغان ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىگە مەكتەپ ئاپتوموبىلى ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىش ۋە مۇناسىپ ئاپتوموبىل تىپىنى ئىزاھلايدۇ.
گوۋۇيۈەننىڭ«مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنى باشقۇرۇش نىزامى»گە ئاساسەن، مەكتەپ ئاپتوموبىلىنى ھەيدەش سالاھىتىگە ئىگە بولۇش تەرتىۋى تۆۋەندىكىچە:

مەكتەپ ئاپتوموبىلىنى ھەيدەش سالاھىتىگە ئىگە بولۇش تەرتىۋى


ئىلتىماس سۇنۇش
                  ↓   
ج خ ئورگانلىرى قوبۇل قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش

بەش كۈن ئىچىدە    }           ↓   

ج خ ئورگانلىرى تەكشۈرۈپ پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش

                       ↓        ↓

تەستىقلاپ ئىزھالانغان ھەيدەشكە بولىدىغان مەكتەپ ئاپتوموبىلى
تەستىقتىن ئۆتمىگەنلىكى توغرىسىدىكى يازما ئىزاھات


   47. ج خ ئورگانلىرى مەكتەپ ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىغا قانداق قاتتىق باشقۇرۇش تەدبىرلىرى قوللىنىدۇ؟
جاۋاب:بىرىنچى،بەلگىلىمە بويىچە مەكتەپ ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرى ھەر يىلى يىللىق تەكشۈرۈش تەربىيەسىگە قاتنىشىدۇ. مەكتەپ ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرى ھەر بىر نومۇر خاتىرىلەش مەزگىلى ئاخىرلىشىپ 30 كۈن ئىچىدە ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. تەكشۈرۈلگەندە، ناھىيە ياكى قىسىمنىڭ تۈەندىن يۇقىرى دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرى بەرگەن بەدەن شارائىتىگە ئائىت ئىسپاتلارنى تاپشۇرۇشى، ئاز دېگەندە ئۈچ سائەتلىك تاشيول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇن، قائىدە-نىزاملىرى، قاتناش بىخەتەرلىكى، مەدەنىي ئاپتوموبىل ھەيدەش، جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش بىلىملىرىنى ئۈگىنىشى ھەمدە تىپىك قاتناش ۋەقەلىرى بويىچە ئاگاھلاندۇرۇش تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. ئىككىنچى، ج خ ئورگانلىرى مەكتەپ ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىنىڭ قاتناشتا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش، قاتناش ۋەقەسى سادىر قىلىش ئەھۋاللىرىگە نازارەتچىلىك قىلىدۇ، مەكتەپ ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش، ۋەقە سادىر قىلىش ئەھۋالىنى ھەر ئايدا مائارىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەرگە مەلۇم قىلىپ، مەكتەپ ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشىنى ۋە ۋەقەلەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ. ئۈچىنچى، بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان مەكتەپ ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرى ياكى مەكتەپ ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىدىن بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا قارىتا، ج خ ئورگانلىرى ئۇلارنىڭ مەكتەپ ئاپتوموبىلىنى ھەيدەش سالاھىيتىنى بىكار قىلىدۇ. تۆتىنچى، مەكتەپ ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرى تاشيول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇن، قائىدە-نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ قانۇن بويىچە جازالانغان ياكى تاشيولدا قاتناش ۋەقەسى سادىر قىلغان بولۇپ، «مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى»دىكى مەكتەپ ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىنىڭ شەرتلىرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بولۇپ قالغان بولسا، ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى مەكتەپ ئاپتوموبىلىنى ھەيدەش سالاھىتىنى ئېلىپ تاشلايدۇ ھەمدە شوپۇرلۇق كىنىشكىسىگە ئىزاھلايدۇ.
   48.مەكتەپ ئاپتوموبىلىنى ئىشلىتىش رۇخسىتى ۋە مەكتەپ ئاپتوموبىلى بەلگە تاختىسى قانداق ئىلتىماس قىلىنىدۇ؟
جاۋاب: گوۋۇيۈەننىڭ «مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى»دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەكتەپ ياكى مەكتەپ ئاپتوموبىلى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى مەكتەپ ئاپتوموبىلى ئىشلىتىش ئىجازىتىگە ئىلتىماس سۇنىدۇ، ئىلتىماس ناھىيە ياكى رايون تەسىس قىلىنغان شەھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىغا سۇنۇلۇپ، مائارىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە قاتناش-تىرانسىپورت تارماقلىرىنىڭ پىكىرىنى ئالغاندىن كېيىن، تەكشۈرۈش پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تارقىتىش-تارقاتماسلىق قارارىنى چىقىرىشىغا يوللايدۇ. خەلق ھۆكۈمىتى مەكتەپ ئاپتوموبىلى ئىشلىتىش ئىجازىتى بىرىشنى قارار قىلغان بولسا، ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى مەكتەپ ئاپتوموبىلى بەلگە تاختىسى تارقىتىپ بىرىدۇ.
گوۋۇيۈەننىڭ « مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى»گە ئاساسەن، مەكتەپ ئاپتوموبىلىنىڭ ئىجازەت تەرتىۋى تۆۋەندىكىچە:

ئىزاھلاشقا تېگىشلىكى شۇكى، ھۆكۈمەتكە مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنى ئىشلىتىش رۇخسىتى بىرىشكە ئىلتىماس قىلىشتىن بۇرۇن، مەخسۇس   مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى ياكى غەيرىي مەخسۇس مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى بىردەك چوقۇم ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىغا رويخەتكە ئېلىپ تىزىملاشقا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك، ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ئاپتوموبىلنىڭ  تاختىسىنى قانۇن بويىچە تارقىتىدۇ. ئاپتوموبىل تاختىسىنى ئېلىش پەقەت ئاپتوموبىللارنىڭ قانۇنلۇق يول يۈرۈشىنىڭ ئاساسى ، مەكتەپ ئاپتوموبىلى بەلگە تاختىسى ئالمىغان ئاپتوموبىللار يەسلى بالىلىرىنى ياكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى بالىلارنى ئاپىرىپ ئەكىلىشكە بولمايدۇ.
       49. مەكتەپ ئاپتوموبىلىنى ئىشلىتىش ئىجازىتى ۋە بەلگە تاختىسى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلغاندا قاتناش تارماقلىرىنىڭ ئاپتوموبىلنى تەكشۈرۈشى زۆرۈرمۇ ؟
     جاۋاپ: مەكتەپ ئاپتوموبىلىنى ئىشلىتىش ئىجازىتىگە ئىلتىماس قىلغاندا، چوقۇم ج خ قاتناش تارماقلىرىغا ئاپتوموبىلنى تەكشۈرتۈش كېرەك؛ ئىجازەتكە ئىرىشكەندىن كىيىن مەكتەپ ئاپتوموبىلى بەلگە تاختىسىنى ئالغان ۋاقىتتا، ئاپتوموبىلنى قاتناش تارماقلىرىغا تەكشۈرتمىسىمۇ بولىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ «مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى» ۋە «ج خ مىنستىرلىقىنىڭ 124-نومۇرلۇق پەرمانى»غا ئاساسەن، مەكتەپ ياكى مەكتەپ ئاپتوموبىلى مۇلازىمتى بىلەن تەمىن ئەتكۈچىلەر  مائارىپ مەمۇرىيتى تارماقلىرىغا مەكتەپ ئاپتوموبىلىنى ئىشلىتىش ئىجازىتىگە ئىلتىماس قىلغاندىن كىيىن، مائارىپ مەمۇرىيتى تارماقلىرى ئۈچ كۈن ئىچىدە ج خ قاتناش تارماقلىرىنىڭ پىكىرىنى ئالىدۇ. ج خ قاتناش تارماقلىرى مائارىپ مەمۇرىيتى تارماقلىرى ئەۋەتكەن پىكىر ئېلىنغان ماتىرىيالنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، بىر كۈن ئىچىدە ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئاپتوموبىلنى تەكشۈرتۈشنى ئۇقتۇرىدۇ. ئاپتوموبىلنى تەكشۈرگەندە، مەكتەپ ئاپتوموبىلىنىڭ بەلگە چىرىغى، ئاپتوموبىل توختىتىش كۆرسەتكۈچ بەلگە چىرىغى، سۈنئىي ھەمراھدا ئورۇن بەلگىلەش قۇرۇلمىسى ھەمدە بولقا، ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىسى، جىددىي قۇتقۇزۇش ساندۇقى قاتارلىق بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرىدۇ؛ مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان مەكتەپ ئاپتوموبىلىنىڭ سىرتىدىكى بەلگىلىرىنىمۇ قايتا تەكشۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە مەكتەپ ئاپتوموبىلىنىڭ يول يۈرۈش لىنيەلىرى، يول يۈرۈش ۋاقتى ۋە بىكەتتە توختاش نۇقتىسى ھەمدە ئاپتوموبىلنىڭ بارلىق سالاھىيەت ئىسپاتى، يول يۈرۈش كىنىشكىسى، مەكتەپ ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنىڭ سالاھىيتى قاتارلىق ئىسپاتلارنى تەكشۈرىدۇ.
      50. مەكتەپ ئاپتوموبىلىنىڭ بەلگە تاختىسى مەكتەپ ئاپتوموبىلىنىڭ قايسى ئورنىغا قويۇلۇشى كېرەك؟
   جاۋاپ: مەكتەپ ئاپتوموبىلىنىڭ بەلگە تاختىسى ئالدى، كەينى ئىككى تەرەپكە بۆلىنىدۇ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئاپتوموبىلنىڭ ئالدى ئەينىكىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستى بۇلۇڭىغا ۋە ئارقا ئەينىكىنىڭ مۇۋاپىق ئورنىغا قويۇلىدۇ. كەينى بەلگە تاختىسىنى ئورۇنلاشتۇرغاندا، شوپۇرنىڭ كۆرۈشىگە ۋە بىخەتەر يول يۈرۈشىگە دەخلى قىلماسلىققا ھەمدە يولنى پەرق ئېتىشىگە قولايلىق يارىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
     51. مەكتەپ ئاپتوموبىلى بەلگە تاختىسى كۆيۈپ كەتسە، يوقاپ كەتسە ياكى بۇزۇلۇپ كەتسە قانداق تولۇقلاپ، ئالماشتۇرۇش كېرەك؟
      جاۋاپ: مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ بەلگە تاختىسى كۆيۈپ كەتسە، يوقاپ كەتسە ياكى بۇزۇلۇپ كەتسە، مەكتەپ ياكى مەكتەپ ئاپتوموبىلى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئەتكۈچىلەر بەلگە تاختىسىنى سېلىشتۇرۇپ تارقىتىدىغان ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىغا بەلگە تاختىسىنى تولۇقلاش ياكى ئالماشتۇرۇشقا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ئىلتىماس قىلغان ۋاقىتتا، ئاپتوموبىلنىڭ بارلىق سالاھىيەت ئىسپاتى ۋە يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى تاپشۇرۇشى، ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى قوبۇل قىلغان كۈنىدىن باشلاپ ئۈچ كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈپ سېلىشتۇرۇپ، مەكتەپ ئاپتوموبىلى بەلگە تاختىسىنى تولۇقلاپ تارقىتىپ بېرىدۇ ياكى ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ.
     52. مەكتەپ ئاپتوموبىلى بەلگە تاختىسىغا ئىلاۋە قىلىدىغان مەزمۇنلاردا ئۆزگىرىش يۈر بەرگەندە ئۆزگەرتىش رەسمىيتىنى قانداق بىجىرىش كېرەك؟
جاۋاپ: مەكتەپ ئاپتوموبىلى بەلگە تاختىسىغا خاتىرىلىنىدىغان مەكتەپ ئاپتوموبىلىنىڭ يول يۈرۈش لىنيەسى، قوزغىلىش ۋاقتى، توختايدىغان بىكەت ياكى ئاپتوموبىل، بارلىق كىشىلەر، شوپۇر قاتارلىقلاردا ئۆزگىرىش بولغاندا، شۇ تەۋەلىكتىكى مائارىپ مەمۇرىيتى تارماقلىرىغا مەكتەپ ئاپتوموبىلى ئىجازىتىگە قايتىدىن ئىلتىماس قىلىپ، ھۆكۈمەت تەستىقلىغاندىن كىيىن ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىغا بىرىپ مەكتەپ ئاپتوموبىلى بەلگە تاختىسىنى يېڭىدىن ئالماشتۇرسا بولىدۇ.
    53. ئاپتوموبىل مەكتەپ ئاپتوموبىلى قىلىپ ئىشلىتىلمىگەندە قايسى رەسمىيەتلەرنى بىجىرىشى كېرەك؟
جاۋاپ: مەكتەپ ئاپتوموبىلى بەلگە تاختىسىنى ئالغان ئاپتوموبىل بىراك قىلىنىش ئۆلچىمىگە يەتكەندە ياكى مەكتەپ ئاپتوموبىلى قىلىپ ئىشلىتىلمىگەندە ، مەكتەپ ياكى مەكتەپ ئاپتوموبىلى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى مەكتەپ ئاپتوموبىلى بەلگە چىرىغىنى چىقىرىپ تاشلاپ، كۆرسەتكۈچ بەلگىسىنى توختىتىشى، مەكتەپ ئاپتوموبىلىنىڭ سىرتىدىكى بەلگىلىرىنى چىقىرىپ تاشلىشى ھەمدە مەكتەپ بەلگە تاختىسىنى سېلىشتۇرۇپ تارقاتقۇچى ج خ قاتناش تارماقلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك. ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، مەكتەپ ئاپتوموبىلىنىڭ ئىشلىتىش ئىجازىتى كۈچىدىن قالدۇرۇلغان، تىزىمدىن چىقىرىۋىتىلگەن ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىرى چوقۇم مەكتەپ ئاپتوموبىلى بەلگە چىرىقىنى، ئاپتوموبىل توختىتىش كۆرسىتىش بەلگىسىنى چىقىرىپ تاشلىشى، مەكتەپ ئاپتوموبىلىنىڭ سىرتىدىكى بەلگىلەرنى چىقىرىپ تاشلىشى، مەكتەپ ئاپتوموبىلى بەلگە تاختىسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، گوۋويۈەننىڭ «مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى» ۋە 124-نومۇرلۇق پەرماندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان مەكتەپ ئاپتوموبىلىنىڭ ئىشلىتىش خاراكتىرىنى ئۆزگەرتىشىگە بولمايدۇ.
    54. مەكتەپ ئاپتوموبىلىنى رويخەيكە ئېلىپ تىزىملاش، بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈش ھەمدە بىراك قىلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە قانداق ئالاھىدە بەلگىلىمىلەر بار؟
   جاۋاپ: مەكتەپ ئاپتوموبىلى قورامىغا يەتكىمگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، ئۇشتۇمتۇت قاتناش ھادىسسى يۈز بەرسە جەمىئيەتكە يامان تەسىر ئېلىپ كىلىدۇ، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ 124-نومۇرلۇق پەرمانىدا مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ رويخەتكە ئېلىپ تىزىملاش، تەكشۈرۈش ۋە بىراك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ كەسكىن تەدبىرلەر بەلگىلەنگەن. بىرىنچىدىن، مەكتەپ ئاپتوموبىلىغا ۋېۋىسكا ئېسىشتىن بۇرۇن چوقۇم تەكشۈرۈش كېرەك. بەلگىلىمىدە مەكتەپ ئاپتوموبىلىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرۇپ تىزىملىتىشتىن بۇرۇن چوقۇم بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بىرىپ مەكتەپ ئاپتوموبىلىنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئىككىنچىدىن، مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىغا يىرىم يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ بىرىش كېرەك. بەلگىلىمىدە مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى چوقۇم يىرىم يىلدا بىر قېتىم بىخەتەرلىك تېخنىكىسى بويىچە تەكشۈرۈشكە قاتناشتۇرۇلۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئاساسەن ۋىلايەت ھالقىپ يول يۈرمەيدىغانلىقى ئويلىشىلىپ، مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنى باشقا جايغا ئاپىرىپ تەكشۈرتمەسلىك بەلگىلىنىپ، رايون تەۋەلىكى بويىچە باشقۇرۇش كۈچەيتىلدى. ئۈچىنچىدىن، مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنى بىراك قىلغاندا ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورۇنلىرى بىراك قىلىشقا نازارەتچىلىك قىلىش كېرەك. بەلگىلىمىدە بىراك قىلىنىش ئۆلچىمىگە يەتكەن مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ چوقۇم ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىنىڭ نازارەتچىلىكى ئاستىدا بىراك قىلىنىشى، بىراق قىلىنغان ئاپتوموبىللارنىڭ داۋاملىق يول يۈرۈشىنى قەتئىي چەكلەش لازىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلاردىن نومۇر تارتىش

55. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يول يۈرگەندە قايسى خىل قانۇنغا خىلاپ قىلمىشتىن بىرلا قېتىمدا 12نومۇر تارتىلىدۇ؟
جاۋاپ: ئادەتتىكى تاشيولدا يول يۈرگەندىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا سۈرئەت تېز، يول ئەھۋالى تېخىمۇ مۇرەككەپ بولۇپ، ئۇشتۇمتۇت ھادىسە يۈز بەرگەندە كىلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەت ئېغىر بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ 123-نومۇرلۇق پەرمانىدا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئالاھىدە بولۇشىغا ئاساسەن، تېخىمۇ كەسكىن نومۇر تارتىش تەدبىرلىرى تۈزۈلگەن، 12 نومۇر تارتىلىدىغانلىرىدىن : بىرىنچىسى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئاپتوموبىل ئۆرۈلۈپ كەتسە، يولدىن چىقىپ كەتسە، مەركىزىي ئايرىش بەلبىغىدىن ھالقىپ قايدۇرغاندا. ئىككىنچىسى، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاپتوموبىل، يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنى ھەيدىگەندە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا توختاتسا. ئۈچىنچى، ئوتتۇرا تىپتىكىدىن يۇقىرى يۈك ياكى يولۇچى بېسىلغان ئاپتوموبىل، مەكتەپ ئاپتوموبىلى، خەتەرلىك بويۇملارنى يۆتكەش ئاپتوموبىلى تېزلىكىنى چەكلىمىدىن %20تىن يۇقىرى ئاشۇرۇۋەتسە يۇقىرىقى ئۆلچەم بويىچە نومۇر تارتىلىدۇ.
   56. تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاپتوموبىلىنى ھەيدىگەندە قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى كۆرۈلسە قانداق نومۇر تارتىلىدۇ؟
جاۋاپ: تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاپتوموبىل ئادەتتە ئۇزۇن ۋاقىت، يۇقىرى چاستوتىدا يول يۈرىدۇ ھەمدە يولۇچى سانى ۋە يۈكنىڭ مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولىدۇ، ئۇشتۇمتۇت ھادىسە يۈز بەرسە، ھەمىشە زور ئادەم ۋە مال مۆلۈك زىيىنىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، شوپۇرلار زىممىسىگە ئالىدىغان ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتمۇ زور بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ 123-نومۇرلۇق پەرمانىدا تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاپتوموبىلىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىغا قارىتا تېخىمۇ كەسكىن نومۇر تارتىش بەلگۈلىمىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بىرىنجى، بىرلا قىتىمدا 12 نومۇر تۇتىلىدىغان ئەھۋاللار: تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يولۇچى توشۇش ئاپتوموبىلىنى ھەيدىگەندە ( ئاممىۋىي ئاپتۇبۇسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بەلگۈلەنگەن ئادەم سانىدىن %20 ئاشۇرۇپ ئادەم چىقارغاندا، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يولۇچى توشۇش ئاپتوموبىلىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا توختىتىپ قويسا 12 نومۇر تارتىلىدۇ. ئىككىنجى، بىرلا قېتىمدا ئالتە نومۇر تۇتىلىدىغان ئەھۋاللار: تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يولۇچى توشۇش ئاپتوموبىلى (ئاممىۋىي ئابتۇبۇسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بەلگۈلەنگەن ئادەم سانىدىن ئارتۇق سالغان ئادىمى 20% گە يەتمىسە، يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ باسقان مېلى بەلگۈلەنگەن مال بېسىش مىقدارىدىن 30% ئېشىپ كەتسە ياكى بەلگىلىمىگە قارشى ھالدا يولۇچى چىقارغان بولسا ئالتە نومۇر تارتىلىدۇ.  تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاپتوموبىلنى ھەيدەيدىغان شوپۇرلارنىڭ باشقا قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشىغا نومۇر تارتىشتا، «يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنغا خىلاپ قىلىشىغا نومۇر تارتىش نومۇر ئۆلچىمى» دىكى ئالاقىدار بەلگۈلىمىلەر بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
  57. سۈرئەتنى چەكلىمىدىن ئاشۇرۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشتىن قانداق نومۇر تۇتۇلىدۇ؟
جاۋاپ: سۈرئەتنى چەكلىمىدىن ئاشۇرۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەش بولسا ئېغىر دەرىجىدىكى قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشلارنىڭ بىرى، ئىنتايىن خەتەرلىك، ئۇشتۇمتۇت ھادىسە يۈز بېرىپ قالسا كىلىپ چىققان ئاقىۋىتى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەملىكىتىمىزدىكى ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ نۇقتىلىق تۈزەۋاتقان قاتناش قائىدىسىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپ قىلىش قىلمىش ھېسابلىنىدۇ. ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ 123-نومۇرلۇق پەرمانىدا سۈرئەتنى چەكلىمىدىن ئاشۇرۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەشكە قارىتا كەسكىن نومۇر تارتىش بەلگىلىمىسى تۈزۈپ چىقىلغان. بىرىنچى، سۈرئەت ئاشۇرۇپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە بىر قېتىمدىلا 12نومۇر تۇتىدىغان ئەھۋاللار: ئوتتۇرا تىپتىن يۇقىرى يولۇچى ۋە يۈك توشۇيدىغان ئاپتوموبىل، مەكتەپ ئاپتوموبىلى، خەتەرلىك بويۇملارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا، شەھەر تېز سۈرئەتلىك يولدا يول يۈرگەندە بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن %20 ئاشۇرغان تېزلىكتە يول يۈرگەنلەر ياكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، شەھەر تېز سۈرئەتلىك يولدىن باشقا يوللاردا يول يۈرۈپ سۈرئىتىنى بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن %50 تىن كۆپرەك ئاشۇرىۋەتكەنلەردىن؛ باشقا ئاپتوموبىللارنى ھەيدەپ بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن %50 تىن كۆپرەك ئاشۇرىۋەتكەنلەردىن 12نومۇر تارتىلىدۇ. ئىككىنجى، بىر قېتىمدىلا ئالتە نومۇر تۇتىدىغان ئەھۋاللار: ئوتتۇرا تىپتىن يۇقىرى يولۇچى ۋە يۈك توشۇيدىغان ئاپتوموبىل، مەكتەپ ئاپتوموبىلى، خەتەرلىك بويۇملارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا، شەھەر تېز سۈرئەتلىك يولدا يول يۈرگەندە  بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن ئاشۇرىۋەتكىنى %20 كە يەتمىگەندە؛ ئوتتۇرا تىپتىن يۇقىرى يولۇچى ۋە يۈك توشۇيدىغان ئاپتوموبىل، مەكتەپ ئاپتوموبىلى، خەتەرلىك بويۇملارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا، شەھەر تېز سۈرئەتلىك يولدىن باشقا يولدا يول يۈرگەندە ياكى باشقا ئاپتوموبىللارنى ھەيدىگەندە بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن ئاشۇرىۋەتكىنى %20 تىن يۇقىرى %50 تىن تۆۋەن بولغاندا ئالتە نومۇر تارتىلىدۇ. ئۈچىنچى، بىر قېتىمدا ئۈچ نومۇر تارتىلىدىغان ئەھۋاللار: ئوتتۇرا تىپتىن يۇقىرى يولۇچى ۋە يۈك توشۇيدىغان ئاپتوموبىل، خەتەرلىك بويۇملارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا، شەھەر تېز سۈرئەتلىك يولدىن باشقا يولدا يول يۈرگەندە ياكى باشقا ئاپتوموبىللارنى ھەيدىگەندە بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن ئاشۇرىۋەتكىنى 20% كە يەتمىگەندە ئۈچ نومۇر تارتىلىدۇ.
   58. خەتەرلىك بويۇملارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ نومۇرىنى خاتىرىلەشتە قانداق ئالاھىدە بەلگىلىمە بار؟
جاۋاب: ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ئاسان پارتلايدىغان بويۇملار، ئاسان ئوت ئالىدىغان خىميىلىك بويۇملار، ئۆتكۈر زەھەرلىك ياكى رادىئوئاكتىۋلىق قاتارلىق خەتەرلىك بويۇملارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارنى ھەيدەشكە قارىتا مەخسۇس باشقۇرۇش چارىسى تۈزدى، خەتەرلىك بويۇملارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللار چوقۇم بەلگىلەنگەن ۋاقىت، يول لىنيىسى، سۈرئەت بويىچە يول يۈرۈشى ھەمدە ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى ئېسىۋېلىشى كېرەك. ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ 123-نۇمۇرلۇق پەرمانىدا خەتەرلىك بويۇملارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارغا قارىتا قاتتىق بولغان نۇمۇر خاتىرىلەش بەلگىلىمىسى تۈزۈلدى: بىرىنچىدىن، خەتەرلىك بويۇملارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول،شەھەر تېز سۈرئەتلىك تاشيولىدا بەلگىلەنگەن سائەتلىك سۈرئىتىدىن %20 ئاشۇرۇپ يول يۈرسە بىر قېتىمدا 12 نومۇر تارتىلىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، خەتەرلىك بويۇملارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللار تۆت سائەتتىن ئارتۇق  توختاپ دەم ئالمىغان ياكى توختاپ دەم ئالغان ۋاقتى 20 مىنۇتتىن  ئاز بولسا بىر قېتىمدىلا 12 نومۇرى تارتىلىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، خەتەرلىك بويۇملارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ  يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ،شەھەر تېز سۈرئەتلىك تاشيولىدا بەلگىلمىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن سائەتلىك سۈرئىتى%20 كە يەتمىگەن ھەمدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ،شەھەر تېز سۈرئەتلىك تاشيولىدىن باشقا يولدا يول يۈرگەندە بەلگىلىمىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن سائەتلىك سۈرئىتى%20تىن يۇقىرى %50كە يەتمىگەن بولسا بىر قېتىمدا ئالتە نومۇر تۇتۇلىدۇ؛ تۆتىنچىدىن، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىدا ئاسان پارتلايدىغان بويۇملار، ئاسان ئوت ئالىدىغان خىميىلىك بويۇملار، ئۆتكۈر زەھەرلىك ياكى رادىئوئاكتىۋلىق بويۇملارنى بەلگىلەنگەن ۋاقىت، يول لىنيىسى، سۈرئەت بويىچە توشۇمىغان ياكى ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى ئاسمىغان، زۆرۈر بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللانماي ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلەرنىڭ بىر قېتىمدا ئالتە نومۇرى تارتىلىدۇ. شوپۇرلارنىڭ باشقا قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىدىن نۇمۇر تارتىشتا «يول قاتناش بىخەتەرلىكى  بويىچە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلاردىن تارتىلىدىغان نومۇر قىممىتى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
   59. مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى  شوپۇرلىرىدىن نومۇر تۇتۇشتا قانداق ئالاھىدە بەلگىلىمە بار؟
جاۋاپ: گوۋۇيۈەننىڭ « مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى» نىڭ بەلگىلىمىسگە ئاساسەن، مەكتەپ ئاپتوموبىلى – بالىلار باغچىسىدىكى بالىلارنى ئاپىرىپ-ئەكېلىش، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئاپىرىپ- ئەكىلىشكە ئىشلىتىلىدۇ. مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىپ-كېلىش بىخەتەرلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنى ھەيدىگەندە زور ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۇستىگە ئالغان بولىدۇ، شۇڭا قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇن-قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىشى كېرەك.  مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ 123- نۇمۇرلۇق پەرمانىدا مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىغا قارىتا قاتتىق نومۇر تارتىش بەلگىلىمىسى چىقىرىلدى: بىرىنچىدىن، بىر قېتىمدىلا 12 نومۇر تارتىلىدىغان  ئەھۋاللار: مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىدىكى ئادەم سانى بەلگىلەنگەن ئادەم سانىدىن %20 تىن ئارتۇق ئېشىپ كەتكەن بولسا؛ مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول،شەھەر تېز سۈرئەتلىك تاشيولىداھەيدىگەندە سائەتلىك سۈرئىتى بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن %20دىن ئارتۇق ئېشىپ كەتكەن ياكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، شەھەر تېز سۈرئەتلىك تاشيولىدىن باشقا يولدا  سائەتلىك سۈرئىتى بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن %50 تىن يۇقىرى بولسا؛ مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنى ھەيدەش سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئالمىغانلار مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنى ھەيدىگەن بولسا؛ ئىككىنچىدىن، بىر قېتمدىلا ئالتە نومۇر تارتىلىدىغان ئەھۋاللار: مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىدىكى نورمىدىن ئېشىپ كەتكەن ئادەم سانى %20 كە يەتمىگەندە؛ مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، شەھەر تېز سۈرئەتلىك تاشيولىداھەيدىگەندە بەلگىلىمىدىن  ئېشىپ كەتكەن سائەتلىك سۈرئىتى %20 كە يەتمىگەندە؛ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، شەھەر تېز سۈرئەتلىك تاشيولىدىن باشقا يولدا ھەيدىگەندە بەلگىلىمىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن سۈرئىتى  %20تىن يۇقىرى %50تىن تۆۋەن بولغاندا؛ئۈچىنچىدىن، بىر قېتىمدا ئىككى نومۇر تارتىلىدىغان ئەھۋاللار:  مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىغا بەلگىلىمىگە بويسۇنمىغان ھالدا بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىلىرىنى ئورناتمىغانلار ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنى بىخەتەرلىك جەھەتتە ئاسرىمىغانلا؛ مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى ئوقۇغۇچىلارنى ئېلىپ ماڭغاندا، بەلگە تاختىسىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قويمىغان، بەلگە چىرىغىنى ئېچىپ قويمىغانلار ۋە ياكى تەكشۈرۈپ بىكىتىشتىن ئۆتمىگەن يول لىنيىسىدە يول يۈرگەنلەر؛ مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى مەكتەپكە بارىدىغان- قايتىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئېلىپ ماڭغاندا، بەلگىلىمە بويىچە مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنى توختىتىش بېكىتىدە توختىمىغانلار؛ مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى ئوقۇغۇچىلارنى ئالماي يول يۈرگەندە مەكتەپ ئاپتوموبىلى بەلگىسى ، مەكتەپ ئاپتوموبىلى بەلگە چىرىغى، ئاپتوموبىل توختىتىش كۆرسەتكۇچ بەلگىسىنى ئىشلەتكەنلەر؛ مەكتەپ ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ يول يۈرۈشتىن ئىلگىرى، مەكتەپ ئاپتوموبىلىنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا تەلىپىگە ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى تەكشۈرمىگەن ياكى بىخەتەرلىك يۇشۇرۇن خەۋپى ساقلانغان ئاپتوموبىلنى ھەيدىگەنلەر؛ ئوقۇغۇچىلار ئولتۇرغان مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىغا ماي قاچىلىغان ياكى مەكتەپ ئاپتوموبىلىنىڭ ماتورى ئۆچمەستىن بۇرۇن ئورنىدىن ئايرىلغانلار. مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى شوپۇرلىرىنىڭ باشقا قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا نومۇر تارتقاندا، «يول قاتناش بىخەتەرلىكى بويىچە تارتىلىدىغان  نومۇر قىممىتى» نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئىجرا قىلىنىدۇ. ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، باشقا ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرى بەلگىلىمە بويىچە مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىغا يول بېرىشى كېرەك، ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلىرى مەكتەپ ئاپتوموبىلىغا بەلگىلىمە بويىچە يول بەرمىگەندە بىر قېتىمدا ئالتە نومۇر تارتىلىدۇ.
   60. چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى، يۈك توشۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ سۈرئىتى چەكلىمىدىن ئېشىپ كىتىش، نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سېلىشتەك قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشلارغا نومۇر تارتىش قانداق بەلگىلەنگەن ؟
جاۋاب: چوڭ ،ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى، يۈك توشۇش  ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىنىڭ قاتناش قائىدىسىگە  خىلاپلىق قىلىشى- ئاممىنىڭ قازا قىلىش، يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان  قاتناش ۋەقەلىرى پەيدا بولۇشنىڭ مۇھىم سەۋەبى. 2011-يىلى  مەملىكەت بويىچە 10دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان قاتناش ۋەقەسىدىن 27 قېتىم يۈز بەرگەن. ۋەقە تۇغدۇرغان ئاپتوموبىل تىپىدىن قارىغاندا، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى، يۈك تۇشۇش ئاپتوموبىللىرى 27 قېتىم ۋەقە تۇغدۇرغان بولۇپ، ئومۇمىي ۋەقەنىڭ %85.5 ىنى تەشكىل قىلغان؛ بۇنىڭ ئىچىدە يولۇچى توشۇش ئاپتوموبىللىرى 16 قېتىم ۋەقە تۇغدۇرغان بولۇپ، %51.9نى ئىگىلىگەن.بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىدىن قارىغاندا، ھەممىسىدە سۈرئەتنى چەكلىمىدىن ئاشۇرۇۋېتىش، نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سېلىش، يۈك بېسىش  ۋە چارچىغان ھالدا ئاپتوموبىل ھەيدەش قاتارلىق قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى ساقلانغان. چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى، يۈك توشۇش ئاپتوموبىللىرىنى تېخىمۇ قاتتىق باشقۇرۇش، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى، يۈك توشۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سېلىش، سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەشتەك بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلار سەۋەبلىك كىلىپ چىقىدىغان قاتناش ۋەقەسىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ 123- نومۇرلۇق پەرمانىدا مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچى، يۈك توشۇش ئاپتوموبىللىرى قاتارلىق نۇقتىلىق ئاپتوموبىللار شوپۇرلىرىنىڭ سۈرئەتنى چەكلىمىدىن ئاشۇرۇۋېتىش، نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سېلىشتەك قاتناش قائىدىسىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا قارىتا تارتىلىدىغان نومۇرنىڭ قىممىتى ئۆستۈرۈلدى.
سۈرئەتنى چەكلىمىدىن ئاشۇرۇۋېتىش قىلمىشى توغرىسىدا، بىرىنچىدىن، ئوتتۇرا تىپتىن يۇقىرى يولۇچى، يۈك توشۇش ئاپتوموبىللىرى، مەكتەپ ئاپتوموبىلى، خەتەرلىك بويۇملارنى توشۇيدىغان ئاپتومۇبىللارنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، شەھەر تېز سۈرئەتلىك تاشيولىدا ھەيدىگەندە چەكلىمىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن سائەتلىك سۈرئىتى %20تىن يۇقىرى ياكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، شەھەر تېز سۈرئەتلىك تاشيولىدىن باشقا يولدا ھەيدىگەندە چەكلىمىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن سائەتلىك سۈرئىتى %50 تىن يۇقىرى بولسا بىر قېتىمدىلا 12 نومۇر تارتىلىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ئوتتۇرا تىپتىن يۇقىرى يولۇچى، يۈك توشۇش ئاپتوموبىلى، مەكتەپ ئاپتوموبىلى، خەتەرلىك بويۇملارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىلنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، شەھەر تېز سۈرئەتلىك تاشيولىدا ھەيدىگەندە چەكلىمىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن سائەتلىك سۈرئىتى %20 كە يەتمىگەن ھەمدە باشقا يولدا ھەيدىگەندە چەكلىمىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن سائەتلىك سۈرئىتى %20تىن يۇقىرى %50تىن تۆۋەن بولغاندا بىر قېتىمدا ئالتە نومۇر تارتىلىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، ئوتتۇرا تىپتىن يۇقىرى يولۇچى، يۈك تۇشۇش ئاپتوموبىللىرى، خەتەرلىك بويۇملارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، شەھەر تېز سۈرئەتلىك تاشيولىدىن باشقا يولدا ھەيدىگەندە ياكى باشقا ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدىگەندە چەكلىمىدىن ئاشۇرۇپ ھەيدىگەن سائەتلىك سۈرئىتى %20 كە يەتمىگەن بولسا بىر قېتىمدا ئۈچ نومۇر تارتىلىدۇ.
نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سېلىشقا قارىتا، بىرىنچىدىن، يولۇچى تىرانسىپورت ئاپتوموبىللىرى (ئاممىۋى ئاپتۇبۇسنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىدىكى ئادەم سانى بەلگىلەنگەن ئادەم سانىدىن %20 ئارتۇق بولسا بىر قېتىمدا 12 نومۇر تارتىلىدۇ؛ تىجارەت ئاپتوموبىلى (ئاممىۋى ئاپتۇبۇسنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، مەكتەپ ئاپتوموبىلىنىڭ نورمىدىن ئارتۇق سالغان ئادىمى %20كە يەتمىسە ياكى باشقا يولۇچى توشۇش ئاپتوموبىلىنىڭ نورمىدىن ئارتۇق سالغان ئادىمى %20تىن يۇقىرى بولسا بىر قېتىمدا ئالتە نومۇر تارتىلىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، تىجارەت ئاپتوموبىلى (ئاممىۋى ئاپتوبۇسنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، مەكتەپ ئاپتوموبىلى، بۇنىڭدىن باشقا يولۇچى توشۇش ئاپتوموبىللىرى نورمىدىن ئارتوق سالغان ئادەم سانى %20كە يەتمىسە بىر قېتىمدا ئۇچ نومۇر تارتىلىدۇ.
   61. ھىرىپ-چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ نومۇرى قانداق تارتىلىدۇ؟
جاۋاپ: ھىرىپ-چارچاپ ئاپتوموبىل ھەيدەپ قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ نومۇرىنى تارتىش توغرىسىدا ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ 123- نومۇرلۇق پەرمانىدا ماۋۇلار ئېنىق بەلگىلەندى: يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، خەتەرلىك بويۇملارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىدىن تۆت سائەتتىن ئارتۇق دەم ئالمىغان ياكى دەم ئالغان ۋاقتى 20مىنۇتقا يەتمىگەنلەرنىڭ بىر قېتىمدا 12 نومۇرى تارتىلىدۇ؛ ئوتتۇرا تىپتىن يۇقىرى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، خەتەرلىك بويۇملارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىلدىن باشقا ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى تۆت سائەتتىن ئارتۇق دەم ئالمىغان ياكى دەم ئالغان ۋاقتى 20 مىنۇتقا يەتمىگەن بولسا ئالتە نومۇرى تارتىلىدۇ.
   62. ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ نومۇر تاختىسى ئېسىلمىغان، قەستەن توسۇپ قويۇلغان، نومۇرى زىيانغا ئۇچرىغان، نومۇر تاختىسىنى بەلگىلىمە بويىچە ئورناتمىغانلارنىڭ  نومۇرى قانداق تارتىلىدۇ؟
جاۋاپ: ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ نومۇرى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يول يۈرۈشىدىكى ئىسپات. «يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى» دا ماۋۇلار بەلگىلەندى: ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدىگەندە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ نومۇر تاختىسىنى ئېسىش، تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغان بەلگە، سۇغۇرتا بەلگىسنى ئېسىش ھەمدە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى پىراۋىسىنى ھەر ۋاقىت ئېلپ يۈرۈش كېرەك. ماتورلۇق قاتناش  ۋاستىسى نومۇر تاختىسىنىڭ بەلگىلىمە بويىچە ئېنىق، مۇكەممەل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، قەستەن توسۇپ قويماسلىق، زىيانغا ئۇچراتماسلىق كېرەك. «يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنى  يولغا قويۇش نىزامى» گە ئاساسەن،  ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى نومۇر تاختىسىنى ئاپتوموبىلنىڭ ئالدىغا ئېسىش، ئاپتوموبىل ئارقىسىدىكى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئېنىق، مۇكەممەل بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى نومۇر تاختىسىنى قەستەن توسۇپ قويۇش، زىيانغا ئۇچرىتىش ياكى بەلگىلىمە بويىچە ئورناتماسلىق قاتارلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنىڭ سۇبيېكتىپ قەستەنلىكى كۈچلۈك، جەمئىيەتكە بولغان زىيىنى چوڭ، قىلمىشى ناچار ھەرىكەت. بۇ خىل قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنى تۈپتىن تۇزەشتە يول قاتناش بىخەتەرلىكى ۋە قاتناش تەرتىپىنى قوغداشتا، شوپۇرلارنىڭ نومۇرىنى خاتىرىلەش تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۇرۇش كېرەك، قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەردىن  تارتىلىدىغان نومۇر قىممىتىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارغا بولغان تەربىيە ۋە باشقۇرۇشنى كۇچەيتىش كېرەك.جەمئىيەتتىكلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئاممىنىڭ ساداسىغا قارىتا، ج خ مىنىستىرلىقى چەت ئەلنىڭ ئىلغار تەجىرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىش ۋە كەڭ كۆلەمدە  پىكىر توپلاش ئاساسىدا، 123- نومۇرلۇق پەرماندا يۇقىرىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلاردىن تۇتۇلىدىغان نومۇرنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈپ، بۇ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا زەربە بېرىش سالمىقىنى زورايتتى. ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى يول يۈرگەندە نومۇر تاختىسىنى ئاسمىغان، قەستەن توسۇپ قويغان، زىيانغا ئۇچراتقان ياكى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى نومۇر تاختىسىنى بەلگىلىمە بويىچە ئاسمىغانلاردىن ئەسلىدىكى بىر قېتىمدا ئالتە نومۇر تارتىش بىر قېتىمدا 12 نومۇر تارتىشقا ئۆستۈرۈلدى.
   63. ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتۈشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئۈچۈن تارتىلىدىغان نومۇر نېمە ئۈچۈن ئەسلىدىكى ئۈچ نومۇردىن ئالتە نومۇرغا ئۆزگەرتىلدى؟
جاۋاپ : قاتناش سىگنالىغا خىلاپلىق قىلىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىش يول قاتناش تەرتىپىنى  ئېغىر دەرىجىدە  بۇزۇش بولۇپ، زىيىنى چوڭ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى قاتناش ۋەقەسى كەلتۈرۈپ چىقىرىش نېسبىتى ۋە خادىملارنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ،  ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ئىزچىل باشقۇرۇپ، كونتىرول قىلىۋاتقان نوقتىلىق قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى ھېسابلىنىدۇ. ئستاتىستىكىغا قارىغاندا، 2012-يىلنىڭ ئالدىنىقى يىرىمىدا، مەملىكەت بويىچە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ قىزىل چىراغنى بۆسۇپ ئۆتۈش نېسبىتى 2011-يىلىنىڭ ئالدىنىقى يىرىمىدىن %32.5 ئاشقان. 2011-يىلى مەملىكەت بويىچە قىزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتۈش سەۋەبلىك كىلىپ چىققان قاتناش ۋەقەسى 4768 قېتىم يۈز بېرىپ، 1175 ئادەمىنىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. « يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى »دا ماۋۇلار بەلگىلەندى: قاتناش سىگىنالىغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىغا قارىتا، ئاگاھلاندۇرۇش ياكى 20يۈەندىن يۇقىرى 200يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نومۇر تارتىلىدۇ. قانۇنغا خىلاپ قىلىش تەننەرخىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، شوپۇرلارنى ئۈنۈملۈك ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ 123- نومۇرلۇق پەرمانىدا قاتناش سىگنالىغا خىلاپلىق قىلغان شوپۇرلاردىن تارتىلىدىغان نومۇر قىممىتى بىر قېتىمدا ئۇچ نومۇر تارتىشتىن ئالتە نومۇر تارتىشقا تەڭشەلدى.
64. دەل-دەرەخ ياكى چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىل توسۇۋالغانلىقتىن ئۇقۇشماسىتىن قىزىل چىراغدىن بېسىپ ئۆتسە، جازانى كەچۈرۈم قىلىشقا بولامدۇ؟
جاۋاب: يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ھەر قايسى جايلاردىكى ج خ ئورگانلىرى مەمۇرىي ئەرز قىلىش ۋە قۇتقۇزۇش مىخانىزمىنى ئورناتقان ۋە ساغلاملاشتۇرغان بولۇپ، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرلىرى يول قاتناش بىخەتەرلىكى بويىچە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا بېرىلگەن جازاغا قايىل بولماي، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلغان ياكى مەمۇرىي داۋا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە ھۆكۈم ئۆزگەرتىلگەن ياكى ئەسلىدىكى جازالاش قارارى بىكار قىلىنغان بولسا، تارتىلغان مۇناسىپ نومۇر ئۆزگەرتىلىدۇ ياكى بىكار قىلىنىدۇ. دەل-دەرەخ ياكى چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىل توسۇۋالغانلىقتىن ئۇقۇشماسىتىن قىزىل چىراغدىن بېسىپ ئۆتكەنلەرگە قارىتا، تەكشۈرۈپ دەلىللىگەندىن كېيىن، قاتناش چېرىغىنى ئورنىتىشتىكى سەۋەنلىك تۈپەيلىدىن كىلىپ چىققان بولسا، مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىپ، ئەسلىدىكى جازا قارارىنى قانۇن بويىچە ئۆزگەرتسە ياكى بىكار قىلسا بولىدۇ.
65. تۈز يولدا كېتىۋاتقان ئاپتوموبىللار يول ئېغىزىغا كەلگەندە قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئوڭ-سولغا قايرىلسا قانداق جازا بېرىلىدۇ؟
جاۋاب: بۇ خىل قىلمىش بەلگىلەنگەن ئاپتوموبىل يولىدا يول يۈرمەسلىك قىلمىشىغا تەۋە بولۇپ، تاشيولنىڭ خاراكتېرىگە ئاساسەن بېكىتىلىشى كېرەك. ئەگەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، شەھەر تېز سۈرئەتلىك تاشيولىدا بەلگىلەنگەن ئاپتوموبىل يولىدا يول يۈرمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئۈچ نومۇر تارتىلىپ، 20 يۈەندىن يۇقىرى 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، ئەگەر ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، شەھەر تېز سۈرئەتلىك تاشيولىدىن باشقا يوللاردا بەلگىلەنگەن ئاپتوموبىل يولىدا يول يۈرمىسە، نومۇر تارتىلمايدۇ، 20 يۈەندىن يۇقىرى 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.
66. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى پىيادىلەر ئۆتۈشمە يولىغا كەلگەندە سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئۆتسە بولامدۇ؟
جاۋاب: پىيادىلەر ئۆتۈشمە يول سىزىقى پىيادە ماڭغان كىشىلەرنىڭ يولدىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان قاتناش سىگىنالى بولۇپ، پىيادە ماڭغان كىشىلەرنىڭ پىيادىلەر ئۆتۈشمە يولىدا يول يۈرۈش ھوقۇقى بار. «يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنى» دا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى پىيادىلەر ئۆتۈشمە يولىدىن ئۆتكەندە سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ مېڭىشى؛ پىيادە كىشىلەرنىڭ پىيادىلەر ئۆتۈشمە يولىدىن ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، يول بېرىشى كېرەك. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش سىگىنالى يوق يوللاردا ماڭغاندا پىيادىلەرنىڭ يولدىن ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە يول بېرىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. شۇڭا، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى پىيادىلەر ئۆتۈشمە يولىغا كەلگەندە سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ مېڭىشى، پىيادە كىشىلەرنىڭ پىيادىلەر ئۆتۈشمە يولىدىن ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، توختاپ يول بېرىشى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن، شوپۇرغا 20 يۈەندىن يۇقىرى 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلۇپ، ئۈچ نومۇر تارتىلىدۇ.
67. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەۋىتىپ تېلېفون ئۇرۇش ۋە تېلېفون قوبۇل قىلىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى سادىر قىلسا قانداق نومۇر تارتىلىدۇ؟
جاۋاب: ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەۋاتقاندا، يۈكسەك دەرىجىدە دىققەت قىلىپ، يولدا كۆرۈلگەن ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا بايقاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. تېلېفون ئۇرغان ۋە قوبۇل قىلغاندا، شوپۇرلارنىڭ دىققىتى بۆلۈنۈپ، بايقاش، ھۆكۈم قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر يىتىدۇ. شۇڭا، «يول قاتناش بىختەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى»دا ئېنىق قىلىپ: ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدىگەندە تېلېفون ئۇرۇش، تېلېفون قوبۇل قىلىش، تېلېۋىزور كۆرۈش قاتارلىق بىخەتەر يول يۈرۈشكە تەسىر يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلىشقا بولمايدۇ، يۇقىرىقى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان شوپۇرلارغا  20 يۈەندىن يۇقىرى 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئىككى نومۇر تارتىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.
68. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچى بىخەتەرلىك تاسمىسىنى باغلىمىسا قانداق نومۇر تارتىلىدۇ؟
جاۋاب: ئاپتوموبىل تېز سۈرئەتتە كىتىۋاتقاندا، تاساددىپىي ئەھۋالغا دۇچ كىلىپ جىددىي تورموزلىغاندا، بىخەتەرلىك تاسمىسىنى توغرا ئىشلەتكەن بولسا، شوپۇر ۋە يولوچىلارنى ئورۇندۇققا باغلاپ تۇرۇپ، سوقۇلۇپ يارىلىنىشتىن ساقلانغىلى ياكى سوقۇلۇشنى يىنىكلەتكىلى بولىدۇ. شوپۇرلارنى بىخەتەرلىك تاسمىسىنى ئىشلىتىشكە دەۋەت قىلىش ئۈچۈن، بەلگىلىمىدە: شوپۇرلار ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، شەھەر تېز سۈرئەتلىك تاشيوللىرىدا يول يۈرگەندە بەلگىلىمە بويىچە بىخەتەرلىك تاسمىسىنى باغلىمىغان بولسا بىر قېتىمدا ئىككى نومۇر تارتىلىدۇ. دېيىلگەن.
69. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يول ئېغىزىدا سېرىق چىراغنى بۆسۈپ يول يۈرسە جازالىنامدۇ؟
جاۋاب: «يول قاتناش بىختەرلىكى قانۇنى»دا: سېرىق سىزىق ئاگاھلاندۇرۇشنى بىلدۈرىدۇ ھەمدە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يول ئېغىزىغا كەلگەندە سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ ئۆتۈشى كېرەك. سېرىق چىراغ يېقىلغاندا توختاش سىزىقىدىن ئۆتۈپ بولغان ئاپتوموبىللار داۋاملىق مېڭىۋەرسە بولىدۇ، توختاش سىزىقىدىن ئۆتۈپ بولالمىغان ئاپتوموبىللار توختىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. سېرىق سىزىقنى بۆسۈپ ئۆتۈش قىلمىشى يول قاتناش سىگىنال چىرىغىغا خىلاپ ھالدا يول يۈرۈشكە تەۋە بولۇپ، شوپۇرغا 20 يۈەندىن يۇقىرى 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلۇپ، ئالتە نومۇر تارتىلىدۇ.
   70 . قىزىل چىراغنى ئىككى قىتىم بۆسۈپ ئۆتسە 12نۇمۇر تۇتۇپ قىلىنىپ، پىراۋىسى بىكار قىلىنامدۇ؟
  جاۋاپ: قىزىل چىراغنى ئىككى قىتىم بۆسۈپ ئۆتسە تۇتۇپ قىلىنغان نۇمۇر 12گە يىتىش يىغىندا نۇمۇر تولۇق نۇمۇرغا يىتىشكە تەۋە بولۇپ، ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى پىراۋىسىنى تۇتۇپ قالىدۇ، شوپۇر تاشيول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇن، بەلگىلىمىلىرىنى ئۆگىنىدۇ ھەمدە  ئىمتىھاننى قوبۇل قىلىدۇ. ئىمتھاندا لاياقەتلىك بولسا نۇمۇر بىكار قىلىنىپ، پىراۋىسى قايتۇرۇپ بىرىلىدۇ؛ ئىمتھاندا لاياقەتسىز بولسا ئۆگىنىش ۋە ئىمتھانغا داۋاملىق قاتنىشىدۇ. شۇڭا قىزىل چىراغنى ئىككى قىتىم بۆسۈپ ئۆتسە پىراۋىسى بىكار قىلىنىدۇ دېگەن قاراش خاتا.
     71. ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىگەنلەردىن قانداق نومۇر تارتىلىدۇ؟
جاۋاپ: ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش ئېغىر دەرىجىدە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىغا تەۋە. ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ 123-نۇمۇرلۇق پەرمانىدا ھاراق ئىچىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدىگەنلەردىن 12 نومۇر تارتىش بەلگىلەنگەن. ھاراق ئىچىپ تىجارەتكە ئىشلىتىلىدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدىسە، مەس بولۇپ تىجارەتكە ئىشلىتىلىدىغان ياكى تىجارەتكە ئىشلىتىلمەيدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدىسە پىراۋىسى بىكار قىلىنىدۇ.
72. ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەشنىڭ دائىرىسىنى بەلگىلەش ئۆلچىمى نېمە؟
  ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش ۋە مەس بولۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەشكە بۆلۈنىدۇ. ئاپتوموبىل شوپۇرىنىڭ قېنىدىكى ئىسپىرىتنىڭ مىقدارىml mg/10020 گە تەڭ ، ml mg/10080 دىن تۆۋەن بولسا ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش؛ شوپۇرنىڭ قېنىدىكى ئىسپىرىتنىڭ مىقدارى ml mg/10080دىن يۇقىرى بولسا مەس بولۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەش ھېسابلىنىدۇ.
     73. ئاپتوموبىللار يول يۈرگەندە مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىغا يول بەرمىسە قانداق نۇمۇر تارتىلىدۇ؟
جاۋاپ: توختاپ ئوقۇغۇچىلارنى ئېلىش ۋە چۈشۈرۈش مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ يول يۈرۈش بىخەتەرلىكىدىكى بىر مۇھىم ھالقا ، شۇنداقلا تاشيول قاتناش ھادىسىسلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر ئاچقۇچلۇق ھالقا . شۇڭا ، «مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى» دا چەتئەللەرنىڭ مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى تۈزۈمى ، بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى تۈزۈمىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەر ئۆرنەك قىلىنىپ، مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىغا توختاپ ئوقۇغۇچىلارنى ئالغان ياكى چۈشۈرگەن ۋاقتتىكى ئالاھىدە يول يۈرۈش ھوقوقى بېرىلگەن. بەلگىلىمىدە « مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى ئوخشاش بىر يۆنىلىشتە پەقەت بىرلا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى يولى بار بولغان يولدا توختىغاندا ئارقىدىن كىلىۋاتقان ئاپتوموبىل توختاپ ساقلاپ تۇرۇشى، يانداپ ئۆتۈپ كەتمەسلىكى كېرەك. مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى ئوخشاش يۆنىلىشتە ئىككىدىن ئارتۇق ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى يولى بار بولغان يولدا توختىغاندا ، مەكتەپ ئاپتوموبىلى توختىغان يولنىڭ ئارقى تەرىپىدىكى ۋە ئۇنىڭغا قوشنا بولغان ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى يولىدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى ئاپتوموبىلنى توختۇتۇپ ساقلاپ تۇرۇشى، باشقا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى يوللىرىدىكى ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى مۇناسىپ ھالدا سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ مېڭىشى كېرەك. مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئارقىدا توختاپ ساقلاۋاتقان ئاپتوموبىللار سىگىنال ئۇرۇپ ياكى چىرىقىنى ياندۇرۇپ مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنى ئالدىراتماسلىقى كېرەك » دېيىلگەن. ئەگەر جەمئىيەتتىكى باشقا ئاپتوموبىللار مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ توختاپ ئوقۇغۇچىلارنى ئېلىۋاتقانلىقى ياكى چۈشۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە بەلگىلىمە بويىچە مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىغا يول بەرمىسە 200يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، ئالتە نومۇر تارتىلىدۇ.
    74. مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى ئادەتتىكى ۋاقىتتا مەكتەپ ئاپتوموبىلى بەلگىسىنى ئىشلەتسە بولامدۇ؟
  جاۋاپ: مەكتەپ ئاپتوموبىلىرى يول يۈرگەندە ئالاھىدە ئىتىبارلىق يول يۈرۈش ھوقوقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، شۇڭا ئالاھىدە يول يۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئىجرا قىلىشى كېرەك. مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئالاھىدە ئىتىبارلىق يول يۈرۈش ھوقوقىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ، شۇنداقلا مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى شوپۇرلىرىنىڭ ئالاھىدە يول يۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى ئىجرا قىلىشىغا، ئالاھىدە ئىتىبارلىق يول يۈرۈش ھوقوقىدىن قالايمىقان پايدىلانماسلىقىغا نازارەتچىلىك قىلىش ئۈچۈن، « مەكتەپ ئاپتوموبىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى»دا «مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى ئوقۇغۇچىلارنى توشۇغاندا گوۋۇيۈەن ج خ تارماقلىرى بەلگىلىگەن ئورۇنغا مەكتەپ ئاپتوموبىلى بەلگىسىى قويۇشى كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن . مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى بەلگىسى ئاساسلىقى مەكتەپ ئاپتوموبىلىنىڭ ئىشلىتىش ئىجازىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ ھەمدە قاتناش خەلق ساقچىلىرىنىڭ مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ تەستىقلانغان لىنىيەسىدە يول يۈرگەن – يۈرمىگەنلىكى، مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنى ھەيدەش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان-بولمىغانلىقى، يۇقىرىغا مەلۇم قىلىنغان مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى شوپۇرىنىڭ ھەيدىگەن-ھەيدىمىگەنلىكى، ئوقۇغۇچىلارنى بەلگىلەنگەن ئادەم سانى بويىچە توشىغان –توشىمىغانلىقى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىگە قۇلايلىق يارىتىدۇ. مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى ئوقۇغۇچىلارنى توشۇماي يول يۈرگەندە مەكتەپ ئاپتوموبىلى بەلگىسىنى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك. ئەگەر بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا 200يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، شوپۇردىن ئىككى نۇمۇر تارتىلىدۇ.
  75. مەكتەپ ئاپتوموبىلىغا ماي قاچىلىغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
   جاۋاب: ماي قاچىلاش پونكىتى خەتەرلىك رايونغا تەۋە بولۇپ، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ماي قاچىلاش جەريانىدا، ماشىنىدا كاشىلا كۆرۈلۈش ياكى كۈتۈلمىگەن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاپتوموبىلغا ئوت كىتىشى، ھەتتا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىشى مۇمكىن. ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى تۆۋەن، خەتەردىن جىددىي قۇتۇلۇش، خەتەردىن دالدىلىنىش ئىقتىدارى قۇرامىغا يەتكەنلەردىن ئاجىز بولغاچقا، مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىغا ئوقوغۇچىلارنى توشۇش جەريانىدا ماي قاچىلاشنىڭ خەتىرى بىر قەدەر زور بولىدۇ. شۇڭا، «مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى»دا «مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ شوپۇرلىرى ئوقوغۇچىلار ئاپتوموبىلغا چىققاندا ماي قاچىلىسا بولمايدۇ»، «مەكتەپ ئاپتوموبىلىغا ماي قاچىلىماقچى بولغاندا، ئاۋۋال ئوقوغۇچىلارنى ئاپتوموبىلدىن چۈشۈرۈش كېرەك، خىلاپلىق قىلغۇچىلاردىن 200 يۈەن جەرىمانە ئېلىنىپ، شوپۇردىن نومۇر تارتىلىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن.
   76. تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن يول بۆلىكى توسۇلۇپ قالغاندا، مەكتەپ ئاپتوموبىلى ئايلىنىپ ماڭسا بولامدۇ؟
   جاۋاب: «مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى»دا «مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى ئوقۇغۇچىلارنى توشۇغاندا چوقۇم تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن يولدا مېڭىشى كېرەك. قاتناشنى تىزگىنلەش، يول قۇرۇلۇشى، تەبىئىي ئاپەت يۈز بېرىش، ناچار ھاۋا رايى كۆرۈلۈش ياكى ئېغىر قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىش قاتارلىق يول يۈرۈشكە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە بۇنىڭ سىرتىدا» دەپ بەلگىلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «قاتناش توسۇلۇپ قالغاندا، قاتناش ساقچىلىرى ئوقوغۇچىلارنى توشۇۋاتقان ئاپتوموبىللارنىڭ ئالدىن يول يۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن. شۇڭا، مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى يول يۈرگەندە قاتناش توسۇلۇپ قالغان ئەھۋالغا دۇچ كەلسە، ئايلىنىپ ماڭسا بولمايدۇ. مەكتەپ ئاپتوموبىلىدا ئوقوغۇچىلارنى توشۇۋاتقان شوپۇرلار تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن يولدا ماڭمىسا، 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، ئىككى نومۇر تارتىلىدۇ.
   77. مەكتەپ ئاپتوموبىلىنىڭ ماتورى ئۆچمىگەن، خالاستاي ۋاقىتتا، شوپۇر ئورۇندۇقىدىن ۋاقىتلىق ئايرىلسا بولامدۇ؟
   جاۋاب: مەكتەپ ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرى ماتورنى ئوت ئالدۇرغاندىن كېيىن ئورۇندۇقتىن ۋاقتىنچە ئايرىلسا، ئوقوغۇچىلاردىن بىرەر-ئىككىسى ئاپتوموبىلغا قىزىقىپ مەشغۇلات قىلىپ قالسا خەتەرلىك ئەھۋال كىلىپ چىقىشى مۇمكىن. شۇڭا، «مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى»دا «مەكتەپ ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىنىڭ ماتورنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرۈشتىن بۇرۇن ئورۇندۇقىدىن ئايرىلىشى قەتئىي چەكلىنىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. ئەگەر مەكتەپ ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرى ماتورنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرۈشتىن بۇرۇن ئورۇندۇقىدىن ئايرىلسا، 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، ئىككى نومۇر تارتىلىدۇ.
   78. مەكتەپ ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرى خالىغان يول بويىدا توختاپ ئوقوغۇچىلارنى ئاپتوموبىلغا چىقارسا بولامدۇ؟
   مەكتەپ ئاپتوموبىلىنى يولدا توختىتىش مەكتەپ ئاپتوموبىلىنىڭ يول يۈرۈش بىخەتەرلىكى ۋە يول يۈرۈش ئۈنۈمىگە مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا، «مەكتەپ ئاپتوموبىللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى»دا «مەكتەپ ئاپتوموبىلىغا چىقىپ-چۈشىدىغان ئوقوغۇچىلار چوقۇم مەكتەپ ئاپتوموبىلى توختايدىغان بېكەتتە تۇرۇشى، مەكتەپ ئاپتوموبىلى توختايدىغان بېكەت تەسىس قىلىنمىغان يول بۆلەكلىرىدە ئاممىۋى ئاپتوبوس بېكىتىدە تۇرۇشى كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن. مەكتەپ ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خالىغانچە يول بويىدا توختاپ ئوقوغۇچىلارنى چىقارسا ياكى چۈشۈرسە، 200 يۈەن جەرىمانە قويۇلۇپ، ئىككى نومۇر تارتىلىدۇ.
   79. نومۇر خاتىرىلەش ۋاقتى قانداق ھېسابلىنىدۇ؟
   جاۋاب: قاتناش بىخەتەرلىكىگە خىلاپ قىلمىشلاردىن جەمئىي نومۇر تۇتۇش مەزگىلى (نومۇر خاتىرىلەش دەۋرىي مەزگىلى) 12 ئاي، تولۇق نومۇر 12 بولۇپ، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى پىراۋىسىنى تۇنجى قېتىم ئالغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
   80. بىر قېتىم قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىشقا بېرىلگەن جازا ئىككىدىن ئارتۇق جانۇنغا خىلاپ قىلمىش ئۈچۈن نومۇر تارتىشقا چېتىشلىق بولسا، ھەممىسى تۇتۇلامدۇ؟
   جاۋاب: ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرىنىڭ بىر قېتىمدا ئىككىدىن ئارتۇق قىلمىشىدىن نومۇر تارتقاندا، ئايرىم-ئايرىم ھېسابلاپ، جەمئىي نومۇرى قوشۇپ ھېسابلىنىدۇ.
   81. نومۇر ھېسابلاش دەۋرىي مەزگىلىدىكى نومۇرنىڭ قىممىتى كېيىنكى قېتىملىق نومۇر ھېسابلاش دەۋرىي مەزگىلىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟
   جاۋاب: ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرىنىڭ بىر نومۇر خاتىرىلەش دەۋرىي مەزگىلىدىكى تارتىلغان نومۇرى 12گە يەتمىگەن، قويۇلغان جەرىمانىنى تۆلەپ بولغان بولسا، تارتىلغان نومۇرى ئۆچۈرۈۋېتىلىدۇ؛ تارتىلغان نومۇرى 12گە يەتمىگەن، لېكىن قويۇلغان جەرىمانىنى تۆلىمىگەن بولسا، تارتىلغان نومۇرى كېيىنكى نومۇر خاتىرىلەش دەۋرىي مەزگىلىگە يۆتكىلىدۇ.
   82. يىنىك دەرىجىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار ئۈچۈن نومۇر تارتمىسا ياكى جەرىمانە قويمىسىمۇ بولامدۇ؟
   جاۋاب: «يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، قىلمىشى يىنىك بولغان، يول قاتنىشىغا تەسىر يەتكۈزمىگەنلەرنى ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ۋە قاتناش ساقچىلىرى قىلمىشىنى كۆرسىتىپ بەرگەن، ئاغزاكى ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەندىن كېيىن قويۇپ بېرىشى كېرەك.

ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش تەدبىرلىرى

   83. باشقا يۇرتتا پىراۋىنى يىللىق تەكشۈرۈش ۋە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى سېناشقا ئىلتىماس قىلىشنىڭ قانداق تەلىپى بار؟
   جاۋاب: نۆۋەتتە، ماددىي ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كۆپلىگەن يولۇچى ۋە يۈك تىرانسىپورتى ئاپتوموبىللىرىنىڭ شوپۇرلىرى ئۆزى پىراۋا ئالغان جايدا يول تىرانسىپورت پائالىيىتى بىلەن ئۇزۇن مەزگىل شۇغۇللانمىغاچقا، پىراۋىسى ياكى ئاپتوموبىلىنىڭ تەكشۈرۈش ۋاقتى يىقىنلاپ قالغاندا، تىجارەت قىلىۋاتقان جايدىن تىزىمغا ئالدۇرغان جايغا قايتىپ كىلىپ، تەكشۈرۈش، سېناش كەسىپىنى بېجىرىشىگە توغرا كىلەتتى. ئاممىنىڭ يىقىن جايدا كەسىپ بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، 123-نومۇرلۇق پەرماندا مۇنداق بەلگىلەندى: باشقا جايلاردا تىرانسىپورت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان شوپۇرلار ئالدى بىلەن تىرانسىپورت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان جايدىكى ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا رويىخەتكە ئېلىپ تېزىملاشنى ئىلتىماس قىلىشى ھەمدە جەدۋەلگە تىرانسىپورت تىجارىتى كارخانىسى، يانفون نومۇرى قاتارلىق ئاساسلىق ئۇچۇرلارنى توشقۇزۇشى كېرەك. ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى بۇ ئاساسىي ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، ئەسكەرتىش مۇلازىمىتى ۋە كۈندىلىك تەربىيەنى قانات يايدۇرىدۇ. تىزىملىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بىر يىل توشقاندىن كېيىن، تىرانسىپورت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان جايدا پىراۋىنى تەكشۈرۈش ۋە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى سىناپ تەكشۈرۈش رەسمىيىتىنى بىۋاسىتە بېجىرسە بولىدۇ. ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، رويىخەتكە ئېلىپ تېزىملاش تۈزۈمى پەقەت يولوچى ۋە يۈك تىرانسىپورت ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىغا تەدبىقلىنىدۇ. تىرانسىپورت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانمايدىغان كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللار ۋە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى تىزىمغا ئالدۇرغان جايدىكى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىغا بېرىپ، باشقا جايدا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
84. شوپۇرلۇق پىراۋىسى يۈتۈپ كىتىپ قايتا بېجىرمەكچى بولسا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟
جاۋاب: 123 –نومۇرلۇق پەرمان يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، شوپۇرلۇق پىراۋىسى يۈتۈپ كەتكەن ياكى بۇزۇلۇپ كەتكەن شوپۇرلار پىراۋىنى تولۇقلاپ بېجىرىش ياكى ئالماشتۇرۇشقا ئىلتىماس قىلىپ بىر كۈن ئىچىدىلا يېڭى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئالالايدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىنىڭ پىراۋىنى سېلىشتۇرۇپ تارقىتىش ۋە ئالماشتۇرۇپ بېرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشىگە ئۈچ كۈن ۋاقىت كېتەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىنىڭ ئىچكى باشقۇرۇشىنىڭ تېخىمۇ قىلىپلىشىشى، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى تىزىملاش ۋە شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى قاتارلىق تور ۋە تېخنىك ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىگە، ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى خىزمەت ئورنىنىڭ ياخشى تەڭشىلىشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ كەسپلەرنى بېجىرىش شارائىتى تولۇق ھازىرلاندى. پىراۋىنى سېلىشتۇرۇپ تارقىتىش ۋە ئالماشتۇرۇپ بېرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشىگە بىر كۈنلا ۋاقىت كېتىدىغان بولۇپ، شۇپۇرلۇق پىراۋىسىنى يۈتتۈرۈپ قويۇپ قايتا بېجىرىشكە ئىلتىماس سۇنغانلارنىڭ ۋاقتىدا تولۇقلاپ بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىلدى.
   85. ناھىيە دەرىجىلىك ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى شوپۇرلۇق پىراۋىسى ئىمتىھانىغا ۋە تەكشۈرۈشكە قاتناشسا بولامدۇ- يوق؟
جاۋاب: ناھىيە دەرىجىلىك ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى ئاستا سۈرئەتلىك يۈك ئاپتوموبىلى، ئۈچ چاقلىق ئاپتوموبىل، موتوسكلىت پىراۋىسى ئىمتىھانىغا قاتناشسا ۋە بارلىق تۈردىكى شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى تولۇقلاپ بېجىرىش، ئالماشتۇرۇش، تەكشۈرۈش قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللانسا بولىدۇ.بەلگۈلۈك ئىمتىھان مەيدانى، ئەسلىھە، يول ۋە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر قاتارلىق شەرتلەرنى ھازىرلىغانلارغا قارىتا، كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل، كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق ئاپتوموبىل، مىيىپلەرنىڭ ئاپتوماتىك خوتلۇق يۇلۇچى ئاپتوموبىلى شوپۇرلۇق پىراۋىسىنىڭ بارلىق تۈر ئىمتىھانىنى بىۋاسىتە قوبۇل قىلسا ۋە باشقا تۈردىكى شوپۇرلۇق پىراۋىسىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنى، قانۇن- قائىدىلەر ۋە ئالاقىدار بىلىملەر ئىمتىھانىغا قاتناشسا بولىدۇ.ئىقتىسادىي تەرەققىيات شارائىتىنىڭ تەسىرى سەۋەبلىك، ھەرقايسى جايلارنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىنىڭ ئاساسىي شارائىتى، ساقچى كۈچى قاتارلىق جەھەتلەردە پەرق زور، كونكرېت كەسپ دائىرىسى ۋە بېجىرىدىغان شارائىتىنى ئۆلكە دەرىجىلىك ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتسە بولىدۇ.
   86. شوپۇرلۇق پىراۋىسى بېجىرىش كەسپىدە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ماتېرىيال ۋە تەلەپلەرنى قانداق سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ؟
جاۋاب: نۆۋەتتە، ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ئاساسلىقى ئۈچ خىل يول ئارقىلىق كەسپ بېجىرىشتە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ماتېرىيال، جەدۋەل، شەرت، ئاساس، تەرتىپ ۋە ھەق ئېلىش ئۆلچىمى قاتارلىق ئىشلارنى ئاشكارا ئېلان قىلىدۇ. بىرىنچى، ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى، قاتناش مۇلازىمەت پۇنكىتى قاتارلىق ئاممىۋى  ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىدا كەسپ بېجىرىش ئىشلىرىنى ئاشكارا ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ، ئىش بېجىرىشكە يېتەكچىلىك قىلىش سەھنىسى تەسىس قىلىپ، ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ مەسلىھەت سورىشىغا قولايلىق يارىتىدۇ؛ ئىككىنچى، ئۆلكە دەرىجىلىك، شەھەر دەرىجىلىك ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى تورنىڭ ئاساسىي بېتىگە ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ توردا ئالاقىدار بەلگۈلىمىلەرنى كۆرۈشى، شوپۇرلۇق پىراۋىسى نۇمۇر خاتىرىلەش قاتارلىق ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولىشى، ئالاقىدار جەدۋەللەرنى چۈشۈرىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىدۇ؛ ئۈچىنچى، بىر قىسىم ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى يەنە ئاپتوموبىل باشقۇرۇش تېلېفونى مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسىنى ئېچىپ، ئاممىغا مەسلىھەت بېرىدۇ ھەمدە بىر قىسىم كەسپلەرنى بېجىرىدۇ.
يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەش
   87. شوپۇرنىڭ پىراكتىكا مەزگىلىدە ماتۇرلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدىشىگە قارىتا يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيولدا قانداق بەلگىلىمىلەر بار؟
جاۋاب: 2004 – يىلى 5 – ئاينىڭ 1-كۈنى «يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى» يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى، شوپۇرنىڭ پىراكتىكا مەزگىلىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدىشى چەكلەنگەن. يېڭى ئەسىرگە قەدەم قويغانلىقنى ئويلىشپ ، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول يول تور قۇرۇلۇشى سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشى، ئائىلە ئاپتوموبىلىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشى، كىشىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا سەپەرگە چىقىشىنىڭ كۆپىيىشى، نۇرغۇن شوپۇرلارنىڭ پىراكتىكا مەزگىلىدە سەپەرگە چىقىشقا ئىھتىياجلىق بولۇشى، بولۇپمۇ ئۆز ئالدىغا ساياھەت قىلىش قاتارلىق ئوتتۇرا، ئۇزۇن مەزگىللىك سەپەرنىڭ كۆپىيىشى، بۇ سەۋەبلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يول يۈرۈشكە ئىھتىياجلىق بولۇش سەۋەبلىك ،« يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، شوپۇرلارنىڭ پىراكتىكا مەزگىلىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يول يۈرۈشىگە چەك قويۇلمايدىغان بولدى. لېكىن، شوپۇرلارنىڭ پىراكتىكا مەزگىلىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ھادىسە سادىر قىلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، زور كۆپ قىسمى شوپۇرلۇق تېخنىكىسى يۇقىرى بولماسلىق، تەجىربىسى يېتەرسى بولۇشتىن بولغان. 123 نومۇرلۇق پەرمان چەت ئەلنىڭ ئۇسۇلىنى ئۆرنەك ئېلىپ، شوپۇرلار پىراكتىكا مەزگىلىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىگەندە،ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش رۇخسەت قىلىنغان كىنىشكىسى مۇناسىپ ھالدا يۇقىرى بولغان ياكى  شوپۇرلۇق پىراۋىسى ئالغىنىغا ئۈچ يىلدىن ئارتۇق بولغان شوپۇر بىللە مىڭىشى كېرەك، دەپ بەلگىلىدى.بۇنىڭ ئىچىدە، مەخسۇس مىيىپلار ھەيدەيدىغان كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق يولۇچى ئاپتوموبىلى ھەيدىگەندە، كىچىك تىپتىكى ئاپتوماتىك خوتلۇق يولۇچى ئاپتوموبىلىدىن يۇقىرى ئاپتوموبىللارنى ھەيدەش ئىجازەتنامىسى ئالغان شوپۇرلار بىللە ماڭسا بولىدۇ. لىكىن، ھەيدەش رۇخسەت قىلىنىدىغان ئاپتوموبىلنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىنكى پىراكتىكا مەزگىلىدە شوپۇر ئەسلىدە ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنىدىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگەن بولسا بۇنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.
   88. ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى شوپۇرنىڭ پىراكتىكا مەزگىلىدە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ماڭغاندا شوپۇر ئېلىۋالغانلىقىنى قانداق تەكشۈرىدۇ؟
جاۋاب: قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىە دۆلەتنىڭ مەجبۇرلاش كۈچى بىلەن كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ، لېكىن ئەڭ مۇھىمى پۇقرالارنىڭ قانۇنغا ئاڭلىق بويسۇنۇشى ئارقىسىدا ئىشقا ئاشىدۇ. شوپۇرلار پىراكتىكا مەزگىلىدە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ماڭغاندا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىشىگە رۇخسەت قىلىش پىراۋىسى ئۈچ يىلدىن ئاشقان شوپۇر ھەمرا بولۇپ مېڭىشى كېرەك دېگەن بەلگۈلىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە،ئوخشاشلا شوپۇرلارنىڭ ئاڭلىق بويسۇنىشىغا تايىنىلىدۇ. ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ھەق يىغىش پونكىتى، كىرىش – چىقىش ئىغىزى، مۇلازىمەت رايونى قاتارلىقلارغا تايىنىپ ئارىلاپ تەكشۈرىدۇ، پىراكتىكا مەزگىلىدە بەلگۈلىمىگە ئۇيغۇن بولمىغان بولسا  ياكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدىشىگە رۇخسەت قىلىش پىراۋىسى ئۈچ يىلدىن ئاشقان شوپۇر ھەمرا بولۇپ ماڭمىغانلىقى بايقالسا، ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى 123 نومۇرلۇق پەرماندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، شوپۇرغا 20 يۈەندىن يۇقىرى 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە دەرھال يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن ئايرىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ؛ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا كىرىش تەييارلىقىدا بولىۋاتقان بولسا، تەربىيە بېرىپ قايتۇرىدۇ.
   89. پىراكتىكا مەزگىلىدە شوپۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ۋەقە سادىر قىلغاندىن كېيىن ھەمرا بولۇپ ماڭغان شوپۇر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالامدۇ- يوق؟
جاۋاب: پىراكتىكا مەزگىلىدە شوپۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ھەيدەپ يول قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلغان بولسا، ج خ قاتناش تارماقلىرى پىراكتىكا مەزگىلىدىكى شوپۇرنىڭ قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش ۋە سەۋەنلىك سادىر قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ دەلىللىگەندىن كېيىن، ۋەقەدىكى مەسئۇلىيتىنى بېكىتسە بولىدۇ. ئەگەر ھەمرا بولغۇچى شوپۇر پىراكتىكا مەزگىلىدىكى شوپۇرنى يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىغا، قانۇن – بەلگۈلىمىلەرگە ۋە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى بىخەتەر ھەيدەش تەلىپىگە  خىلاپلىق قىلىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەشكە مەجبۇرلاپ، قاتناش ۋەقەسى سادىر قىلغان بولسا، ھەمرا بولغۇچى شوپۇر مۇناسىپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ. جىنايەت سادىر قىلمىغان بولسا، «يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى» نىڭ 99- ماددىسىدىكى بەلگۈلىمىگە ئاساسەن، ھەمرا بولغۇچىغا 200 يۈەندىن يۇقىرى 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ جىنايەت سادىر قىلغان بولسا، قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار مەسئۇلىيتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
   90. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىدا كاشىلا كۆرۈلۈپ، يوقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا توختىتىپ قويۇلسا، قانۇنغا خىلاپ ئاپتوموبىل توختىتىش ھېسابلىنامدۇ- يوق؟
جاۋاب: يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئاپتوموبىل توختىتىش ئىنتايىن خەتەرلىك قىلمىش بولۇپ، ئاسانلا سوڭدىشىپ قىلىش، ئاپتوموبىللار سوقۇلۇپ كىتىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىدۇ. «يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ يولغا قويۇش مىزانى» نىڭ بەلگۈلىمىلىرىەە ئاساسەن، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. لىكىن ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا كاشىلا كۆرۈلسە ياكى قاتناش ۋەقەسى كۆرۈلسە، «يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى» ۋە ئۇنىڭ يولغا قويۇش مىزانىدىكى ئالاقىدار بەلگۈلىمىلەرگە ئاساسەن، شوپۇر خەتەرلىك ئەھۋالنى  مەلۇم قىلىش چىرىقىنى ياندۇرۇپ، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى قاتناشقا تەسىر كۆرسەتمەيدىغان جايغا يۆتكەپ قويۇشى كېرەك؛ يۆتكەش بىئەپ بولۇپ قالسا، خەتەرلىك ئەھۋالنى  مەلۇم قىلىش چىرىقىنى داۋاملىق ياندۇرۇپ، ئاپتوموبىلنىڭ ئارقىدىن 150 مېتىر ئارىلىقتا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى ئورنىتىشى، ئاپتوموبىلدىكىلەر دەرھال يولنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئۆتۈپ كىتىشى ياكى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش يولىغا ئۆتۈپ كىتىشى،شۇنداقلا دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك. شۇڭا، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا كاشىلىغا ياكى قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ، ئاپتوموبىلنى يۆتكەشكە ئامال بولماي ئاپتوموبىل يولىغا توختاتمىغان بولسا ھەمدە ئاگاھلاندۇرۇش بەلگۈسىنى قويۇپ قويغان بولسا قانۇنسىز توختىتىش ھېسابلانمايدۇ. ئەگەر ئاپتوموبىلنى سەۋەبسىز يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا توختىتپ قويۇپ، يۆتكىگىلى بولسىمۇ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش يولىغا ياكى جىددىي ئاپتوموبىل توختىتىش بەلبىغىغا يۆتكىمىگەن بولسا ھەمدە ئاپتوموبىلنىڭ كاشىلىسى سەۋەبلىك يۆتكىگىلى بولمىسىمۇ تەلەپ بويىچە ئاگاھلاندۇرۇش بەلگۈسىنى قويمىغان بولسا، قانۇنسىز ئاپتوموبىل توختىتىش ھېسابلىنىدۇ.  قانۇنسىز ئاپتوموبىل توختىتىشقا تەۋە بولسا ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى «يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى» ۋە ئۇنىڭ يولغا قويۇش مىزانىغا، 123 پەرمانىنىڭ ئالاقىدار بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن، ئالاقىدارغا 20 يۈەندىن يۇقىرى 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، يولۇچىلار ئاپتوموبىلى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا توختىتىپ قويۇلسا بىر قېتىمدا 12 نومۇر خاتىرلىنىدۇ. يولۇچىلار ئاپتوموبىلىدىن باشقا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئاپتوموبىل يول بۆلىكىدە توختىتىلغان بولسا بىر قېتىمدا 6 نڭمۇر خاتىرلىنىدۇ. بەلگۈلىمىگە ىىلاپ ھالدا چىراق ياققان ياكى ئاگاھلاندۇرۇش بەلگۈسى قويغان بولسا، بىر قېتىمدا 3 نۇمۇر خاتىرلىنىدۇ.
   91. نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ تاشيولدا سۈرئەتكە چەك قويۇشقا ئالاقىدار قانداق بەلگۈلىمىلىرى بار؟
جاۋاب: نۆۋەتتە، ئېلىمىز يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا سۈرئەتكە چەك قويۇشتا تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىدۇ: بىرىنچى، بەلگە تاختىسى ئارقىلىق چەك قويۇش. يەنى تاشيولدا تەسىس قىلىنغان سۈرئەتكە چەك قويۇش بەلگۈسى، بەلگە سىزىقىدا بەلگۈلەنگەن سۈرئەتنى كۆرسىتىدۇ. كونكرېت سۈرئەتكە چەك قويۇش قىممىتىنى  قاتناش تىرانسپورت تارماقلىرى تاشيولنىڭ بەلگۈلەنگەن سۈرئىتى ۋە تاشيول ئىقتىدار تۈرى، گىئومىتىيەلىك شەكىل ئالاھىدىلىكى، يول يۈرۈش قاتناش مىقدارى، يو مۇھىتى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارغا ئاساسەن ئۇنۋېرسال بېكىتىدۇ. ئىككىنچى، قانۇندا بەلگۈلەنگەن سۈرئەتكە چەك قويۇش. سۈرئەتكە چەك قويۇش بەلگىسى يوق يوللاردا قانۇن – بەلگۈلىمىلەردە بەلگۈلەنگەن سۈرئەتكە چەك قويۇشقا بويسۇنۇش كېرەك. «يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى»  ۋە ئۇنىڭ يولغا قويۇش بەلگۈلىمىسىگە ئاساسەن، مەركىزىي لىنىيە يوق تاشيوللاردا سۈرئەتكە چەك قويۇش سائىتىگە 40 كىلومېتىر بولىدۇ؛ ئوخشاش يۆنىلىشتە پەقەت بىرلا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى  يولى بار بولغان تاشيولدا سۈرئەتكە چەك قويۇش سائىتىگە 70 كىلومېتىر بولىدۇ؛ ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى كىرىپ – چىقىدىغان يولدا ، تۆمۈر يولنى ئايلىنىپ ئۆتكەندە، ئەگرى- توقاي يولدا، تار يولدا، تار كۆۋرۈكتە ۋە ئاپتوموبىلنى جىددىي بۇرايدىغان، ئەگىلىدىغان، دۆڭدىن چۈشىدىغان چاغدا، سۈرئەتكە چەك قويۇشتا سائىتىگە 30 كىلومېتىر بولىدۇ. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئەڭ يۇقىرى سۈرئەت چىكى سائىتىگە 120 كىلومېتىر بولىدۇ. ئۈچىنچى، ئالاھىدە ۋاقىت ۋە ھاۋارايىدا سۈرئەتكە چەك قويۇش. «يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى» ۋە ئۇنىڭ يولغا قويۇش مىزانىغا ئاساسەن، ئادەتتىكى يولدا يول يۈرگەندە، تۇمانلىق، يامغۇرلۇق، قار، چاڭ –توزانلىق، مۆلدۈرلۈك ھاۋارايى كۆرالۈپ كۆرۈش ئارىلىقى 50 مېتىر بولسا ۋە قار – مۇز، لاي –توپىلىق يولدا يول يۈرگەندە سۈرئەتكە چەك قۇيۇش سائىتىگە 30 كىلومېتىر بولىدۇ. يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنى قاتتىق باشقۇرۇش ئۈچۈن، «گوۋۇيۈەننىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش  خىزمىتىگە ئالاقىدار پىكرى»(گوۋۇيۈەن {2012}30 نومۇرلۇق) ۋە «ج خ تارماقلىرىنىڭ ‹گوۋۇيۈەننىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش خىزمىتىگە ئالاقىدار پىكرى›نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»(ج خ تارماقلىرىنىڭ {2012}42 نومۇرلۇق)نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، يولۇچىلار ئاپتوموبىلى كەچتە(سائەت 22 دىن سەھەر سائەت 5 كىچە) يول يۈرگەندە سۈرئىتى كۈندۈزدىكى سۈرئەتنىڭ %80 ىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
   92. ھاۋارايى يامغۇرلۇق، قارلىق، تۇمانلىق بولغاندا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا سۈرئەتكە چەك قويۇش جەھەتتە قانداق ئالاھىدە بەلگىلىمىلەر بار؟
جاۋاب: «يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى»دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تۇمان، يامغۇر، قار، قۇم-بوران، مۆلدۈر قاتارلىق كۆرۈش ئارىلىقى تۆۋەن بولغان ھاۋارايى شارائىتىغا دۇچ كېلىپ، كۆرۈش ئارىلىقى 200 مېتىردىن تۆۋەن بولغاندا، شوپۇرلار تۇمان چىرىغى، يېقىننى يورۇتۇش چىرىقى، بۇرۇلۇش چىرىغى ۋە ئالدى-كەينى چىراغنى يېقىپ، ئاپتوموبىلنىڭ سائەتلىك سۈرئىتىنى 60 كىلومېتىردىن ئاشۇرىۋەتمەي، ئالدىدىكى ئاپتوموبىل بىلەن بولغان ئارىلىقنى 100 مېتىردىن كۆپرەك ساقلىشى؛ كۆرۈش ئارىلىقى 100 مېتىردىن تۆۋەن بولغاندا تۇمان چىرىغى، يېقىننى يورۇتۇش چىرىقى، بۇرۇلۇش چىرىغى، ئالدى-كەينى چىراغ ۋە خەتەردىن ئاگاھلاندۇرۇش چىرىغىنى يېقىپ، ئاپتوموبىلنىڭ سائەتلىك سۈرئىتىنى 40 كىلومېتىردىن ئاشۇرىۋەتمەي، ئالدىدىكى ئاپتوموبىل بىلەن بولغان ئارىلىقنى 50 مېتىردىن كۆپرەك ساقلىشى؛ كۆرۈش ئارىلىقى 50 مېتىردىن تۆۋەن بولغاندا تۇمان چىرىغى، يېقىننى يورۇتۇش چىرىقى، بۇرۇلۇش چىرىغى،  ئالدى-كەينى چىراغ ۋە خەتەردىن ئاگاھالاندۇرۇش چىرىغىنى يېقىشى، ئاپتوموبىلنىڭ سائەتلىك سۈرئىتىنى 20 كىلومېتىردىن ئاشۇرىۋەتمەسلىكى ھەمدە ئەڭ يېقىن جايدىكى چىقىش ئېغىزى ئارقىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن ئىمكانقەدەر تېز چىقىپ كېتىشى كېرەك.  
   93. چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئەڭ سول تەرىپىدىكى يولدا ماڭسا بولامدۇ؟
جاۋاب: چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىللار، بولۇپمۇ چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرى بەلگىلەنگەن يۈرۈش يولىدا ماڭمىسا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ يۈرۈش ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىپلا قالماستىن، قاتناش بىخەتەرلىكىگىمۇ ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بىزنىڭ توردا تەكشۈرۈشىمىزچە، %50 تىن كۆپ كىشى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يۈرۈش تەرتىپىنىڭ ناچار بولۇشىدىكى سەۋەبنى چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئەڭ سول تەرەپتىكى يولنى ئىگىلىۋالغانلىقى دەپ قارايدىكەن، شۇڭا، چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ بەلگىلەنگەن يۈرۈش يولىدا ماڭماسلىقى ـــ ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدىغان نۇقتىلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
«يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئوخشاش يۆنىلىشتە ئىككى بۆلەك يولى بولسا، سول تەرەپتىكى يولنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېزلىكى سائىتىگە 100 كىلومېتىر بولىدۇ؛ ئوخشاش يۆنىلىشتە ئۈچتىن ئارتۇق ئاپتوموبىل يولى بولسا، ئەڭ سول تەرەپتىكى يولنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېزلىكى سائىتىگە 110 كىلومېتىر بولىدۇ، ئوتتۇرىدىكى يولنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېزلىكى سائىتىگە 90 كىلومېتىر بولىدۇ. باشقا بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا  ماڭىدىغان كىچىك  تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېزلىكى سائىتىگە 120 كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، باشقا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ 100 كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، موتوسېكلىتنىڭ 80 كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. شۇڭا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئەڭ سول تەرىپىدىكى يولنى كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىدىن باشقا ئاپتوموبىللارنىڭ ئىگىلەپ مېڭىشىغا بولمايدۇ، ئەمما ئەڭ سول تەرەپتىكى يولغا چىقىپ ياندىغاندىن كېيىن ئەسلىدىكى يولىغا چىقىپ مېڭىش نورمال يانداش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
   94. قانداق ئاپتوموبىللارنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا مېڭىشى چەكلىنىدۇ؟
جاۋاب: «يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنى»نىڭ 67-ماددىسىدا «پىيادىلەر، ماتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرى، تىراكتور، چاقلىق مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان مېخانىكىلىق ئاپتوموبىل، چاتما ئاپتوبوس، كوزۇپلۇق سۆرەيدىغان ئاپتوموبىل ۋە باشقا سائەتلىك سۈرئىتى 70 كىلومېتىردن تۆۋەن بولغان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا كىرسە بولمايدۇ. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارغا كىرىشى مەنئىي قىلىنغان ئاپتوموبىللار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا كىرسە، ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى «يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى» ۋە 123-نومۇرلۇق پەرماندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىغا 20 يۈەندىن يۇقىرى، 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، بىر قېتىمدا ئۈچ نومۇر تارتىدۇ.

قانۇنىي مەسئۇلىيەت

   95. ئىلتىماس قىلغۇچى پىراۋىغا ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا يوشۇرۇش، ئالداش قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلسا، قانداق قانۇنىي جازا بېرىلىدۇ؟
جاۋاب: «مەمۇرىي ئىجازەت قانۇنى»غا ئاساسلانغاندا، مەمۇرىي ئىجازەتكە ئىلتىماس قىلغۇچى ئالاقىدار ئىشلاردىكى قانۇنىي بۇرچىنى راستچىللىق بىلەن ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەش كەڭ ئاممىنىڭ يول يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، پىراۋىغا ئىلتىماس قىلغۇچى ئۆزىنىڭ يېشى، سالامەتلىك ئەھۋالى، بەلگىلەنگەن ئىمتىھانغا قاتنىشىپ ئۆتكەندىن كېيىن ئالىدىغان پىراۋىسىنى راستچىللىق بىلەن ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. 123-نومۇرلۇق پەرماندا «ئىلتىماس قىلغۇچى پىراۋىغا ئىلتىماس قىلغاندا يوشۇرۇش، ئالداش، پارا بېرىش قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلسا، ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى بۇ ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئىشلىرىنى بېجىرىشنى دەرھال توختىتىدۇ، كومپيۇتېر سىستېمىسىغا خاتىرىلەپ، بۇ ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ بىر يىل ئىچىدە پىراۋىغا ئىلتىماس قىلىشىغا يول قويمايدۇ. يوشۇرۇش، ئالداش، پارا بېرىش قاتارلىق قىلمىشلار ـــ ساختا كىملىك، بەدەن تەكشۈرۈش ئىسپاتى قاتارلىق ساختا ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەش، ئۆزىدە يۈرەك كېسەللىكى، تۇتقاقلىق كېسەللىكى، مېنېرى كېسەللىكى قاتارلىق بىخەتەر ھەيدەشكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان كېسەللىك بارلىقىنى يوشۇرۇش، ئۈچ يىل ئىچىدە زەھەر چېكىش قىلمىشى بارلىقى ياكى مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلىتىش قوللىنىلىپ ئۈچ يىل بولمىغانلىقى قاتارلىق پىراۋائىلتىماس قىلىشقا يول قويۇلمايدىغان ئەھۋاللار، ئىمتىھاندا پارا بېرىش، كۆچۈرمىكەشلىك قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر ئىلتىماس قىلغۇچى پىراۋىنى ئېلىپ بولغان بولسا، ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ھەيدەش ئىجازىتىنى بېكار قىلىپ، پىراۋىنى يىغىۋالىدۇ، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئۈچ يىل ئىچىدە قايتا پىراۋىغا ئىلتىماس قىلىشىغا بولمايدۇ. ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، پىراۋىغا ئىلتىماس قىلغۇچىلار «پىراۋىغا ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى» ۋە «شوپۇرلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئىسپاتى»دىكى ئالاقىدار ئەسكەرتمە ۋە ئۇچۇرلارنى راستچىللىق بىلەن توشقۇزۇشى، ھەقىقىي ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىشى، ئالاقىدار ئىمتىھانلارغا قاتنىشىشى كېرەك.        

     96. شوپۇرلارنىڭ پىراكتىكا مەزگىلىدىكى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىشىغا قارىتا قانداق جازالار بار؟
جاۋاب: پىراكتىكا مەزگىلىدە شوپۇرلارنىڭ پىراكتىكا مەزگىلىدىكى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالى ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل بولىدۇ: بىرىنچى، پىراكتىكا مەزگىلىدە ئاممىۋى ئاپتوبۇس، تىجارەت يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ياكى ۋەزىپە ئىجرا قىلىدىغان ساقچى ئاپتوموبىلى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، قۇرۇلۇشتا خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ھەمدە پارتلاتقۇچ بۇيۇملار، ئاسان ئوت ئالىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان خىمىيەلىك بۇيۇملار، ئۆتكۈر زەھەرلىك ياكى رادىياتسىيەلىك خەتەرلىك بۇيۇملار قاچىلانغان ماتورلۇق ئاپتوموبىللارنى ھەيدەش، ياكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى پىرىتسىپلىرىنى ھەيدەش. بۇ ئاپتوموبىللارنىڭ بەزىلىرى ئاممىۋى قاتناش قورالى، بەزىلىرى ئالاھىدە ئاپتوموبىل، خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇش ئاپتوموبىللىرىغا تەۋە بولۇپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتى ئېغىر، «يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى»دا پىراكتىكا مەزگىلىدىكى شوپۇرلارنىڭ ھەيدىشىگە بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. ئىككىنچى، پىراكتىكا مەزگىلىدە ئاپتوموبىل ھەيدەپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يول يۈرگەندە، مۇناسىپ ياكى تېخىمۇ يۇقىرى تىپتىكى ئاپتوموبىلنىڭ شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى ئالغىنىغا ئۈچ يىلدىن ئاشقان شوپۇرنىڭ ھەمراھلىقى ۋە يېتەكچىلىكىدە يول يۈرمەسلىك. ئۈچىنچى، پىراكتىكا بەلگىسىنى بەلگىلىمە بويىچە چاپلىماسلىق، ئاسماسلىق. ئەگەر پىراكتىكا مەزگىلىدە شوپۇرلاردا يۇقىرىقى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ج خ قاتناش ساقچى تارماقلىرى 20 يۈەندىن يۇقىرى، 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
   97. شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى يالغاندىن ياسىغان، ئۆزگەرتكەنلەرگە قانداق جازا بېرىلىدۇ؟
جاۋاب: شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى يالغاندىن ياساش، ئۆزگەرتىش قاتناش قانۇنىغا ئېغىر خىلاپ قىلمىش. 2011- يىلى 4- ئاينىڭ 22- كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارىدا، شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى يالغاندىن ياساش، ئۆزگەرتىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى جازالاش سالمىقى ئاشۇرۇلدى. 123- نومۇرلۇق بۇيرۇقتا قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى يالغاندىن ياسىغان، ئۆزگەرتكەن، ياكى يالغاندىن ياسالغان، ئۆزگەرتىلگەن شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى ئىشلەتكەنلەرنىڭ كىنىشكىسىنى ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى قانۇن بويىچە يىغىۋېلىپ، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويىدۇ ھەمدە 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرىلىدۇ. شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى مەيلى ئۆزى يالغاندىن ياسىغان، ئۆزگەرتكەن بولسۇن، ياكى يالغاندىن ياسالغان، ئۆزگەرتىلگەن شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى ئىشلەتكەن بولسۇن، ئوخشاشلا يۇقىرىقى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى يالغاندىن ياساپ، ئۆزگەرتىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھۆججەت، كىنىشكە، تامغىلىرىنى يالغاندىن ياساش، ئۆزگەرتىش جىنايىتى بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەندى.
   98. يوشۇرۇش، ئالداش ۋاسىتىسى بىلەن شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى تولۇقلاپ ئالغانلارغا قانداق جازا بېرىلىدۇ؟
جاۋاب: شوپۇرلۇق پىراۋىسى يۈتۈپ كەتكەن شوپۇرلار كىنىشكە تارقاتقان ئورۇندىكى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىدىن تولۇقلاپ ئېلىشى كېرەك. تولۇقلاپ ئالغاندا، سالاھىيەت ئىسپاتى ۋە شوپۇرلۇق پىراۋىسى يۈتۈپ كەتكەنلىككە ئائىت يېزىقچە بايانات تاپشۇرۇش كېرەك. ئەمما ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا بىر قىسىم شوپۇرلارنىڭ شوپۇرلۇق پىراۋىسى يۈتۈپ كەتكەنلىكنى باھانە قىلىپ، ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىدىن يامان نىيەت بىلەن شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى ئىلتىماس قىلىپ تولۇقلاپ ئېلىۋاتقانلىقى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ شوپۇرلۇق پىراۋىسى ج خ تارماقلىرى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە تۇتۇپ قېلىنغان، تۇتۇپ تۇرۇلغان ياكى ۋاقىتلىق تۇتۇۋېلىنغان ئەھۋالدا ئالدامچىلىق ۋاسىتىسى بىلەن تولۇقلاپ ئېلىپ، بىر ئادەمدە بىر نەچچە پىراۋا بولۇپ، يول ئۈستىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان خەلق ساقچىلىرىنىڭ باشقۇرۇشى ۋە جازا بېرىشىدىن قاچىدىغان ئەھۋاللارنىڭ بارلىقى بايقالدى. شۇڭا 123- نومۇرلۇق ھۆججەتتە مۇنداق بەلگىلەندى: شوپۇرلار شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى تولۇقلاپ ئالغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى شوپۇرلۇق پىراۋىسى بىكار قىلىنىدۇ، داۋاملىق ئىشلىتىشىگە بولمايدۇ. شوپۇرلار بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەسلىدىكى شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى ئىشلەتسە، ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى 20 يۈەندىن يۇقىرى، 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ ھەمدە ئەسلىدىكى شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى يىغىۋالىدۇ. شوپۇرلۇق پىراۋىسى قانۇن بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلغان، تۇتۇپ قېلىنغان ياكى ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇلغان مەزگىلدە، شوپۇرلارنىڭ تولۇقلاپ ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشىغا بولمايدۇ. شوپۇرلار بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يوشۇرۇش، ئالداش ۋاسىتىسى بىلەن شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى تولۇقلاپ ئالغان بولسا، ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى 200 يۈەندىن يۇقىرى، 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇپ، ئالتە نومۇر تارتىدۇ ھەمدە تولۇقلاپ ئالغان شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى قايتۇرۇۋالىدۇ. ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئەسلىدىكى شوپۇرلۇق پىراۋىسى يۈتۈپ كېتىپ، شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى تولۇقلاپ ئالغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكىسىنى تاپقان شوپۇرلار ئەسلىدىكى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىغا تاپشۇرۇپ ئۆزلۈكىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇشى، ئىككىسىنى بىرلا ۋاقىتتا ئىشلەتمەسلىكى كېرەك. نۆۋەتتە، ھەر بىر شوپۇرلۇق پىراۋىسىنىڭ بىرلا نومۇرى بولىدۇ ھەمدە كومپيۇتېردا مەنبەسىنى تەكشۈرۈپ باشقۇرۇش يولغا قويۇلدى. شوپۇرلار يېڭى شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى ئىلتىماس قىلىپ تولۇقلاپ ئالغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى شوپۇرلۇق پىراۋىسى ۋە نومۇرىغا شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىدا ئۈنۈمدىن قالدى، دەپ بەلگە قويۇلىدۇ.
   99. سوئال: قاتناش ساقچىسى قانۇن، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا شوپۇرلۇق پىراۋىسى بېجىرىپ بەرسە مەسئۇلىيىتى قانداق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ؟
جاۋاب: قاتناش ساقچىلىرىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە گۇناھ يېزىش، چوڭ گۇناھ يېزىش، دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ياكى قوغلاندى قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىلگەنلەر خىزمەتتىن بوشىتىلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ: (1) ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق پىراۋىسى ئېلىشقا مۇناسىپ كەلمەيدىغان، ئىمتىھان بەرمىگەن، ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەنلەرگە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغان نەتىجە يېزىپ بەرگەنلەر ياكى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق پىراۋىسى تارقىتىپ بەرگەنلەر: (2) ئىمتىھان تۈرلىرىنى ئازايتقان، باھالاش ئۆلچىمىنى تۆۋەنلەتكەن ياكى ئىمتىھاندا كۆچۈرمىكەشلىك قىلىشقا قاتناشقان، ياردەم بەرگەن، ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتكەنلەر؛ (3) قانۇنسىز ۋاسىتىچىلار بىلەن بىرلىكتە ئىقتىسادىي مەنپەئەت كۆزلىگەنلەر؛ (4) بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى باشقۇرۇش سىستېمىغا سوقۇنۇپ كىرگەن، سىستېما سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئاشكارلىغان، ئۆزگەرتكەن، ئېلىپ-ساتقانلار ياكى سىستېما مەخپىي نومۇرىنى ئاشكارىلىغانلار؛ (5) شوپۇرلۇق تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ تىجارەت پائالىيىتىگە قاتناشقان ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا قاتناشقانلار؛ (6) شوپۇرلۇق تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى، تىرىنىرلار، ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ مال- مۈلكىنى قوبۇل قىلغانلار.
   100. تىرانسپورت كارخانىلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىگە قارىتا قانداق كونكرېت بەلگىلىمىلەر بار؟
جاۋاب: چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرى يول قاتناش تىرانسپورتىغا قاتنىشىدىغان سۇبيېكىتلار، شۇنداقلا يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشتىكى نۇقتىلىق توپ. 2011- يىلى يىل ئاخىرىغا قەدەر، مەملىكەت بويىچە تىرانسپورت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شوپۇرلار 2 مىليون 100 مىڭ ئادەم بولۇپ، شوپۇرلار ئومۇمىي سانىنىڭ %1.04ىنى ئىگىلىگەن، ئەمما 2011- يىلى ترانسپورت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شوپۇرلار قاتناش قانۇنىغا 29 مىليون 926 مىڭ قېتىم خىلاپلىق قىلغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي مىقدارنىڭ %14.75ىنى ئىگىلىگەن؛ تىرانسپورت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شوپۇرلار 52 مىڭ 600 قېتىم قاتناش ۋەقەسى سادىر قىلىپ، 21 مىڭ 700 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئومۇمىي مىقدارنىڭ %25.23، %35.32 ىنى ئىگىلىگەن. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تىرانسپورت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شوپۇرلارنىڭ سانى گەرچە كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش ۋە قاتناش ۋەقەسى سادىر قىلىش نىسبىتى يۇقىرى بولغان. 123- نومۇرلۇق بۇيرۇقتا چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار، يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش ۋە كۈندىلىك باشقۇرۇشقا قارىتا قاتتىق بەلگىلىمىلەر بەلگىلەندى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ترانسپورت كارخانىلىرىنىڭ سۇبيېكىتلىق مەسئۇلىيىتى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەجبۇرىيىتى بېكىتىلىپ، ترانسپورت كارخانىلىرىنىڭ قەرەللىك ھالدا تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىلگەن شوپۇرلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى تۇرۇشلۇق جايدىكى ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىغا رويخەتكە ئالدۇرۇشى، يول قاتناش بىخەتەرلىكى بويىچە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار، قاتناش ھادىسىلىرىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش ۋە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى تەكشۈرتۈشكە قاتنىشىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشى بەلگىلەندى. ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ھەر ئايدا چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى يولۇچىلار، يۈك ترانسپورت ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنىڭ يول قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش، نومۇر تارتىلىش، ھادىسە پەيدا قىلىش ئەھۋالىنى قاتناش- تىرانسپورت ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلىرى ۋە ترانسپورت كارخانىلىرىغا ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك. 2012- يىلى 7- ئاينىڭ 22- كۈنى گوۋۇيۈەن تارقاتقان «يول قاتناش بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» (گوۋۇيۈەن [2012] 30- نومۇرلۇق)دە مۇنداق بەلگىلەندى: ساياھەت كۆتۈرە ئاپتوموبىلى، 3- دەرىجىلىكتىن يۇقىرى نۆۋەتچى لىنىيە ئاپتۇبۇسى، خەتەرلىك بۇيۇملار تىرانسپورت ئاپتوموبىلى ۋە مەكتەپ ئاپتوموبىللىرى چوقۇم بەلگىلىمە بويىچە يول يۈرۈشنى خاتىرىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلەش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىشى، تىرانسپورت كارخانىلىرى بىخەتەرلىك بويىچە نازارەت- كونترول قىلىش سۇبيېكتىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەۋەلىكىدىكى ئاپتوموبىللار ۋە شوپۇرلارنى ھەرىكەتچان نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى ھەقىقىي تۈردە كۈچەيتىشى كېرەك. سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلەش ئۈسكۈنىسىنى بەلگىلىمە بويىچە ئىشلەتمىگەن ياكى قەستەن بۇزۇۋەتكەنلەر بولسا، ئالاقىدار مەسئۇل كىشى ۋە كارخانا مەسئۇلىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   باھادىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-11 11:22 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
yusup823 + 50 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

سۇ كىېتىپ تاش قا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23611
يازما سانى: 2142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13042
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 4254 سائەت
تىزىم: 2010-12-24
ئاخىرقى: 2014-7-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 10:20:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كۈتكەن پەيىتلەر چوقۇم كېلىدۇ .

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85909
يازما سانى: 1122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4637
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1212 سائەت
تىزىم: 2012-10-10
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 10:41:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ، دىسەم زاڭلىق قىلماڭلار . مەن ماشىننىڭ تورمىزىنىڭ قايسى تەرەپتە ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇقمايمەن . . .قاچانمۇ ئۈگىنەمەن ماشىنا ھەيدەشنى . .

ئېھ ئۇلۇغ ئاللاھ ،  ماڭا مەن كۆڭلىنى رەنجىتكەنلەردىن كەچۈرۈم سورغىدەك  ،  كۆڭلىمنى ئاغرىتقانلارنى ئەپۇ قىلغۇدەك پۇرسەت ياراتقىن .   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14537
يازما سانى: 1244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7001
تۆھپە نۇمۇرى: 1582
توردا: 10547 سائەت
تىزىم: 2010-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 09:23:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر بۇرادىرىمنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ئارقىسىدا پۈتكەن تەرجىمە ماتىرىيال ئىدى، لىكىنزە... ئىنكاس يازىدىغان بىرەر كىشىمۇ چىقماي قاپتۇ دىسە...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3427
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10764
تۆھپە نۇمۇرى: 398
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2010-7-5
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 10:39:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئوبدان ماتىرىيال يوللاپسىز . بۇلار بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن ، ئىشەك ھاڭرىسا داپ چىلىپ بىرىدىغان خەق جىق بۇ مۇنبەردە . ئەمەلىي ئىشقا نىمە يىتىدۇ ؟ بولسا ئازراق جاپا چەكسىڭىزمۇ بۇنى ئىلكىتاپ قىلىپ ئىشلەپ قويسىڭىز ، كۆپچىلىك نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بولغۇدەك .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89921
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1542
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 236 سائەت
تىزىم: 2013-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 08:44:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پايدىلىق نەرسىلەرگە ئىنكاس ئاز چۈشىدۇ   نەدىكى تايىنى يوق نەرسىلەرگە ئىنكاس تولا  

ئانا تىلىمىز بىزدىن يىراقلاشقىنى يوق ، بەلكى بىز ئانا تىلىمىزدىن يىراقلىشىۋاتىمىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56124
يازما سانى: 260
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4010
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 422 سائەت
تىزىم: 2011-9-12
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 11:24:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭىمۇ لازىم ئىدى بۇ رەھمەت

ھايات ئىنسانلارغا بىرىلگەن كاتتا مۇكاپات
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83294
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4330
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 203 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2014-6-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 01:08:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2209
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12786
تۆھپە نۇمۇرى: 512
توردا: 2138 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2014-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 04:36:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپتىن كۆپ رەھمەت قېرىندىشىم، مەن كېنىشكە ئالايمىكىن دەپ  تەرييارلىق قىلۋاتقان ئىدىم

كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك  يا بولمىسائۆلگۈلۈك
hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 04:41:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش