ئىتتىپاق يېزىسى دېھقانلار تەنھەركەت يىغىنى چاقىرماقچى بولدى، چېن يېزا باشلىقى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا ھەرقايسى كەنت باشلىقلىرىغا:« دېھقانلار تەنھەركەت يىغىنى دېھقانلار ۋە يېزىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولۇشى كېرەك، ئولىمپك، مەملىكەتلىك تەنھەركەت يىغىنلىرى بىلەن چوڭ پەرق لىنىدۇ» دېدى، ئارقىدىن يېزىلىق مەدەنىيەت مائارىپ ياردەمچىسى بۇ ئالاھىدىلىكلەرنىڭ تۈرلىرىنى تەپسىلى چۈشەندۈردى: شال مايسىسى كۆچۈرۈش، مايسا چېچىش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تېز سۈرئەتتە رىمۇنىت قىلىش، كالىغا ئېغىر يۈك ئارتىپ دالىدىن ئۆتكۈزۈش، ئۆچكىنىڭ يۈز مېتىرغا يۈگۈرۈش قاتارلىقلارمۇ بار ئىدى.
شىياڭياڭ كەنتىدىكى گېڭ بوۋاي بۇ كۈنى ئەمدىلا تاغقا چىقىپ ئوت چۆپ ئورماقچى بولوپ تۇرغان ئىدى، كەنت باشلىقى ئۇنى ئىزلەپ كېلىپ:«يېزىدا تەنھەركەت يىغىنى ئاچماقچى ئىكەن، سەن ئۆچكىلىرىڭنى تاللاپ كەنتكە ۋاكالىتەن يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتناشقىن» دىدى. گېڭ بوۋاي ئاڭلاپلا نارازى بولغان ھالدا:«مېنىڭ قويلىرىمنى قوتاندا باققان، يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە يارىمايدۇ، سىز بېرىپ دالىدا بېقىلغان قوينى تېپىپ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇڭ» دىدى. كەنت باشلىقى ئاڭلاپ قاتتىق ئاچچىقى كەلدى:«ھەي لاۋ گىڭ، سەن راستىنلا دۆتمۇ يا، مېنىڭ ئالدىمدا دۆت بولىۋالدىڭمۇ! كەنتىمىزدە پەقەت سەلا قوي باقىسەن، مەن سېنى ئىزلىمەي يەنە كىمنى ئىزلەيتىم؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە كەنتىمىزگە مىھمان كەلسە، ئىككى يىلدىن بېرى سېنىڭ قويۇڭنىڭ سويدۇق، يۇقىرى باھادا تېخى، ھېساپنىمۇ تېز ئۈزدۇق، سەن قاتناشمىساڭ كىم قاتنىشىدۇ؟» دىدى.
ئۈچ كۈندىن كىيىن، تەنھەركەت مۇسابىقىسى داغىدۈغىلىق ھالدا باشلاندى. گېڭ بوۋاي مۇكاپاتقا ئېرىشىشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ھالدا بىر ئۆچكىنى يىتىلەپ كېلىو مۇسابىقىغە قاتناشتى. چېن يېزا باشلىقى ئۆچكىنىڭ يۈز مېتىرغا قاتنىشىش مۇسابىقىسىگە ئۆزى ېرپىرلىق قىلغان ئىدى،كوماندا تاپانچىسىنىڭ ئېتىلىشى بىلەن، گې بوۋاي ئېلىپ كەلگەن ھېلىقى ئۆچكە ئۇچقاندەك ھەممىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى. باشقا ئۆچكىلەر بولسا بەزىلىرى ھودۇقۇپ تەرەپنى پەرق ئېتەلمەيتتى، بەزىلىرى يېرىم يولغا بارغاندا ئىگىسىنى كۆرەلمىگەچكە كەينىگە قايتىپ كېتەتتى، يەنە بەزىلىرى بولسا تۇرغان جايىدىلا مىدىر قىلماي تۇرىۋالغان ئىدى. نەتىجىدە، گې بوۋاينىڭ قويى ئەڭ يۇقىرى نەتىجە بىلەن چىمپىيۇن بولدى.
مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا، تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى گې بوۋاينى زىيارەت قىلدى:« تاغا، قويىڭىزنىڭ بىرىنچى بولغىنىنى تەبرىكلەيمىز! سىزدىن سوراپ باقاي، سىز ئادەتتە قويىڭىزنى قانداق مەشىق قىلدۇرىسىز؟». گې بوۋاي خۇشال بولغان ھالدا: «مەندە نەدىمۇ ئۆچكىنى مەشىق قىلدۇرىدىغان ماھارەت بولسۇن؟ بۇ ئۆچكىنىڭ تېز يۈگۈرۈشىدە، چېن يېزا باشلىقىغا رەھمەت ئېيتسام بولىدۇ.» ئۇنىڭ گېپى مۇخبىرنى ئازراق ھەيران قالدۇردى، ھەتتا زىيارەت قىلىشقا ھەمرا بولوپ تۇرغان چېن يېزا باشلىقىمۇ ئۇنىڭ نىمە دىمەكچى بولغانلىقىنى بىلەلمىدى.
ەې بوۋاي سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:«يۇقىرىدىن كەنتىمىزگە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگىلى كەلگەندە، ئادەتتە كەنت باشلىقى بىزنىڭ ئۆيگە بېرىپ ئۆچكە ئۆلتۈرۈپ مىھمان قىلاتتى، ھەر قېتىم مىھمانلارنى كۈتىۋىلىشقا چېن يېزا باشلىقىمۇ بىللە كېلەتتى. شۇڭا، مېنىڭ ئۆيۈمدىكى قويلىرىمنىڭ ھەممىسى چېن يېزا باشلىقىنى تونۇيدۇ.»
مۇخبىر ئۇنىڭ سۆزلىرىنى يەنە چۈشىنەلمىدى: ئەجىبا بۇ ئۆچكە چېن يېزا باشلىقىنى تونىغانلىقى ئۈچۈن باشقا ئۆچكىلەردىن تېز يۈگەرگەنمىدۇ؟
گې بوۋاي قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى: ھەر قېتىم چېن يىزا باشلىقى بىزنىڭ ئۆيگە بارسا بىر ئۆچكە ئۆلتۈرۈلىدۇ، سىز دەپ بېقىڭە، بۇ ئۆچكە بۈگۈن چېن يېزا باشلىقىنى كۆرگىنىدە قورىقماي، تېز قاچماي تۇرالامتى؟»
بۇ چاغدا چېن يېزا باشلىقىنىڭ چىرايى ئاللىقاچان تاتىرىپ كەتكەن ئىدى.
«فىليەتۇنلاردىن تاللانما» ژورنىلى 2011- يىل 11- ئاي(ئالدىنقى سانى)دىن تەرجىمە قىلىندى.
ئەلىجان تۇرسۇن تەرجىمىسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-11 11:54 AM