يىلدا بىر قىتىم ئۆتكۈزلىدىغان خەلقارا ئىلىكتىرون مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى ئامرىكىنڭ لاس-ۋىگاس شەھرىدە 1-ئاينىڭ 8-كۈنى باشلىنىپ كەتتى.بۇ يېغىلىشتا كۆپلىگەن خەلقاردىكى داڭلىق ماركىلىق پەن-تېخنىكا شىركەتلىرى ئۆزلىرنىڭ مەھسۇلاتلىرنى كۆرگەزمە قىلدى.
يغىلىشتا Sony شىركىتى ئىلان قىلغان ئەڭ يېڭى يانفۇن Xperia Z كۆپچىلىك دىققەت قىلدىغان يارقىن نوقتىغا ئايلاندى.
Sony مەھسۇلات ئىلان قىلىش يېغنىدىن كۆرۈنۈش؛
Xperia Z يانفۇنى بولسا تورلاردا نەچچە ۋاقىتتىن بىرى تارقىلىپ يۇرگەنxperia yugaۋەxperia odin دىگەن يانفۇن بولۇپ بۇ يانفۇننىڭ پارامىتىرى ئەمدى ھەقىقى ئاشكارلاندى.Xperia Z بولسا Sony شىركىتى تۇنجى قىتىم ئىلان قىلغان 4يادرولۇق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتىلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەقلىيفۇن .گەرچە Sonyشىركىتى 4يادرولۇق يانفۇنىنى باشقا رىقابەتچىللىرگە قارغان بىر مەزگىل كىيىن ئىلان قىلغان بولسىمۇ Xperia Z يانفۇنىنى ھازىرقى بازاردىكى يۇقرى ئىقتىدارلىق يانفۇنلارنىڭ بايراقدارى قېلىش ئۈچۈن سىستىما، سەپلىمە ،قاتتىق دىتال ،يۇقرى سۈپەت ھەم ياساش تېخنىكىسى قاتارلىقلارغا ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن.
Xperia Z يانفۇنىغا 1080 * 1920 لىك 5 سۇڭلۇق دەرىجىدىن تاشقىرى سۈزۈك ئىكران ئىشلىتىلگەن بولۇپ رەڭ پەرىقلەندۈرۈش نىسپىتى 441 پىكسىلغا يەتكۈزۈلگەن.يانفۇننىڭ نىپىزلىكى پەقەت 7.9 مىللىمىتىر بولۇپ iphone5 بىلەن ئوخشاش.قارا،ئاق ۋە چەيزە رەڭ قاتارلىق 3خىل بىلەن تەمىنلىگەن.
Xperia Z نىڭ سۈرىتى
بۇ يانفۇنغا يەنە چاڭ-توزان ۋە سۇ كىرىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى تېخنىكىسى قوللىنىلغان بولۇپ سۇدىن ۋە چاڭ -توزاندىن خاتىرجەم بولىسىز.
Xperia Z يانفۇنىgsm،wcdmaۋە4g lte تورىنى قوللايدۇ.
سەپلىمە جەھەتتە؛2gb لىك رام 16gbلىك ساقلاش بوشلۇقى بىلەن تەمىنلگەن بولۇپmicroSD ئارقىلىق يانفۇن سىغمىنى خالىغانچە كىڭەيتىشكە بولىدۇ.مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىغا 1.5 گىرتسلىك Qualcomm MDM9215M / APQ8064 تۆت ئۆزەكلىك cpuۋە Sony شىركىتى يېڭىدىن تەتقىق قىلغانSony Mobile BRAVIA Engine 2 سۇرەت ماتورى،Adreno 320لىك گىرافىك بىر تەرەپ قىلغۇچ((GPU)) سەپلەنگەن .2.0لىكmicroUSB چىتىش ئىغىزى،4.0لىك كۆكچىش، رادىيو،سىمسىز يوللاش تېخنىكىسى ۋە يېقىن ئارلىق تېخنىكىسىNFC قاتارلىقلار يان-تىلفۇننىڭ ئىختىدارىنى تىخمىمۇ موللاشتۇرىدۇ.
ئاپرات جەھەتتە 13مىليونلۇق كامېرا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ 1080p-30fps لىك يۇقرى ئىنىقلىقتا ۋىدېيو غا ئالالايدۇ.سۇرەت تارىتقاندا ۋە ۋىدېيوغا ئالغاندا HDR نى قوللايدۇ.ئالدى ئاپراتىغا 2.2 مىليونلۇق سۈزۈك ئاپرات ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ئالدى ئاپراتىدىمۇ1080p-30fpsلىك يۇقرى ئېنىقلىقتا سىنغا ئېلىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.
Sonyشىركىتى بۇ يانفۇنغا Android OS, v4.1.2سىستىمسى (Jelly Bean) ئىشلەتكەن بولۇپ Android OS, v4.2گە كۆتۈرىلدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
بۇ يانفۇننىڭ 3-ئايلاردا C6603، C6602ياكى l36hدىگەندەك ناملار بىلەن بازارغا چىقىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەنمەكتە.
Sony Xperia Z نىڭ ئىلانى؛
كەڭ يانفۇن ھەۋەسكارلىرغا Sony يانفۇنلىرنىڭ سىپتىلغى، ئىختىدارنىڭ ئۆزىدىن يۇقرى سەپلىملىك يانفۇنلاردىنمۇ ياخشى ئىشلەيدىغانلىقى،ئاپراتنىنڭ سۈزۈكلىكى ھەم ئانا تىلمىزنىمۇ 100% قوللايدىغانلىقى ئېنىق.
Sony Xperia Z يانفۇنى پات يېقىندا بازارغا كىردىغان بولۇپ ،سۈپەت ،سەپلىمە جەھەتتە ناھايىتى ياخشى ئىشلەنگەن بولۇپ ئىكرانىنىڭ5 سۇڭ بولۇشىغا قارماي يانفۇن ناھايىتى نېپىز ھەم ئەپچىل ئىشلەنگەن.ئىكرانىنىڭ رەڭ پەرىقلەندۈرۈش نىسپىتىمۇ 441 پىكسىلغا يەتكۈزۈلگەن بولۇپ ھازىرقى بازاردىكى 99 پىرسەنىت ئىكرانلارنىڭ ئىنىقلىقىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن.مۇشۇ نوقتىلاردىن قارغاندا بۇ يانفۇن ھازىرۋە بۇندىن كىيىن يۇقرى دەرىجىلىك يانفۇن سېتىۋىلىشنى ئويلاۋاتقانلارنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى بولالايدۇ..
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-11 12:33 PM