يۇمۇرلار
1.
مانتا سىتىش
بىر كۇنى بىر سەھرالىق شەھەرگە كىرىپتۇ ، قورسىقى ئىچىپ قالغان چىغى، ئاشخانلارغا كىرسە تاماق قىممەت، پۇلى ئاز ، شۇڭا يىنىپ چىقىپتۇ، سەل ماڭسا مانتا دەپ ۋىۋىسكىنى كۆرۈپ مانتا پەز نىڭ قىشىغا بىرىپ
ئاكا مانتا قانچە پۇل ؟ دىسە
مانتا پەز بىر كوي دەپتۇ ، ئۇ مانتىنى پۇراپ باقسا سەل باشقىچە پۇراپ قالغاندەك قىپتىكەن گەپ قىلاي دەۋەتسا مانتىپەزنىڭ ئاچچىقى كىلىپ ؛ ئۇكەم ، پۇرمىسىلىرمۇ ...؟ كۆلىما ئا ۋىۋىسكىنى ، مانتا پۇرايدۇ دىسە ئۇ ئادەم تۇرۇپ كىتىپ ، ۋىۋىسكا خاتا ئىسلىپ قالغاندەك قىلىدۇ
مانتا پەز : قاندا دەيلا ئۇكام
سەھرالىق : بۇ مانتا ساپلا چۇخەي پۇراۋاتمامدۇ .
2.
ئەقىللىقمىكەن
نازىگۈل زۇكام بوپ قىلىپ،دەرىسكىمۇ دىقەت قىلماي بۇرنىنى تارتىپ ئولتۇرۇپتىكەن ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىچى پۇشۇپ كتىپ ، سۇئال سوراپ جاۋاپ بىرەلمىسە سىرىتقا چىقىرۋېتىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ، ئۇنىڭدىن سوراپتۇ.
بىر نەرسە بار ، ئۇنىڭغا شۇنداق نەرسىدىن بىرنى قوشساقمۇ يەنىلا بىر بولدۇ ، ئۇ نىمە نەرسە ؟
نازىگۈل ئورۇندىن تۇرشىغا يەنە بۇرنى چىقىپ قاپتىكەن، خىجىل بوپ، بۇرۇن دەپتۇ.
ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاچچىقى كىلىپ ، قانداقسىگە بۇرۇن بولىدۇ ؟دىسە
نازىگۈل : مۇئەللىم ، بۇرۇننىڭ بۇ تۆشكىگە بۇنى قوشساق يەنىلا بىر بۇرۇن بولدىغۇ !
دەپ قولى بىلەن ئىشارەت قىلغان بولۇپ بۇرننى ئىيتىۋاپتۇ .
3
.ئوت ئۆچۈرۈش
بىر كۈنى زاپەرنىڭ ئىچى پۇشۇپ قىلىپ ،ئويناشماقچى بولۇپ ، دەرىتمەن 119 غا تىلفۇن قىلىپ ، ۋاي ئوت كەتتى ، ئوت كەتتى دىسە ، ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى دەرىتمەن 119: نەدە تۇرۇپ تىلفۇن بىرۋاتىسىز ؟
زاپەر: نەدە بولاتتىم ئەلۋەتتە ئۆيۈمدىدە .
دەرىتمەن 119 نىڭ ئاچچىقى كىلىپ ھىلىمۇ شۇ ئۆيىڭىز نەدە دىسە زاپەر :ئوت كەتكەن يەدە دەپتۇ.
دەرىتمەن 119 نىڭ تىخمۇ ئاچچىقى كىلىپ ، ھەي دەلتە ، ئادرىسىنى دە ،دەپ ۋارقىرسا زاپەر ئىشنىڭ چاتاقلىقنى ھىس قىلىپ ، بولدى سىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت . ئۆيۈمگە كەتكىنى زاپەر ئوتكەن ، قوشنىلار ئۆچۈرۈپ بوپتۇ دەپ تىلفۇننى قويۋېتىپتۇ .
4
.ئاچكۆزلۈك
بىر كۇنى دىۋانى سەدىقە تىلەپ كىتۋېتىپ بىر بانكىرنىڭ ئالدىغا كىپ قاپتۇ . دىۋانى ئۇنى تونۇيدىكەندە، پۇرسەت كەپتۇ ....دەپ ئويلاپ ئۇنىڭ قىشىغا بىرىپ ، ئەسسالام ئاكا...ئەسسالام.سالام يەتتى بالا يەتمىسۇن . سىزدەك پۇلدارلار قىشىمدىن كەتمىسۇن . دۇئايىم بىلەن بىشىڭىز ئىگىز ، يىتىشىڭىز كىگىز بولغاي .دىسە بانكىرنىڭ ئاچچىقى كىلىپ ئۇنىڭغا قاراپتۇ .
دىۋانى يانچۇقىدا ئۇزۇندىن بىرىر ساقلاپ يۈرگەن كۆكرىپ كەتكەن بىر مولۇق پۇلنى ئىلىپ ئۇنىڭغا تەڭلەپ ،سىز ماڭا يۈز يۇەن بەرسىڭىز مەن سىزگە بۇ بىر مونى بىرمەن.
بانكىر: مىنى ساراڭ كۆرۈپ قالدىڭما ، يۈز كوينى بىر مو بىلەن تىگىشىمەنما ؟
دىۋانى:بۇ ئادەتىتىكى بىر مو ئەمەس ، بۇ پۇلنىڭ ئەركىكى ، پۇل با ساندۇقلىرغا سىلىپ قويسىلىرە پۇللىرى غولدايدۇ دىسە،بانكىر تۇرۇپ كىتىپ ، يانچۇقىنى ئاقتۇرۇپ بىر پۇڭلۇق،خىتىمۇ ئۆچەپ كەتكەن ، سىرىق پۇلنى چىقىرىپ ، مە . ئال بۇنى ،ئاۋۇ ئەركەك پۇلۇڭ بىلەن بۇنى بىر كىچە قويۇپ قويساڭ ئالتۇن كاكىلايدۇ دەپ كىتىپ قاپتۇ.
ئەسكەرتىش : بۇ پەقەت ئازراق كۈلكە بولسۇن ئۈچۈن بەزىڭلارنىڭ ئىسمىنى قىتىپ شۇنداقلا يۇمۇر تۈزگۈم كىلىپ قالدى . مەسخىرە قىلىپسەن دەپ ، خاپا بولماسلىقىڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن ، توغرا چۈشەنگەيسىلەر.
يەنە ئازراق يۇمۇر ياساي دىسەم مۇنبەرداشلارنىڭ ئاچچىقى كىلىپ ، ئىچىگە زاپەر ئوت كىتىپ ، بەزى ئاچچىقى يامان،كەپسىزلەردىن تۇزلۇق گەپ ئاڭلىسام ، زاغرا يىۋالغاندەك پوكىنىمدا تۇرۇپ قىلىپ ،سۇ ئىچسەم بىشىمغا قار يىغىپ ، شېۋىرغاندا قالغاندەك بىشىمدا جودا ،ئىسيان كۆتەرمىسۇن دەپ قورقۇپ قالدىم .
خۇشاللىق سىلەرگە يار بولسۇن
( ماڭىمۇ يار بولسۇن)
قەشقەر يۇمۇرلىرى جىمۇ
مەنبە : قاپاق كاللام
2013.1.10
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-1-23 05:02 PM):
مۇنبەرداشلارغا يۇمۇر ...........................
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-27 11:30 PM