مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3028|ئىنكاس: 37

يالىڭاچلىق بېشىڭىزدىن باشلىنىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89134
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 580
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2012-12-26
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 09:48:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يالىڭاچلىق بېشىڭىزدىن باشلىنىدۇ

پۈتكۈل ئالەمنىڭ سەرۋەرى ،ئىنسانىيەت ۋە جىنلارنىڭ خۇجىسى،جانابى ئاللاھ سۈبھانەۋەتائالانىڭ دوستى ،ھەبىبى ۋە رەسۇلى بولغان سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام(ئۇنىڭغا جانابى ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالامى بولسۇن)ئەرلەردەك بۇلىۋالغان ئاياللارغا ۋە ئاياللاردەك بۇلىۋالغان ئەرلەرگە لەنەت قىلغان ئىدى.پەيغەمبىرىمىز لەنەت قىلدى دېگەنلىك جانابى اللاھنىڭ رەھمىتىدىن مەھرۇم بۇلۇش دېگەنلىك ئىدى.بىراق پەيغەمبىرىمىز چەكلىگەن ئىشلار بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ماڭدامدا بىر يۇلۇقۇپ تۇرماقتا.
ئەرلەرنىڭ ئاياللىشىشى،ئاياللارنىڭ ئەكسىچە ئەر سىياق بىر نىمىلەرگە ئايلىنىپ كېتىشى قەلبىدە ئىمان بار ھەرقانداق كىشىنى ئازاپلىماي قالمايدۇ.چۈنكى بىر ئىسلام ئالىمى ئاياللار ھەققىدە توختىلىپ«ئايال خانلىرىمىزنىڭ دىن ۋە شەرىئەتتىن بىخەۋەر قېلىشى جەمىيەتنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا،مەن –مەن دېگەن ئەرلەرمۇ ئاياللار ئالدىدا بىقۇۋۇل بولغاچقا ئاياللار ھازىر بىزنى دەۋزەخ ئالدىغا يېتىلەپ باردى»دەپ ئېيتتى.ئەتراپىڭىزغا قارىسىڭىز تۈمەنمىڭ رەڭلەر ئىچىدە شەيتانلارچە جىلۋە قىلىۋاتقانلار يەنە شۇ ئاياللارئىدى.كېسىلىپ ئەرچە ياسالغان چاچلار، بۈدرە قىلىنىپ تەييار چۆپتەك كۈرىنىدىغان غۇژمەك چاچلار،ئىشقىلىپ چەكسىز ھاياسىزلىق تۈكۈلۈپ تۇرىدىغان چاچلار ئارىمىزدا كۈرمىڭ ئىدى..ياش قىزلارنىغۇ دىمەي تۇرايلى ھەتتا ئىككى بالىنىڭ ئاپىسى بۇلۇپ بولغان، يەنە كېلىپ بۇيىغا يەتكەن بالىلىرى بار بولغان ئاياللارمۇ ئىشتانلارغا پاتماي قالغا كاسسىسىنى پۇسكايتىپ،نىپىز كىيىملىرى يەتمىگەندەك ئىچىدىكى قىزىل،كۆك، قارا رەڭلىك باغىرداقلىرىنى نامايان قىلىپ ، سېركول كەبى نايناقلاپ مېڭىشسا ،ئۇ ئاياللاردىن كۆپرەك،ئەرلىرى بولمىش خۇمسىلارغا غەزىپىم تاشىدۇ .چۈنكى ئايال ئەرنىڭ ئوبرازى ئىدى.ئەگەر ئاشۇ ئەر خۇتۇنىنىڭ كۆكسىلىرى پاتماي قالغان تار مايكىلارنى، ئۇياتلىق يەرلىرىنى مانا مەن دەپ ئىپادىلەپ تۇرىدىغان ئىشتانلىرىنى  كىيىشكە يول قويمىسا ئىدى ئاياللار ئۇنچە ئەزۋەيلەپ كەتمەيتتى.
ئەرلەرنىڭ ئايالچە ،ئاياللارنىڭ ئەرچە بۇلىشى جانابى ئاللاھنىڭ غەزىۋىنى قوزغايدىغان ئىش.بىر ئائىلىگە نىسبەتەن ئانىلارنىڭلا ئىمانلىق بۇلىشى يېتەرلىك ئەمەس ،مۇھىمى ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى ،بالىلارنىڭ تېغى بولغان ئەرلەردە ئىمان بولمىسا ئاياللىرىنى تۈزىيەلمەيدۇ.ئەگەر ئەر تەقۋا ،ئايال پاسىق بولسا ئۇ ئەرنىڭ تەقۋالىقى ئاجىز تەقۋالىقتۇر.چۈنكى ئەرلەرئائىلىنىڭ پادىچىسى.قىيامەت كۈنى ئەرلەر ئائىلىسى ۋە خۇتۇنىدىن ھىساپ بېرىدۇ.ئۈزى نامازخان ،شەرىئەتنىڭ ئىچىدىكى ئەرلەر،ئۈزىنىڭ ئايالىنى يۈرۈش-تۇرۇش ،ئەقىدە ئىمان توغرىسىدا تۈزىيەلمىسە مىسالى ئۆينى يۇرۇتالمايدىغان جىن چىراق خالاس. مەيلى ئۇ قانچە ئىبادەت قىلسۇن ئۇنىڭ مۇسۇلمانى كامىللىقىدا شەك بار.ئەمما ئاياللار تەقۋا بۇلۇپ ،ئەر پاسىق بولسا ئايال ئېلاجىسىزدۇر.چۈنكى جانابى ئاللاھ تالاق قىلىش ھۇقۇقىنى ئەرلەرگە بەرگەن.ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق ئاياللارنىڭ جاھانغا پاتماي قېلىشىنى ئەرلەر كەلتۈرۈپ چىقاردى.ئەرلەر پىنھان گۈزەللىكلەرگە ئەمەس،بەلكى ئاممىۋى گۈزەللىكلەرگە بەكرەك مايىل بولغاچقا،ياغلىق ئىچىدىكى سۇمبۇل چاچلارنى ئەمەس،بەلكى كۈز خازانلىرىدەك پاخما چاچلارنى چوڭ بىلدى.ئۇزۇن كىيىملەر ئىچىدىكى نازۇك بەدەنلەرگە ئەمەس بەلكى بەدىنىنىڭ تەڭدىن تولىسى كۈرۈنۈپ تۇرىدىغان تار قىسقا كىيىملەر ئىچىدىكى ئىمانسىزلىق تاراملاپ تۇرىدىغان گۆشلۈك بەدەنلەرگە بەكرەك قىزىقتى.قاچاندۇر بىر چاغدا مەن خېلى دىيانەتلىك دەپ بىلىدىغان بىرەر يىلچە كۈرۈشمىگەن دوستۇمنىڭ تۇرقىغا سەمىمى تەكلىپىمنى بەرسەم ئۇ دوستۇم كىيىمدىن نېمە چىقاتتى دىمەسمۇ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم يۇقاپلا كەتتى.تامچە سۇدا قۇياش ئەكسى زاھىر بولغاندەك،ئاشۇ بىر ئېغىز سۈزىدىن مەن ئۇنىڭ قاغجىراپ كەتكەن قەلبىنى ھىس قىلدىم.
ئىھتىمال بەزىلەر «ھەممىدىن نىيەت ئەلا،قىياپەتتىن ھېچنەرسە چىقمايدۇ »دەپ جۆيلۈشەر.بىراق مەن ئۇنداق قارىمايمەن.چۈنكى بىر ئادەمنىڭ قەلبىدە ئىمان بولسا ئاشۇ ئىماننىڭ ئالامىتى ئۇ ئادەمنىڭ قىياپىتىدە ئايان بۇلىدۇ خۇددى ماي قاچىسى سىرتىدىن مەلۇم دېگەندەك.  قانداق ئايان بۇلىدۇ دېگەندە ئىمان ئۇنىڭغا چاچ ئەۋرەت ،ئەۋرەت جايلارنى ئوچۇق قۇيۇش ھارام دىگەننى بىلدۈرىدۇ.(ئىش ئورنىدا بېسىم بىلەن ياغلىقىنى  سائەتلىك ئېلىۋەتكەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا)ئاندىن قالسا نىپىز يۇققا كىيىملەرنى كىيگەنلەر قىيامەت كۈنى يالىڭاچ قالىدۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن مەھرۇم بولسا بارار جايى دەۋزەخ دىگەننى بىلدۈرىدۇ.ھەم يەنە بىز تەسۋىرلەپ بۇلالمايدىغان مەنالارنى بىلدۈرىدۇ.چۈنكى ئىمان قەلىب ئۆيىنىڭ قۇياشى.ئۆيدە نۇر بۇلىدىكەن بىز ئىشىك تۈڭلۈكنى.تاقىۋەتسەكمۇ ئۇنىڭ نۇرلىرى ھامان جىلۋىلىنىپ تۇرىدۇ.
بۈدرە چاچ،قىسقا كىيىملىك يېرىم يالىڭاچ خېنىملارنىڭ «مەن سىرتتا ئۇنداق يۈرگىنىم بىلەن ئۆيدە ناماز ئوقۇيمەن ،قارىسا ئىسلامچە كىيىنىپ،يۈرگەنلەردىن ناماز ئۇقۇمايدىغانلارمۇ كۆپقۇ»دىيىشلىرىنى ئاڭلاپ قالدىم.ھەتتا بىر دوستۇممۇ بىر قىسىم ئاياللارنىڭ سىرتتا شۇنداق يۈرگىنى بىلەن ئۆيدە ناماز ئۇقۇشى ھەر ھالدا ئوقۇمايدىغانلارغا نىسبەتەن ياخشى دېدى .مەن بۇنىڭغا قۇشۇلمىدىم .چۈنكى دەسلەپ ئىمانغا كىرگەن چاغلار بولغىغۇ مەيلىدى،بىراق ئاشۇ نامىزى دەرگاھى ھەقتە مەقبول بولغان بولسا،كېيىنچە بولسىمۇ ئۈزىنى تۈزۈيتتى،ئۇنىڭ ئىمانى گېلىنىڭ ئاستىغا ئۆتمىگەن دەپ ئېتىراز بىلدۈردۈم.ئاشۇنداق ئۈزىنى تۈزەلمەي ئۇقۇغان ناماز،تۇرقى مۇسۇلمان بىنامازلارنىڭ ھەر ئىككسى رىياكار كاززاپلاردۇر .ئەمدىكى پۈتكۈل سىياسەتلەردە ياغلىققا تۈكرۈك چاچرىغان بۇ ئاي بۇكۈنلەردە بۇئەھۋال قەلبىدە ئىمان بار كىشىلەرنى قايغۇغا سالسا،ئىمان تۈرتكىسىدىن ئەمەس بەلكى ئەتراپىدىكى مۇھىتتىن ،ئاللىكىملەردىن قورۇنۇپ يېرىم يارتا ئارتىۋالغانلارغا نىسبەتەن كاتتا ئىش بولدى.ھەتتا ئۇلار سىرتلاردىمۇ باشقا ناھيە شەھەرلەرگە بارغاندىمۇ بايام دېگەندەك غەيرى دىندىكىلەردەك ياسىنىپ بېرىۋەردى.
پەيغەمبىرىمىز ؛كىمكى ئۈزىدىن غەيرىلەرگە ئوخشىۋالىدىكەن ئۇ ئاشۇلاردىن بۇلىدۇ،قىيامەت كۈنىمۇ شۇلار بىلەن بىللە قۇپىدۇ دەپ ئېيتقان.شۇڭا سىز قايسى مىللەتكە ئوخشىۋالسىڭىز سىزمۇ شۇ مىللەتكە تەۋەسىز.ئۇنداق« نىيىتىمنى خۇدايىم بىلىدۇ »دىسىڭىز يالغانچىدۇرسىز.چۈنكى شەيتانمۇ پەرىشتە ئىدى. ئۇمۇ بىلەتتى .بىراق ئەمەل قىلمىغانلىقىدىن قوغلاندى بولغان ئىدى.ئۇنۇتماڭكى يالىڭاچلىق بېشىڭىزدىن باشلىنىدۇ.ئىشەنمىسىڭىز سىناپ كۈرۈڭ.ئاۋۋال ياغلق بوينىڭىزغا چۈشتى،ئاندىن ئاستا-ئاستا يۇقىدى.يەڭلەر قىسقىراپ قولتۇق ،كۆكسىلەر ئېچىلىپ ،يوپكىلار تارلىشىپ، قىسقىراپ ،ئاپئاق يۇتىلار نامايان بولدى.سىز ئىككى ئۇياتلىق يەرگە نىپىز رەخىتنى دالدا قىلغاندىن باشقا ئاساسەن يالىڭاچ بولدىڭىز........
ئەي قېرىندىشىم ،ئۇنۇتماڭ بىز بەرىبىر ئۈلۈپ كېتىمىز.ھايات بىزگە بىر ئىمتىھان.بىز بۇ دۇنيادىكى بارلىق ئەمەللىرىمىزدىن ھىساپ بېرىمىز.ئەگەر توۋا قىلىشقا ئۆلگۈرەلمەيلا ئۈلۈپ كەتسەك رەببىمىز ئالدىغا نېمە دەپ بارىمىز.؟ناماز ئۇقۇپتىمەنيۇ يېرىم يالىڭاچ كىيىنىپ يۈرۈپتىمەن،ناماز ماڭا ئۆزلەشمەپتۇ ياكى ناماز ئوقۇماپتىمەن ھەم،دائىما يالىڭاچ يۈرۈپتىمەن.يا قىمار ھاراق تاماكىدىن قول ئۈزمەپتىمەن،ياخشى ئىش-ئەمەللەرنى قىلشقا ئالدىرماپتىمەن دەپ جاۋاپ بېرىمىزمۇ؟
ياغلىقنى بوش كۆرمەڭ.ئۇ مۇسۇلمان قىز-ئاياللارنىڭ بەلگىسى.ئاللاھتىن ھايا قىلىشنىڭ ئىپادىسى.سىزنىڭ ئەمەللىرىڭىزنىڭ مەقبۇل بولغانلىقىنىڭ ئاددى دەلىلى.ئەگەر سىز بىر ياقتىن ناماز ئۇقۇپ ،بىر ياقتىن ئۈزىڭىز خالىغانچە يېرىم يالىڭاچ يۈرىۋەرگەن بولسىڭىز،ئەمەللىرىڭىزنىڭ  دەرگاھى ھەقتە مەقبۇل بولمىغانلىقىنىڭ بەلگىسى.
ئەي ئايال ياغلىقنى تاشلىۋەتمەڭ.ئۇ سىزنى بۇزۇق كۆزلەردىن ساقلايدۇ.يېرىم-يالىڭاچ كىيىنمەڭ،قەبرىدىكى ئىلان-چايانلار سىزگە ئىشتەي ساقلاپ كۈتمىسۇن.مۇسۇلماندىن غەيرىگە ئوخشىۋالماڭ .قىيامەتتە ئاشۇلار سېپىدىن تىرىلىسىز.
ئەي ئەر،مەھبۇبىڭىزغا قاراپ قۇيۇڭ.كۆكسىلىرى ،سېمىز بىلەك،يۇتىلىرى ،ئېچىلىپ قالمىسۇن.ئەگەر شۇنداق بولسا سىز دەييۈزلەردىن بۇلىسىز.قىيامەتتە ئاللاھ قارىمايدىغان يەنە بىر كىشى دەل دەييۈز كىشىدۇر.ئۇنداق كىشىنى جانابى ئاللاھ گۇناھلىرىدىن پاكلىمايدۇ.ئەگەر ئايالىڭىز ئاشۇنداق يۈرسىمۇ سىز غەزەپلەنمىگەن بولسىڭىز،ئىمانسىز ئەبلەخ ئادەمسىز.ئوتنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قۇلى كۈيىدۇ دىمەڭ.جانابى ئاللاھ سىزنى ئەر قىلىپ ئاياللاردىن بىر دەرىجە ئۈستۈن ياراتتى.دىمەك ئايالنى« ئالدىم»دېگەن كۈندىن باشلاپ،ئۇنىڭ ياخشى يامان ھەممە ئىشىغا ئىگەدۇرسىز.دىمەك ئوتنى ئايال تۇتسا سىزنىڭمۇ قۇلىڭىز كۈيىدۇ.نىيەت ھەممىدىن ئەلا ئەمەس،بەلكى ئەمەل ھەممىدىن ئەلا.چۈنكى نىيەتتە نىمە بولسا ئەمەلىيەتتە شۇ ئىپادىلىنىدۇ.
،غەيرى دىندىكىلەرگە ئوخشايدىغان بىر قىسىم ئەدىپلەرنىڭ بىر ئۈمۈر ئەسەر يازدىم دەپ ،خەلقىم دىيىشلىرى شەيتانلىق.ئاللاھ ئۇ بىچارىلەرگىمۇ ھەقنى تۇنۇش پۇرسىتى بىرەر.
ئەي قېرىندىشىم يازمامدا سىزنى رەنجىتكەن بولسام ئەپۇ قىلىڭ.ھەق ئاچچىق، مىۋىسى تاتلىق.مىھرىبان ئاللاھ ھەممىمىزنى مۇستەھكەم ھىدايەتكە ئىگە قىلسۇن .چەكلىك ئۆمرىمىزنى پاخال شەرەپ.شەرمەندە شۆھرەت كۇيىدا سەرسان قىلماي،دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئىززەتلىك بۇلۇپ ياشاشقا مىھرىبان ئىگىمىز بىزنى نېسىپ قىلسۇن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yancin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-10 10:22 PM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
qartekin + 100
0000bahar + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
dilgiya + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

كامىل يۇۋاش

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34036
يازما سانى: 804
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6559
تۆھپە نۇمۇرى: 192
توردا: 1545 سائەت
تىزىم: 2011-3-16
ئاخىرقى: 2013-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 11:09:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  ئىسىل تېما
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xaban010 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-11 12:06 AM  


كامىل،يۇۋاش

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1152
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 23558
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 7759 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2013-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 11:19:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xaban010 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-11 03:09 AM
بايا بۇ تېما قۇلۇپ لىنىپتىكەنغۇ،،بەك ئاچچىغىم كەلگەنت ...

بۇ تېمىنى قاچان قۇلۇبلىدۇق؟تېما ئېگىسى نەچچە قېتىم تەھرىرلەپ ئارقا بەتكە نەچچە قېتىم ئۆتۈپ كەتتى شۇ...

ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى رايىش ۋە تىنچ كېلىدۇ،ئېلىشقا تېگىشلىك ھېساب-كىتابنىمۇ ئاللانىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى دەپ قارايدۇ.
-مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89134
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 580
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2012-12-26
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 11:29:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مارشالنىڭ دېگىنى توغرا قېرىندىشىم.ئادىل تۇنىيازنىڭ مۇنۇ مىسرالىرىنى قۇشاي دەپ تەھرىرلىگەنتىم،بىراق كومپىيوتىرىمىنڭ يېزىقىدىن مەسىلە چىقىپ،قۇشالمىغانتىم.
ئاللاھ ساقلار پاختىدا ئوتنى،
چوغنى كۈلگە كۈمۈپ نەھايەت.
چوغدەك قىزلار قارا ھىجاپتا،
بەلكىم يىراق شۇڭا قىيامەت.
چۈمبەلدىكى كۆز ناملىق توپلامدىن.
ھە راست ،مارشال ئىنىم،بۇنداق تىمىلارنى مۇكاپاتلىق سەھىپىگە كىرگۈزمەمسىلەر؟


ھايا قىلمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74747
يازما سانى: 594
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5438
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 409 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 11:32:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر تېما بىلەن ئۇچراشتۇردىڭىز ..... تەشەككۈرلەر بولسۇن !
   خۇددى « ياغلىق ئېلىندى _ يەڭ قىسقاردى _ ياقىلا ئويۇلدى _ يوپكا قىسقاردى » دەك ياغلىق ئارتىلىدىكەن ، مەيدىلەر ئېتىلىپ ، يەڭلەر ئۇزىراپ ، پاچاقلار ئېتىلىدۇ ، تەبىئىي ھالەتتە .
     

بىزلەر خەقلىشىپ ، خەقلەر بىزلىشىپ ... !

كامىل يۇۋاش

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34036
يازما سانى: 804
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6559
تۆھپە نۇمۇرى: 192
توردا: 1545 سائەت
تىزىم: 2011-3-16
ئاخىرقى: 2013-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 11:34:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yancin يوللىغان ۋاقتى  2013-1-10 11:29 PM
مارشالنىڭ دېگىنى توغرا قېرىندىشىم.ئادىل تۇنىيازنىڭ مۇ ...


نىمە  قىلىسىز  مۇكاپاتنى   بۇنىڭدىن تاپقان ساۋابىڭىز،  مۇكاپاتتىن  مىليون ھەسسە  ئارتۇقتۇ،،نىيىتىڭىز دۇرۇس بولسىلا بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xaban010 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-10 11:57 PM  


كامىل،يۇۋاش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89134
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 580
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2012-12-26
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 11:42:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە  قىلىسىز  مۇكاپاتنى   بۇنىڭدىن تاپقان ساۋابىڭىز  مۇكاپاتتىن  مىليون ھەسسە  ئارتۇقتۇ،،نىيىتىڭىز دۇرۇس بولسىلا.....گە
تۇلىمۇ خىجىلمەن.دوست يىغلىتىپ ئېيتار،دۈشمەن كۈلدۈرۈپ دىگەندەك  سەمىمى تەكلىپىڭىزدىن بەك خۇشال بولدۇم .بىمەنە سۆزلەپ قويغىنىمنى ئەپۇ ئەيىكەبۇيرۇمىغايسىزلەرقېرىنداشلار.رەببىم مىنى ئەپۇ قىلغاي.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yancin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-10 11:43 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85702
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 461
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 78 سائەت
تىزىم: 2012-10-4
ئاخىرقى: 2013-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 11:48:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن قايسى بىر چاغدا مەسچىتتە بىر ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ :‹ يولدىكى بىر ئايالنىڭ ياكى بىر قىزبالنىڭ ئوچۇق پاچىقىغا قاراپ يامان نىيەتكە كەلسە، شۇ ئادەمنىڭ پۈتۈن ئىبادىتى كۆيۈپ تۈگەيدۇ› دېگىنىنى  ئاڭلىغانتىم ... ئەمدىكى گەپكە كەلسەك ، شۇنداق بولدىمۇ دەيلى ، شۇ ئوچۇق قويۇپ ماڭغان ئايالنىڭ گۇناھى قانچىلىك بولار ؟؟

شەيتان ‹ئېبلىس› پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئالدىغا بىرىپ، ساھابىلىلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ قانداق قىلىپ ئىنساننى ئازدۇردىغانلىقى ئېيتقان بايانىدا :‹ مىنىڭ باللىرىم ئەرلەرنى ئاياللارنىڭ ئەۋرەت يېرىنى كۆرۈشكە زورلايدۇ .. ھەم شۇ ئايالنى تېخىمۇ چىرايلىق كۆرسىتىدۇ › دېگەن ....

‹بىر قارىساڭ بولىدۇ، ئىككى قارىساڭ گۇناھ!›

ھېكمەتلىك گەپلەر ئارىسىدا :‹ ئەركەك بۇدۇنيادا، ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەتلىشى،قوينىدىكى ئايالغا ئىگە بولىشى،ئۆز زېمىنىغا خوجا بولىشى كېرەك› دەپ يىزىلىپتىكەن ...

ھەي ئۇيغۇرۇم ئىچىم ئاچچىق،.....لىكىن تانمايمەن سەندىن.

كامىل يۇۋاش

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34036
يازما سانى: 804
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6559
تۆھپە نۇمۇرى: 192
توردا: 1545 سائەت
تىزىم: 2011-3-16
ئاخىرقى: 2013-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 11:50:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ سىزگە  مەڭگۈ يار يۆلەكتە بولسۇن،،مۇشۇنداق  ئىسىل نادىر  تېمىلىرىڭىزنىڭ  بۇندىن كېيىنمۇ  داۋاملىق يوللىنىپ تۇرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن قېرىندىشىم، ئاللاھ ئۆمۈرىڭىزنى ئۇزۇن قىلسۇن،ئامىن

كامىل،يۇۋاش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87134
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 663
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 151 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 11:57:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازمىڭىزنى كۇرۇپ بەكمۇ خوش بۇلدۇم.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش