مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2013|ئىنكاس: 15

رىياسەتچىنىڭ كۈندىلىك خاتىرسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57840
يازما سانى: 571
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5580
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1004 سائەت
تىزىم: 2011-9-24
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 06:20:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

  تولىمۇ شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن .
ماڭا جان،ئەقىل،ۋە ھىدايەت بەرگۈچى ئاللاھقا كۆپ ھەمدۇسانالار بولسۇن، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدسەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن، كۈيچى كۇلۇبى قۇرغۇچىسى ۋە ماڭا تور دۇنياسىدا مەدەت بەرگەن ،بىلىم بەرگەن ، ھەمدەمدە بولغان بارلىق قېرىنداشلىرىمغا ئاللاھتىن مەغفىرەت تىلەيمەن ،ئامىن.


رىياسەتچىنىڭ كۈندىلىك خاتىرسى


ئىستىقبال(سەئىدىيە)

                                                                                                                                                                                                                ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سىرداشلار،قەلىپداشلار...كۈيچى قانىلى مۇنازىرە سالونىدا رىياسەتچى بولغىنىمغىمۇ بىر يىل بولاي دەپتۇ...بۇ جەرياندىكى تەجىرىبە، ساۋاق،ئاچچىق چۈچۈك ۋە خۇشاللىقلارنى ئەزىزلەر بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە مۇنۇ تىمىنى يازماق بولۇپ ئولتۇرۇپتىمەن .ئەگەر ئۇزۇن تىما ئوقۇشنى خالىمايدىغان سەۋىرسىزلەر بولساڭلار، بۇ تىمىنى ھەم تەۋسىيە قىلمايمەن . چۈنكى ، بۇنىڭغا مېنىڭ يۈرەك سۆزلىرىم، ھايات كۆز قاراشلىرىم، مۇنازىرە سالونىدا ۋە كۈيچى كۇلۇبىدا ئېرىشكەنلىرىم ھەم شۇنداقلا مۇنازىرچىلەرنىڭ يۈرەك سۆزلىرى خاتىرلەنگەندۇر.بۇ بىر يىل جەريانىدا يىغىلغان جەۋھەرلەرنىڭ ھايات مۇساپىسى ئۈستىدە توختىماي ئىزدىنىۋاتقان يۈرەكلەرگە ئاز تولا قۇۋۋەت بىرىشى مېنىڭ ۋە كۈيچى مۇنازىرچىلىرىنىڭ غەلبىسىدۇر. ئىزدىنىۋاتقان ، بىلىمگە ئىنتىلگەن يۈرەكلەر ۋە سىرداشلارنىڭ نەزىرىنى ئاغدۇرىشىنى تەپەككۇر قىلىشىنى ۋە مەن بىلەن بىللە بۇ بىر توپلام مەزمۇن چىققۇدەك خاتىرلەرنى تاماملاشقا ئاتلىنىشىنى سورايمەن.
بۇ تىمىنى يوللاشتىن مەقسىدىم كۈيچى كۇلۇبىنى تەشۋىق قىلىش ئەمەس. بەلكى ئوي پىكىرلەردىن ئورتاقلىشىش.



  1. مەن كىم ؟ بىز كىم؟
2013-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى

ئەتە بۇ مەۋسۇملۇق ئەڭ ئاخىرقى بىر پەن ئىمتىھان بىرىمەن. ئەمما ئەزەلدىن قانۇن، سىياسەت ،تارىخ قاتارلىق ئەستە ساقلاش قىيىنرەك بولغان ئىنىچكە مەسىللىلەردىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ كەلگەچكىمۇ پەقەتلا تەكرار قىلغۇم كەلمەيۋاتاتتى. ئەمما قاچقاننى قوغلاپتۇ دىگەندەك ،كەسپىمنىڭ مەمۇرى باشقۇرۇش بولۇپ قالغىننى دەيمۇ؟............



كىتاپنى تاشلاپ قويۇپ ،كۈيچىگە كىردىم .

كۈيچى ،كۈيچى كۇلۇبى...بۇ قەيەر؟ ئاۋازلىق قانال . ھىلىمۇ ئېسىمدە،مەن بۇ يەرگە ئەركىن سېدىق ئاكىمىزنىڭ لىكسىيەسى باركەن دىگەن سۆز بىلەن كىرگەن ۋە بۇ يەردە پىغان ئىسمى بىلەن «تۇغۇلغان».بۇ مېنىڭ ھاياتى دۇنيادا تۇغۇلىشىمغا ئەلبەتتە ئوخشىمايدۇ. مەن كۈيچىگە نىمە ئۈچۈن كىرگىنىمنى بىلىپ كىرگەن ،لىكىن دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كېلىشىمنى پەقەت مېنى ياراتقۇچى ئەڭ ياخشى بىلەتتى.مەن ھەتتا قاچان كېلىشىمنى ھەم بىلمەيىتتىم. ئانامنىڭ دەپ بىرىشىچە ئاناممۇ قورسىقىدا 6ئايلىق بولغىنىمدا ئاندىن بىلىپتىكەن. ئەگەر بالدۇر بىلگەن بولسا ،پىلانلىق تۇغۇت سىياستى سەۋەبدىن مەندەك بىر قىز بۇ دۇنيادا بولمايدىكەنتۇق. ئەلىھەمدۇلىللاھ......مىھرىبان ئاللاھ ھىلىمۇ ئانامغا بىلدۈرمەپتىكەن. يەنە بىر ئوخشىماسلىققا كەلسەم مەن كۈيچىدىكى ئىسمىمنى ئۆزۈم تاللىغان . ئەمما دۇنيادا بولسا ،چوڭ بولسام باشقىلار شۇ ئىسىم بىلەن چاقىراتتىكەنتۇق.ئەلبەتتە ،مەۋھۇم دۇنيا بىلەن ھەقىقى دۇنيانى سېلشتۇرۇشمۇ بىر ئەخمەقلىق .
خىياللار ئىلكدە كۇلۇپنىڭ ھەرقايسى ئۆيلىرىنى ئايلىنىپ يۈرمەكتىمەن. ...
قەيەرلەردە كۆڭلۈمگە ياققۇدەك ئاۋاز بار؟قەيەردە تونۇشلار بار؟
ئىنسان دۇنياغا يالغۇز كېلىدۇ،يالغۇز كېتىدۇ. خۇددى كۇلۇپقا يالغۇز كىرىپ،يالغۇز چىقىپ كەتكىنىدەكلا...مەيلى ئۇ كىملەر بىلەن ياشىسۇن،كىملەر بىلەن نىمىش قىلمىسۇن، يالغۇز ئويلايدۇ،ئۇيقۇنى يالغۇز ئۇخلايدۇ،چۈشنى بىر ئۆزى كۆرىدۇ،تاماقنى بىر ئۆزىنىڭ گېلىغا يەيدۇ ۋە ھاكازالار...مەنمۇ كىچىكىمدە يالغۇزلۇقتىن ئانچە قورىقمايدىكەنمەنتۇق. ھەمىشە ئۆيدە يالغۇز قالسام تاماقمۇ يىمەي كتاپ ئوقۇش بىلەن مەشغۇل بولاتتىم .ئەمما ھازىر ئۇنچە سەۋىر ۋە كىتاپخۇمارلىق مەندە قالمىغاندەك.بەلكىم ئىنسان چوڭ بولغانسىرى ئەسلى تەبىئىتىدىن ئۆزگىرىپ جەمىيەتكە ماسلىشىپ كېتىدىغاندۇ،...ۋە بەلكىم كىچىكلا ئۆيدىن ئايرىلىپ، ئىچكىردىكى مۇساپىرلىق شۇنداق دوسىتخۇمار قىلىپ قويغاندۇ؟
كۈيچىدە ئايلىنىپ يۈرۈپ قايسى بىر تونۇش ئىسىم ئۇچراپ قالسا خۇددى بىر تۇققىنىم بىلەن كۆرۈشكەندەك بولۇپ قالىمەن.
شۇنداق ئايلىنىپ ھەممە ئۆيلەردىكى پالىيەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەنمۇ بولدۇم. تېخى مۇنازىرە ۋاقتى بولمىغان بولسا كېرەك، مۇنازىرە سالونى قۇپقۇرۇق، ئالتۇن مىكرافۇندا «سەرسان روھ»ناملىق رومان قويىلىۋىتىپتۇ.پالىيەت زالى...بۇرۇنقىدەكلا قايناق. ھەممىدىن ئادەم كۆپ جاي پالىيەت زالى بولسا كېرەك، ئەمما يالغۇزلۇقنى خالىمىساممۇ بەك زىيادە قايناق ھاياتقا كۆنەلمەيدىغان مىجەزىم بىلەن بۇ ئۆيدىمۇ ئۇزۇن تۇرالمايمەن...يەنىلا كونا ئادىتىم بويىچە يېڭى ئەزالارنى تىزىملاش ئۆيىگە كىردىم.چۈنكى ئادەتتە، بۇ ئۆيدە تونۇشلار كۆپرەك يىغىلىپ پاراڭ سالاتتۇق.
ئەمدىلا كىرىپ سالاملىشىپ تۇرساق ،بىر چەيزىرەڭ چاپان كۆپىيىپ قالدى. كىم؟ئەلبەتتە كۈيچى كۇلۇبى قۇرغۇچىسى كۈيچى.
كۈيچىنىڭ ھەمىشە پالىيەت زالىدا تۇرغانلىقىنى كۆرەتتىم، پەقەت تۆتىمىزلا بار بۇ ئۆيگە كىرگىننى كۆرۈپ بىرەر ئالاھىدە ئىش بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ ئېكرانغا ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كۈيچى دەپ يوللىدىم.
ئەمما كۈيچىنىڭ سالىمىمغا جاۋاپ قايتۇرغىلىمۇ ئالدىرىغانلىقى،ئالدىراش باسقان 999رەقەملىرىدىن مانا مەن دەپ تۇراتتى.
-ئىستىقبال ،ئىستىقبال، ئىكران ئالدىدا بارمۇسىز؟
-1
-سىز بۇرۇنقى ئىستىقبال شۇمۇ ؟ ئىستىقبال شۇمۇيا؟
-مەن شۇ ،.......
-بۈگۈن مۇنازىرە قىلماپسىلەرغۇ؟ توختىتىۋەتتىڭلارما؟
-ياق ..
-توختىتپ قويمىساڭلار بولاتتى مۇنازىرنى...
-بۈگۈن نۆۋەتچىلىك قىلىدىغان باشقا باشقۇرغۇچىلار بار ئىدىغۇ؟
-ھە.....ھە بوپتۇ ئەمىسە،ئىشنى قىلىپ مۇنازىرنى ئۈزۈپ قويماڭلا..........
كۈيچى چىقىپ كەتتى.
بۇ گەپلەردىن خۇددى باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكى ئۈچۈن خاتا تەنقىدلەنگەن كىچىك بالىدەك بىر خىل بولۇپ قالدىم .دەرھاللا مۇنازىرچىلەر توپىغا خەت يازدىم .
-بۈگۈن كىم رىياسەتچى؟
-مەن (ئىستىداد)
-لىكىن مېنىڭ ئىمتىھانىم بار،تەييارلىق قىلالمىدىم
ئەتىكى ئىمتىھان، بۈگۈنكى مۇنازىرە .............مېنىڭمۇ ئىمتىھانىم بار ،مەن ھەم رىياسەتچى ......................
تۇيۇقسىز كۈيچىنىڭ سىز ئىستىقبال شۇمۇ يا؟ دىگەن سۆزى بىلەن مۇنۇ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى تاللىشىدىن، كاللامغا شۇ سۇئال كەلدى،مەن كىم؟
كۈيچىدە مەن ئىستىقبال، مۇنازىرە سالوننىڭ رىياسەتچىسى، مىسرانىم مۇنبىرىدە مەن چولپان ،كۆكلەم ۋە تورداش تورىدا مەن سەئىدىيە،مەكتەپتە ئوقوغۇچى،ئۆيدە بىر بالا،جوڭگۇدا بىر پۇقرا .............لىكىن،مەن ئۆزۈم كىم؟ .............................
كىتابىمنىمۇ بىر يانغا تاشلاپ قويۇپ جىددىيلا كۈيچىگە ۋە تەنھا بەيگە خەت يازىدم ،
«ئىلان بىرىپ بەرسىڭىز،بۈگۈنكى مۇنازىرە تىمىسى مەن كىم؟بىز كىم؟»
ئىلان بىرىلدى.
كىرگەن ئادەم كۆپ ئەمەس. ئىلگىرى بەزى مۇنازىرىلەرگە 70تىن كۆپ ئادەم كىرەتتى ، ئۇ ۋاقىتلاردا مۇنازىرە تىمىلىرى ھەممىمىزگە يېڭى ئىدى. باشقۇرغۇچىلار تالىشىپ تۇرۇپ رىياسەتچىلىك قىلاتتۇق. كىرگەن ئادەمنىڭ ئازلىقىغا قاراپ ئازراق مەيۈسلەندىم.
ئەمما مېنى نەچچە مىڭ خەت يازدۇرىۋىتىدىغان تىمىنىڭ ،دەل مۇشۇ ئون نەچچە ئادەم بىلەن ئىلىپ بىرىلدىغان تىما ئىكەنلىكىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمەپتىمەن.
مەن كىم؟ بىز كىم؟

مۇنازىرە، تۇرخاننىڭ زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئاكاشنىڭ بىر ئەسىرىنى ئوقۇپ بىرىشى بىلەن باشلاندى .
سۈبىدەم : بىز دۇنيادا ياشىغان ئىكەنمىز ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى بىلىپ ياشىشىمىز كېرەك. بىر ئادەم قانچە ياخشى تەسىر قالدۇرمىسۇن،قانچە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولمىسۇن،ئەجەللىك خاتالىقتىن بىرنى ئۆتكۈزسە ،ئۇنىڭ يۈزى ،شۆھرىتى ،ئىرىشكەنلىرى يەنىلا يەر بىلەن يەكسان بولىدۇ. بىر كىشىنى بېشىدا كۆتۈرگەن خەلىق يەنە يەرگە ئۇرالايدۇ. بىز ھەقىقەتەن تارىخنى بىلىشىمىز،ھەرۋاقىت كىملىكىمىزنى تونۇپ يىتىشىمىز كېرەك. ........
مۇسۇما: كىملىك ھەققىدە يىزىلغان نۇرغۇن كىتاپلار بار،بىزنىڭ ئوقۇپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. ئەڭ ئاددىي بىرسى قولىمىزدىكى كىملىك (سالاھيەت گۇۋاھنامىسى)بۇنىڭدىن تۇغۇلغان يۇرىت ،ئىسىم فامىلە ،دۆلەت تەۋەلىك ،تۇغۇلغان ۋاقتى دىگەنلەرنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. مەنچە ،مەن كىم دىگەن بۇ سۇئالغا مەن كىمنىڭ بالىسى ،نىمىش قىلالايمەن ، دىگەنلەردىن ئىبارەت سۇئاللارنىڭ جاۋابى جاۋاب بولالايدۇ. كىملىك باشقىلارنىڭ سىزنىڭ ئورنىڭىزنى ئېتراپ قىلىشى ۋە ھۆرمەت قىلىشىدا ،...................
تۇرخان: مەن ئالدى بىلەن بىر ئابزاس ماقال ئوقۇپ ئۆتسەم: «ئۆزىنى تونۇماقچى بولغان كىشى غېرىپلىققا يۈزلىنىشى كېرەك، ھەقىقى غىرىپلىقىنى ھىس قىلغان، سۈكۈت ئىچىدە ئۆزىنى تونىغان كىشى غېرىپلىقنىڭ ئۇنچە قورقۇنۇچلۇق ئەمەسلىكىنى ھىس قىلىدۇ. ئەنگىلىيە جەمىيەتشۇناسى رىگىمۇت باۋمەن نىڭ تىلى بويىچە ئېيىتقاندا«بۈگۈنكى دەۋىردە كىشىلەر كېرەكسىز ئۇچۇرلار دۆۋىسىگە كۆمۈلۈپ قالغان كىشىلەردۇر،ئەھمىيەتسىز ،كېرەكسىز ئۇچۇرلار ئىچىدە ياشاۋاتقان كىشىلەر، سۈكۈت ئىچىدە پىكىر قىلىشى ئۆزىنى تونۇشتىكى بىر مۇھىم ھالقا».-زۇلپىقار بارات ئۆزباش. بۇنى ئوقۇپ بىرىش ئارقىلىق ،مەن كۆپچىلىككە يالغۇز پىكىر قىلىش ئۆزىمىزنى تونۇشتا كۆپ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويماقچى.
ئىستىقبال: ئۇنداقتا ،سىز جاۋاپ بىرىپ باقسىڭىز، كېرەكسىز ئۇچۇر قانداق ئۇچۇر؟ مىسال ئىلىپ بىرەمسىز؟
تۇرخان: ئابدۇقادىر جالالىدىن ئاكىمىزنىڭ « ئېشەك مۇھىممۇ ؟بېكخاممۇ؟» دىگەن سۇئالى بۇنىڭغا ياخشى جاۋاپ بولالايدۇ دەپ قارايمەن . بىز ئۆزىمىز بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان چولپانلار ۋە شۇنىڭدەك ئۇچۇرلارغا بەك كۆڭۈل بۆلىمىز.
ئىستىداد:مەنچە ئېشەك بىلەن بېكخامنى سېلىشتۇرۇش بىر بىمەنلىك . بىرسى ئادەم،بىرسى ھايۋان. بۇنى سېلىشتۇرماسلىق كېرەك .
مۇسۇما: بۇيەردىكى سېلىشتۇرۇش،بىر دىھقان ۋە بىر پۇتبۇل مەستانىسىغا بولغان سېلىشتۇرۇشنىڭ ئۆزگەرتىلىشى يەنى دىھقانغا ئېشىكى مۇھىم،پۇتبۇل مەستانىسىغا ئۆزىنىڭ پۇتبۇلچىسى مۇھىم ،مەنچىمۇ سېلىشتۇرماسلىق كېرەك.
ئوغۇز: پۇتبۇل، ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى غورۇرىنى ئىپادىلەشنىڭ بىر شەكلى. مۇشۇنداق بىر ۋاقىتتا بىكخامدىن ئىبارەت بىر شەخىسنىڭ چولپانغا ئايلىنىپ قېلىشى نورمال. ئەمدى بۇ يەردىكى سېلىشتۇرۇش، ياشلىرىمىزنىڭ زىيادە ئۆزى بىلەن ئالاقىسىز نەرسىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتكەنلىكىدىن كېلىپ چىققان سېلىشتۇرما . بۇنىڭ مېغىزىنى ئىلىپ ،شاكىلىنى تاشلاش كېرەك.
ئىستىداد...........
،كۆكبۆرە،.....................
جەۋلانبەگ............................
بىز مۇسۇلمان ،بىز ئۇيغۇر ......................................
مۇنازىرە شۇ تەرىقىدە داۋاملاشتى ۋە ئاخىرلاشتى.
تولۇق خۇلاسە چىقىرىلماي قالغان بولسىمۇ يېرىم ئاخىرلاشقان مۇنۇ تىمىنى تاشلاپ،مۇنازىرە سالونىدىن قىيمىغان ھالدا ،ياتاق تەكشۈرۈپ كىرىشنى ئىيتىپ ئايرىلدىم. ئەمما ياتاق تەكشۈرۈپ كىرسەم تور ئۈزۈلۈپتۇ.
كىتاپ كۆرەي دىدىميۇ ،خىيالىم پۈتۈنلەي شۇ تىمىدا ...............
خىياللار ئارىسىدا ئۈزۈپ ،جاۋاپ ئىزدەشكە باشلىدىم.تەپەككۇر كىمىسى دىڭىزدا گاھ تىپتىنىچ ئۈزسە،گاھ دولقۇنلاردا داۋالغۇيىتتى....
ئاجىزە ھەدىمىز ئېكرانغا «بۈگۈن مۇنازىرچىلەر ئۇخلىيالمايدىغان بولدۇق »دەپ يوللىغان ئىدى،ھەقىقەتەنمۇ دىگىنىدەك بولدى،دەپ ئويلايىتتىم ئۆزۈمچە.............
مەن كىم؟
ئالدى بىلەن مەن بىر ئىنسان .
ئۇنداقتا ئىنسان دىگەن نىمە؟ ئىنسان دىگەن ئاللاھنىڭ قۇلى...
مەيلى ئۇ ئىنسان ئۆزى ئېتراپ قىلسۇن قىلمىسۇن،ئىنسان دىمەك بىر بەندە.
خۇددى مەن باشتا دىگىنىمدەك، كېلىشتە تاللىشى بولمىغان ،كېتىشى مۇقەررەر بولغان بىر بەندە...
ئىنسان دىگەن نىمە ؟
ئىنسان تەن ۋە روھتىن تۈزۈلگەن بىر مەخلۇق.
تەن:
دۇنيادا بەلكى ئىنساندىن مۇرەككەپ ھىچبىر تۈزۈلۈش يوقتۇ؟؟؟كۆز ،قۇلاق،بۇرۇن،ئېغىز...............ئوخشاش گۆشتىن تۈزۈلگەن ،ئوخشىمىغان رولنى ئالغان ئەزالار، بارماقتىكى سىرلار ، بەدەننىڭ خىزمەت فونكىسىيسى ،ھەربىر ئەزانىڭ رولى..........ئەڭ ئاددىيسى،ئاستى كىرپىك بىلەن ئۈستى كىرپىكنىڭ ئورۇنلاشتۇرىلىشى،بۇرۇن تۆشۈكچىسىدىكى تۈكچىلەرنىڭ رولىغىچە....ئويلاپ كۆرسەك،تەن ھەقىقەتەنمۇ مۆجىزە مەنبەسى بولغان بىر بىرلىكتۇر.
روھ:
ئىيتىشلارغا قارىغاندا روھ 30نەچچە گىرام كېلەرمىش .يەنى ئالىملارنىڭ ئىسپاتلىشىچە ھايات چاغدا ئۆلچەنگەن بەدەن بىلەن جانسىز جەسەتنىڭ پەرقى 38گىرام ئەتراپىدا بولغان . ئەمما ئىنساندىكى بەدەن تۈزىلىشىدىنمۇ ئۆزگىچە مۆجىزە بولغان روھتىكى سىرلار،بىزنىڭ كىملىكىمىزگە تېخمۇ كۆپ سۇئال، مەسئۇلىيەت ،ئەركىنلىك ۋە كۈچ قۇۋۋەت بېغىشلىماقتا............
مەن كىم؟
مەن بىر ئىنسان،
ئىنسان ، نەفسى ۋە ئەقلى بار بىر مەخلۇق...ئىنسانغا پۇل مال ، نام شۆھرەت ، ھوقوق، راھەت، ئىشىق ھەۋەس، ۋە شۇنىڭدەك نەفسىگە ياقىدىغان دۇنيالىق نەرسىلەر ھەر زامان چىرايلىق كۆرىنىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ نەفسى بار. ئەمما يەپ ئىچش، باش بولۇش ۋە شۇنىڭدەك دۇنيا نىممەتلىرى ھايۋاناتلارمۇ قوغلىشىدىغان ۋە ئىرىشىدىغان نەرسىلەر ئەمەسمۇ؟ ئۇنداق بولغان ئىكەن ،مەن ئىنسانى ئەقلىم بىلەن ئادەمدەك ياشىمىقىم كېرەك. قايسى بىر يازغۇچى شۇنداق دەيدۇ: ئىنسان كۆپ،ئادەم ئاز. يەنە مۇنداق بىر سۆز بار،ئالىم بولماقتىن ،ئادەم بولماق تەس. دىمەككى ،ئىنسان ،ھەرزامان ئەقىلنى ئىشقا سېلىپ ،نەفسىنىڭ تىزگىننى قولدا تۇتماق زۆرۈردۇر،ئۇنداق بولمىغاندا ئۇ يولىدىن ئازىدۇ، ۋە ئادەم بولماي قالىدۇ.
ئىنسان ،....
ئىنسان، جاپا مۇشەققەت ۋە ئارزۇ ئۈمىدلەر ئىچىدىكى بىر جانلىق،
ھەبىر ئىنسان ھاياتىدا ئوخشىمغان خاتالىقلارنى ئۆتكۈزىدۇ، ئوخشىمغان مۈشكۈللەرگە يولۇقىدۇ. ئوخشىمغان قىيىنچىلىق ۋە خەتەرلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ. ئەمما ئۇنىڭدا ئارزۇ ئۈمىد يەنى ھاياتلىققا بولغان تەلپۈنۈش ئۆكسۈپ تۇرغان بولىدۇ. مەيلى ئاق قارا سېرىق تەنلىك بولسۇن،مەيلى ئەر ئايلا قېرى ياش بولسۇن،مەيلى خان ۋە گاداي بولسۇن، ھەر كىشىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق غېمى،ئارزۇسى ،ۋە خۇشاللىقى بولغان بولىدۇ.
ئىنسان،
ئىنسان ،باشقا جانلىقلارغا قارىغاندا ھۆر ،ئەركىن بىر مەخلۇقتۇر.
تەبىئەت دۇنياسىدىن ئىنساندىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇمنى چىقىرىۋىتىپ پەرەز قىلساق، يەرشارى ھەقىقەتەن بىر بايلىق مەنبەسى.
چوڭى ئۇنىڭغا كۈلۈپ باققان ئاي ،قۇياش، ۋە يۇلتۇزلاردىن تارتىپ، كىچىكى ھەربىرتال گىياھقىچە ،ھەربىر تال ياپراققىچە شۇنچىلىك گۈزەل. ھىچبىر پىلانىت يەنە بىرسىنىڭ ئوربىتىغا كىرۋالمايدۇ. ھىچبىر جانۋار ئۆزىگە بۆلۈنگەندىن ئۆزگە نەرسىلەرگە كۆز سالمايدۇ. قوي مەڭگۈ گۆش يىمەيدۇ. قوغۇن پىلىكىدىن مەڭگۈ تاۋۇز چۈشمەيدۇ. بىز رىۋايەتلەردە ئىيىتقاندەك، كىنولاردا تەسۋىرلىگەندەك، شىر پادىشاھلىقى ۋە ھەرخىل ھايۋاناتلارنىڭ بىرلىشىپ ئىمپىراتورلۇق قۇرىشى ۋە شۇ جەرياندا بومبا تانكىلارنى ياساپ ئۆسۈملۈك ،ۋە ئۇچار قۇشلارنى قوشۇپ قىرىشى مەڭگۈ يۈز بەرمەيدۇ.
نىمىشقا؟...........
نىمىشقا ئىنسانلار ئۆزىدىن كۈچلۈك بولغان مەخلۇقاتلارنى قەپەزلەرگە سولاپ باقالايدۇ؟ زىمىندا پارتىلاتقۇچلارنى ياساپ بۇزغۇنچىلىق قىلالايدۇ؟ نىمىشقا بىرسى بىرسىنى ھەم، باشقا ھايۋانات،ئۇچار قۇش ۋە سۇدىكى جانلىقلارغىچە ھەم ئۆلتۈرۈپ ،بوزەك قىلىپ ئۆزىنى چوڭ كۆرسىتەلەيدۇ؟نىمىشقا ............؟ئەجىبا ئىنسان بۇ مۇھىتنى بۇلغاش ،قان تۆكۈش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى ئۈستىگە ئالغان بىر مەخلۇقاتمۇ؟.....................ياق!بۇ مەن ئەمەس، بۇ ھەم بىز ئەمەس.

ئىنسان، .....

ئىنسان،ياخشلىق بىلەن يامانلىق ئوتتۇرسىدىدۇر.
خۇددى باشقاجانۋارلارغا ئوخشاش ئۇنىڭ ھەم قانۇنى بار،..........
...خۇددى قۇياش ،ئاي،مارىس ،يۇپىتىرلار ئۆز ئوربىتىسىدا تىنىمسىز ھەركەت قىلغىنىدەك ئۇنىڭ ھەم ئوربىتىسى بار..........
...خۇددى چۈمۈلە ئۇۋىسىدا ئۆز خىزمەتلىرىنى تەقسىملەپ چۈمۈلە خانلىقى ئىش تەقسىماتىنى تاماملاش ئۈچۈن ھەركەتلەنگىنىدەك ،ئۇنىڭ ھەم خىزمەت ۋەزىپىسى بار .........
خۇددى قوي مەڭگۈ ئوت چۆپ يەپ ،گۆش سۈيىنىمۇ ئىچمىگىنىدەك،ئۇنىڭ ھەم يىمەكلىك ئۆلچىمى بار...........
.........................................بۇ قانۇن قۇرئاندۇر،بۇ ئۆلچەم سۈننەتتۇر...................................................
ئەلبەتتە، بىر ئىنساننىڭ قولىدىن ياخشىلىق ھەم يامانلىق ھەم كېلىشى مومكىن. ...
ئۇ شۇ سەۋەپتىن باشقا مەخلۇقاتلاردىن يۇقىرى بولدى،.........
سەۋەبى ياراتقۇچى ئۇنى ئەزىز قىلدى، ئىنسانغا ئەقىل ۋە ئەركىنلىكتىن ئىبارەت ئالاھىدە نىممەتنى بەردى
...چۈنكى، ئاللاھۇ سۇبىھانى ۋەتەئالا ئۇنى بۇ زىمىننىڭ خەلىفەسى قىلدى، بۇ زىمىندىكى نەرسىلەرنى ئۆزىنىڭ خەلىفەسى بولغان ئىنسانغا بوي سۇندۇرۇپ بەردى.......
شۇنداق، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ئەقىل ئىدراكى ۋە كۈچى بىلەن زىمىندا خەلىفىلىك قىلىش....

مەن كىم؟
مەن بىر خەلىفە،
مەن بۇ زىمىننىڭ خەلىفەسى...
بۈگۈن ، بىر تامچە سۇدىن يارتىلغان،
تېخى مەكتەپنىڭ بوسوغىسىدىن جەمىيەتكە قەدەم ئالمىغان مەن ،پۈتۈن دۇنيا خەلىفىلىرىدىن بىرى.
بەزىدە شۇنداق ئويلاپ قالىمەن،........................
ئۆزىمىزنى تۆۋەن كۆرمەسلىكىمىز ،ئەكىسىنچە پەخىرلىنىشمىز كېرەك!!!
چۈنكى بىز دۇنياغا باشقىلاردىن تىل ئاھانەت، بۆھتان ئىشىتكىلى ئەمەس،بوزەك بولغىلى ئەمەس، خەلىفىلىك سۈپىتىمىز بىلەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا ،دۇنيانى مىھىر مۇھەببەتكە تولدۇرۇشقا ،ئازغانلارغا يول كۆرسىتىشكە كەلدۇق.
باشقىلارنى تۆۋەن كۆرمەسلىكىمىز ،كىبىر قىلماسلىقىمىز كېرەك!!!
چۈنكى بىز ھەممىمىز ئوخشاشلا ئىنسان،........
پەقەت بىر تامچە سۇدىن يارالغان ئىنسان............
..................جەمىيەتتە شۇنداق.........كۇلۇپتا ھەم ئوخشاش........................................
ھەمىشە باشقىلارغا ،بولۇپمۇ باشقۇرغۇچىلارغا شۇنداق دىگۈم كېلىدۇ، مەيلى قانچە ئەزىز بولمايلى،ھەربىر كىشىنى ھۆرمەتلىشىمىز كېرەك، بەلكىم كۇلۇپتا ئايلىنىپ يۈرگەن مەلۇم بىر كىشى ئابدۇكىرەم ئابلىز ئاكىمىز،ياكى ئابدۇقادىر جالالىدىن ئاكىمىز دۇر!؟...........
مەيلى ئۇلار بولسۇن بولمىسۇن ،مەقسەت،بىز خۇددى چاپاننىڭ رەڭگىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئاق چاپان بىلەن كۇلۇپقا كىرگىنىمىزدەكلا ئەر ۋە ئايالدىن دۇنيانى تەشكىل قىلغان ئوپمۇ ئوخشاش ئىنسان بىز...................................

سۆزلىسەم گەپ جىق......

مەن كىم ؟نىڭ جاۋابىدىن كىيىنكى سۇئال بىزكىم ؟نى ئويلانغۇچە ئۇيقۇم كېلىپ،ئەتكى ئىمتىھاننىڭ ۋەھىمىسى مېنى بىئارام قىلماقتا.
بىز كىم؟

بىز ئاداش.....

بىز كۈيچىداش.........
بىز قېرىنداش......................
بىز ئۇيغۇر..................................
بىز شىنجاڭلىق...................................
بىز جوڭگۇلۇق...............................................
بىز مۇسۇلمان................................................................
..........مۇنازىرچىلەرنىڭ سەرخىل جاۋاپلىرى ........................................
.............................ئوقۇرمەنلەرنىڭ سەرخىل جاۋاپلىرى ..................................
بەس ،شۇنچىلىك يازاي.............................................................................................
ھەر بىر بىزنىڭ كەينىگە تالاي ھوقۇق ۋە تالاي مەجبۇرىيەتلەر يوشۇرۇنغان. تالاي سۇئال ۋە تالاي ئۈندەشلەر قويۇلغان.
ھەر بىرى بىزنىڭ پىكىر قىلىشىمىزنى ،ئىزدىنىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ..................
شۇنداق، جاپالىق بولسىمۇ ئىزدىنىشىمىز كېرەك،..........
قىيىن بولسىمۇ ،كىملىكىمىزگە جاۋاپ تېپىشىمىز كېرەك............
چۈنكى ،
خۇددى كۈيچى كۇلۇبىغا ئاق چاپان بىلەن كىرگىنىمىزدەك ،ھەربىرىمىز بۇ دۇنياغا كىرسىز ۋە قۇرۇق قول ئاپئاق كېلىمىز،.........
بەزى تاتلىق ئەسلىمىلەر، ۋە قۇرۇق خىياللارغا جۆر بولغىنىمىزدەك، ھاياتنىڭ قايناملىرىدا بىر چۆكۈپ بىر لەيلەيمىز.......................
ئەجىر مىھنەتلەر بىلەن قىزىل سېرىق چاپانلارغا ۋە خەلىقنىڭ قوللىشى دۇئاسى،رەھمىتى ،ھۆرمىتىگە ئىرىشكىنىمىزدەك ......تۈرلۈك ئەمەللەر بىلەن ئەمەل دەپتىرىمىزنى بىزەيمىز............
بەلكىم كۈيچى كۇلۇبىدا چاپان بىرىش ئۈچۈن ئېنىق نومۇر بەلگىلەش بولمىغاچقا نۇرغۇن مىھنەتكەشلەر ۋە قابىلىيەتلىكلەر ئاددى ئەزا سۈپىتىدە قېلىپ قالغاندۇريۇ،ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرى ئىنساننىڭ ھىچبىر ئىشىنى كەم خاتىرلىمەيدۇ........................
دۇنيادا، بەزىلەر بىر تالاي ئىشلارنى پەقەت نام ئابروي،مال دۇنيا ئۈچۈن ئىشلەپ ،ئۇ دۇنياغا قۇپقۇرۇق كەتسە بەزىلەر جاپا مۇشەققەت ۋە دەرىت ئەلەم بىلەن ساۋاپ ئەمەل دەپتىرىنى تولدۇرۇپ كېتىدۇ. ئوخشاشلا ياشاۋاتىمىز،ئوخشاشلا ئىنسانمىز،ئوخشىمغان ئەمەللەرنى ئىشلىمەكتىمىز.............................
خەيىر،بۈگۈن مۇشۇنچىلىك يازاي،ئەمدى ئۇخلايمەن . ئۇخلىماي ئۆتكۈزگەن تېخىمۇ كۆپ ئاخشاملاردىكى پىكىر جەڭلىرىنى كىيىنكى خاتىرلىرىمدە يوللايمەن. ئەمدى داۋاملىق ئۇيقۇسىز قېلىپ تېنىمنى ئازاپلاشنى،ۋە بۇ سەۋەپلىك جاۋابىنى بىرەلمەي قېلىشىمنى خالىمايمەن ..................................................


ئۆزۈمنىڭ شورى ..........................................................................

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3083
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5923
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2663 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 09:12:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سالام ئىستىقبال بۇرادەر، داۋاملىق سۇنۇپ تۇرۇڭلار جۇمۇ  ، مۇشۇنداق قەلىپ كەچمىشىڭلارنى  

باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!

ياخشىلار مىنىڭ 

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35468
يازما سانى: 719
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5915
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 459 سائەت
تىزىم: 2011-3-28
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 09:39:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

   قەلىب چەشمىلىرڭىزدىن تولىمۇ ھۇزۇرلاندىم ، رەخمەت ئەجىرڭىزگە . .......

ئىگىسىز جەسەتنى تۇنۇۋىلىڭلار

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 3569
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2413
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 7195 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 11:16:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى مۇنازىرىلەر بولىدىكەن.
تۇرخان: ئابدۇقادىر جالالىدىن ئاكىمىزنىڭ « ئېشەك مۇھىممۇ ؟بېكخاممۇ؟» دىگەن سۇئالى بۇنىڭغا ياخشى جاۋاپ بولالايدۇ دەپ قارايمەن . بىز ئۆزىمىز بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان چولپانلار ۋە شۇنىڭدەك ئۇچۇرلارغا بەك كۆڭۈل بۆلىمىز.


بۇ ئوبزورچى ئەلى غوجاخۇننىڭ سۆزىمىكىن...  ‹‹بىكھام مۇھىممۇ ئىشەكمۇ›› دېگەن ئوبزورنى ئەلى غوجاخۇن يازغانىكەن... ھى ھى

ئاسمان يېرىلغاندا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەندە، دېڭىزلار بىرـ بىرىگە قوشۇلغاندا، ئۆلۈكلەر چىقىرىلغاندا ھەر ئادەم ئىلگىرى كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 3569
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2413
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 7195 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 11:17:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلشاھ يوللىغان ۋاقتى  2013-1-10 11:16 PM
ياخشى مۇنازىرىلەر بولىدىكەن.
تۇرخان: ئابدۇقادىر جالال ...

كۈيچى كۇلۇبىدا تۈرك تىلىنى ئۈگىتىش باشلاندى دەۋاتاتتى،  قانال نۇمىرىنى قالدۇرۇپ قۇيامسىز؟

ئاسمان يېرىلغاندا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەندە، دېڭىزلار بىرـ بىرىگە قوشۇلغاندا، ئۆلۈكلەر چىقىرىلغاندا ھەر ئادەم ئىلگىرى كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86790
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2141
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 271 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-11 01:15:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئوقۇغانسېرى ئوقۇغۇم كەلدى .خۇددى يەنە داۋامى باردەك

يالغانچىنىڭ رىسقى كام بۇلۇر .سەمىمىلىك ،راستچىللىق مىنىڭ مىزانىمدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87134
يازما سانى: 479
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1692
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 459 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-11 10:08:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كۇڭۇل چەشمىلىرىڭىزنى كۇرۇپ شۇنداق بىر  ئويغا  كىلىپ قالدىم .
توغرا  : مەن كىم ؟   بىز كىم؟        
بۇ تۇغرىسىدا ئويلىندىغانلار زادى قانچىلىكتۇ؟.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 2073
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5530
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 636 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-11 10:50:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بەزىدە بۇ تۇغرىسدا ئۇيلۇنۇشتىن قورقىمەن

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7720
يازما سانى: 418
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10324
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 406 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-11 11:53:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچە بىز« بىز كىم »دىگەن سۇئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن،  تارىخى رومانلارنى (بولۇپمۇ جاللات خېنىم، بەخىتسىز سەئىدىيە، باھادىرنامە دىگەندەك تارىخ ئەكىس ئەتتۇرۇلگەن ئەسەرلەرنى)كۆپرەپ، قايتا قايتا ئوقۇساق بۇ سۇئالغا چوقۇم جاۋاب تاپالايمىز دەپ قارايمەن.
  يازمىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ ، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.

دىل ئازار، خۇدا بىزار.

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 3569
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2413
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 7195 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-11 09:06:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
anatil100 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-11 01:05 AM
نىمە سىزمۇ مۇنبەر باشقۇرغۇچىسىما؟سىزنى كىم سايلىغان  ...

ئاناتىل ئەپەندى، سىز ئەلۋەتتە مېنى سايلىيالمايسىز، كۈندە بىر ئىسىم تىزىملاتماي، بىر ئىسىمنى مۇقىم ئىشلىتىڭ. مەن 2006-يىلىدىن باشلاپ مۇنبەر باشقۇرىۋاتقان، يېتەرلىك تەجرىبەم بار، مىسرانىم مۇنبىرىغا تىزىملاتقان ۋاقتىم، توردىكى ۋاقتىم بۇ مۇنبەردىمۇ بەلگىلىك تەجرىبەم بارلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. باشقۇرۇش ئۇسۇلىمغا قارىتا پىكىرىڭىز بولسا تەكلىپ ـ پىكىر بەرسىڭىز بولىدۇ.

ئاسمان يېرىلغاندا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەندە، دېڭىزلار بىرـ بىرىگە قوشۇلغاندا، ئۆلۈكلەر چىقىرىلغاندا ھەر ئادەم ئىلگىرى كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش