32- ھېكمەت
ئىلاھا، قادىرا، پەرۋەردىگارا،
رەھىم قىل بەندەڭگە كىردىگارا.
سېغىندىم، ھەزرەتىڭگە، ھەي ئىلاھى،
ياراتقان جۈملە ئالەمنىڭ پاناھى.
ئىجابەت سەندىنۇ مەندىن مۇناجات،
ئىلاھا زۇلجەلالى جۈملە ھاجات.
ئىلاھا ھاجەتىمنى سەن راۋا قىل،
كەرەمسەن لۇتف ئىلە دەردىم دەۋا قىل.
كەرەم بىرلە كەچۈرگىل ئەي ئارىف زات،
ئەزابى ئاخىرەتدىن قىلغىل ئازاد.
ئىلاھا شەررى شەيتاندىن سەن ئاسرا،
قامۇغ يازۇقلارىمدىن ھەم سەن ئاسرا.
قامۇغ يازۇقلارىمدىن تەۋبە قىلدىم،
كى مەست ئەردىمكى مەن ئاندىن ئايىلدىم.
دېمەيمەنكى مېنى جاندىن ئايرىما،
ۋەلې ئاخىردە ئىماندىن ئايرىما.
ئىلاھا، بارچەنىڭ فەريادىغە يەت،
قامۇغ بىچارەلەرنىڭ دادىغە يەت.
قۇلۇڭ ئاسىينى سەن ھەر ھاجەتىن بەر،
بۇ دەردى بىدەۋاغە سەن داۋا بەر.
ئىلاھا، سەن كەچۈرگىل تاقەتىم يوق،
سېنىڭ ئالدىڭغا لايىق تائەتىم يوق.
ئىلاھا، زاتى پاكنىڭ ھۆرمەتىدىن،
ئايىغىل بىزنى شەيتان زەھمەتىدىن.
ئىلاھا، بارچەنى قۇللۇققا خاس ئەت،
مېنى مەندىن ئالىپ بىر يول خەلاس ئەت.
ماڭا تەۋفىق سۇۋىدىن سەن ئىچۈزگىل،
كەرەم بىرلە گۇناھىمنى كەچۈرگىل.
كى بىلمەسدە گۇناھ بىسيار قىلدىم،
كۆڭۈللەرنى بۇزۇپ ئازار قىلدىم.
كى ھەر ئاسىي ئېرۇر رەھمەتكە لايىق،
كەل ئەي ئەھمەد، دۇئاغا بول مۇۋافىق.
ئەھمەد يەسسەۋىينىڭ "دىۋانى ھېكمەت" دېگەن كىتابىدىن.
تەرجىمان: ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق