خېمىيۋى ئوغۇتنى قاچانغىچە ۋاستىلىق ئىستىمال قىلىمىز؟
ئەزىز ھېيت كۈن
ھازىر يېشىل يىمەكلىك،تەبىي يىمەكلىك ئىستىمال قىلىش ئومۇممىي يۈزلىنىشكە ئايلىنىۋاتقان بولسىمۇ دۆلىتىمىزدە ئادەملەر ۋە جانلىقلارنىڭ ئوزۇقلۇق جەھەتتىن ساغلام بولۇش ئۆلچىمىگە يېتىشى رەسمى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغىنى يوق.كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىغان تۈرلەرنىڭ بىرى جوڭگۇ پۇقرالىرىنىڭ خېمىيۋى ئوغۇتنى ۋاستىلىق ئىستىمال قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەسىلىسىدۇر.
ھەممىگە ئايانكى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرى نېفىتتىن ئايرىۋېلىنغان بېنزىن،سالياركىنى يېقىلغۇ قىلاتى.كېيىن تەبىي گازمۇ يېقىلغۇ قىلىنىدىغان بولدى.ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرى نېفىتتىن ئايرىۋېلىنغان مايلارنى ئىستىمال قىلىدۇ دېيىلسە ھەممە ئادەم ئوخشاشلا قايىل بولىدۇ.ئەمما نېفىتتىن ئايرىۋېلىنغان قالدۇق ماددىلارنى ئادەملەر ۋاستىلىق ئىستىمال قىلىدۇ دېيىلسە نۇرغۇن ئادەم قايىل بولماسلىقى مۇمكىن.بىز سۇلياۋ ۋە باشقا بۇلغاش خاراكتىرىگە مەھسۇلاتلارنىڭ گېپىنى قويۇپ تۇرۇپ ئىنسانلارنىڭ يىمەكلىكى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان خېمىيۋى ئوغۇتلارنڭ ئەشيا مەنبەسى ھەققىدە توختالغىنىمىزدا نېفىتكە بېرىپ تاقىلدىغانلىقىغا ھەرگىز كۆز يۇمالمايمىز.نۇرغۇن ئادەم خېمىيىۋى ئوغۇتنىڭ نېفىتنى ئەشيا قىلىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ خېمىيۋى ئوغۇتنىڭ ئاشلىق زىرائەتلىرى ۋە كوكتاتلارغا ئىشلىتىلدىغانلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ تەسەۋۇر قىلمايدۇ ياكى بىرلەشتۈرۈپ كۆز ئالدىغا كەلتۈرمەيدۇ.
خېمىيۋى ئوغۇتنىڭ دەسلەپتە مەيدانغا كېلىشى پەن-تېخنىكىدىكى يېڭىلىقنىڭ،تەرەقىياتنىڭ مەھسۇلى بولۇپ گەۋدىلەنگەن.مەھسۇلاتنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرغان ھەتتا مەھسۇلات مىقدارىنى بىرقانچە قاتلاپ ئاشلىق،كۆكتات،مىۋە ئىشلەپچىقىرىشتا «تارىختىكى ھەرقانداق بىر دەۋرنىڭ سەۋىيىسىنى بېسىپ چۈشكەن.» بۇ ئەھۋال 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىكى قورساق تويغۇزۇش مەسىلىسى ھەل بولمىغان جوڭگۇدا زور ئالقىشقا ئېرىشكەن.قورساق تويغۇزۇش ساغلام بولۇشنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان چوڭ مەسىلە بولغاچقا خېمىيۋى ئوغۇتنىڭ مەھسۇلات ئاشۇرۇش ھەتتا بىرقانچە قاتلاش جەھەتتىكى ئۈنۈمى تولۇق مۇئايەنلەشتۈرۈلۈپ پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكىگە كۆرسىتىدىغان زىيانلىق تەسىرى نەزەردىن ساقىت قىلىنغان.رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئۆتكۈرلىكى،سەزگۈرلىكى يۇقۇرى بولغاچقا ساغلاملىق ئۇچۇرى يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بولىشى ئەڭ تېز بولىدۇ.بىر بۇرادىرىمدىن ئاڭلىشىمچە يۇقۇرى دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلارنى ئاشلىق،ماي،كۆكتات،گۆش،مىۋە بىلەن تەمىنلەيدىغان مەخسۇس ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرى بولارمىش.شۇ بازىلاردىكى ئېتىزلار، باغلارغا خېمىيۋى ئوغۇت،دېھخانچىلىق دورىلىرى،سۇلياۋ يوپۇق قەتئى يېقىن يولىتىلماي قىغ ۋە ئورگانىك ئوغۇتلار ئىشلىتىلىپ تەبىي بولغان ئاشلىق،ماي،كۆكتات،مىۋە،گۆش ئىشلەپچىقىرىلىپ يۇقۇرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئائىلىلىرىنى مەخسۇس تەمىنلەپ،ئۇلارنىڭ ساغلاملىغىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدى ئېلىنارمىش.گەرچە يۇقۇرقى گەپ بىر مىش-مىش پاراڭ بولسىمۇ بىر ھەقىقەتنى يەنى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ھەممىدىن بۇرۇن ئۆز ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.ئۇنداقتا پۇقرالار-كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ سالامەتلىكىچۇ؟
خېمىيۋى ئوغۇت زاۋۇتلىرى ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا كەينى-كەينىدىن قۇرۇلماقتا.ئەمما خېمىيىۋى ئوغۇت باھاسىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتىنى توسۇپ قالالىغىنى يوق.خېمىيىۋى ئوغۇتقا بولغان ئېھتىياج بارغانسىرى ئاشماقتا.ئاشلىق زىرائەتلىرى،ئىقتىسادىي زىرائەتلەر،كوكتاتلار،سۈنىي ئورمانلار،گۈل-گىياھلار،مىۋىلىك دەرەخلەر،يايلاقتىكى ئوت-چۆپلەر...ھەممىسىگە ئىشلىتىلىدۇ.قوي،كالىلار خېمىيۋى ئوغۇت ئارلاشتۇرۇلغان يەم خەشەك بىلەن بودالسا مۇسۇلمان ئامما غەزەپلىنىدۇ.ئەمما ئوت-چۆپلەرگە ۋە يوپۇرماقلىرىنى ھايۋانلار ئوزۇق قىلىدىغان دەرەخلەرگە خېمىيىۋى ئوغۇت چېچىلسا غەزەپلىنىدىغان ئادەم يوق.ئەڭ ئېچىنىشلىق بولغىنى خېمىيىۋى ئوغۇتتىن ئالدى بىلەن تۇپراق ئاندىن قالسا سۇ ،ئۆسۈملۈك،زىرائەت...قاتارلىقلار كەينىدىن جانلىقلار ئاخىرىدا ئادەم ئاستا خاراكتىرلىك زەھەرلىنىدۇ....
موھىت،ئېكىلوگىيە مەسىلىسىنىڭ يادىرولۇق ئورۇنغا قويۇلىشى تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا ئادەم ۋە جانلىقلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئۈچۈندۇر.موھىت مەسلىسىدە پۇقرالارنىڭ يىمەكلىك،ئوزۇقلۇقىنىڭ پاكىز،زىيانسىز بولۇشىنى تۈپ ئالدىنقى شەرت قىلىشى كېرەك.موھىت مەسلىسىدە ئىقتىسادىي تەرەقىيات ئۈچۈن ساپ موھىتنى قۇربان قىلماسلىق بۈگۈنكى دۇنيادا ئومۇمىي يۈزلىنىشكە ئايلانماقتا.ئىقتىسات بىلەن پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ قايسىنىڭ موھىملىغى مەسلىسىدە ھۆكۈمىتىمىز ھازىر جەزمەن پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ.شۇنداق بولغانكەن خېمىيىۋى ئوغۇت زاۋۇتلىرى،سېتىش شىركەتلىرى،تارقىتىش ۋاستىچىلىرىگە مۇۋاپىق تۆلەم بېرىش شەكلى بىلەن جوڭگۇ تەۋەسىدە خېمىيۋى ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش،سېتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولامدۇيوق؟
ھەممىدىن موھىمى ئەۋلادلارنىڭ ساغلاملىغىغا كۆڭۈل بۆلۈش مەسىلىسىدۇر.ھازىر ئوننەچچە ياشلىق ئۆسمۈرلەر ئىچىدە يۇقۇرى قان بېسىم،يۈرەك كېسىلى،دىئابىت قاتارلىق ئادەم 40 ياشقا بارغاندا كۆرۈلىدىغان كېسەللەر مەلۇم نىسبەتتە كۆرۈلمەكتە.چېچى ئاقىرىپ كەتكەن ياكى تاقىر باش بولۇپ قالغان بالىلار كۆپەيمەكتە...يىمەكلىكتىن ئوچۇق ئېيتقاندا خېمىيۋى ئوغۇتنى ۋاستىلىق ئىستىمال قىلىشتىن بولغان تەسىرنىڭ شۇ ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى بىر سەۋەپ بولغانلىقىغا كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ.دەرۋەقە خېمىيۋى ئوغۇت جوڭگۇ زىمىندا ئىشلەپچىقىرىلىشتىن ۋە مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىشتىن توختىلسا ئىقتىسادىي زىيان بولۇپ قالماستىن مەھسۇلات مىقدىمۇ زور دەرىجىدە كېمىيىپ كېتىدۇ.لېكىن ئۇ پۇقرالارنىڭ ساغلاملىغىنىڭ قۇربان قىلىنغىنىدىن مىڭ ياخشى.تورداشلارمۇ بۇ ھەقتە ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقسۇن.