|
|
|
|
ئىككى ئۇغۇل ھېكايە (ئاپتۇرى:تىلماچ) بۇرۇنقى زاماندا بىر جۈپ ئەر-ئايال ئۆتكەن ئىكەن.ئۇلارنىڭ 8 ـــ9 ياشلارغا كىرگەن بىر جۈپ قوش كېزەك ئوغلى بار ئىكەن.بۇ ئوغۇللار بىر-بىرىدىن كەپسىز بۇلۇپ،ھەمىشە ئۇنى-بۇنى تالىشىپ جىدەللىشىدىكەن.بىراق ئۇزاق ئۆتمەي يەنە ئەپلشىشىپ،بىر بىرنى قوغلۇشۇپ،ئامراقلىق قىلىشىپ ئوينايدىكەن.بۇ ئوغۇللار خېلى ياشلارغا بارغاندىمۇ گاھى پۇل-پۇچەك،گاھى يېڭى كېيىم-كىچەك، گاھى تاتلىق-تۇرۇم تالىشىپ ئۇرۇشىدىكەن،ھەتتا كىچىللىرىمۇ ئۇيقۇدىن ئويغان ۋاقىتلىرىدا،يوتقان تالىشىپ جىدەللىشىدىكەن.بالىلارنىڭ دادىسى تولىمۇ مىجەزى چۇس ئادەم بۇلۇپ ،ئۇلارنىڭ جىدەللىرىنى تۇلا سوراپ،ئاچچىقىدا دەرتكە چىدىماي ئۇرۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ.ئايالى ئۇنىڭ كۆڭلىگە تەسەللى بىرىپ: دادىسى بالىلارنىڭ جىدەللىرىنى كۆڭۇللىرىگە ئېلىپ،رۇھى بېسىم قىلىۋالمىسىلا،بۇ ئىشلارغا سوغاققان ۋە كەڭ قورساقراق مۇئامىلە قىلسىلا،ئۇلار جىددەللىشىپ قالسا،ئۇزاق ئۆتمەي يەنە ئەپلىشىپ قالىدۇ ئەمەسمۇ؟-دەپتۇ. دادا ئايالىنىڭ بۇ گەپلىرىىدىن كۆڭلى تەسكىن تاپقاندەك بۇلۇپ،پۇت-قولىغا سەل ماغدۇر كىرگەندەك بۇلۇپ،ئورنىدىن تۇرۇپ سىرىتقا چىقىپتۇ.ئۇلارنىڭ بىر ئىتى بار بۇلۇپ،بىر قانچە ئاي ئىلگىرى بىر نەچچىنى كۈچۇگلىگەن ئىكەن.دادا ئۇيان-بۇيان قاراپ،بۇ كۇچۇكلەرگە كۆزى چۇشۇپ قاپتۇ.قارىغۇدەك بولسا،ئۇ كۇچۇكلەرنىڭ ئارىسىدىكى بىر بىرىدىن ئوماق ئىككى كۈچۇك ئۆز-ئارا قوغلۇشۇپ،ئەركىلىشىپ ،كىشىنىڭ مەسىلىگىنى كەلتۇرگىدەك شۇنداق ئىناق ۋە بىخارامان ئويناۋاتقىدەك.كۇچۇكلەرنىڭ ئانىسى بولسا كۆزلىرىنى يېرىم يۇمۇپ،پات-پات باللىرىغا ھەۋەس بىلەن قاراپ قۇيۇپ،تام تۈۋىدە خاتىرجەم ياتقۇدەك.بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن دادا دەرھال باللىرىنى چاقىرتىپ كىلىپ شۇنداق دەپتۇ: ئەي باللىرىم قاراڭلار بۇ كۇچۇكلەرگە،ئۇلار نىمىدىگەن ئىناق،نىمىدىگەن بەخىتلىك ھە! سىلەر ئەشۇ ئىتچىلىك بۇلالمامسىلەر؟ بۇ ۋاقىتتا يولدىن ئۆتۇپ كېتىۋاتقان بىر دانىشمەن كىشى بۇ ئەھۋالغا قىزىقىپ قېلىپ ئۇلارنىڭ يېنىغا كەپتۇ ھەمدە نىمە ئىش بولغانلىقىنى سۇرىغان ئىكەن،دادا بولغان ئەھۋاللارنى ئەلەم بىلەن سۆزلەپ بىرىپتۇ.دادا يەنە شۇنداق دەپتۇ:ھەزىرتىم قارىسلا ئاۋۇ ئەركىلىشىپ ئويناۋاتقان ئىككى كۈچۇككە،ئۇلار نەقەدەر ئىناق،نىمىدىگەن سۇيۇملۇك.مىنىڭ ماۋۇ قوش كېزەك ئۇغۇللۇرۇممۇ ئاشۇنداق ئىناق بولسىدى،بىزلەرنىڭ كۆڭلىمىز تەسكىن تېپىپ،ئۆزىمىزنى تولىمۇ بەخىتلىك ھىس قىلغان بۇلار ئىدۇق. ھېلىقى دانىشمەن كىشى بۇلارنى ئاڭلاپ،سۆزگە كىلىپ شۇنداق دەپتۇ:ئاچچىقلانماڭ،سەۋرى قىلىڭ.ھاياتلىقنىڭ ئۆزى بىر زىددىيەت،شۇنداقلا جانلىقلار ئوتتۇرسىدىكى ئىتپاقلىق ۋە ئىناقلىق نىسپى بۇلىدۇ.قاراڭ،شۇنداق دىگىنىچە قوينىدىن بىر پارچە ناننى ئېلىپ،ئۇلارنىڭ ئالدىغا تاشلىغان ئىكەن،ئۇلار بىر-بىرىنى چىشلىشىپ، تالىشىپ كىتىپتۇ. مەنبە:ئۆز قەلىمىم
|
|
|
|
|
|