مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 487|ئىنكاس: 2

ئۈزۈمگە تەۋسىيە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7389
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8258
تۆھپە نۇمۇرى: 362
توردا: 38 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2013-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 03:50:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دىققەت قىلساڭ، ئىنسان قانچىلىك مۇڭلۇق ھە،
شاتلىقى ئاز ، پۈتۈن ۋۇجۇدى قايغۇ ماكانىدۇر.
ھەممە تىلىكىگە ئېرىشسە، شاتلىقى كۈلدىرىدۇ.
ئەگەر قايغۇ كەلسە ، ھەسرىتى يىغلىتىدۇ .
سۆيگۈنىگە ئېرىشسە، سۆيۈنۈپ كۈلدىرىدۇ.
ئەگەر جۇدا بولسا، قايغۇ بىلەن قالىدۇ.
بەزىدە ۋىسال شاتلىقى مەپتۇن قىلىدۇ،
بەزىدە پىراق ئەلىمى يىغلىتىدۇ.
بۇ دۇنيانىڭ نوقسانلىرى مىڭ، پەزىلىتى بىر.
ئادەم ئۇنى قانداق ئۆتكۈزسە، شۇنداق ئۆتۈۋېرىدۇ.
قايغۇ-ھەسرەت سېنى قانچىلىك ئەسىر قىلسىمۇ،
كۆز قانچىلىك يىغلىسىمۇ، بەرىبىر كۈلىدۇ.
دۇنيانىڭ قائىدە-قانۇنى ئەزەلدىن شۇنداق،
ياخشى يامان ئىشلار نەچچە يىل داۋام قىلسىمۇ، تۈگەيدۇ.
بۇ دۇنيانىڭ راھىتى-مۇشەققەت، شادلىقى-قايغۇ ،
قەدىرلىشى-خورلۇق، خوشاللىقى-ئەلەم.
بېشىڭغا نېمە كەلسە، كۆتۈرگىن ئاھ ئۇرما،
قايغۇمۇ ، شاتلىقمۇ ھەممىسى ئۈتۈپ كېتىدۇ.
ئەي نېئمەت ئېگىسى،شۈكۈر قىلىپ يېگىن ،
ئەي مۇشەققەت چەككۈچى، سەۋر قىلىپ باش ئەگگىن.
سەۋر قىلساڭ، مۇشەققىتىڭ نېئمەت بولىدۇ،
شۈكۈر قىلساڭ، نېئمىتىڭ تېخىمۇ كۆپىيىدۇ.
ئۆتكەن ھايات بۈگۈن چۈشكە ئايلاندى،
قانداق ئۆتكەن بولسا، شۇنىڭغا يارىشا جاۋاپ كېلىدۇ.
ئۈتىۋاتقان زامان كۈنلىرىڭنى بىھۇدە ئۆتكۈزمە،
ئۆتكەن كۈنلۈرۈڭگە يەنە ئېرىشەلمەيسەن.
مەيلى باي بول ، مەيلى كەمبەغەل بول،
ئۆتكەن يىل ، ئاي، كۈنلەر ئۆمرىڭنى يەيدۇ.
ھاياتلىققا ئېرىشكەن كىشى ئۆمۈرىنى بىھۇدە ئۆتكۈزسە،
ئۆزىنى ئوتقا تاشلىغان بولىدۇ،
كىشى ئېسەنلىككە ئىرىشكەندىمۇ، ئۆمۈرنى زايە قىلسا،
ئۇ كۆركەمسىز  (مەنىسىز) ياشىغانلىقتۇر.
بىخۇد بولما،تىرىكلىك چۇقۇم ئۈتۈپ كېتىدۇ،
كۈن زامانلار، يېتىپ كەلمەسكە كېتىدۇ.
قانداق ئۆتكۈزسەڭمۇ، كۈنلەر تېز ئۈتۈپ كېتىدۇ.
ياخشىسىمۇ، يامىنىمۇ ۋە ئەگرىسىمۇ، توغىرسىمۇ ھەممىسى ئۈتۈپ كېتىدۇ.
توقلىرىمۇ ، ئاچلىرىمۇ ئۈتۈپ كېتىدۇ.
سۆزۈم شۇ؛ بىخۇد بولما، ئەي قېرىنداش،
ھاياتىڭ ۋە ئۆمرۈڭنى يامان ئىشلار ئۈچۈن، بىھۇدە، زايە قىلما.
توغرا بول، توغرا يولدىن ئاداشما،
بۇ يول ئارزۇ-تىلەككە يەتكۈزىدۇ، بۇنى بىل.
دۇنيا غېمىنى ئازراق قىلىپ، ئىبادەتنى كۆپرەك قىل.
ئالدىرغاندا تەمكىن بول، غەزەپلەنگەندە مۇلايىم بول.
ئۆلۈمىڭنى ئۇنۇتما، تەييارلىقىڭنى قىل،
ئۆزۈڭنى ئۇنۇتما ، تۈپ ۋەسلىڭنى بىل.
قارا، بۇ دۇنيا مېلىنى، تۈرلۈك ناز-نېئمەتلەرنى،گۈزەل يۈزلەرنى،
يېقىملىق قىلىقلار ۋە نازلارنى كىشى قانداقمۇ سۆيمىسۇن!
تىلەك ئارزۇلارغا ئىنتىلىش بەك شېرىندۇر،
لىكىن شېرىننىڭ ئەتە ئاچچىق سورىقىمۇ بار.
شېرىنغا تېتىقسىز، تاتلىققا ئاچچىق ،
كۆتۈرلۈشكە چۈشۈش، ئېگىزگە چوڭقۇر بار.
بىلىمى كەڭ دانىشمەن بەك ياخشى ئېيتقان،
ئەي خۇش چىراي، بۇنى سەن ئاڭلا؛
قانچە يۈكسەلگەنسىرى يامانلىقنى قويۇپ،بارغانسىرى ياخشى بولسا،
بۇ كىشىنىڭ بەخىتلىك بولغىنىدۇر.
قېرىغاندىمۇ ھەۋەس كەينىدىن يۈگۈرسە،
بىلگىنكى بۇ تامامەن بەخىتسىز كىشىنىڭ بەلگىسىدۇر.

   بۇ ئەسەر ،يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ << قۇتادغۇبىلىگ >> دىگەن كىتابىنىىڭ نەسىرىي يەشمىسىدىن ئېلىندى.
























بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-10 08:33 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76274
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5251
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 286 سائەت
تىزىم: 2012-2-20
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 05:50:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ قەبرىسىنى نۇرلۇق قىلسۇن! جەننەتۇل فىردەۋىستىن ئورۇن بەرسۇن!

ماتروس ــ ئەنۋەر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14405
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9150
تۆھپە نۇمۇرى: 644
توردا: 1424 سائەت
تىزىم: 2010-10-18
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 06:34:20 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل قۇرلار ئىكەن ......   

ئاش تەڭ، نان تەڭ، سول نىمىشقا كەڭ !؟؟؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش