xohtekin
(مىكرو ھېكايە)
چاشكا ۋاقتى ئىدى.كىچىككىنە ناھىيە بازىرىنىڭ سودا يولى دوقمۇشىغا قارنىڭ قاتتىق يېغىشىغا قارىماي يۈزلىگەن ئادەملەر توپلىشىۋالغان بولۇپ، بىر قامەتلىك ئەر ئۇرۇقراق،زىلۋا بوي بىر ئايالنى چاچتىن تۇتىۋېلىپ ھەدەپ ئۇرۇپ،تېپەتتى.بۇ بىچارە،ناتىۋاننىڭ نالىسىگە ھەممە تەڭ ئىچ ئاغرىتقان بولسىمۇ ‹‹قاپاق نوچى››نىڭ ئەلپازىنىڭ يامانلىقىدىن قورقۇپ، ھىچكىم قۇتقۇزۇشقا جۈرئەت قىلالمايتتى.
ئىش بارغانسېرى يامانلىشىپ،جىددىلەشكەن ئېچىنىشلىق پەيتتە ئاسماندىن شۇڭقار چۈشكەندەك بىر تەمبەل،چاققان يىگىت ئېتىلىپ بېرىپلا ھېلىقى شەپقەتسىز ئەرنى، ئايالنىڭ ئۈستىدىن يۇلۇپ ئېلىپ ئۇرۇپ-دەسسەشكە باشلىدى. خەلق توپى بىردىنلا جانلىنىپ غەزەپتىن چۇقۇرۇشۇپ بۇيۇچۇن باتۇرغا مەدەت بېرەتتى.
تۇيۇقسىز ئويلىمىغان يەردىن نىجاتكار يىگىتنىڭ دۈمبە،غوللىرىغا ئۈچ-تۆت قېتىم توقماق تەگدى. يىگىت دەرغەزەپتە كەينىگە ئۆرۈلۈپ قاراپلا، يۈزلىرى قانغا بويالغان،چاچلىرى چۇۋۇق،چىرايى تامدەك تاتارغان ھېلىقى ئايالنىىڭ قولىدىكى كالتەكنى كۆرۈپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى.
يارىلانغان ئايال يېلىنىپ تۇرۇپ:
-شەپقەتلىك ئاكا ئۇرسىڭىز مېنى ئۇرۇڭ! ئۇ ئېرىم ئىدى،مەست ئىكەن.مەن ئۇنىڭ تايىقىغا كۆنۈپ كەتكەن. ئۇ ئائىلىمىزنى ياخشى بېقىپ كېلىۋاتقان ياراملىق ئەر. ئۇنىڭدىن ئايرىلسام كىملەرگە مۇھتاج بولۇپ خارلىنىپ يۈرۈيمەن. ئەمدى ئۇرماڭ!ـ يۈرۈكۈم چىدىمايدىكەن-دەپ ئۆكسۈپ يىغلىۋەتتى.
ئايالنىڭ ئاچچىق يېلىنىش ئارىلاشقان ھەسرەتلىك نىدالىرى مەردانە ،جىگەرلىك ئەزىمەتنىڭ كۆڭلىنى ئېرىتىۋەتتى. يىگىت نىمە قىلىشىنى بىلمەي ئەتراپدىكىلەرگە قاراپ بېشىنى چايقاپ مىيىغىدا كۈلدى. ‹‹بىچارە تاماشىبىن››لار نەچچە مىنۇتنىڭ ئالدىدىكى غەشلىكنى ئۇنتۇپ قاقاقلاپ كۈلىشىپ كەتتى.
تۈگىدى
2013-يىل10 يانۋار (دىيارى كەلپىن)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-10 08:31 PM