دۆۋلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان نادىر كىنولار
(مەن ساقلىغان ئۇيغۇر تىلىدىكى كىنولار)
1.شىددەتلىك بوران-يامغۇر
2.قۇل (نوڭنۇ)
3.جىنساجاڭ دەرياسى بويىدا
4.شاڭگەن چوققىسى
5.جازا مەيدانىدىكى توي
6.قەھرىمان ئوغۇل-قىزلار
7.جەنۇپتىن شىمالغا يۈرۈش
8.تاغ جىلغىسى
9.مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭى دەۋىر
10. دۆۋلەت قۇرۇش مۇراسىمى
11. نەنچاڭ قوزغىلىڭى
12. ئىيمىيدىكى قاراقچى
13. شەرىققە يۈرۈش مۇقەددىمىسى
14. نۇرلۇق قىزىل يۇلتۇز
15. قىزىل ئاياللار قوشۇنى
16. تۇيۇقسىز زەربە
17. يەر ئاستى يولئۇرۇشى
18. كۆك تاشلىق ئارخىپ
19. جى خوڭچاڭ
20. قەدىمىي شەھەردىكى كۆرەش
21. لىيۇ خۇلەن
22. لەھەڭ بىلەن ئېلىشىش
23. شىجۇاجۇاڭنى ئازات قىلىش
24. قۇللۇقتىن گىنراللىققىچە
25. ئاق چاچلىق قىز
26. دەھشەتلىك بوراندىكى باتۇر قۇش
27. ياشلىق ناخشىسى (داۋامى بار )
كىنوغا مۇھەببەت
سېنى كۆرسەم (ئابدۇللا ياقۇپ)
سېنى كۆرسەم دىلىم يايراپ،كىتەرمەن شاتلىنىپ كىنو،
تولار غەيرەت شىجائەتكە، ۋۇجۇدۇم جانلىنىپ كىنو.
سېنى كۆرسەم چۈمەرمەن زوق ھاياجاننىڭ قۇچاقىغا،
تاشار ئىلھاملىرىم جۇشقۇن،دېڭىزدەك چايقىلىپ كىنو.
سېنى كۆرسەم بولار رۇشەن، كۆزۈم چولپان كەبىي چاقناپ،
پەزىلەت مەشئىلى قەلبىم كۆكىدە پارلىنىپ كىنو.
يىتەكلەپ مېنى ئىلھامىڭ،گۈزەل ئىقبالغا ئۈندەيدۇ،
بولارمەن قەھرىمان، قەيسەر چېلىشتا تاۋلىنىپ كىنو.
ئۆزەڭسەن بارچە سەنئەتنىڭ بۈيۈك سەردارى-گۈلتاجى،
چالارمەن ساز ساڭا ئاشىق،ئىشقى-رىشتىمنى تارقىتىپ كىنو.
تەييارلىغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى
داۋامى بار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-10 03:14 PM