|
|
|
|
ئىلگىرى تۈرمىدىن قىچىش خىلالا ئاسان ئىدى ،ئالما ئورگان تەرەپ يېڭى سىسىتېما ئېلان قىلىپ ئۇزىقى بىرەرە ئايلارغا قالماي تۈرمىدىن قاچۇرۇش دېتاللىرى ئېلان قىلىنىپ بولاتتى ،لېكىن 6.0 گە كۆتۈرۈلگەندىن بۇيان گەرچە 3gs لەرنى تۈرمىدىن نامۇكەممەل قاچۇرغىلى بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئۈسكىنىلەرنى تۈرمىدىن قاچۇرۇش دېتالى ئېلان قىلىنماي كەلدى . 5.0 دىن باشلاپ تۈرمىدىن قاچۇرمىغان ئۈسكىنىلەرگە قارلۇق شىركىتى ئېلان قىلغان خاتىرەم دېتالىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرچە يېزىپ كۆچۈرۈپ باشقا جايغا چاپلاپ ئىشلىتىپ كىلىۋاتاتتۇق ، تۈرمىدىن قاچۇرغان ئۈسكىنىلەرگە بولسا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ۋە ئايپەد ئۈچۈن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ نى ئىشلىتىپ كەلگەن
iPhone 5 تارقىتىلىش بىلەن تەڭ سىسىتېما نەشىرى 6.0 گە كۆتۈرۈلۈپ ، ئىشلار تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ ئۇيغۇرچە فونت تېخى قاچىلىيالماي،ئۇيغۇرچە تېخى يېزىپ بولالمىدۇق ،شۇ سەۋەبتىن كۇلۇب تور يۈزى كىرگۈزگۈچىسى تەڭشىلىپ ئېلان قىلىندى .
http://i.xjmac.com ياكى http://xjmac.com/i بىلەن تۈرمىدىن قاچۇرغان ۋە قاچۇرمىغان ،تورغىلا چىقالايدىغان ئۈسكىنىلەر (iPhone,iPad,iPod Touch ,iPad mini )بولسا تور يۈزى كىرگۈزگۈچىسىدىن ئۇيغۇرچە خەت يېزىش مەقسىدىگە يەتكىلى بولىدۇ .
كەڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىشلىتىش جەريانىدا بايقىغان مەسىلە ياكى ھەرقانداق تەكلىپ پىكىر بولسا بىزگە ئىنكاس قىلىپ قويۇشىنى سورايمىز .
|
|
|
|
|
|