ئۈستۈنئاتۇشلۇقلارنىڭ مائارىپ ئىدىيىسىدىن ئاتا – ئانىلارنىڭ ساپاسىغا سۆز
يېزا مەكتەپلىرىدە ھەر قانداق مائارىپچىنىڭ ئاغزىغا قارايدىغان بولسىڭىز «ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە ئېلىپ كېلىشىگە كۈچ چىقىرىشتىن ئاۋال، ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىسىنى مەكتەپتە ئوقۇتۇپ، ئاندىن بالىلىرىنى ئوقۇتساق بولىدىكەن، ئاتا ئانىلار بالىلىرىنى ئوقۇتۇشقا قوشۇلمىسا بىز ھەر قانچە كۈچىگەن بىلەنمۇ، بالىلارنى يەنىلا ئەۋەتمەيدىكەن» دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز.
بەزىلەر يېزا ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدىكى بالىلانرىڭ مەكتەپتىن چېكىنىش سەۋەبىنى مەكتەپ، ئائىلە، جەمئىيەت نۇقتىسىدىن تۇرۇپ، ئۇنىۋىرسال تەھىلىل قىلىشسا، بەزىلەر «ھازىر ھۆكۈمەت ئوقۇش پۈتكۈزۈپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى خىزمەتكە تەقسىم قىلمىسا، ئاتا – ئانىلار نۇغۇن پۇلىنى خەجلەپ ئاخىرى باللىرىنىڭ دېھقان بولۇشىنى خالايىتتىمۇ؟ ھۆكۈمەت بۇ تەرەپنى ئويلاشماي سەھرادىكى قېيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىتاب، ئوقۇش پۇللىرىنى ھەقسىز قىلسىمۇ، بالىلار نېمە ئۈچۈن مەكتەپتە ئوقۇمايدۇ دېسە قانداق بولغىنى؟» دەپ ئاساسلىق مەسىلىنى ئوقۇش پۈتكۈزۈپ كەلگەنلەرنىڭ خىزمەتكە تەقسىم قىلىنماسلىقىغا باغلاپ قويۇۋاتىدۇ. بىز بۇ قاراشلارنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، دېيەلمەيمىز. بۇ قانداقتۇر ھۆكۈمەتنىڭ سەۋەنلىكىدىن كېلىپ چىققان مەسىلە بولماستىن، ئاتا – ئانىلارنىڭ ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان مەسىلىدۇر.
مەن بۇ يەردە ئاتا – ئانىلارنىڭ ساپاسى ئۈستىدە ئۈستۈن ئاتۇشلۇقلارنى مىسال قىلىمەن. رايونىمىزدىكى ھەر قانداق بىر يېزىغا نىسبەتەن ئۈستۈن ئاتۇشلۇقلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش نىسبىتى ھەممىدىن يۇقىرى، ھەر يىلى ئالىي مەكتەپنى پۇتكۈزگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۈستۈنئاتۇشلۇقلار. بەزىلەر ئۈستۈنئاتۇشتا نوپۇس كۆپ بولغاندىن كىيىن ئەلۋەتتە ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەركۆپ بولىدۇ، قارايدۇ.ئومۇمى نوپۇسقا قارىغاندىمۇ شۇنداق قاراش توغرىىدەك بىلىنىدۇ. لېكىن تەربىيلىنىش سەۋىيىسىگە قارىسىڭىز ئۈستۈنئاتۇشلۇقلارنىڭ مائارىپتىنى ئوز تەقدىرىنى تېپىشنى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئۈستۈنئاتۇشتا ھەر بىر ئائىلىدە كەمدىگەندىمۇ بىر ياكى ئىككى بالىنىڭ ئالېي-ئوتتۇرا تېخنىكۇم مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ،خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇچرىتىش تەس ئەمەس. بېز نېمە سەۋەب كۆرسەتمەيلى، ئۈستۈنئاتۇشلۇقلارنىڭ مائارىپ ئېڭى باشقىلارنىڭكىدىن يۇقىرى. ئۇلارنىڭ بۇ روھى ئاكا – ئۇكا مۇسابايوفلارنىڭ «ھۆسەيىنىيە» روھىدىن كەلگەن. ئۇلار باشقىلارغا قارىغاندا بۇرۇنراق مائارىپنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش، ئاتا – بوۋىلارنىڭ ئۇلۇغ روھى مەدەتكار بولۇش ئەۋزەلىكى بىلەن بىر ۋاقىتتا نوپۇس كۆپ، تىرىلغۇ ئاز بولۇش مەسىلىسى ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى ئوقۇپ باشقا ساھەدە ئۆزىنىڭ قىممىتىنى نامايەن قىلىشىقا ئۈندەشلىرىنىمۇ نەزەرىدىن ساقىت قىلالمايمىز. ئاتۇش تېرىلغۇ يېرى ئاز، نوپۇسى كۆپ رايون. ئۈستۈنئاتۇش تېخىمۇ شۇنداق، ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنىڭ دېھقانچىلىق بىلەنلا شۇغۇللانسا تۇرمۇشنىڭ غورىگۇل ئۆتىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار ھەر قانچە قىينالسىمۇ بالىلىرىنى مەكتەپتىن چىقىرىۋالمايدۇ. ئۇلارنى ئالىي مەكتەپكە ئەۋەتىدۇ. ئالىي مەكتەپ ھەقلىق ئوقۇيدىان جاي، شۇنداقتىمۇ ئۈستۈنئاتۇشلۇقلار بۇ ئۆتكەلنى يېڭىپ كەلمەكتە. ئوقۇش پۇلى ئاتا – ئانىلارنى قەرىزدار قىلسىمۇ، ئۈستۈنئاتۇشلۇقلارنىڭ بالىلىرىنى ئوقۇماسلىققا دەۋەت قىلمايدۇ. ئۇلار بالىلىرىنىڭ جاپاغا چىداپ ئوقۇپ، ئۆزى ئىگىلىك يارىتىشقا مەدەت بېرىدۇ.
ئۇلار بالىلىرىنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزۈپ، دەماللىققا خىزمەت تاپالماسلىقىدىن ئەمەس، كېيىنكى ئىستىقبالىنىڭ خۇنۇك بولىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئۈستۈنئاتۇشتا بىر قسىىم يېزىلاردىكىدەك ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا مۇكاپات پۇلى بېرىدىغان ئىش يوق. ھۆكۈمەتنىڭ قىلىپ بېرىدىغىنى قەرز پۇلى ھەل قىلىپ بېرىش خالاس. كاتتايلىق، تۈگۈرمىتى، قاراخۈل قاتارلىق يېزىلاردا بىر قىسىم ئاتا – ئانىلار ئۆلۈم – يېتىم، توي – تۆكۈنلەردەك ئادىمىگەرچىلىك ئىشلىرىغا بىرسىمۇ ئالا قويماي بارىدۇ. بۇ چاغدا بالىلىرى ئۆيگە، چارۋىغا قاراپ مەكتەپتىن قالىدۇ. ئۇلار دوست – بۇرادەر، تونۇش – بىلىشلىرىنىڭ ئادىمىگەرچىلىكى يوق دەپ ئەيىبلىشىدىن قورقىدۇ. ئەمما بالىلىرىنىڭ دەرستىن قېلىپ، تۈزۈك بىر نەرسە ئىگىلىيەلمەي شاللىنىپ قېلىشىدىن قورىقمايدۇ. دېھقانچىلىق ئىشلىرى تۈپەيلى رۇخسەت سورايدىغان، رۇخسەتسىز دەرس تاشلايدىغان بالىلار قىش ۋاقتىدىن باشقا پەسىللەردە ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ. بالىنى ۋاقتىدا مەكتەپكە ئەۋەتمىسە، كۈن ئاتلاپ بارغان بالا نېمىنى ئىگىلىيەلەيىتتى. بالا مەكتەپتىن قايىتقاندىن كېيىن مەكتەپتە نېمە ئۆگەندىڭ، بۇ نى ئوقۇپ باقە، دەپ ئوقۇش ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلماي، ساۋادى يوقكەن، دەپ مۇئەللىملەردىن ئاغرىنسا قانداق بولغىنى؟ بالا مەكتەپكە تولۇق بارسا مۇئەللىملەر ئۇنى ساۋادسىز قويارمۇ؟ ئىزچىللىقى يوق يېتەكچىلىكنىڭ ئۈنۈمى قانداق بولماقچىدى؟
ئۈستۈنئاتۇشلۇقلارنىڭ بالىلىرى يۈزدە يۈز خىزمەتچى بولۇپ كەتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمەيدىغانلار، ھۈنەرۋەن، دېھقان بولىدىغانلار چىقىدۇ. ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ تۇنجى ئۇستازى، ئاتا - ئانىلارنىڭ ئېڭى، ئىش – ھەرىكىتى بالىلارغا تەسىر قىلماي قالمايدۇ، ئاتا – ئانىلارنىڭ ساپاسى بالىلارنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىنى بەلگىلەشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىزنىڭ ئاتا – ئانىلىرىمىز تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى تۈزۈك ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىغان. ئاتا – ئانىلار ئۆزىنىڭ بىلىمسىز قالغانلىقىدىن ئۆكۈنمەي، بالىلارنى تۈرلۈك باھانىلەر بىلەن مەكتەپتىن چىقىرۋىتىشقا ئۇرۇنۇش ياخشى خاھىش ئەمەس. بالىلار تەبىيىلىنىشكە مۇھتاج ئائىلە تەربىيىسى ۋە مەكتەپ تەربىيسى بالىلار ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم. ئاتا – ئانىلارنىڭ ئائىلىدىكى تەربىيىگە سەل قارىغىنى يەتمىگەندەك، مەكتەپ تەربىيىسىدىنمۇ قۇرۇق ئقالدۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى ئۆزىنىڭ بالىسى ئالدىدا جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى، ئكز مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق بولغانكەن بالىلارنى ئوقۇتۇش نىشانى توغرىسىدا دەۋرنىڭ تەلىپى بويىچە ئىش كۆرۈش كېرەك.
شۇڭلاشقا بالىلارنى ياخشى تەربىيە پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۆزىنىڭ يولىنى ئۆزى تىپىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشى لازىم.
مەنبە قىزىلسۇ گىزىتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-10 01:50 PM