مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1327|ئىنكاس: 13

ئائىشە ئانىمىزنىڭ پەزىلەتلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاناڭ سۈتىنى ئاق

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64807
يازما سانى: 226
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7050
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 71 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2013-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 08:00:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئائىشە ئانىمىزنىڭ پەزىلەتلىرى

مۆمىنلەرگە تىل-قول ئارقىلىق ئازار بېرىش ھارامدۇر.

(مەسجىدى ھەرەم 1/10/2010م)
جۈمە نامىزى ۋەخۇتبىنى ئوقۇغان  مەسجىدۇلھەرەمنىڭ ئىمامى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتور/ ئۇسامە ئابدۇللا خەييات جانابلىرى -
   ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ -سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇد ۋە سالاملار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانغا: " مۆمىنلەرگە تىل، قول ئارقىلىق ئازار بېرىش ھارامدۇر" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيە لەرنى قىلدى:
ئې مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا- مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا – ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.

  ھەر بىر جان ئىگىسىگە ئازار بېرىشتىن ساقلىنىش،تاجاۋۇز قىلماسلىق ئېسىل ئەخلاق، ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئولۇق خىسلەتتۇر. ئەكسىچە، مۆمىنلەرگە ئازار بېرىش،بۆھتان چاپلاش،يامان گېپىنى قىلىپ، غەيۋەت قىلىش ئېغىر گۇناھتۇر، ئۇنداق قىلغانلار ئاللاھنىڭ ئالدىغا بارغاندا خارلىق شارابىنى ئىچىدۇ.

شۈبھىسىزكى، مۆمىن ئەر،مۆمىن ئاياللار غا ئازار بېرىش، ئۇلارنىڭ شەرىپىنى تۆكۈش مەقسىتىدە تىل ئۇزارتىش ئېغىر گۇناھ ھېسابلانسا، ئاللاھ نىڭ پەيغەمبىرى،ساھابىلىرى،ئائىلە تاۋابىئاتى،مۆمىنلەرنىڭ ئانىلىرى بولغان ئاياللىرىغا تىل ئۇزارتىشنىڭ گۇناھى كەچۈرگۈسىز ئېغىر ۋە ھالاكەتلىكتۇر. ئەمەلىيەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى،ئاياللىرىغا تىل ئۇزارتىش جىنايەتلىرى تارىختىن بىرى داۋام قىلىپ كەلگەن. ھەتتاكى بۇ جىنايەت تەرەققىي قىلىپ مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى سەييىدە ئائىشە رادىيەللاھۇ ئەنھاغا تىل ئۇزارتىشقىچە يېتىپ بارغان. ۋەھالەنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشە ئانىمىزغا ئازار بېرىشتىن ئاگاھلاندۇرغان. ئائىشە ئانىمىز بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى ئىچىدە ئۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان زات ئىدى.رەسۇلۇللاھ ئلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ماڭا ئائىشە توغرىلىق ئازار بەرمەڭلا، ماڭا ئائىشىدىن باشقا ھېچقايسى ئايالنىڭ قېشىدا بولغىنىمدا ۋەھىي نازىل بولمىغان؛ دەيدۇ.

ساھابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئې رەسۇلۇللاھ ! ئاياللاردىن سىزگە ئەڭ يېقىملىق كىشى كىم؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئائىشە؛ دېگەن. ئەرلەردىنچۇ؟ دېگەندە: دادىسى دەپ جاۋاپ بەرگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەزكۇر ھەدىسلىرىنىڭ روھىغا ئاساسەن ئائىشە ئانىمىزنىڭ مۇسۇلمانلار قەلبىدىكى ئورنىنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشكەن. يەنە بىر شەرەپ شۇكى، ئائىشە ئانىمىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنيا دىكى ئايالى بولسا،ئاخىرەتتىمۇ ئايالىدۇر. ئائىشە رادىيەللاھۇ ئەنھا بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: ئې رەسۇلۇللاھ ! ئاياللىرىڭىزدىن كىملەر جەننەتكە كىرىدۇ؟ دەپ سورىغان سوئالىغا جاۋابەن: جەننەتكە كىرىدىغانلار ئىچىدە سىز بار؛ دەپ جاۋاپ بەرگەن.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشە ئانىمىزغا: سىزگە جىبرىل ئەلەيھىسسالامنىڭ سالامى بار دېگەندە،ئانىمىز ئائىشە رادىيەللاھۇ ئەنھا ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھ. دەپ بولۇپ، سىز ئۇنى كۆرەلەيسىز لېكىن بىز كۆرەلمەيمىز دېگەن. ئائىشە ئانىمىزنىڭ بەرىكىتىدىن ئۇ تەيەممۇم ئايىتى نازىل بولۇشقا سەۋەپ بولغان.

ئائىشە رادىيەللاھۇ ئەنھانىڭ پەزلى-كەرىمى شۇنچە كۆپكى، ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستا: مۇئاۋىيە رادىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر قېتىم ئائىشە ئانىمىزغا يۈز مىڭ دىرھەم پۇل ئەۋەتكەن ئىكەن.پۇل كەلگەن كۈننىڭ ئۆزىدە ئائىشە ئانىمىز يۈز مىڭ دىرھەمنىڭ ھەممىنى پەقىر-مىسكىنلەرگە تارقىتىپ بېرىۋەتكەن.ئائىشە رادىيەللاھۇ ئەنھانىڭ خىزمەتچىسى ئايال: ئائىشە ئانىمىزغا: شۇ پۇلدىن بىر دىرھەمگە بىزگە گۆش ئېلىپ بەرگەن بولسىڭىز دېگەندە. بورۇنراق دېگەن بولسىڭىز شۇنداق قىلغان بولاتتۇق دەپ جاۋاپ بەرگەن.

ئائىشە رادىيەللاھۇ ئەنھانىڭ پەزىلەتلىرىدىن يەنە بىرى ئۇ باشقىلارنىڭ ماختىشىنى خالىمايتتى.بۇخارى رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستا، ئىبنى ئابباس رادىيەللاھۇ ئەنھۇ ئائىشە ئانىمىز ئېغىر كېسەللىك ئىچىدە بەلكى سەكراتتا ياتقان ۋاقتىدا قېشىغا كىرىپ يوقلاش ئۈچۈن رۇخسەت سورىغان،ئائىشە ئانىمىز: قېشىمغا كىرسە مېنى ماختىشىدىن قورقىمەن، دېگەندە ساھابىلار: ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى،مۇسۇلمانلارنىڭ سەركەردىلىرىدىن بىرى دېگەندە: كىرسۇن دەپ رۇخسەت بەرگەن.ئىبنى ئابباس ئائىشە ئانىمىزدىن ھال سوراپ، ئەھۋالىڭىز قانداقراق؟ دەپ سورىغاندا: مەن تەقۋادار بولساملا ياخشى، دەپ جاۋاپ بەرگەن، ئىبنى ئابباس: ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن سىز ياخشى،سىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى، قىز ئۆيلەنگەن ئايالى،سىزدىن باشقا قىزغا ئۆيلەنمىگەن. سىزنىڭ پاكلىقىڭىز ئاسماندىن نازىل قىلىنغان؛ دېگەن.ئىبنى زۇبەير مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە قېشىغا كىرگەندە: ئائىشە ئانىمىز:ئىبنى ئابباس كەلگەنىكەن مېنى ماختاپ كەتتى،مەن ئۆزۈمگە مەن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن بولسامكەن دەپ ئارزۇ قىلدىم دېدى.ئائىشە رادىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھايات ۋاقتىدىكى بەرىكەتلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ مول بىلىم بايلىقى بولۇپ، مۇسۇلمانلار بىلمىگەن مەسىلىلىرىدە قايتىدىغان فىقھى ئالىمى ئىدى. ئائىشە رادىيەللاھۇ ئەنھا شۇنداق دېگەنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنىڭ ئۆيۈمدە،مېنىڭ نۆۋىتىمدە ۋە مېنىڭ قۇچىقىمدا نەپەس ئۈزدى دېگەن.

  ئائاىشە رادىيەللاھۇ ئەنھانىڭ پەزىلەتلىرى دەپ تۈگەتكۈسىز كۆپ بولۇپ، مۇسۇلمانلار بۇ پەزىلەتلەرنى كەڭ ئامما ئارىسىدا تارقىتىشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭغا تىل ئۇزارتىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئازار بەرگەنلىك بولۇپ، ئىمانغا تاقىشىدىغان ئېغىر جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇنداق جىنايەتنى سادىر قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى ئۈستىدىكى ھەقلىرى بولسا، ئۇنى ئۇلۇغلاش،مۇھەببەت قىلىشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇنيادا ئەڭ ياخشى ئىنسانلارنى ياخشى كۆرگەن، ئۇ ياخشى كۆرگەن كىشىلەرنى ياخشى كۆرۈش ئىماندىندۇر. ئاللاھ ۋە ئاللاھنى ياخشى كۆرگەن ھەربىر مۇسۇلمان ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد مۇستاپا ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى،ئاياللىرى، جۈملىدىن ھەققىدە قۇرئان چۈشكەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك ئايالى مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رادىيەلللاھۇ ئەنھانى ئولۇقلىشى،ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشى،ئۇلارغا تىل ئۇزراتماسلىقى كېرەك.

ئاللاھ بارچىمىزنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى،ساھابىلىرى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە-تاۋاباتىنى ياخشى كۆرىدىغانلارقاتارىدىن قىلسۇن!

تەۋەللا-تەبەررادىن ئىبارەت ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش،ئاللاھ ئۈچۈن يامان كۆرۈش نېمىتىنى ئاتا قىلسۇن! مەنپەئەت كەلسە ماختاپ،مەنپەئەت ئۈزۈلسە غەيۋىتىنى قىلىشقا باشلايدىغان روھىي مەرەزلىكتىن ساقلىسۇن! ئامىين!!..

مەنبە ـ سەئۇدى رادىئوسى
مەنبە ـ مۇنبەر ئىسلام



ئاناڭ سۈتىنى ئاقلايمەن دىسەڭ - ئانا يۇرتۇڭغا قان-تەرىڭنى سىڭدۈر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 1429
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3536
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 313 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 10:36:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىل ئازار خۇدا بىزار ....................

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4086
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17458
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1466 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 10:57:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر بىر جان ئىگىسىگە ئازار بېرىشتىن ساقلىنىش،تاجاۋۇز قىلماسلىق ئېسىل ئەخلاق، ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ئولۇق خىسلەتتۇر. ئەكسىچە، مۆمىنلەرگە ئازار بېرىش،بۆھتان چاپلاش،يامان گېپىنى قىلىپ، غەيۋەت قىلىش ئېغىر گۇناھتۇر، ئۇنداق قىلغانلار ئاللاھنىڭ ئالدىغا بارغاندا خارلىق شارابىنى ئىچىدۇ.

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 957
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6030
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 368 سائەت
تىزىم: 2012-5-17
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 12:27:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يازما يولاپسىز راس كېشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرىش ھارام كېشىلەرىگە ئازار بىرىشتىن ساقلنايلى!!!

ئالتۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77869
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1791
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 430 سائەت
تىزىم: 2012-3-24
ئاخىرقى: 2013-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 01:42:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەممەت مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم

ئاللاھ مىنى ئىنسان ~ مۇسۇلمان ~ ئۇيغۇر ~ قىز  قىلىپ ياراتتى، مانا بۇ بەخىت ئىچىدىكى بەخىت بولماي نىمە؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88502
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 277
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2013-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 02:05:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ !رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم ناھايتى ياىشى تېمىكەن ،(تۈزتىش،رادىييەللاھۇ،ئەمەس)رەزىيەللاھۇ،قېرىندىشىم،

مەرھابا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14038
يازما سانى: 681
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11466
تۆھپە نۇمۇرى: 604
توردا: 2306 سائەت
تىزىم: 2010-10-15
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 05:33:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى تېما يوللاپسىز،رەھمەت سىزگە!

ئولۇغ اللاھدىن مەغپىرەت تىلەيمەن.

ئاناڭ سۈتىنى ئاق

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64807
يازما سانى: 226
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7050
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 71 سائەت
تىزىم: 2011-11-12
ئاخىرقى: 2013-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 08:46:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
muslima402 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-10 02:05 PM
ئاللاھ !رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم ناھايتى ياىشى تېمىكە ...

تۈزۈتىش بەرگىنىڭىزگە رەھمەت .     ئەسلى مەنبەسىنى تەھرىرلىمىگەن ئىدىم .


مۇمكىن بولسىغۇ — رضي الله عنها — دەپ تەلەپپۇز قىلىپ ئۇقىيالىساق تېىىمۇ توغرا بۇلاتتى .

ئاناڭ سۈتىنى ئاقلايمەن دىسەڭ - ئانا يۇرتۇڭغا قان-تەرىڭنى سىڭدۈر

كامىل يۇۋاش

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34036
يازما سانى: 979
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6886
تۆھپە نۇمۇرى: 192
توردا: 1606 سائەت
تىزىم: 2011-3-16
ئاخىرقى: 2013-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 09:20:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

كامىل،يۇۋاش

نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 2628
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15232
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3258 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2013-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-11 01:24:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ، مىھرىبان اللە بىز مۇسلىمەلەرنىڭ ھەزىرىتى ئائىشە رەزىيەللەھۇ ئەنھانىڭ گۈزەل پەزىلەتلىرىنى ئۆزىمىزدە ئۆزلەشتۈرۈشىمىزگە ئاسانلىق بەرگەي ، ئامىن !

ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش