مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1290|ئىنكاس: 45

يەسلىيىمىزدە بالىلارغا ئاناتىلدىكى نادىر ئەسەرلەرنى ئۆگەتمەكچى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58856
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3130
تۆھپە نۇمۇرى: 139
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2011-10-2
ئاخىرقى: 2013-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 07:50:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    يەسلىيىمىز ناھىيىلىك قوش تىللىق يەسلى. بۇيىل يەسلىيىمىز ئاناتىلىدىكى نادىر ئەسەرلەرنى ئەۋلادلارغا يەتكۈرۈش سىناق نوقتىسى قىلىپ بەلگىلەنگەندى. بۇيىل 11-ئايدا نەتىجىلەر دوكىلات قىلىنىپ، ئۈنۈمى ياخشى بولسا ناھىيە ھەتتا ۋىلايەت تەۋەسىدە ئومۇملاشتۇرۇلماقچى. ئوقۇتقۇچىلار مەسلەھەتلىشىپ تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى تاللىدۇق، دوستلارنىڭ نادىر نەزىمى ئەسەرلەر بىلەن تەمىنلەپ، خىزمىتىمىزگە مەدەت بېرىشىنى ئۈمد قىلىمىز.
ئىز   
              ئابدۇرېھىم تىلەشۇف ئۆتكۈر

ياﺵ ﺋﯩﺪﯨﻖ ﻣﯜﺷﻜﯜﻝ ﺳﻪﭘﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺰ
ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﺎﺗﻘﺎ ﻣﯩﻨﮕﯜﺩﻩﻙ ﺑﻮﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺋﻪﻧﻪ ﻧﻪﯞﺭﯨﻤﯩﺰ

ﺋﺎﺯ ﺋﯩﺪﯨﻖ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺳﻪﭘﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺰ
ﺋﻪﻣﺪﻯ ﭼﻮﯓ ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﺪﯗﻕ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﭼﯚﻟﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﺰ

ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺋﯩﺰ ﭼﯚﻟﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﺍ ﮔﺎﮬﻰ ﺩﺍﯞﺍﻧﻼﺭﺩﺍ ﻳﻪﻧﻪ
ﻗﺎﻟﺪﻯ ﻧﻰ-ﻧﻰ ﺋﺎﺭﺳﻼﻧﻼﺭ ﺩﻩﺷﺖ-ﭼﯚﻟﻠﻪﺭﺩﻩ ﻗﻪﯞﺭﯨﺴﯩﺰ

ﻗﻪﯞﺭﯨﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺩﯦﻤﻪﯓ ﻳﯘﻟﻐﯘﻥ ﻗﯩﺰﺍﺭﻏﺎﻥ ﺩﺍﻟﯩﺪﺍ
ﮔﯜﻝ ﭼﯧﭽﻪﻛﻜﻪ ﭘﯘﺭﻛﯩﻨﻪﺭ ﺗﺎﯕﻼ ﺑﺎﮬﺎﺭﺩﺍ ﻗﻪﯞﺭﯨﻤﯩﺰ

ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺋﻪﻝ، ﻗﺎﻟﺪﻯ ﻣﻪﻧﺰﯨﻞ، ﻗﺎﻟﺪﻯ ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﺎ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ
ﭼﯩﻘﺴﺎ ﺑﻮﺭﺍﻥ ﻛﯚﭼﺴﻪ ﻗﯘﻣﻼﺭ ﮬﻪﭺ ﻛﯚﻣﯜﻟﻤﻪﺱ ﺋﯩﺰﯨﻤﯩﺰ

ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﺱ ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻦ، ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﺎﺗﻼﺭ ﺑﻪﻙ ﺋﻮﺭﯗﻕ
ﺗﺎﭘﻘﯘﺳﻰ ﮬﯩﭻ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﺰﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮﻛﯘﻥ ﻧﻪﯞﺭﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎ ﭼﻪﯞﺭﯨﻤﯩﺰ



بىلىم ئىشقىدا            
نىمشېھىت ئارمىيە ئېلى سايرامىي

     
جاھان رەنالىرى ئىچرە بىلىمدەك بىر گۈزەل يار يوق
بىلىمدىن ئۆزگە تۇتقان يار بولۇر ئۇ گاھىدا بار - يوق
قارا قاشلىق تولۇن ئايلار ساڭا بىر نەچچە كۈن يولداش
ئەگەر سەن پۇلدىن ئايرىلساڭ،  سېنى تاشلايدۇ. ھېچ ئار يوق
كىرىڭ  كەينىگە نەپسىڭنىڭ  بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتساڭ
بېشىڭغا چۈشسە بىر كۈنلەر، ئۇ چاغدا سەن كەبى خار يوق
قۇلاق سالساڭ مۇھەببەت ئەھلىنىڭ پەريادى - ئاھىغا
يۇتۇپ زەرداپ،  پىراقتىن داد دېمەكتىن باشقىچە زار يوق
تەپەككۇر ئەيلىسەڭ ئىشقىي ئەسەرلەرنى ئوقۇپ ھەردەم
قاراڭغۇ دەر يورۇق دۇنيانى ھەم ئالەم كەبى تار يوق
يۈرۈپ مەنمۇ گۈزەل ئىزلەپ جاھالەتكە ئەسىر بولغان
خالايىق ئالدىدا يۈرسەم، مېنىڭدەك بەلكى ئەغيار يوق
پاراغەت ئىزلىسەڭ ئەسلا بىلىمدىن ئۆزگە يار تۇتما
سېنىڭ قەدرىڭنى ساقلاشتا بىلىمدەك ياخشى ھەمكار يوق
ھاياتلىقتا بىلىم قانداق كىشىنىڭ يولدىشى بولسا
قەيەرگە بارسا باش قاتماس، بىلىمدەك ئاڭا غەمكار يوق
بىلىمسىز ساق تېنىڭ مەجرۇھ، ھەمىشە نالە - پەريادتا
جاھان ئىچرە بىلىمسىزنىڭ دىلىدەك ئەسكى بىمار يوق

بىلىمگە ئاشىنا بولساڭ ئوقۇش ئىشقىدا  بول بۇلبۇل
ئۆگەنمەككە مائارىپ باغچىسىدەك ياخشى گۈلزار يوق




ئاڭلا جاھان، مەھمۇد بىلەن ۋەتەنداشمەن

  ئاڭلا جاھان، مەھمۇد يۇرتى_ قەشقەرلىقمەن
                          ئىپتىخارىم _ ئۇنىڭ بىلەن يۇرتداشلىقىم
                          بەختىيارمەن شۇ ئۇلۇغلار ياتقان يەردە
  گۈللەر پۇراپ، گۈلدەك ئۆتكەچ گۈل ياشلىقىم
                          
    قەشقەرلىقمەن _ مەھمۇد بىلەن ۋەتەنداشمەن
     ۋەتەنداشمەن، نەسىلداشمەن، ئەجدادىم ئۇ
                           ۋۇجۇدۇمدا پىرىم مەھمۇد ئۇدۇمى بار
   مەھمۇد روھى _ قۇرۇپ پۈتمەس-ئۈزۈلمەس سۇ
                           
      قەشقەرلىقمەن، «ھەزىتى موللام» _ قىبلىگاھىم
                            ئاسمانچىدۇر ئاڭا مېنىڭ ئېتىقادىم
                           باش قويىمەن بوۋام مەھمۇد قەبرىسىگە
                           قاناتلىنار ئۇنىڭ بىلەن ئىش _ ئىجادىم
                           
      قەشقەرلىقمەن، قەشقەر _ مەھمۇد قەشقەرىدەك
                          ئۇلۇغلارنىڭ ئۇلۇغلىرى ياتقان دىيار
ئەزىز قەشقەر _ نۇر بۆشۈكى، گۈل بۆشۈكى
                           مەرىپەتنىڭ تېڭى بالدۇر ئاتقان دىيار
                           
         مەھمۇد بوۋام جاھان كەزگەن شۇ تاڭ ئۈچۈن
                           پايانى يوق سەھرالاردا غەۋۋاس بولۇپ
                           ئەقلىمىزنىڭ جەۋھەرلىرى _ دۇردانىلەر
        تۇردى شۇڭا «دىۋان» ئىچرە سەپراس بولۇپ

                         شۇ سەپتە بار مەلىمىزنىڭ قوشاقلىرى
ھەتتا تۈمەن»، «ئوپال»... دېگەن تەۋەررۇك نام
ھەر بىر قۇرى پۈتكەن غورۇر _ ئىپتىخاردىن
ئۇنىڭدىكى ھەر سۆز-چىراق، ھەر چېكىت- شام

شۇ چىراغلار چاقنىماقتا مانا كۆكتە
                         مەھلىيادۇر جاھان ئەھلى شولىلارغا
                          كەلگەچ يېڭى ئالتۇن دەۋر، كىتاب كىردى
                          يۇرتۇمدا ئەڭ، ئەڭ چەتتىكى ھويلىلارغا
                        
                         دېمەككى، بىز نادان ئەمەس، تارىخ گۇۋاھ
ئالەمشۇمۇل «دىۋان» _ ئالتۇن قامۇس گۇۋاھ
                          ئەقلىمىزنىڭ جەۋھىرىنى كەڭ جاھانغا
            ئۇرۇق قىلىپ چېچىۋاتقان «تاۋۇس» گۇۋاھ                                                           
*                     *
                         ئاڭلا جاھان، مەھمۇد روھى ھەمدەم ماڭا
                          گاڭ يەلكەمگە تاغدەك يۈكنى ئالالايمەن
مەھمۇد بىلەن ۋەتەنداشمەن، نەسىلداشمەن
                           ھەر كىم بىلەن جاھاندا تەڭ تۇرالايمەن



بىر كۈنى  
مۇھەممەتجان راشىدىن
بالاڭ ئازسا،ئاھ ئۇرما ،يول تاپىدۇ بىر كۈنى
ئامان بولسا ، ئۇلارمۇ پۇل تاپىدۇ بىر كۈنى
خاتا باسقان قەدەملەر قالدۇرغاندا قاتاردىن
ئۆزى ماڭغان چاتقالغا ئوت ياقىدۇ بىر كۈنى
گەدەنكەشلىك ھېچكىمدىن ئۇدۇم ئەمەس ئۇلارغا
ئۆزى كېلىپ ئالدىڭغا گەپ ئاچىدۇ بىر كۈنى
ئات بولغۇچە ئاساۋتاي ھەر يان چاپسا چاپمامدۇ
ئۇلارغىمۇ بۇ دۇنيا يۇك ئارتىدۇ بىر كۈنى
نى چەككەن ئاغزىدا ئوقۇپ ئەپسۇس- پۇشايمان "ئاق "
قاراپ ئۇلار كەينىگە ئۇھ تارتىدۇ بىر كۈنى
كوچىلارغا تۈن بويى بۈگۈن پاتماي يۈرگەنلەر
چىللىسىمۇ كوچىلار جىم ياتىدۇ بىر كۈنى
تەييار توقاچ قولۇڭدىن يەۋەرمەيدۇ ئۇلارمۇ
ئۆزلىرىمۇ ئۇن تارتىپ، نان ياقىدۇ بىر كۈنى
بۇ ئالەمدە ھەر ئىشنىڭ سائېتى بار ،ۋاقتى بار
خۇددى سەندەك ئۆي تۇتۇپ ،ئۆي قاقىدۇ بىر كۈنى
كۆندىرىدۇ بۇ جاھان تالاي ئىشقا ئۇلارنى
شۇلار چاپقان ئۆستەڭدە سۇ ئاقىدۇ بىر كۈنى
بىز ئوينىغان نۇرۇزنى بىزدەك ئويناپ شۇلارمۇ
ئىزىمىزدا ئىگەرلەپ ئات چاپىدۇ بىر كۈنى
پىشانەڭگە ئاسماندىن ئىللىق قۇياش نۇر چاچسا
يۈرىكىڭگە بالاڭمۇ نۇر چاچىدۇ بىر كۈنى
سەنمۇ ئاتا -ئاناڭنى ئۆتكەن بولساڭ ئەزىزلەپ
ئوغۇل- قىزىڭ ساڭىمۇ تون ياپىدۇ بىر كۈنى
شۇ ئىشلارنى كۆرەلمەي ئۆلۈپ كەتسەڭ ئامال يوق
ھايات بولساڭ مەيدەڭگە گۈل تاقايدۇ بىر كۈنى
يامان دېسەڭ بالاڭنى ،كىم بىرىدۇ ياخشىنى
ھازىر يامان بولسىمۇ ئەسقاتىدۇ بىر كۈنى




يىللارغا جاۋاپ
لۇتپۇللا مۇتەللىپ
ۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ،
يىللار ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى.
ئاققان سۇلار، ئاتقان تاڭلار قايتىلانمايدۇ،
يورغا يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى.



ئوغرىلاپلا قاچىدۇ ئارقىغا يانماي،
بىر-بىرىنى قوغلىشىپ، يورغىلىشىپ.
ياشلىق بېغىدا بۇلبۇللار قانات قاقماي،
يوپۇرماقلار قۇيۇلىدۇ پورلىشىپ.



ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى،
تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق،
يىرتىلسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى،
ياشلىق گۈلىدىن تۆكۈلىدۇ بىر تال يۇپۇرماق.



يىللار شامىلى يەلپۈنىدۇ، ئىزلار كۆمۈلىدۇ،
يوپۇرماقسىز دەرەخ بىچارە-بولىدۇ قاخشال.
يىللار سېخى قۇرۇق كەلمەيدۇ ئەكىلىپ بېرىدۇ،
قىزلارغا قورۇق، ئەرلەرگە ساقال.



بىراق يىللارنى تىللاش توغرا كەلمەيدۇ،
مەيلى ئۆتىۋەرسۇن، ئۆزىنىڭ يولى.
ئادەملەرمۇ ۋاقىتنى قولدىن بەرمەيدۇ،
چۆللەرنى بوستان قىلغان ئادەملەر قولى.



يىللارنىڭ قوينى كەڭ، پۇرسىتى نۇرغۇن،
تاغدەك ئىشلار يىللار بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ.
قاراب باق ئاخشامقى بوۋاق كىچىككىنە تۇرسۇن،
تۈنۈگۈن ئۆمىلەپ، ھە… بۈگۈن مېڭىپ يۈرىدۇ.



كۆرەشچان بالىلار قوغلىشىپ يىللار،
كۆرەش نەۋرىلىرىنى چوقۇم تاپىدۇ.
ئاخشام بەخىت ئۈچۈن قۇربان بولغانلار،
قەبرىسىنى يادلاپ گۈللەر ياپىدۇ.



مەيلى ساقال سوۋغا قىلسا قىلسۇن يىللار،
مەنمۇ تاۋلىنىمەن يىللار قوينىدا.
ئىجادىم شېئىرىمنىڭ ئىز تامغىسى بار،
ئالدىمدىن قېچىپ ئۆتكەن ھەر يىل بوينىدا

قېرىماسمەن كۆرەشنىڭ كەسكىن چېغىدا،
شېئىرىم يۇلتۇز بولۇپ يانار ئالدىمدا.


ئۆلۈم پەستە قېلىش كۆرەشنىڭ داۋانلىق تېغىدا،
چىدام غەيرەتنىڭ يەڭگىنى ھەريان يادىمدا.

ئېسىلارمەن مىلتىق ئېتىپ تاۋلانغان قولغا،
يېپىشارمەن بايراق بىلەن ئالغا ئاتلىغان يولغا.


كۈرەش باياۋانىدا ھارماسمەن ئەسلا،
كۈرەش بىلەن كىلىپ چىقىمىز كەڭ غالىب يولغا.

يىللار مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاقلاپ كۈلمە،
ئالدىڭدا قىزىرىشتىن ئارتۇق كۆرىمەن ئۆلۈمنى.
قېرىتىمەن دەپ ئارتۇق كۆڭۈل بۆلمە،
ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قۇيارمەن ئوغلۇمنى.


يىللار دېڭىزى دولقۇنلۇق بولساڭمۇ،
ئۇپقۇنلىرىڭنى يارىدۇ بىزنىڭ كاراپ.
يىلنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قورقىتىپ باقساڭمۇ،
ئىجاد يىللارنى قېرىتىدۇ دەپ بېرىمىز جاۋاب

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81718
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3328
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 10:58:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تازا چۈشىنەلمىدىم .قانداق دەرىسلىك قىلماقچى ؟ئاپتۇرنىمۇ ؟ شېئىر مەزمۇننىمۇ؟ ياكى يادىلاتقۇزماقچىمۇ ؟  
راستىنلا چۈشىنەلمىدىم،ھەي قارىغاندا مەن ئازراق چارچاپ قالغان ئوخشايمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۆلەڭگە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-9 10:59 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81718
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3328
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 11:01:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقىلار پكىر بېرىپ باقساڭلا قانداق؟ پكىرى ئۆتكۈر تورداشلار بارغۇ ئارىمىزدا. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۆلەڭگە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-9 11:09 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41690
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3166
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 89 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2013-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 11:11:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەسلىدىلا نادىر ئەسەرلەرنىڭ بالىلارنىڭ كاللىسىغا قۇيۇلىشى ياخىشى بىر باشلىنىش . لىكىن سىزنىڭ تىمىڭىزدا كەمتۇكلۇك بار .
   ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدىن ئازىراق چۇشەندۇرۇش بەرگەن بولسىڭزى

ئەخمەقنىڭ سوئالىغا ئەڭ توغرا جاۋاب سۇكۇت .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73890
يازما سانى: 306
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3316
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 166 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 11:12:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنى قانداق چۇشەنسەم بۇلا.يەسلى بالىلېرىمىز غا ئۇيغۇرخەلىق بالىلار چۇچىكى ئاساسىدا تارىخـتا ئۆتكەن ئالىملېرىمىزنىڭ ئىش-ئىزلىرى سۇزلەپ بىرىش بىلەن بىرگە مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىمۇ سۆزلەپ بەرسە ئۇنۇمى ياخشى بۇلا دەپ ئۇيلايمەنغۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54509
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2074
تۆھپە نۇمۇرى: 239
توردا: 1186 سائەت
تىزىم: 2011-9-3
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 11:15:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى باشلىنىش، يەسلىدىكى بالىلار 32 ھەرىپنى بىلەمدۇ؟ ياكى بۇ پىلان مىسرانىم مۇنبىرىدىكى مۇشۇ تېمىدا قالامدۇ؟
تېما يوللىغۇچىنىڭ تېمىسى مۈجمەلكەن. بەك ئالدىرىسىڭىزمۇ بالىلارغا ئاۋال ئۇيغۇرچە خەت ئوقۇشنى ئۆگىتىپ، ئاندىن ماۋۇ شىئېرلارنى ئۆگىتىدىغانلىقىڭلارنى يازسىڭىز سەل چۈشىنىشلىك بولاتتىكەن.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
abdulahad + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئاشكار

تىرىشقىن!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38292
يازما سانى: 558
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4229
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 6117 سائەت
تىزىم: 2011-4-21
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 11:20:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ ئىشتىن تولىمۇ خوشال بولدۇم،قىلغان ئىشلىرىڭلار ھەرگىز يەردە قالمايدۇ.

بەزىلەر دەيدىكەن گۈللەر چىرايلىق،
گۈللەرنى كۈيلىگەن ئۈنلەر چىرايلىق.
مەن دەيمەن ھالال تەر ئەجىرىسى بىلەن،
.گۈل-باغلار ياسالغان چۆللەر چىرايلىق.

ۋاقىتنىڭمۇ سورى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38374
يازما سانى: 306
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5728
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1341 سائەت
تىزىم: 2011-4-22
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 11:32:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ شىئىرلار يەسلى باللىرىغا بەك ئېغىر كىتەمدۇ قانداق؟بۇلارنى چوڭ ياشلىق كىشلەرمۇ تەستە چۈشىندىغان تۇرسا،يادلىتىپ قويۇپلا،شەكىلنى قوغلىشىدىغان بىر ئىش بوپ قالدىمۇ قانداق ؟نادىر نەزىمى ئەسەرلەردىن باشقا تۆۋەندىكىلەرنى ئۈگتىشكەبولمامدۇ؟ :
مىنىڭچە بىز كىچىك چاغلاردا ئۈگەنگەن«قولياغلىق»«يۇلتۇزلارغا سۆز»«باغقا بارايلى»«كىچىك بالا ئەمەسمەن» ۋە بىر قىسىم خەنزۇچە بالىلار شىئىر(ناخشىلار)نىڭ بىزگە ئومۇملاشقانلىرىدىن«ئىككى يولۋاس»«ياغلىق تاشلايمەن»نىڭ ئۇيغۇرچىلىرى ...نەسىردىن ئەپەندى ھىكايىلىرى،بالىلار چۆچەكلىرى(لوپنۇرلۇق بالىلار دەپ بىر كىتاپ بارغۇ دەيمەن..)سادىر پالۋان قۇشاقلىرى،ئۆز-ئارا سالاملىشىش،باردى-كەلدى قىلىش ئادەتلىرى ۋە كىيم كىچەك مىللى ئۆرپ ئادەتلەر(ئوقۇتقۇچىلار ئۈزى ئۈلگە كۆرسەتسەياكى مۇۋاپىق سىن دەرسى بولسا قۇيۇپ بەرسە بۇلىدۇ)،قاتناش قائىدىلىرى،پۇل بىرلىكى ۋە ئۇنى تۇنۇتۇش،مۇۋاپىق دەرىجىدىكى بىخەتەرلىك،ئۈزىنى قوغداش بىلىملىرى،مىھرىبانلىق،ئىتتپاقلىققا دائىربىلىملەر،يىمەك-ئىچمەك،تازلىق ئادەتلىرى قاتارلىقلار سۆزلەنسە مۇۋاپىق بۇلار................... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arman312 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-9 11:35 PM  


دۇنيادا پەقەت:مەرت باينىڭ بايلىقى بىلەن سېخى ئالىمنىڭ بىلىمىگىلا ھەسەت قىلىشقا بۇلىدۇ.
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89584
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2013-1-5
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 11:37:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

رۇستەم قارسۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30513
يازما سانى: 1360
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 37319
تۆھپە نۇمۇرى: 9310
توردا: 784 سائەت
تىزىم: 2011-2-15
ئاخىرقى: 2013-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 12:01:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئىشڭىلاردىن سۈيۈندۈم ئەمما بۇ شېئرلارنى يەسلى باللىرغا دەرىسلىك قىلىش مۈشۈككە ھارۋا قاتقانغا ئوىشاش چۈنكى بۇ شېئرلارنى ئادەتتە باشلانغۇچ باللىرمۇ تازا چۆشنەلمەيدۇ ...سىز تۇيۇقسىز بىرىپ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى بىرەر ئۇقۇغۇچىدىن ...ئۇقۇتقۇچى-دېگەن نېمە مانەدا،ئۇقۇغۇچى دېگەن نېمە مانەدا دەپ سۇراپ باقسىڭىز مۇشىنىمۇ ئاڭقىرالمايدىغانلا بار ئەمدى گەپكە كەلسەك بۇ ئىشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولمايدۇ چۈنكى يەسلىدىكى بالىلارنىڭ بىلىم ساپاسى بۇ شېئرلارغا توغرا كەلمەيدۇ ئەڭ ياخشىسى سادىرمەنۇ سادىرمەننى دەرىس قىلىڭلار

رۇستەم قارسۇ ئاتۇش
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش